引用第3楼ozqan于2011-10-12 22:38发表的 : تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىرگە كەلسە تىل ئالدىغا مايىل ، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىرگە كەلسە تىل ئارقىغا مايىل تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ، دېگەن قائىدىگە ئەمەل قىلىمىزمۇ -يوق ؟ ئەگەر ئەمەل قىلساق : «ئالىم »دېگەن سۆز تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى (تىل ئارقا ) جەھەتتىن ماسلىشىشىغا تەۋە دەپ ، «قەلبىم »دېگەن سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى تىل ئالدى جەھەتتىن ماسلاشتى دەپ قارىساق بولدۇ . مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مۇشۇنداق ئايرىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ ، لېكىن مەشىق ماتىرياللىرى ۋە تەقلىدىي سوئاللارنىڭ كۆپۈنچىسىدە سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلاشقان سۆزلەرنى سانىغاندا بۇنداق سۆزلەر سانالمايۋاتىدۇ .