ئىجتىھاتچان تەتقىقاتچى ، ھۆرمەتكە لايىق ئۇستاز ، تالانتلىق شائىر ئاتتىللانىڭ ھاياتى كىشىنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ ، ئۇنىڭ تېنىمسىز ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىدىن ئۇنىڭ بۇ قىسقىغىنا ھاياتتا ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ، مەۋجۈدلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى ، قانچىلىك ئەجىر - مېھنەت تۆككەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز .
5dg(e3T ئۇنىڭ ھاياتى مەنىلىك ئۆتكەن ھايات ، مەنىلەر خەزىنىگە ئايلىنىۋاتقان ھايات ، ئاددى خىزمەت ، تۇرمۇش ئىچىدە قىممەتلىك سەمەرىلەرنى ئەۋلادلارغا ، كەڭ خەلققە سۇنغان بۇ ئۇستازنىڭ ھەر بىر سۆزى كىشىگە ئىشەنچ ، ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ . Ss`LLq0LO ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ھەر خىل قۇسۇرلارنى ئىزدەپ ئۆزىنى پەسلەشتۈرىۋالىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئاز ئەمەس ، قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ھەر بىر ئىش - ھەرىكىتىدە ئەۋلادلارنى ئويلاپ ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشۇۋاتقان ، ئۈن - تىن چىقارماي ئۇزاق مۇددەتلىك بۇ كۈرەشنىڭ قايناملىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان بۇ ئۇستازنىڭ ھەرىكىتى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغۇسى . @|r{;' مەن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بۇ سۆھبەتنى پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرۇشتا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان پائالىيەتچان ۋە مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز ئۆزقانغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . t&p|Ynz?i بۇ ئىزگۈ ئىشلارنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا سەھىنە تەييارلىغان تىرىشچان ، مېھنەتكەش ئىنىم تەۋپىققە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ... |