قان بىسىمنى كونتۇرۇل قىلاي دىسىڭىز....
قان بىسىمنى كونتۇرۇل قىلاي دىسىڭىز.... 1. ناشتىدا ئازراق قوغۇن يەپ قىتىىق ئىچىڭ. قوغۇن ۋە قىتىق تەركبىدىكى كالى قان بىسىمىنى كونترۇل قىلىشقا پايدىلىق .2. ئاپلىسىن شەربتى ئىچىڭ. ئاپىلىسىن تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار قان تومۇرلارنىڭ كىڭىيىشىگە پايدىلىق. كۆكتات، لىمۇن، چۇچۇمەل مىۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە قان بىسىمنى تىزگىنلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 3. قەھۋەنى كۆپ ئىچىمەڭ. قەھۋە تەركىبىدىكى ئىشقارلار قان تومۇرلارنى تارايتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولۇپ، قان بىسىمنى ئۆرلىتىۋىتىدۇ. 4.دائىم سامساق ئىستىمال قىلىڭ. ھەر كۈنى ئىككى ئۈچ چىش سامساق يىگەندە قان بىسىمىنى ئۇنۇملۇك توۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 5.ئاچچىقلانماڭ. سەۋەرچان بولغاندا قان بىسىمىنىڭ نۇرماللىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. 6. زىيادە ھىرىپ چارچاشتىن ساقلىنىڭ. خىزمەت بىسىمى ئىغىرلاشقانسىرى قان بىسىمى ئۆرلەپ كىتىدۇ. 7. كەچتە بولكا يىمەڭ. ئاق بولكا تەركىبىدىكى بوغداي كىراخمالى بەدەندىكى ئىنسولىننىڭ ئاجىرلىشىشىنى كۇچەيتىۋىتىدۇ، نەتىجىدە قان بىسىمى تىزلا ئۆرلەپ كىتىدۇ 8.ھەر كۇنى قايماقسى سۇتتىن بىر نەچچە ئىستاكان ئىچىپ بىرىڭ. بۇ بەدەنگە كالتىسى تولۇقلاپ قان بىسىمىنى توۋەنلىتىشكە پايدىلىق 9.چۇشلۇك تاماقتىن كىيىن ئازراق مىڭىپ بىرىڭ. چۇشلۇك تاماقتىن كىيىن سىرىتقا چىقىپ 10 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىپ ھەركەت قىلغاندا قان بىسىمى 6mm سىماب تۇۋرىكى توۋەنلەيدۇ 10 .تىنىچ مۇھىتتا خىزمەت قىلىڭ. تىنىچ مۇھىت قان بىسىمنىڭ توۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ مائارىپى |