«دىكى ، تىكى » ، «نېمە » لەر ھەققىدە مۇنازىرە
ئومۇمىي تەكرار جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت مۇنداق ئىككى مەسىلىگە قارىتا ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى : sh
!~T 1. « مەھەللىدىكى ئېرىق » دېگەن بىرىكمە بېقىندى باغلىنىشنىڭ ياندىشىش مۇناسىۋىتىمۇ ياكى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىمۇ ؟ fsrg2:kQ مەن ئومۇمىلاشتۇرغاندا « - دىكى ، - تىكى » قوشۇمچىلىرىنى كېلىش قوشۇمچىسى دەپ قېلىپلاشتۇرمىغان ئەھۋالدا تۇرۇپ ، بۇنى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتى دەپ ئايرىمايمىز ، يەنىلا ياندىشىش مۇناسىۋىتى دەپ ئايرىيلى . 20/P M9 /m
Q2;*| 2. « نېمىشقا » دېگەن سۆزنى مورفىمىلارغا ئاجراتساق : نېمە + ئىش + قا = نېمىشقا بولىدۇ دېگەن قاراش . بۇ سۆزنى دەرسخانىدا مۇشۇ خىل ئايرىش توغرا دەپ ھۆكۈم قىلىپ چىقتىم . ئەمما ئويلىنىپ قېلىپ كەسىپداشلارغا مۇراجەت قىلىپ بىرلىككە كېلىشنى لايىق كۆرۈپ مۇنبەرگە يوللىدىم . ياردەملەشسەڭلەر دېگەن ئۈمىدتىمەن . kj{rk^x « نېمە » دېگەن سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى « نە » سۆزىگە « -مە » قوشۇمچىسى (تۈرلىگۈچى قوشۇمچە ) قوشۇلۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن دەپ تەكشۈرۈش توغرىمۇ ؟ |