查看完整版本: [-- مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2011-10-15 21:17

مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى

نەچچە يىل كەزگەنتىم بۇ دىيارى غۇربەتنى،
كۆرمىگەن ئېدىم مۇنداق ئازابى ئوقۇبەتنى.
ئاقىۋەت قىلىپ ئەلگە،قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت،
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى.
 
 

تاقىتىم تاق بولدى بۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،
قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.
گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋ قىرانلارنىڭ،
ھەققە ئۇيغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇم گۇمانلارنىڭ.
 

روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا،تۇتقۇندا،
سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىرىم زۇلمەتتە.
يىشىم 36 ياش تاشتىن بەتەر قاتتى باش،
ئادا بولار ئوخشايمەن پۈتمەس قايغۇ ھەسرەتتە.
 
  
 
بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،
ئادالەتكە ئىنتىلسەم،قولغا ئالدى سىياسەت.
خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن تەرەققىيات ئىستەنسەم،
نىيتىم ساپ،دىلىم ئاق،ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت.
"مەمتېلى ئەپەندى "شېئىرلىرىدىن

koksangun 2011-10-16 21:34
مەمتىلى ئەپەندى مۇستەبىت جەمئىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئەڭ ئويغاق ، ئەڭ سەگەك ، ئەڭ يىراقنى كۆرەر ئۇستازىمىزدۇر ...

tawpek 2011-10-18 18:40
ماۋزۇسى نىمىكەن بۇ شىئىرنىڭ؟


يۈسۈپجان001 2014-02-28 16:42
مەمتىلى ئەپەندى مۇستەبىت جەمئىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئەڭ ئويغاق ، ئەڭ سەگەك ، ئەڭ يىراقنى كۆرەر ئۇستازىمىزدۇر


查看完整版本: [-- مەمتېلى ئەپەندى شېئىرلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled