ئىككى مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە
ئۇيغۇر تىلى تەكرارى جەريانىدا ئىككى مەسىلىنى بالىلار تالاش - تارتىش قىلدى ، كۆپچىلىككە مۇراجەت قىلدىم : 1. « قۇياش ئولتۇردى » ، «كۈن پاتتى » ، « قۇياش چىقتى » ، قۇياش كۆتۈرۈلدى » دېگەن جۈملىلەردىكى « ئولتۇردى ، پاتتى ، چىقتى ، كۆتۈرۈلدى » دېگەن سۆزلەر كۆچمە مەنىدە كەلگەن دېگەن ھۆكۈم توغرىمۇ ؟ 2. «بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يامىشىۋاتقىنىڭدا ، ئالدىڭغا قورقۇنچلۇق تاشلار چۈشۈپ تۇرىدۇ » دېگەن جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىمۇ ياكى « بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يامىشىۋاتقىنىڭدا » دېگەن بىرىكمە خەۋەرنىڭ ۋاقىت ھالىتى بولۇپ ، بۇ جۈملىنى ئاددى جۈملە دەپ ئايرىمدۇق ؟ |