maxal |
2011-10-04 19:27 |
مەشھۇر شەخىسلەر مۇنداق دەيدۇ...
مەشھۇر شەخسلەر مۇنداق دەيدۇ
ھاياتلىق نەپەس ئېلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بەلكى ھەرىكەت قىلىش دېمەكتۇر . — رۇسسۇ ئىككى توشقاننى قوغلىغان كىشى ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. — دوستويۇۋىسكېي ھاياتلىق — تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئويۇش ئۈچۈن بەرگەن گۆھىرى . — نوبېل ھاياتلىق بىر مۈشكۈل ھەم خەتەرلىك جىلغىغا ئوخشايدۇ ، بۇ جىلغىدىن قورقماس كىشىلەرلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. — مىچىلپان
ھاياتلىق — مەسەلگە ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا ئەمەس، بەلكى مەزمۇنىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. — سېنىكا ئەگەر بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىڭىز، چوقۇم شۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ تاماملاڭ. — فېرناندىس نىشان بولمىسا قىزغىن كەيپىيات بولمايدۇ. — چېرنىشىۋىسكىي ئىنسان ئازادە مۇھىتتا ھەرىكەت قىلمىغاندا روھىي دۇنياسى ھۇزۇرلىنىشنى ھېس قىلمايدۇ ، ئىنسان ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم قويغاندىلا كۆپ مۇۋەپپەققىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ. — شىللېر ئۆزىڭىزنىڭ بۇ دۇنيادا ئارتۇق زىننەت بۇيۇمىغا ئوخشايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغاندا ناھايىتى خىجىل بولىسىز، ئەمما ھايات مەنزىلىدە نىشانسىز ياشاش بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. — چېخوپ ئەقىل-پاراسەت تىرىشچانلىقتىن، تالانت جۇغلاشتىن بارلىققا كېلىدۇ. — خۇا لوگېڭ قىزىقىشتىن تىرىشچانلىق، تىرىشچانلىقتىن تالانت بارلىققا كېلىدۇ. — گومورۇ روھنىڭ ئۇرغىشى ، تەسەۋۋۇرنىڭ جانلىنىشى، زېھنىي ئۆتكۈرلۈك بىلەن باشلانغان تىرىشچانلىق — تالانت دېمەكتۇر. — دىدېروت ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشىدۇ. — ئېزوف تەلەيلىكلەر ئېھتىياجلىق گۈزەل ئەخلاق سەۋر قىلىشتۇر، تەلەيسىزلەر ئېھتىياجلىق گۈزەل ئەخلاق چىداملىق بولۇشتۇر، كەينىدىكىسى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. — باكون سەمىمىيلىك ۋە تىرىشچانلىقلا سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ. — فرانكىلىن ئەگەر بىر ئادەم ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. — مۇپاسسان كىشىلىك ھايات يولىدىمۇ تىكەن بار، ئەمما مۇۋەپپەققىيەت قازانغۇچىلار ئۈمىد نۇرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى يۇرۇتىدۇ، چىدامچانلىقى، غەيرەت-شىجائىتى بىلەن ئاشۇ تىكەنلەرنى پاك-پاكىز كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. — ماۋ دۈن ھەمىشە كىشىلەردىن قۇسۇر، ئەيىب ئىزدەيدىغانلار قانائەت ھېس قىلمايدۇ، ئۇلار مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ. — لافونتاين ئادەم ھامان ئۆلىدۇ، بەزى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ، بەزى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ. — سىماچيەن جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئەمەلىيەتتە قانچە قىسقا ۋە خەتەرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا مەنىلىك بولىدۇ. —ئېينىشتېيېن |
|