查看完整版本: [-- «مېنىڭ بىر كۈنۈم» (دەرس تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «مېنىڭ بىر كۈنۈم» (دەرس تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-10-20 16:37

«مېنىڭ بىر كۈنۈم» (دەرس تېكىستى)

  Nz],IG.  
Zy (W^~NT  
مېنىڭ بىر كۈنۈم >V*mr{ /1  
  _;UE9S%  
ئەخمەت ئىمىن P)MDPI+~  
  }`,t$NV`  
h_T7% #0  
يولدا 3 YFU*f,  
مەن مەكتەپكە كېتىۋاتىمەن. يولدا ئۇچرىغان ھەممە نەرسىگەتويماي قاراپ كېتىۋاتىمەن. يەر يۈزىنى دەپتىرىمنىڭ ۋاراقلىرىدەك ئاپئاق قار قاپلىغان. دەل - دەرەخلەرنى ئانامنىڭبېشىدىكى ئاق ياغلىقنىڭتىۋىتىدەك قىرو باغلىغانىدى. مەن يازدا دائىم كېلىپچۆمۈلۈپ ئوينايدىغان كۆلنىڭيۈزىگە بىزنىڭئۆيدىكى تاشئەينەكتەك قېلىنمۇز تۇتقانىدى. مۇز ئۈستىدە بوۋاق ئۇكامنىڭ بېشىدىكىدەك پوسما كىيىۋالغانلار كانكىتېيىلىپ يۈرەتتى. ئۇلار يازنىڭ ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى يەرگە پەسلەپ ئۇچۇپ يۈرىدىغان قارلىغاچلاردەك ئەپچىللىكبىلەن ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشەتتى. ئۇلارنىڭبەزىلىرى قولىنىئىككى يانغا تاشلاپ، بىزقايسى كۈنى كىنودا كۆرگەن ئۇستا بالېتچىلاردەك ئاجايىپ چىرايلىقھەرىكەتلەرنى چىقىراتتى؛ بەزىلىرى ئىككىپۇتىنى جۈپلەپ، قولىنىكەينىگە تۇتقان ھالدا سۇدا ئەركىنئۈزۈۋاتقان غازلاردەك ئالغا سىلجىيتتى ۋە بەزىلىرى بولسا بىرپۇتىنى كۆتۈرگىنىچەبەئەينى شىنىدەك قاتقان نۇرغائوخشاش پىرقىرايتتى. ئۇشتۇمتۇت بىرى ئالدىمغاتېيىلىپ كېلىپ، شۇنچە چاققانلىق بىلەن ئايلاندىكى، ھەش - پەش دېگۈچە ئۇنىڭ ئىزىدىنبىر «0» ھاسىلبولدى. «ھوي! بۇ دەرس گاچىسىنىڭنومۇرى ئەمەسمۇ؟ مەن بۇلارغا قاراپ تۇرۇۋېتىپ، ئاخىر شۇ نومۇرغا قالماي يەنە!؟» مەن قەدىمىمنىئىتتىكلەتتىم. ZObhF#Y9  
4@ML3d/  
مەن مەكتەپكە كېتىۋاتىمەن. ئەتراپقا ئارىلاپ - ئارىلاپ قاراپ كېلىۋاتىمەن. يول بويىدىكى دەرەخلەر موماينىڭ چېچىدەك ئاپئاق ئىدى. ھەر باھاردا بۇ دەرەخلەرگە قۇشلار ئۇۋا سالىدۇ؛ يازنىڭتونۇردەك ئىسسىقىدا بىز دەرەخ ئاستىدا سايىداپ كىتاب كۆرىمىز. قۇشقاچلارنىڭچۇرۇقلاشلىرى، تۇمۇچۇقلارنىڭسايراشلىرى، تومۇزغىلارنىڭچىرىلداشلىرى بەزىدە بىزنىڭقىزىق پاراڭلىرىمىزنىمۇبېسىپ كېتىدۇ.
m:WyuU<  
6^"=dn6K  
يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرگە كۇلا پاخالدىن كىيىمكىيدۈرۈلگەنىدى. بۇلارمۇ بىر كۈنى ئۆسۈپ يوغىنايدۇ، قۇشلارغا پاناھ، بىزگە سايە بولىدۇ. ئاناممۇ بايا خۇددى كۆچەتنى ئورىغاندەك بوينۇمغائىسسىق شارپا ئوراۋېتىپ: «بالام، سەنمۇ چوڭ بولىسەن، ئەلگە سايەبولىسەن، ياخشى ئۆگەنگىن» دەپ نەسىھەت قىلدى. مەن ئانامنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، ئويۇنغا مەشغۇل بولمايمەن. كېتىڭلار مەندىنخىياللار، مەكتىپىمگە ئالدىرايمەن.
cg m~>  
[-;_ZFS{  
مەكتەپتە
v {jQek4  
~YRDyQ:%T  
جاررىدە چېلىنغان قوڭغۇراق ئاۋازى ساۋاقداشلارنىڭ ۋاڭ - چۇڭلىرىنى بېسىپ چۈشتى. بىز سىنىپقا كىرىپ ئورۇنلىرىمىزدا ئولتۇرۇشتۇق. راستىمنىئېيتسام، ئانام تاماقنى ئالدىمىزغا ئەكەلگىچە ئۈستەلدە مەن، ئىنىم - سىڭىللىرىممۇمۇشۇنداق ئولتۇراتتۇق. ئانام بىزگە يەيدىغانغا ئوزۇق بېرىدۇ، مۇئەللىممۇ بىزگەئوزۇق بېرىدۇ، بۇ ئوزۇق − بىلىم.
|&[L?  
QzzW x2  
پاكىز كىيىنگەن، ئېگىز بويلۇق تەبىئەت دەرسىئوقۇتقۇچىمىز سىنىپقا كىردى، بىز دۈررىدە ئورنىمىزدىن تۇردۇق. بۇنداق سالام قىلىشنى ماڭا ئانام ئۆگەتكەن. ئۇ ماڭا: «ئۆيگە بىرى كەلسە دەرھال ئورنۇڭدىنتۇرغىن. كىچىكلەرگىمۇ، چوڭلارغىمۇ شۇنداق سالام قىلغىن. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەپ - يوسۇنى» دېگەن. سىنىپمۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە ئوخشاش. ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ ئاكا - ئىنىم، ئاچا - سىڭىللىرىمدەك، ھەممىمىز قوشماق مېغىزدەك ئىناق ئۆتىمىز. ئوقۇتقۇچىلىرىم ئاتا - ئانامغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ماڭا ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئەڭ قەدىرلىك. شۇڭا چىن ھۆرمىتىم بىلەن تۇرۇپ سالام بەرمىسەم بولمايدۇ - دە! باشقاساۋاقداشلىرىمغىمۇ بۇنى ئاتا - ئانىلىرى ئېيتقان ئوخشايدۇ. شۇڭا، ھەممىمىزكېلىشىۋالغاندەك تەڭلا ئورنىمىزدىن تۇرىمىز، ئۇستازلىرىمىز بىزنى ئىززەتلەيدۇ. مانا، ئوقۇتقۇچى بېشىنى يەڭگىل لىڭشىتىپ ئولتۇرۇشىمىزغا رۇخسەت بەردى. ئۇنىڭكۆزلىرىدىن ئۆزىنىڭ گۈل - غۇنچىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان باغۋەننىڭ كۆزىدىكىدەك خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى. بىز ئانىسىنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرگەن قۇش بالىلىرىدەك ئۇنىڭئاغزىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتۇق.
_`_%Y(Xat  
<X7FMNr[  
«تەبىئەت بىزنىڭ ئانىمىز، − دەپ سۆز باشلىدى ئوقۇتقۇچىمۇ، − ئۇ ئۆزىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا ئۆسكەن مېۋە، زىرائەتلىرى بىلەن بىزگە ئوزۇق بېرىدۇ، قىر - دالالاردا ئۈنۈپ چىققان گۈل - چېچەكلىرى بىلەن بىزگە ھېسابسىز زوق بېرىدۇ. تاغلارنىڭ قوينىغا ئانارنىڭئىچىدىكىدەك مىققىدە بايلىقلار يوشۇرۇنغان. قاراڭلار، شامالدا يەلپۈنۈۋاتقان ئورمانلار ئۇنىڭ چاچلىرى ئەمەسمۇ؟! قۇياش نۇرىدا يالتىراۋاتقان چوڭ كۆللەر ئۇنىڭمېھىرلىك كۆزلىرى، كېچە - كۈندۈز توختىماي ئېقىۋاتقان سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى ئۇنىڭيۈرەك سۆزلىرى ئەمەسمۇ؟! تىنىمسىز ئەمگەك قىلىۋاتقان، يېڭىلىق يارىتىۋاتقان، ئىجاد قىلىۋاتقان كۈرەشچان خەلق ئۇنىڭ گۈپۈلدەپ ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان يۈرىكى ھېسابلىنىدۇ. بىز تەبىئەتنى سۆيۈشىمىز، ئۇنىڭ قوينىدىكى كارامەتلەرنى بىلىشىمىز، ئېچىلمىغان سىرلارنى ئېچىشىمىز لازىم...»
GA?87N  
HKqwE=NZ  
بۇ سۆزلەردىن كۆز ئالدىمدا تاغ، دەريا، كۆل، ئورمان، دالا، ئېتىزنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كىنودىكىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى؛ مانا، ئېگىز تاغلاردا كېتىۋاتىمەن. ئۆشنەمدە سومكا، قولۇمدا بولقا - سايمانلار، ھەدەپ مەدەن ئىزدەۋاتىمەن، مانا، كۆل - دەريالاردا ئۈزۈۋاتىمەن، غەۋۋاس بولۇپ تىلىسىمكۆللەرنىڭ سىرىنى ئېچىۋاتىمەن؛ مانا، قويۇق ئورمانلارنى كېزىۋاتىمەن؛ ياۋايىھايۋانلار بىلەن ئېلىشىپ، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىلەن سىردىشىپ، قاراڭغۇجاڭگالدىن يېڭى بىر يول ئېچىۋاتىمەن؛ مانا، ئاگرونوم بولۇپ، دېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرغان بۇغدايلىقلاردا كېتىۋاتىمەن؛ مەن ... مەن خىيال قىلىۋاتىمەن، ئوقۇتقۇچۇم دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ. كېتىڭلار، مەندىن خىياللار، مەن دەرس ئاڭلاۋاتىمەن.
}p!HT6 tZ  
:bWUuXVtJ  
  .GsO.#p{  
1\g6)|R-+  
ئۆيدە
{.De4]ANh  
A%^w^f  
قۇشلار ئوزۇقلىرىنى چىشلىشىپ ئۇۋىلىرىغا قايتىدۇ، مەنمۇ ئىلىم - ساۋاق ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆي ئەجەبمۇ ئىللىق، دادام بىلەن ئاناممۇ شۇنداق، ئۇلار مېنى ئىللىق قارشى ئالدى. مۈشۈكۈممۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، پۇتلىرىمغا ئۆزىنى سۈركەپ ئەركىلىگىلى تۇردى. مەنمۇ بىر چاغدا ئاتا - ئانامغامۇشۇنداق ئەركىلەيتتىم. ئەمدى چوڭ بولدۇم.
g+ MdHn[  
uFLx  
مەن قولۇمغا سۈپۈرگە، گۈرجەك ئېلىپ ئىشىك ئالدىغاچىقتىم. قارلارنى كۈرەپ بىر يەرگە يىغقاندىن كېيىن، يەرگە سۈپۈرگە سېلىۋىدىم، قالدۇق قارلار توزۇپ ئۇچقۇنلىغىلى تۇردى. يازدا گۈللەرگە رەڭمۇرەڭ كېپىنەكلەر قونىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپئاق كېپىنەكلەرمۇ بار، قار ئۇچقۇنلىرى ئاشۇ ئاق كېپىنەكلەردەك ئۈستۋېشىمغا قونۇشقا باشلىدى.
/-qxS  
u&9 r2R959  
كەچلىك تامىقىمنى يەپ بولۇپ تاپشۇرۇققا تۇتۇندۇم. ئەدەبىياتنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولۇپ، ماتېماتىكىنىڭ تاپشۇرۇقىغا كەلدىم. «نېمىدېگەن كۆپ سانلار، نېمدېگەن چىگىش يوللار - ھە!» ھە دېگەندىلا، بىر مەسىلە قوزىنىڭئالدىنى توسقان بۆرىدەك ئالدىمنى توسۇپلا تۇرۇۋالدى. گويا ئالدىمدا بىر تاغ، مەن ئۇنىڭ بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەن ئېگىز چوققىلىرىغا قارىغانسېرى ئۇ گويا ئاسماننىڭباغرىنى تېشىپ كىرىپ شۇنچە بۈيۈكتەك − زادىلا چىققىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى. مېڭەمدىن كىرىپ ئايىغىمدىن چىقىپ كەتكەن بىر خىل سېزىم مېنى بەكلا بوشاشتۇرۇۋەتتى. شۇ ئەسنادا، تېلېۋىزورنىڭ كەچكى ئاڭلىتىشىدا كىنو باشلاندى.
IR-dU<<9O  
h^*4 }GU  
− بالام، كىنونى كۆرۈۋېلىپ ئاندىن دەرسىڭنى تەييارلامسەن - يە؟− دەپ قالدى ئانام. نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغاندا بۇ سۆز ماڭا مايدەك خۇشياقتى. مەن ئىچكىرىكى ئۆي تەرەپكە مېڭىشقا تەمشىلىۋېدىم، دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
v9D22,K-  
(lGaPMEU}  
− بولمايدۇ! تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپ ئاندىن كۆر.
=Me5ft w  
TeWMp6u,r  
ئورنۇمغا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم، بىر ئازدىن كېيىن دادام ئالدىمغا كەلدى - دە، بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:
Fk6x<^Q 
5|I[>Su  
− بالام، مېنى قاتتىقلىق قىلدى دېمىگىن، ھەرقانداق ئىشتا قاتتىق تۇرمىساڭ بولمايدۇ، تۈۋى يۇمشىتىلىپ ئوبدان ئوغۇتلانغان، تازا ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ سۇغىرىلغان يەرلەرگەتېرىلغان گۈل ئۇرۇقى تېزلا ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىقبېرەلمەيدۇ. سەن قۇملۇقلاردا ئۈنۈپ قالغان يۇلغۇن - يانتاقلارنى، تاشنى يېرىپچىققان گىياھلارنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر، ئۇلار ئۆز يىلتىزىنى يەرنىڭ قوينىغا − ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئوزۇقلۇق، سۇ بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان جايغا يەتكۈزەلمىگەن بولسا، ئۆزىدىن تەبىئەتكە نام - ئەسەر قالدۇرالمايتتى. كىچىك ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭسۈيى تېيىز، بېلىقىمۇ ئۆزىگە يارىشا كۆپ ھەم ساز بولىدۇ. بىلىم دېڭىزىغا چوڭقۇر چۆكمىسەڭ، ئەقىل گۆھىرىنى ئالالمايسەن. بۈگۈن ساڭا ئوقۇتقۇچۇڭ تاپشۇرۇق بەردى، ئەتە خەلقىڭ، ۋەتىنىڭ تاپشۇرۇق بېرىدۇ. دۇنيادا ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، بىلىمنىڭيۈكسەك چوققىسىغا يامىشىۋاتقىنىڭدا، ئالدىڭغا قورقۇنچلۇق تاشلار سىيرىلىپ چۈشۈپ تۇرىدۇ، سەللا بوش كەلسەڭ، تاش بىلەن قوشۇلۇپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىسەن. ئۇ چاغدا سېنىڭ چۈشكۈنلۈكىڭ، دەرس - قايغۇنىڭ قورام تاشلىرى بولىدۇ. قىيىنچىلىقنىڭ قامچىسىئالدىدا غال - غال تىترەپ، بېشىنى ئىچگە تىقىپ قېچىشتىن ئارتۇق شەرمەندىلىكبولمايدۇ. سەن قىيىنچىلىقنىڭ قولىدىكى قامچىنى تارتىۋال - دە، ئۇنى ئالدىڭدا تىزپۈكتۈر. ئىرادىلىك بالا مۇشۇنداق بولىدۇ، − دېدى.
yR~R:  
v$)q($}p  
ئەتىيازنىڭ ئاپتىپى قار - مۇزلارنى ئېرىتىدۇ، باھارنىڭ شامىلى پاتقاق - ھۆلچىلىكنى قۇرۇتىدۇ. دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆڭلۈمگەئۇشتۇمتۇت چۈشكەن بوشاڭلىق قىرولىرىنى ئېرىتىۋەتتى. كۆكلەمنىڭ ئىللىق شامىلىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان لەگلەكتەك، كۆڭلۈممۇ بىر خىل ئازادە بولۇپ قالدى. مەن چوقۇم ئىرادىلىك بالا بولىمەن.
w]_zp?\^ }  
p:OPw D+  
مەن ئۆتكەن دەرسلەرنى يېڭىۋاشتىن كۆرۈشكە باشلىدىم ۋە ھېلىقى مەسىلىگە ئاخىر جاۋاب تاپتىم.
Pa^A$fy\  
zi'Jr)n  
ۋاقىت بىر يەرگە باردى. مەن ئورۇنغا كىردىم. تولۇن ئاي دېرىزەمدىن ماراپ تۇراتتى. ئۇ گويا مەندىن: بۈگۈن بىر كۈن ئۆتتى، قېنى، بۇكۈندە نېمە ئىش قىلدىڭ؟ دەپ سوراۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئوقۇتقۇچۇم: ھەر كۈنىئۆزۈڭلارغا مۇشۇ سوئالنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئىشلىرىڭلارنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەر سورىقىنى قىلمىساڭلار، بىر كۈنى ۋاقىت بۇنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئورۇنسىز ئۆتكۈزگەن كۈنۈڭلارنىڭ ئىچ ئاغرىقىنى تارتىسىلەر، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تېپىلمايدۇ، دېگەن. بىر كۈن 24 سائەت، 1 سائەت 60 مىنۇت، 1 مىنۇت 60 سېكۇنت، 1 سېكۇنت 10 دەقىقە. مەن بۇ ھېسابنى بىلىمەن. لېكىن ئۆتكۈزگەن كۈنۈمنىڭ مۇشۇنداق ئۇششاق، ئىنچىكە ھېسابىنى ئالالامدىم؟ ئالىمەن، چوقۇم ئالىمەن! سائەت، مىنۇت، سېكۇنت ... مېنى ئۇيقۇ بېسىشقا باشلىدى، كېتىڭلار، مەندىن خىياللار، مەن ئەمدى ئۇيقۇغاكېتىمەن...
<|*'O5B  
Dl&GJ`&:p  
  3pXLSdxB  
^#):c`  
  مۇھاكىمە ۋە مەشق:
fIocq  
$>R(W=Q  
1. بۇنەسردە «مەن» نىڭ «يولدا»، «مەكتەپتە»، «ئۆيدە» ئۆتكەن بىر كۈنلۈك ھاياتىتەسۋىرلەنگەن. ئاپتور نەسردە بىر كۈندىكى قانداق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؟ 7dX/bzUVz8  
 UkfB^hA  
2. پارچىدا تۆۋەندىكىدەك جۈملىلەر ئۇچرايدۇ. بۇ جۈملىلەرنىڭ قانداق سىمۋوللۇق مەنەئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
@4!x>q$3  
_J]2~b  
1) ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىپ دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىلەن سىردىشىپ، قاراڭغۇ جاڭگالدىن يېڭى بىر يول ئېچىۋاتىمەن.
l12$l 
CkRX>)=py  
2) تۈۋى يۇمشىتىلىپ ئوبدان ئوغۇتلانغان، تازا ۋايىگە يەتكۈزۈلۈپ سۇغىرىلغان يەرلەرگەتېرىلغان گۈل ئۇرۇقى تېزلا ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىقبېرەلمەيدۇ...
*]x*B@RF  
eX2<}'W<  
3) بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يامىشىۋاتقىنىڭدا ئالدىڭغا قورقۇنچلۇق تاشلار سىيرىلىپچۈشۈپ تۇرىدۇ. سەللا بوش كەلسەڭ، تاش بىلەن قوشۇلۇپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىسەن.
Gy@7Xf  
*o' 4,+=am  
3. بۇنەسردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى تېپىپ ئاپتورنىڭ لىرىك ھېسسىياتىنىئىپادىلەشتە بۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
fA^7^0![  
1Xyp/X2rI  
  ]v5-~E!  
q2_`v5t  
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 2- كىتاب 12-بەتتىن ئېلىندى.)  TK>{qxt:=  
 ( 2011-يىل 20-ئۆكتەبىر) =V|Nn0E  
(Q-I8Y8l8  

tunyukuk 2011-10-20 16:40
[attachment=372]   

koksangun 2011-10-20 16:57
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، بۇ مۇھىم تېكىست ئىدى ...

tawpek 2011-10-21 17:10
ئەسەرنى ئوقوۋىتىپ ئەسەرنىڭ بەدىئىلىكىلا ئەمەس بەلكى سىزنىڭ خەت بىسىشتىكى نەقەدەر ئەستائىدىللىقىڭىزنىمۇ كۆرۋالغىلى بولىدىكەن. S?,_ 
Tiprdvm<  
ئىملاغا تولوق دىققەت قىلغان ئاساستا خەتنى بەك توغرا باسىدىكەنسىز. \Hs|$   
l#6&WWmr  
كىتاپتىكى خەتلەرنى تۆككەندەكلا چىقىپتۇ.

tunyukuk 2011-11-01 12:03
بۇ نەسىرنىڭ دەرس تەييارلىقىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ!  nF j- 
/bbs/read.php?tid=1430

upuk 2011-11-14 11:04
بۇ مۇنبەر بەك ياخشى بوپتۇ مۇشۇنداق ماڭسا مائارىپىمىز ئۈچۈن  ناھايىتى زور رول ئوينىغىدەك  ھەمدە كوپ ماتىرىيال  مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتكىدەك ...

tawpek 2011-11-14 11:38
ئۇپۇق قىرىندىشىمىزنىڭ مۇنبىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىدىن خۇرسەنمىز. +]_nbWL(%  
yFi6jN#~  
سىزدەك<<ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن بىر كىشلىك كۈچ چىقىرايلى>>نى ئەھدىسى قىلغانلار كۆپەيگەنسىرى  تىخىمۇ مۇكەممەللەشكۈسى. RZe#|k+ 8  
p6 <}3m$  
QS5H >5M)  
ئۇشتۇمتۇت بىرى ئالدىمغاتېيىلىپ كېلىپ، شۇنچە چاققانلىق بىلەن ئايلاندىكى، ھەش - پەش دېگۈچە ئۇنىڭ ئىزىدىنبىر «0» ھاسىلبولدى. «ھوي! بۇ دەرس گاچىسىنىڭنومۇرى ئەمەسمۇ؟ مەن بۇلارغا قاراپ تۇرۇۋېتىپ، ئاخىر شۇ نومۇرغا قالماي يەنە!؟» مەن قەدىمىمنىئىتتىكلەتتىم }R`Irxv4  
fPOEVmj<  
KCl &H  
يۇقارقى قۇرلار قەتئى ئىسىدىن كەتمەيدۇ ھازىرغىچە.


查看完整版本: [-- «مېنىڭ بىر كۈنۈم» (دەرس تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled