查看完整版本: [-- «نېلۇپەر كۆلىنىڭئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «نېلۇپەر كۆلىنىڭئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-10-18 18:03

«نېلۇپەر كۆلىنىڭئايدىڭدىكى مەنزىرىسى»

 نېلۇپەر كۆلىنىڭئايدىڭدىكى مەنزىرىسى ?_VoO  
جۇ زىچىڭ RTJ\|#w  
  J'=iEI  
|BC/ERms  
بىرنەچچە كۈندىن بېرى كۆڭلۈم ئانچە تىنچلىنالمىدى. بۈگۈن كەچتە ھويلىدا سالقىنداپ ئولتۇرغىنىمدا، توساتتىن ھەر كۈنى يېنىدىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان نېلۇپەر كۆلى ئېسىمگە چۈشۈپ قالدى، بەلكى شۇ تاپتا تولۇن ئاي يورۇقىدا باشقىچەتۈس ئالغاندۇر. ئاي بارغانسېرى كۆتۈرۈلمەكتە، تامنىڭ كەينىدىكى يولدا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ شوخ كۈلكىلىرى توختاپ قالغىلىمۇ نىكەم، ئايالىم ئۆيدە ئۇيقۇسىرىغان ھالدا ئوغلۇم جۇرۇنشېڭ نى پەپىلەپ ئەللەي ئېيتىۋاتاتتى. مەن ئۇزۇن چاپىنىمنىئاستاغىنا يېپىنچاقلىدىم - دە، ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.
! L=RhMI  
3rUuRsXn  
نېلۇپەر كۆلى بويلاپ كۆمۈر ئۇۋاقلىرى چېچىلغان ئەگرى - بۈگرى تار بىر يول بار ئىدى. بۇ خىلۋەت يولدا، كۈندۈزىمۇ ئادەملەر ناھايىتى ئاز ماڭاتتى، كېچىسى بولسا، تېخىمۇ جىمجىت. نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئەتراپى بۈك - باراقسان دەرەخلىك ئىدى. يولنىڭ بىر تەرىپىدە مەجنۇنتال ۋە ئىسمىنى بىلىپ بولمايدىغان بىرمۇنچە دەرەخلەر ئۆسكەنىدى. ئايدىڭ بولمىغان كېچىلىرى بۇ يول بەكمۇ قاراڭغۇبولۇپ، ئادەمنىڭ سەل قورققۇسى كېلەتتى. بۈگۈن كېچە گەرچە ئاي شولىسى سۇسراق بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى چىرايلىق ئىدى.
I\,m6 =q  
B}&9+2M  
قولۇمنى كەينىمگە تۇتۇپ يالغۇز ئايلىنىپ يۈرەتتىم. بۇ بىرپارچە زېمىن خۇددى مېنىڭكىدەكلا ئىدى. مەنمۇ ئۆزۈمنى ئادەتتىكىدىن باشقىچەرەك، باشقا بىر دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. بۈگۈن كەچتە بۇ چەكسىز ئاي يورۇقىدا مەن يالغۇز ئۆزۈم ھەممىنى ئويلىساممۇ بولاتتى، ئويلىمىساممۇ بولاتتى، شۇڭا ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلاتتىم. كۈندۈزى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، چوقۇم سۆزلەشكە تېگىشلىك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ئېسىمگە كەلتۈرمىسەممۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، نېلۇپەرلەرنىڭ خۇش پۇرىقى ۋە ئايدىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىناي.
*>#mI/#}  
Ny6 daf3f  
ئەگرى - توقاي كەتكەن نېلۇپەر كۆلىنىڭ يۈزى تاۋاقتەك - تاۋاقتەك بولۇپ تۇتىشىپ كەتكەن يوپۇرماقلار بىلەن قاپلانغانىدى. يوپۇرماقلار سۇدىنئېگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، خۇددى تىك تۇرغان ئۇسسۇلچى قىزلارنىڭ كۆڭلىكىگەئوخشايتتى. قاتمۇقات يوپۇرماقلار ئارىسىدا، ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق گۈللەرنىڭ بەزىلىرى زىلۋاغىنا نازۇك بويىنى سوزۇپ ئېچىلىپ تۇراتتى؛ بەزىلىرى ئۇياتچانلىق بىلەن پورەك ئىچىگە مۆكۈنگەن ئىدى. بۇلار خۇددى دانە - دانەمەرۋايىتلارغا، كۆك ئاسماندىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا ئوخشايتتى. مەيىن شامال خۇددى يىراقتىكى ئېگىز بىنادا بىردە جاراڭلىق، بىردە سۇس ئاڭلىنىپ تۇرغان ناخشىدەك، گۈپۈلدەپ تۇرغان خۇش پۇراقلارنى دىماغقا ئۇرۇپ تۇراتتى. بۇ چاغدا يوپۇرماقلار بىلەن گۈللەرمۇ ئاستا تەۋرىنىپ، خۇددى چاقماق چاققاندەك بىردەمدىلا كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتەتتى. يوپۇرماقلار ئەسلىدىلا بىر - بىرىگە ياندىشىپ زىچ تۇرغاچقا، بەئەينى يېشىل دولقۇن ھاسىل قىلغاندەك كۆرۈنەتتى. شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۇ يوپۇرماقلار ئاستىدا توسۇلۇپ قالغاچقا، ئۇنىڭ رەڭگىنى كۆرگىلىبولمايتتى، ئەمما يوپۇرماقلار ئىنتايىن كۆركەم كۆرۈنەتتى.
E;>Bc Pt5  
5J1q ]^  
ئاي شولىسى كۆلدىكى يوپۇرماق ۋە گۈللەرگە خۇددى ئېقىنسۇدەك جىمجىتقىنا تۆكۈلەتتى، نېپىز شايىدەك كۆكۈچ تۇمان نېلۇپەر كۆلى ئۈستىدە لەيلەپ يۈرەتتى. يوپۇرماق ۋە گۈللەر خۇددى سۈتتە يۇيۇلغاندەك، شۇنداقلا نەپىسشايىغا ئورالغاندەك بولۇپ، چۈشكىلا ئوخشايتتى. ئاي تولغان بولسىمۇ ئاسماننى بىرقەۋەت نېپىز بۇلۇت قاپلىۋالغاچقا، ئاي تولۇق شولا چاچالمايتتى، ئەمما مېنىڭچە بۇمۇناھايىتى جايىدا ئىدى. ئاي شولىسى دەرەخلەردىن ئۆتۈپ چۈشەتتى، شۇڭا ئېگىز جايدىكىبۈك - باراقسان ئۆسكەن چاتقاللارنىڭ ئۇزۇن - قىسقا چېقىر سايىلىرىمۇ، ئەۋرىشىممەجنۇنتاللارنىڭ شالاڭ ۋە كۆركەم سايىلىرىمۇ خۇددى نېلۇپەر يوپۇرمىقىغا سىزىپقويۇلغان رەسىمدەك كۆرۈنەتتى. ئاينىڭ كۆلدىكى شولىسى تەكشى ئەمەس ئىدى، لېكىن ئاي شولىسى بىلەن سايىلەر خۇددى ئىسكىرىپكىدا ئورۇندالغان داڭلىق كۈيگە ئوخشاش بىر - بىرىگە ناھايىتى ماسلىشىپ كەتكەنىدى.
n_qDg  
J :  T  
نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى يىراق - يېقىن ئوي - دۆڭلەرنىڭ ھەممىسى دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەجنۇنتال ئەڭ كۆپ ئىدى. بۇ دەرەخلەر نېلۇپەر كۆلىنى قاتمۇقات ئورىۋالغان، پەقەت چىغىر يولنىڭ بىرچېتىدە، گويا ئاي شولىسى ئۈچۈن ئالايىتەن قالدۇرۇلغاندەك بىرنەچچە پارچە بوشلۇق بار ئىدى. دەرەخلەر كۆرۈنۈشى پۈتۈنلەي خىرە بولۇپ، بىر قاراشتا ئىس - تۈتەكتەك كۆرۈنەتتى؛ ئەمما مەجنۇنتاللارنىڭ گۈزەل قامىتىنى ئىس - تۈتەكلەر ئىچىدىمۇ پەرق ئەتكىلى بولاتتى. دەرەخلەر ئۈستىدىن يىراقتىكى تاغ غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دەرەخلەر ئارىسىدىن غىل - پال يېنىپ تۇرغان يول چىراغلىرىنىڭ نۇرى خۇددى ئۇيقۇسىرىغان ئادەمنىڭ كۆزلىرىدەك غۇۋا كۆرۈنەتتى. بۇنداق چاغلاردا دەرەخ ئۈستىدىكى تومۇزغىنىڭچىرىلداشلىرى بىلەن سۇدىكى پاقىنىڭ كۇرۇلداشلىرى راسا قىزىپ كېتەتتى، لېكىن بۇقىزىقچىلىق پەقەت شۇلارنىڭلا بولۇپ، مەندە ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى.
[D v6z t>  
i=ztWKwKf  
بىردىنلا، نېلۇپەر ئۇرۇقى يىغىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. نېلۇپەر ئۇرۇقىنى يىغىش چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغۇچىلارنىڭ قەدىمدىنكېلىۋاتقان ئادىتى، بەلكى خېلى بۇرۇنلاردىنلا بولسا كېرەك، ئەمما ئالتە سۇلالە دەۋرىدە ناھايىتى ئەۋج ئالغانىدى، بۇنى شېئىرلاردىنمۇ ئانچە - مۇنچە بىلىۋالغىلىبولىدۇ.
j0 ]|$p  
*@C]\)  
شۇنىڭ بىلەن «شىجۇ ناخشىسى» دىكى مۇنۇ مىسرالار يادىمغاكەلدى:
UyWKE<  
WL6p+sN'  
كەلدى كۈز چۈشتۈم يىغىشقا نېلۇپەر ئۇرۇقىنى،
j. m(Z}  
[HV9KAoA  
ئۆسكىلەڭ ئۇ شۇنچە كۆركەم چۆكتى بويۇم گۈل ئارا؛
u3Jsu=Nx-  
;?A?1q8*  
بەل پۈكۈپ تەرمەكتىمەن ھەربىر ئۇرۇقنى دانىلاپ،
<> &!+|#  
pK M5<1J  
خۇددى زۇمرەت سۇغا ئوخشارمەن نەزەر سالسام ئاڭا.
Q%AD6G(7  
TN=MZ{L  
بۈگۈن كەچتىمۇ نېلۇپەر ئۇرۇقىنى يىغقۇچىلار بولغان بولسىچۇ، بۇ يەردىكى نېلۇپەرلەرمۇ «بوي چۆكۈرگۈدەك» ئۆسۈپ كېتىپتۇ، لېكىن سۇنىڭئاققىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى، بۇ ماڭا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى ئەسلەتتى. مۇشۇنداق ئويلاپ كېتىۋېتىپ بىردىنلا بېشىمنى كۆتۈرسەم، ئۆيۈمنىڭ ئالدىغىلا كېلىپقاپتىمەن. ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ كىردىم، ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانمايتتى، ئايالىمنىڭتاتلىق ئۇيقۇغا كەتكىنىگە خېلى ۋاقىت بولغانىدى.
lk5}bnd5  
@+S5"W  
                                                                    − 1927 - يىل ئىيۇل <^Hh5kfS'  
)$wX~k  
 
ئىزاھات: b;[u=9ez  
3j2% '$>E^  
1. جۇ زىچىڭ (1898 − 1948)، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇشەھىرىدىن. بۇ نەسر ئۇنىڭ «جۇ زىچىڭ نەسرلىرى» ناملىق توپلىمىدىن قىسقارتىپئېلىندى.
x{B%TM-Ey  
qP"<vZ  
 2. جۇ رۇنشېڭ − ئاپتورنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. D;V FM P  
;t R,w   
      مۇھاكىمە ۋە مەشىق:   XG5mfKMt+  
1. ئاپتور نېلۇپەر كۆلىنىڭ قانداق مەنزىرىلىرىنى يازغان؟ بۇ مەنزىرىلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ تېكىستتىن پسىخىك ھالەت تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى تېپىپ، ئاپتورنىڭ كەيپىياتىنىڭ مەنزىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
YdI|xu>0A^  
ypuW}H%`  
2. ئاپتور تېكىستتە قۇرۇلما جەھەتتىن بىرقەدەر مۇرەككەپرەك ئوخشىتىشلارنىمۇ قوللانغان بولۇپ، مەلۇم شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماھىيەت جەھەتتىن شۇنىڭغا ئوخشاشلىقىبولغان يەنە باشقا شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. مەسىلەن:
%h ?c  
07T"alXf:A  
«مەيىنشامال خۇددى يىراقتىكى ئېگىز بىنادىن بىردە جاراڭلىق، بىردە سۇس ئاڭلىنىپ تۇرغان ناخشىدەك، گۈپۈلدەپ تۇرغان خۇش پۇراقلارنى دىماغقا ئۇرۇپ تۇراتتى.
rZ~.tT|(  
& >AXB6  
ئاي شولىسى بىلەن سايىلەر خۇددى ئىسكرىپكىدا ئورۇندالغان داڭلىق كۈيگە ئوخشاش بىر - بىرىگە ناھايىتى ماسلىشىپ كەتكەنىدى.»
C^po*(W6  
N'fE^jqU  
سىزمۇ يۇقىرىقىدەك ئوخشىتىش شەكلىدە ئىككىدىن ئۈچكىچەجۈملە يېزىپ بېقىڭ.
5]WpH0kzO  
Y9TaU]7]  
3. ئەسەردىكى نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى، نېلۇپەر گۈللىرى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى، ئاي شولىسى، كۆل سۈيى قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەشتە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى تېپىپ چىقىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەردە قانداق رول ئوينىغانلىقىنىچۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. =<.8  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1- كىتابتىن ئېلىندى.)  )g9&fGYf  
{XMF26C#  
z?HP%g'M~  
  CT@JNG$<"  
**V^8'W<  

tawpek 2011-10-18 18:26
بۇ  تىمىدىن بەكرەك سىزنىڭ قەدەم باسقىنىڭىزدىن سۆيۆندۈم، (MiEXU~ v  
A. 
ئەسلەپلا تۇردۇق،  $j*j {}K  
|;o#-YosP  
نىمىشلا بىلەن  ئالدىراش  بولوپ كەتكەنتىڭىز، ىوشلاشمايلا يوقاپ كەتكۈدەك. cg$@x\fJ  
^GG6%=g'  
ئۆزىڭىزنى بىر تەكشۈرىۋەتمەمسىز.

abdumijit 2011-10-18 22:04
بۇنى يېزىپ بولغىچە خىلى جاپا تارتقانسىز -ھە قاچان.

ozqan 2011-10-18 22:26
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ...

tunyukuk 2011-10-19 10:00
  يېشىم ئەللىكتىن ئاشتى، كۆزۈم قاماشتى، تورلاشتى، kRs(A~ngc  
  كۆرۈپ بېغىمدىكى گۈلنى لېۋىمگە كۈلكە ئولاشتى.

koksangun 2011-10-19 10:11
تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق ، تۇنيۇقۇقنىڭ ئەجرى يەردە قالمايدۇ .

tawpek 2011-10-19 10:56
تولوق ئوتتورا ئەدەبىيات دەرىسلىكتىكى تىكىسىتلەرنى تۇنيۇقۇق ئاكىمىز بىر قوللۇق كومپىيۇتىردا ئۇرۇپ يوللاۋاتىدۇ. .|XIF   
So?SBh1C  
بۇ قىلغىنىڭىز ئۇيغۇر تورچىلىقىنى بىيىتىپ يازما بايلىقلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلىشىش قەدىمىنى تىزلەتكەنلىك. @O9.~6  
p%~#~5t,  
بىزدە ئۇ يەردىكىنى بۇيەرگە يۆتكەيدىغانلار كۆپ لىكىن ماتىرىيالدىن ئۇرۇپ كىرگۈزىدىغانلار ئاز. &3l g\&"  
8<ZxE(v  
سىز مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىسىز. (3YCe{  
nPh 5(&E  
,R/HT@  
كۆپ تەشەككۇر.

tunyukuk 2011-11-01 18:10
[attachment=384]    


查看完整版本: [-- «نېلۇپەر كۆلىنىڭئايدىڭدىكى مەنزىرىسى» --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled