查看完整版本: [-- كۇڭ يىجى بىلەن سوھپەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> كۇڭ يىجى بىلەن سوھپەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2011-10-08 00:52

كۇڭ يىجى بىلەن سوھپەت

كۇڭ يىجى بىلەن سوھپەت 1;>J9  
Mu TlN  
بۇ يازمىنى بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى يازغان. بۈگۈن ماتىريال رەتلەۋېتىپ قۇلۇمغا چىقىپ قالدى . يوللاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم oB+drDp8U  
|'.\}xt7  
كۇڭيىجى ئەپەندىنىڭ تېل نۇمۇرى نەچچە بولغىيتتى ؟ مەن ئۇنى يازغۇچى لۇشۈن ئەپەندىدىن سوراپ كۆرەي ... kid@*.I  
\#L}KW  
-   
ئۇنىڭ تېل نۇمۇرى بەك قىزىككەن . باشقىلار رەقەم بىلەن ئىپادىلىسە ئۇنىڭ  يېزىق بىلەن  ئىپەدلىنىدىكەن. «چۈشىنىش –سېنى سۆيىمەن ›› .ياخشى نۇمۇركەن بۇ «سۆيۈش›› دىگەن سۆزنى سۈيەلگەنلەر ،سۈيەلمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ياخشى كۆرىدىغان سۆزغۇ؟ r"c<15g2'  
X$)<>e]!>  
كۇڭيى جى ئەپەندىم مائارىپقا بولغان چۈشەنچەمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزنى زىيارەت ئوبېكتى قىلىپ تاللىدىم . زىياتىرىمنى قۇبۇل قىلسىڭىز؟ ] %pr1Ey  
& Yb !j  
-رەخمەت! زىيارىتىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن .ئەينى ۋاقىتتا لۇشۇن مېنى ؛ئۇچامغا جۇل –جۇل بۇلۇپ كەتكەن كالتە چاپاننى كىيدۈرۈپ .كۇلا بىلەن بوينۇمغا ئاسقان خۇرجۇن ئۈستىدە پۇتۇمنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرغان ھالەتتە جەھەنەمگە ئۇزاتقان ئىدى. ...شۇ ئۇزۇغانچە ھېچكىم مېنى ئەسلىمەس دىگەنتىم قانداقلارچە مېنى ئەسلەپ قالغانسىز؟ قېنى قانداق سۇئاللىرىڭىز بار؟ 4"7/+6Z  
0F/o  
- رەخمەت! سىز ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن چاپان ،ئۇزۇن چاچقا شۇنچە ئىنتىلگەن؟ R `  
V^apDV\AV  
-ھەي نېمىسىنى دەيسىز ، مەن راسلا ئۇزۇن چاپاننى شۇنچە خالايتتىم چۈنكى فىئوداللىق تۈزۈم ئاستىدىكى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنى بىردىنبىر چىقىش يولۇم دەپ قارىغانتىم .ھەممىدىن مۇھىمى فىئوداللىق تۈزۈمنى چۇشەنمەيتتىم .ئۇنىڭغا پەقەت بايلارلار كۈن ئالالايدىغان ،بەگە غوجاملارنىڭ بالىلىرىلا ئەمەل تۇتالايدىغان رىئاللىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەدىن بىلەي ؟قىسقىسى يادلاشتىن باشقىنى تەلەپ قىلمايدىغان ،شەكىللىك مائارىپ مېنىڭ ئادەملىكىمنى ،ئادىمىلىيلىك تەرەققىياتىمنى بوغۇپ ،ئۆزۈم كىم ؟ مەن نىمىش قىلىمەن ؟دىگەندەك ئوبىيكتىپ مەسىللەر ئۈستىدە ئويلاشقا ئىمكانىيەت بەرمىگەن تۇرسا ،ئەلۋەتتە ئۇزۇن چاپاندىن باشقىنى بىلمەيدىغان خىيالپەرەس بولۇپ قالىمەن-دە.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي مەن چوڭلارنىڭ كۈلكىسىگە ،كىنايىسىگە ئۇچرىدىم .يۇقىرىغا خۇشامەت قىلىپ ،تۈۋەننى بوزەك قىلىدىغان بۇ كۈلكىلەر ،مېنىڭ پۈتۈن نېرىپلىرىمنى زەھەرلەپ ،ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ خەلقنى نادانلاشتۇرۇش سىياسىتى ،ئاۋامنى كۈنسېرى بىخۇتلاشتۇرۇپ ،ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ماھىيىتى كىشىلەرنى بىپەرۋالاشتۇرۋىتىدىكەن .شۇنداق بولغاچقا ،‹‹ياخشى ئوقۇغانلار ئەمەل تۇتالايدۇ›› دىگەن قاراش ئەۋج ئېلىپ ،كىچىكىمدىلا ئۇزۇن چاپان كىيىشنىڭ كويىدا بولدۇم .ئادەم كۆز بىلەن كۆرگەن ،قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان نەرسىگە سەل قارىماسلىقى كېرەككەن .ئۇ نەرسىلەر روھقا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىپ ،بىر ئادەمنىڭ روھى –ئىدىيىسىنى ئىگەللەيدىكەن .قىسقىسى ،فىئوداللىق جەمئىيەت ئادەم تەربىيلەش ،ئادەم تەرەققىياتىنىڭ خاسلىققا ئىگە بولۇشتەك قانۇنىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان .سىز مۇنداق بىر سۆزنى ئاڭلىغانمۇ ؟‹‹ۋىجدان  مەنىۋىيەتتە بولغاندەك ،تەمبەللىك بەدەندە بولىدۇ .گۈل چىچەكنىڭ قەدرى مىۋە بېرىشتە بولغاندەك ،يىڭىچە گۈزەللىك مۇھەببەت بولىدۇ .ئۇ بىردەمدە يوقىلىدىغان ئەبەدى تەكرارلانمايدىغان نۇر چاچىدۇ . ››مۇشۇ نۇرغا مەن نەقەدەر ئېھتىياج بولغان ئىدىم-ھە ؟ئەپسۇس ،مەن فىئوداللىق ئىدىيە بىلەن پۈتۈنلەي يۇغۇرۇلۇپ بولغاندا ،ھېچقانداق مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيلا باشقىلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋىتىلدىم .ئادەمگە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق رەھىمسىزلىك بولماس ... B:;$5PUTc  
v[57LB  
-رەھمەت.راست ،مەنمۇ سىزدىن بىر سۇئال سوراي ،ھازىر ھىكايىدە تىلغا ئېلىنغان مەن بىلەن بىر مۇھىتتا ياشىغان ئەمەلدار دىڭدەك كىشىلەر يوقتۇ ؟ ^ZP $(a4  
ZD~ra7  
-سىز ھېلىقى ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمنىڭ جىنايىتىنىڭ مەھسۇلىدىن بىرى بولغان دىڭنى دىمەكچىمۇ ؟بىلىشىمچە ،ئۇ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ۋەكىلىغۇ دەيمەن ؟ئۇ نوم دەستۇرلارنى يادلاپ ئەمەلدار بولۇۋالغاندىن كىيىن رەھىمدىلىك –ئەخلاق دىگەنلەرنى ئۇنتۇپ ،رەھىمسىز ھۆكۈمرانغا ئايلىنىدۇغۇ ؟...ھازىر ئۇ ۋاقىتتىكىدەك ئەھۋاللار يوق دىيەرلىك .دۆلەت مەمۇرى ئىمتىھان شەكلى ئارقىلىق مەمۇرلارنى تاللايدۇ .لېكىن جەمئىيىتىمىزدە يەنىلا پارىخورلۇق ،ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىدىغان ،جىنايى قىلمىشلار يوق ئەمەس .قارىغاندا بىز فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ھەرخىل قالدۇقلىرىنى تەلتۆكۈس دەپنە قىلالمىغان ئوخشايمىز . j]P'xrWl]8  
-?z#  
-كۇڭ يىجى ئەپەندى ،مەن يەنە سىزدىن سوراپ باقاي ،ئادەتتە سىز ھاراققا ئالاھىدە ئشىتىياق باغلايدىكەنسىز ؟سەۋەبىنى بىلىپ باقسام بولامدۇ ؟ Ui|z#{8&  
? `hA:X<  
-بۇنى سۆزلىسەم گەپ تولا ،ھاراق ئىچىشكە باغلىنىشلىق نۇرغۇن مەدەنىيەت بىخلىرى بىزدە بار .بۇ مەدەنىيەتنى سۆزلىمەي .لېكىن ھەددىدىن زىيادە ھاراققا بېرىلىش روھقا مىتە چۈشكەنلىكنىڭ نامايەندىسى .لۈشۇن ئەپەندى قاۋاقخانىدىن ئىبارەت ئالاھىدە مۇھىتتىن چىقىپ ،ھاراق ئىچىۋاتقانلارنى يېزىپ قىلىشىمۇ ،بىزنىڭ چۈشكنۈلەشكەن روھىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر.سىز مۇنداق سۆزنى ئاڭلىغانمۇ ؟‹‹ئادەم چۈشكۈنلەشكەن چاغدا ئۆز ھاياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرەلمەيدۇ .پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى سېزەلمەيدۇ ،ھەممە نەرسىنى ئۆز ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىپ ،بىر قىلىپتىكى نەرسە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ .››شۇڭا فىئوداللىق تۈزۈمدىكى چۈشكۈنلۈك ئىدىيەمگە ،روھىمغا تەسىر قىلىپ مەن باشقىلارغا ئوخشاش ياشىماقچى بولدۇم .ئەپسۇس ،باشقىلارغا ئوخشاش ،يا ئۆزەمگە ئوخشاش بولالمىدىم .بۇ سۆزنىڭ ئاخىرى مۇنداق ‹‹چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇشتىن بىر ئامالى بار ،ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىدىيىسىنى ئويغىتىش .ياكى ئۆز تۇنۇشقان ،ئۆزىگە ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرگەن ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش .ئەپسۇس ،مېنىڭ ئىدىيەمنى ھېچكىم ئويغاتمىدى .مەن پۇت-قولۇم چېقىۋىتىلگەندىن كىيىنلا ،رىئاللىقنىڭ نەقەدەر رەھىمسىزلىكىنى ‹‹باراۋەرلىك ››دىگەننىڭ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ،كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى بوزەك قىلدىغانلىقنى تونۇپ يەتتىم –دە،ئۇزۇن چاپاننى تاشلاپ قىسقا چاپان كىيىشكە مەجبۇر بولدۇم .بەلكىم مانا بۇ ئىدىيەمنىڭ ئويغىنىشىدۇر .كالتە چاپىنىم تېخى يىڭىمۇ ئەمەس دەڭە ،يىڭىسىنى كىيەلمىگىنىمگە قارىغاندا ،ئىنسانلار كونىنى قايتا-قايتا تەكرارلايدىغان مەخلۇقلارمۇ –نىمە دەپ ئويلاپ قالدىم . ~ kwS`  
6({TG&`!]  
-رەھمەت ،سىز ئەسەردە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىڭىزدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىپ تەسۋىرلەندىڭىز ،بۇ راست بولغان ئىشمۇ ؟ FdGnNDl*e  
@B \$ me  
-راست.لۇشۈن ئەپەندى ئازراقمۇ مۇبالىغە قىلمىغان .ئۇ دەۋىردە فىئوداللىق ھۆكۈمران سىنىپنىڭ كۇرسىغا فىئوداللىق سىنىپ زىيالىلىرى ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ ھېچقانداق قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ،قارار چىقىرىدۇ .خالىغانچە ئادەم بوزەك قىلىدۇ ،قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن بولغان ئاقىۋەتكە ھېچكىم ئىگە بولمايدۇ .لۇشۈن ئەپەندى مېنى پۇت-قولۇم سۇنغان ھالدا ئۇزاتقاندا ،نورغۇنلار مەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرغان ،ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتقانلار يەنىلا كۆپ .مەن بۇ يەردە مائارىپنىڭ روھى ئۈستىدە ئازراق توختىلاي .سىز ‹‹بالرىق تەربىيىنىڭ ئاخىرقى نىشانى –ئىنسانى خاراكتىرنى يىتىلدۈرۈش ››دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان .مەن پۇت قۇلۇمدىن ئەمەس ،ياشاش ئىقتىدارىمدىن ئىنسانى خاراكتىرىمدىن ئەڭ مۇھىمى ،مۇستەقىل تەپەككۈر قىلشىتىن ،ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىلدىم .فىئوداللىق مائارىپ –ئىنسان خاراكتىرى يارىتىشتەك ،بۇ نىشان ۋە قانۇنىيەتنى قىلچە كۆ
زگە ئىلمىدى ،مەن قاتتىق ئۇرۇلدۇم ،ئۇ تاياق ئەمەلىيەتتە يۇشۇرۇن مەنىگە ئىگە تاياق .ئەگەر مەن قاتتىق ئۇرۇلمىغان بولسام ،جەمئىيەت ۋە مائارىپ ئۈستىدە ئەزەلدىن ئويلىمىغان بولاتتىم .ئۇ تاياق شۇنداق تەگدىكى ،،قوۋۇرغىلىرىمنى تىتما - تىتما قىلىپ ،مۇسكۇللىرىمنى سۆڭىكىمدىن ئايرىدى .مەن شۇ تاياق بولغانلىقى ئۈچۈنلا،كونا بىلەن يىڭىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىدىم .تاياقتىن كىيىن مەن مائارىپ ئۈستىدە مۇنداق يەكۈن چىقاردىم .مائارىپ ساۋاتسىزنى ساۋاتلىق قىلىش ،ئەڭ مۇھىمى ئادەمنى ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ،ئىمكانىيەت يارىتىپ،ئادەمنى ئادەم ئورنىدا كۆرەلەيدىغان ،ئەڭ مۇھىمى ،ئادەم خاسلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ  بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەككەن .ئۇنداق بولمايدىكەن ،ئادەملەر ھايۋانلارغا ئايلىنىپ ،بىر-بىرنى رەھىمسىزلەرچە يىيىشتىن ،شۈلۈۋىلىشتىن ،ئەڭ مۇھىمى ،ئادەمنىڭ باراۋەرلىك ئىچىدە تەرەققىيات ئىمكانىيىىتگە ئىگە بولىدىغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قالىدىكەن-دە،ئۇزۇن چاپان بىلەن قىسقا چاپان ئالماشقانغا ئوخشاشلا ،كونا شەيئى يىڭى شەيئىگە ئورۇن بېرپ ،ئاستا-ئاستا مەۋجۈتلىقىنى يوقىتىدىكەن . 4ibOVBG:*,  
r(j:C%?}C  
-رەھمەت ،ھېلىقى دۇكاندىكى كىچىك بالىنى دەيمەن ،ھاراققا سۇ قۇيۇشنى ئۆگىنىش –ئۇنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بولۇپ قالغىنىنى دەيمىنا ؟ھە راست ،سىز نىمە ئۈچۈن كىچىك بالىلارغا شۇنچە ئامراق ؟ MFeY}_d<  
$+|. @ss  
-كىچىك بالىلار بىغۇبار،ساددا .ئۇلاردا نە نەسەب ئۇقۇمى ،نە دۆلەت ،مىللەت ئۇقۇمى بولمايدۇ .ئۇلارغا قانداق تەربىيە ئىشلەش مەلۇم قەۋمنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى بەلگىلەيدۇ .ھېلىقى بالىغا مېنىڭ ئىچىم ئاغرىغان .قارىمامسىز ؟كىچىك بىر بالىغا يالغانچىلىق ،ئالدامچىلىق ،ھالال –ھارامنى ئارىلاشتۇرۋىتىشنى شەخسىي مەنپەئەتىمىز ئۈچۈنلا ،چوڭلار ئۆگەتتۇق شۇنداق بىر سۆز بارغۇ ؟نوتا يىلتىزدىن پۈتىدۇ دەيدىغان .يىلتىزىمىزغا دائىم قۇۋلۇق –شۇملۇق ئۇرۇقىنى چېچىپ ،ئۇنى ئەقىل نۇرى دەپ تەشەببۇس قىلساق ،ھەي بولدىلا،بالىلارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولاركىنتاڭ؟.. X'{ o/U.  
.;F%k,!v  
-رەھمەت.سىزنىڭچە كۇڭ يىجىلار بارلىققا كىلەرمۇ ؟ NY?pvb  
0SR[)ma  
-ھەي بىر نىمە دىمەك تەس .ئادەمنىڭ ئېڭى ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ .ئەگەر ،ئاڭدا خاتالىق بولسا ،بىر ئەمەس مىڭلاپ كۇڭ يىجىلار چىقىشى مۇمكىن .بۇ سۇئالنى سورىغىمدىن ئۆزۈممۇ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم .ھەم سەل ئۈمىتسىزلەندىم .مەيلى ئەمەسمۇ ؟ئۇ فىئوداللىق جەمئىيەتتە ياشىغان كۇڭ يىجى تۇرسا ،ئۇ نىمىنى بىلەتتى ؟خۇلاسەمدىن ئۆزەممۇ چۆچۈپ كەتتىم .مەنمۇ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي ..مەن ئۆزەممۇ كۇ يىجىمۇ –يا ،خىيالىمدىن ئويغاندىم .ئەتراپىدا مائارىپ -تەرەققىيات ،رىئاللىق –قانۇنىيەت ،ئادىمىيلىك دىگەن سۆزلەردىن گىرەلەشكەن نۇرغۇن لوزۇنكىلار ئېسىقلىق تۇراتتى .بەزىلىرى ،ئۆز –ئارا قول تۇتۇشقان ،بەزىلىرى تەتۈر قاراشقان ،يەنە بەزىلىرى ئارلىقلىرىغا چىگرا تاملىرىنى سوقۇۋالغانىدى ... qnFg7X >C,  

ماھى 2011-10-08 11:25
ئاپىرىن سىزگە،ئۇزچاق مۇئەللىم!سىزدىكى پىكىر چوڭقۇرلۇقى،ئىپادىلەش ماھارىتى،بەدىئىي دىت...قاتارلىقلارغا كۆز XVF!l>nE  
تەگمىسۇن. YZAQt* x  
داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇڭ.ئەدەبىياتىمىز سىزدەك ھارماس،تىرىشچان باغۋەنلەر بىلەن ئۆز قۇدرىتىنى تېخىمۇ _FU}IfG>t  
نامايەن قىلالايدۇ.رەھمەت سىزگە.

ablat0997 2011-10-08 12:37
<<سۆھبەت>>ىڭىز ئاجايىپ  ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەن ، ھارمىغايسىز ...

tawpek 2011-10-08 12:56
كۇڭ يىجىنى كۆۋرۆك قىلىپ ئۆتمۆشنى بۈگۈنگە باغلاپسىز، بۇ مۇشۇ ئەسەرنى ئۆتكەندە ئۈنىمى ناھايتى ياخشى بولغان بىر ئوقوشلۇق بوپتۇ.  ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالى بىلەن تەمىن ئىتىپسىز. `4e| I.`^r  
@vL0gzE?nB  
|WNI[49  
بۇ ئەسىرىڭىز ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارغا بۇ دەرىسنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ يوللىرى تىخىمۇ قىسقىرىغاندەك. Od~ e*gA8  
><$V:nsEO  
"Xl"H/3r  
بۇ ئەسىرىڭىز يەنە كۈچلۈك ھىكمەتلەرگە تويونوپتۇ. Y/LS(b*  
@1q dnU  
;kZJnN"y  
ئادەم كۆز بىلەن كۆرگەن ،قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان نەرسىگە سەل قارىماسلىقى كېرەككەن .ئۇ نەرسىلەر روھقا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىپ ،بىر ئادەمنىڭ روھى –ئىدىيىسىنى ئىگەللەيدىكەن :GFK |  
o=PW)37>  
mR|']^!SE  
،مەن قاتتىق ئۇرۇلدۇم ،ئۇ تاياق ئەمەلىيەتتە يۇشۇرۇن مەنىگە ئىگە تاياق .ئەگەر مەن قاتتىق ئۇرۇلمىغان بولسام ،جەمئىيەت ۋە مائارىپ ئۈستىدە ئەزەلدىن ئويلىمىغان بولاتتىم .ئۇ تاياق شۇنداق تەگدىكى ،،قوۋۇرغىلىرىمنى تىتما - تىتما قىلىپ ،مۇسكۇللىرىمنى سۆڭىكىمدىن ئايرىدى .مەن شۇ تاياق بولغانلىقى ئۈچۈنلا،كونا بىلەن يىڭىنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىدىم

ozqan 2011-10-09 11:03
   پېرسوناژ بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇپ دەرس ئۆتۈشتە  بەكمۇ ئۈنۈملۈك ماتىريالكەن بۇ ، باشقا دەرسلەرنى ئۆتكەندىمۇ قوللانساق ياخشى بولغۇدەك . %`s1 Ocvp  
                 مۇنبەرنىڭ پايدىسى بىلەن  ئۇزچاقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىلا ئەمەس ، تېخىمۇ كۆپ  ئوقۇغۇچىلار بۇ  خىل ئۇسۇلنىڭ پايدىسىنى كۆرسە نېمە دېگەن ياخشى . aU$8 0  
ئۇزچاق ، ھارمىغايسىز . تەتقىقات ئېڭى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىكەنسىز .

tawpek 2011-10-09 13:04
ئۇزچاق بۇ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ باشقا پىرسۇناژلار بىلەنمۇ سۆھبەتلىشىپ باقسا بولغۇدەك. +S1h~@c:B  
*8/cd0  
ئۇزچاق يىتىشىپ بولالمىسا بۇلاردىن ئۆرنەك ئىلىپ مۇنبەردىكى قەلەم ئىگىللىرىمۇ ئىجادىيەت تۇلپارىنى بۇ مەنزىللەرگە چاپتۇرۇپ باقسا بولغۇدەك.

abdumijit 2011-10-13 12:38
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.

قاراخان 2014-03-01 17:21
ھەققەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، سىزگە قايىل بولدۇم، «كۇڭ يىجى» دېگەن ئەسەرنى ئۆتكەندە پايدىلانساق بەك ياخشى ماتىرىيال بولغىدەك، يېقىندىن بېرى بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭزمۇ ئەسەر يوللىماس بولىۋالدىڭىز، پات-پات ئەسەرلىرىڭىزدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن.

ئەكبەرنىياز 2014-03-01 21:46
تەۋپىق ئەپەندىم توغرا دەيدۇ ، باشقا پىرسوناژلار بىلەنمۇ سۆھبەتلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك !!!

گۈلنىھال 2014-03-01 21:54
‏‏ئۇزچاق مۇئەللىمنىۇ بۇ ئەسىرى ھەقىقەتەن كاتتا چىقىپتۇ ، دەرسلىكتە پايدىلانساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ  ، مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز . !6J+#  
‏رەھمەت !!!

uzqak 2014-03-01 23:26
مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئىلھامبەخىش ئىنكاسلىرىدىن تەسىرلەندىم ... يازماقچى ئىدىم ....پات ئارىدا چوقۇم يوللايمەن....


查看完整版本: [-- كۇڭ يىجى بىلەن سوھپەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled