查看完整版本: [-- مەن  قاتىل(نازپەرۋەر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> مەن  قاتىل(نازپەرۋەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nazperwer 2011-10-12 15:56

مەن  قاتىل(نازپەرۋەر)

                                      مەن قاتىل(نازپەرۋەر) 'zUWO_(  
A0A]#=S  
      (نەسر) g> <*qd?t  
0W6j F5T  
  3~ptD5@WF  
02F\1fXS  
   مەن قاتىل!،مەن راستىنلا رەزىل قاتىل!!! <J o\RUx  
[AA*B  
بىر پارچە سېسىق گۆشكە ئوخشاپ قالغان يۈرىكىمدىن چىقىۋاتقان بىر زەئىپ، چىرگىن سادا مېنى پۈتۈنلەي ھالاكەت پاتقىقىغا ئىتتىرمەكتە. )J>-;EYb8  
OH_mZA  
ئەمەلىيەتتە، مەن ئەڭ پاكىز ئارمانلىرىمنىڭ قاتىلى،گۈزەل كۈيلىرىمنىڭ خائىنى بولغان دەقىقىلەردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۆلۈپ بولغان ئىدىم. vFx0B?  
5 
ئەجداتلىرىم كۆز گۆھىرىدەك ئەتىۋارلاپ ،ئەڭ پاكىز ئارمانلار بىلەن ماڭا يەتكۈزۈپ بەرگەن، نەچچە مىڭ يىللىق  شانلىق تارىخىمنىڭ شاھىدى بولمىش ئانا تىلىمدىن 360 گىرادۇسلۇق بۇرۇلۇش بىلەن يۈز ئۆرىگەن دەقىقىلەردىن باشلاپ مەن ۋەيلۇن دوزاقتا كۆيدۈرسىمۇ ئازلىق قىلغۇدەك گۇناھىي كەبىرگە مۇپتىلا بولغان ئىدىم. R\MFh!6sn  
:H8`z8=0f{  
مەن كۆيۈۋاتاتتىم، ئەۋلادلار ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرگۈسىز جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ بۇلغانغان  تېنىم ۋە ماڭقۇرتتەك روھىم يار ۋەسلىگە تەلمۈرگەن ئاشىقتەك ئىشق ئوتىدا ياكى ۋەتەن،ئەل-يۇرت بەختىنى كۆزلىگەن شىر يۈرەك ئەزىمەتلەردەك بىر گۈزەل ئالىي ئارزۇ-ئىستەك ئىشقىدا ئەمەس، بەلكىم، كەچۈرگۈسىز گۇناھ ، پۇشايمان ئوتىدا لاۋۇلداپ كۆيىۋاتاتتىم. Q^@z]Sc[  
$OP w$  
سەن  قاتىل،سەن مۇدھىش قاتىل !!! ]N4?*S*jd)  
Q G8X{'  
ئەتراپىمدا تۈمەنمىڭ زەئىپ ئاۋازلار ياڭرىماقتا،مېنى ئۆز ھالاكىتىنىڭ سەۋەپچىسى دەپ قارغاپ،تاش بوران قىلماقتا ئىدى. باش-كۆزۈمگە يامغۇردەك يېغىۋاتقان لەنەت تاشلىرى ئارىسىدا غالجىر ئىت تالىۋەتكەندەك تىتىلغان ،سېسىق لاتىدەك تېنىم نە قورقۇش،نە ئازابنى ھېس  قىلالمايتتى. 277Am*2  
U:+wt}-T"  
  ,5Nf9z!hk(  
T8US` MZ  
 مەن راستىنلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر جازاغا لايىق قاتىل ئىدىم، ئەگەر ئىنسانغا  قايتا تۆرىلىش نىسىپ بولغان بولسا،ئەگەر ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا پۇرسەت بولغان بولسا ،مەن  ھەممنى باشتىن باشلىغان،تاڭ سەھەرنىڭ سۈزۈك ئاسمىنىدىنمۇ پاك ،بۇلاق سۇلىرىدىنمۇ پاكىز ئارمانلىرىم بىلەن 32 بىباھا گۆھەردىن پۈتۈلگەن مۇەقەددەس قورغاننى ئەجداتلىرىم قولىدىن قانداق ئۆتكۈزىۋالغان بولسام، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ،تېخىىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ھەتتا ئەڭ بۈيۈك نەتىجىرىم بىلەن بىزەپ ئەۋلادلارغا يەتكۈزگەن بولاتتىم. 6_a~ 4_#  
w\`u |f;Aq  
 مەن راستىنلا قاتىل ئىدىم،ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئۆلتۈرگەن،‹‹ئۆز پۇتۇمغا ئۆزۈم پالتا چاپقان››،ئۆزۈمنىڭ كۆز گۆھىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن قوچۇپ ئەما بولىۋالغان ،ئۆز نېسىۋەمگە نىجاسەت چاچقان،يول شۇنچە كەڭرى ،داغدام  تۇرسىمۇ ھەسەتخور،نادان،ھۇرۇن،قاششاق جىدەلخور،‹‹ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ چالىدىغان›› ئوسال مىجەزىم بىلەن ماڭىدىغان يولۇمغا پاتماي مايماق دەسسەپ، نەتىجىدە مەنزىلگە بارالمايلا ئىككى پۇلغا يارىماس تاشلاندۇققا ئايلانغان ،دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان… eW/sP Q-  
3?Tk[m1b  
مەن  گۇناھلىرىمنىڭ بۇنچىلىك  ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا ،ئاللىبۇرۇن كېچىككەن،رەھىمسىز ،مۇدھىش قاتىلغا ئايلىنىپ بولغان ئىدىم.مېنى ھېچقاچان‹‹شەيتان ئازدۇرمىغان››،ھېچكىم گۇناھ پاتقىقىغا سۆرەپ كىرمىگەن ،ھېچكىم‹‹قەستلىمىگەن›› ،ھېچقانداق كۈچ زورلىمىغان ئىدى . مەن پەقەت ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان دۆتلىكىمدىن، ھەسەتخورلىقىمدىن،كۆرەلمەس،ئۇششۇقلىقىمدىن،چېچىلاڭغۇلىقىمدىن  مۇشۇ كۈنگە قالغان ئىدىم. >oasA2S  
t(Sjo8, b  
شۇنداق مەن قاتىل، مەن خائىن ،مەن ھەممىنىڭ –تارىخنىڭ ،كەلگۈسىنىڭ قاتىلى . ،مەن جازاغا لايىق ،مەن يەر يۇتۇشقا لايىق. ئالەم بىنا بولۇپ،ئىنسان پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھېچقانداق قەۋمدىن مەندەك ۋاپاسىز مەخلۇق   چىقمىغان . uNXKUJ V0  
G Z~W#*|V  
مەن قاتىل،مەن ئەشەددىي قاتىل،مەن ئۆلۈمگە لايىق!!! R A^-Pa.O  
'@3Kq\/  
  سوت ماڭا ئۆلۈم جازاسى بەردى، قوللىرىمغا مۇزدەك  كويزا سېلىندى ،كەينىمدىن بىرى مىڭلىغان لەنەتلىك كۆزلەرنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا،سوت مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ،مەن ئۈچۈن تەييارلانغان دار  ئالدىغا ئېلىپ باردى … M_Z(+k{Gy  
us$=)m~v+  
چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا ،قورۇنچلۇق ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتتىم .يۈرىكىمنى مىڭ پاتمان تاش بېسىپ تۇغاندەك ئېغىر ،مېنى قارا باسقان ئىدى. كۆزلىرمنى تەستە ئاچتىم،ئېرىم ئەنسىزلىك بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى، مەن ئۇنىڭ سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ،ئىتتىك ئورنۇمدى تۇردۇم-دە ،كىتاب ئىشكابىدىكى رەتلىك تىزىلغان دەستە-دەستە كىتابلار ئارىسىدىن ‹‹ئېلىپبە›› ئوقۇشلىقىنى  ئالدىم ۋە بەكمۇ ئاۋايلاپ،چوڭقۇر مېھرىم بىلەن، خۇددى دۇنيادا بىرتاللا ئەتىۋارلىق ئوغلۇمنى باغرىمغا باسقاندەك، چوڭقۇر مېھرىم بىلەن چىڭڭىدە باغرىمغا باستىم.ئىختىيارسىز ئىچ-ئىچمدىن چىقىۋاتقان بىر ئۆكسۈش بىلەن كۆزلرىمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى… F?*ko ,  
 Unc_e  

abdumijit 2011-10-12 18:33
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ يۈرىكىم قاتتىق سىقىلدى،زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھەقىقەتەن ئىغىرلىقىنى ھىس قىلدىم. b@?pofZ`k  
قىرىنداشلار، تىرىشايلى!

tawpek 2011-10-12 19:12
بولوپمۇ بىزدەك تىل-ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىللىرى بۇ نوختىنى تىخىمۇ ئىنىق تونوپ يىتىشىمىز كىرەككەن. *p=a-s5-  
~ u',Way  
قوشتىل سىنىپلارنىڭ ئۇچۇر تىخنىكىسى دەرىسىنى  ئۆتۆشكە باشلىغاندىن باشلاپ بۇ نوختىلارنى تىخىمۇ ھىس قىلىپ يەتتىم. W1;u%>Uh  
F* h\#?  
شۇ ئىككى سىنىپ ئوقوغۇچىلارغا بولسىمۇ كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچە بىلدۈرۈپ ماڭدىم. j]5mzz~  
5kbbeO|0G  
كىتاپ خەنزۇچە تۇرسا، بىز قوشتىلنىڭ باللىرى تۇرساق دەرىسنى نىمىشقا ئۇيغۇرچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيلا دەيدۇ تىخى سويمىلا.(ئاڭلىسام سىنىپ مۇدىرى ئوقوغۇچىلارغا دەرىس ئوقوتقۇچىللىرىنىڭ سىنىپتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنى چەكلەڭلا دىگەنمىش) * Tyr  
 tQSJ"Q  
uW4wTAk;qh  
خەنزۇچە خەت ئوقوشتا بەك ئۇستىكەن ، لىكىن مەنىسىنى سورىسا قاراپ تۇرىدىكەن. تولوقسىزنىڭ خەنزۇتىلى دەرىسلىك كىتابىدا سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى ئىزاھلانغان  ئەمەسكەن. تەرجىمە قىلىش دىگەن نەرسىمۇ يوقكەن. خەت ئوقوشنىلا ئۈگىتىدىكەن.

nasirdin 2011-10-12 20:17
نازپەرۋەرنىڭ بۇ نەسىرى خۇددى نۇرمۇىھەممەت توختىنىڭ «كۇچ ئۇلاپ يۈگرەش كالتىكى» دېگەن ئەسىرىگە ئوخشاش ناھايىتى ئززگىچە ئۇسلۇپتا ياخشى يېزىلىپتۇ، كىشىنى ئېغىر ئۇھسىنىش ئىچىدە ئويلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرىدىكەن، قولىڭىزغا دەر بەرمىسۇن نازپەرۋەر! ياشاپ كېتىڭ!

koksangun 2011-10-12 21:07
تولىمۇ ياخشى يېزىلغان نەسىركەن  بۇنىڭدىكى مەنا چوڭقۇر ، پىكىر قايناق ھېسسىياتنىڭ پارتلىشى بىلەن كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ...

pawan 2011-10-13 19:50
     ناز پەرۋەر  نەسىرىڭزنى ئوقوپ چوڭقور ئويغا پېتىپ  ئولتۇرۇپ قالدىم . مەزمونى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن . تەپەككۈرىڭزگە ۋە ئىلھامىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن . قەلىمىڭز ھارمىغاي .

ماھى 2011-10-13 19:55
نازپەرۋەر،قولىڭىزغا،ئۆتكۈر پىكىرلىرىڭىزگە،.....كۆز تەگمىسۇن.

nazperwer 2011-10-14 12:31
ھەممەيلەن چىشىمىزنى چىشلەپ ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ،  بىرنىيەت بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلەش نىسىپ بولغاي ! مۇنبىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن !!!

قار 2011-10-19 20:14
ھەي ي ي ي ي ي ي يي ي ي ي ي! :}*   
   ھاياتلىق ھەرىكەتتە! ;Y9-0W  
      ھەرىكەت ئۈمىدتە! ;lP/hG;`  
         ئۈمىد زىيالىدا !

elzi 2011-10-25 20:26
رەھمەت....قولقڭىزغا دەرت بەرمىسۇن....

tawpek 2011-10-25 20:50
توغرا ، ئۈمىت   زىيالىيدا. ?Gqq]ozm  
A9_} RJ9  
بىز زىيالىيلار تىرىشىشىمىز كىرەك. ^).  
D/YMovH%  
GIZw/L7Yb  
بىلىپ تۇرۇپ قاتىللىق قىلغان كىشى: P W_"JZ  
> JC"YB  
بىر بولسا  قان قىساسى بار UC_o;  
بىر بولسا بىراۋ نىڭ مەجبۇرلىقى ئاستىدا

nazperwer 2011-10-25 23:12
ئويغانماي غەپلەتتە ياشىغاندىن ئۆزىدىكى نۇقسانلارنى تونۇغان مىڭ ئەۋزەل . مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئويغۇنىۋاتىمىز...

gulhan 2013-05-16 15:16
بەك ئىسىل نەسىر ئىكەن.  قىنى سىز ناز پەرۋەر؟!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-05-16 17:57
بەك ياخشى چىققان ئەسەركەن !

tawpek 2013-10-08 12:50
ئۆزىنى گۇناھكار چاغلاپ  قىچىپ يۈرەمدۇ نىمە  نازپەرۋەر.

nazperwer 2013-10-08 12:59
مەن قاچمىدىم تەۋپىق ئىنىم، مۇنبەردىمەن . مۇنبەردىن قېچىش ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىدى ھەرقانچە جاپالىق كۈنلەردىمۇ ...

گۈلنىھال 2014-04-20 11:16
‏بۇ نەسىر تىل جەھەتتىن بولمىسۇن ، مەيلى ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن بولمىسۇن ، ئاجايىپ ياخشى چىقىپتۇ . [ p(0g;bx  
%/!f^PIwX  
‏ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن .

kaqur 2014-07-06 22:33
« مەن ئۇنىڭ سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ » دېگەن جۈملىسىدىن باشلاپ مەنمۇ يىغامنى توختىتالمىدى... Ldy( 
ئىككى ئاي بۇرۇنلا ئۆز سۆزلىرىمنىڭ ساپلىقىدىن پەخىرلىنىپ، دوستلىرىم بىلەن بىر ئەبجەش سۆزنى بىر كويغا »سېتىۋالاتتۇق«، مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۆزۈممۇ خېلى كۆپ سۆزلەرنى يات تىلدا زىكرى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئىزا تارتماي بۇلارنى تېخى ئىسمىمنىمۇ ئۇيغۇرچە ئاتىيالمايدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن كۆرىمەن...

مىېھرىما 2014-07-14 10:09
ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچى مەن دەيدىغان ئىنساننى دوپىنى ئالدىغا ئەپ قويۇپ ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان ئاجايىپ meGL T/   
XXXQAY-,C  
چوڭقۇر ئوي پىكىر يۇشۇرۇنغان ئېسىل نەسىر بوپتۇ. Z ?F_({im  
T5dnj&N ]  
نازپەرۋەرگە كۆز تەگمىسۇن !  مۇشۇنداق ياخشى تىمىللىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى تىلەيمەن !!!!!!! w=5 
)kYDN_W  
VuD{t%Jb  
سىزگە ئاپىرىن!!!

زىيا 2014-07-16 01:18
خەتكۈچ! ........                                


查看完整版本: [-- مەن  قاتىل(نازپەرۋەر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled