查看完整版本: [-- چىرايىڭىزغا مەسئۇل بولۇڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> چىرايىڭىزغا مەسئۇل بولۇڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2011-09-24 23:28

چىرايىڭىزغا مەسئۇل بولۇڭ

تەقىدىرى ئىگىز-پەس بولغان ئاياللاردىن گۈزەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئېھتىمال رەھىمسىزلىكتۇر، لېكىن مېنىڭچە بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان گۈزەللىك گۈزەل كۆرىنىدىغان نەرسىلەردىن باشقىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەپسۇسلىنىدىغان نەپرەتلىنىدىغان ئىشلار ھىسسىياتىمىزغا تەسىر قىلىپلا قالماي روھىمىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. چىراي بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۇچۇرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا لىنكولىننىڭ مەسلىھەتچىسى لىنكولىنغا بىر كىشىنى ئىچكى ئىشلار كابىنتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تونۇشتۇرغاندا لىنكولىن ئۇنى رەت قىلغان، مەسلىھەتچى ئۇنىڭدىن رەت قىلىىش سەۋەبىى سورىغاندا ئۇ ئۇدۇللا:- مەن ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى ياقتۇرمىدىم ،دىگەن.
لېكىن ئۇ ئادەم ئۆز چىرايىغا مەسئۇل بولىشى كېرەكمۇ؟
ھەربىر ئادەم 40ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا ئۆز چىرايىغا مەسئۇل بولىشى  كېرەك.
چىرايىمىز يۈرىكىمىزنىڭ ، پەزىلىتىمىزنىڭ ئىزناسى، ئىچكى ھسسىىياتىمىزنىڭ، ھايات سەزگۈزەشتىمىزنىڭ سىموۋۇلى ۋە ئىپادىسى، ئۇ يوشۇرغىلى بولمايدىغان بىر خىل ئىچكى ھسسىيات. مېنىڭچە تەجرىبە ۋە سەزگۈرەشتە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئىش، سەزگۇرەشتىنى يوق قىلغىلى بولمايدۇ،بىراق سەزگۇرەشتىنىڭ ئىچكى ھىسسىياتقا، تەجرىبىگە ئايلىنىشى ئوخشىمايدۇ. مەسلەن ئۇلۇغ قەھرىمان گەندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىبى ئانناننىڭ تەقدىرى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ھەمىشە شۇنداق ياخشى.
بىزدەك ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن بالا-قازا ھەمىشە بىزنى ئوراپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىشىمىز خالاس، لېكىن بۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھاياتىمىزدا باسقۇچ خاراكتىرلىق بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، بالا-قازا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان تىركىشىشنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ، كۆڭۈلدىن ئىبارەت بۇ<< ئارامگاھ>>قا پاكىز مۇھىت قالدۇرىشىمىز كېرەك.شۇڭا ئادەم چىرايىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك.بەزى ئىشلارنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كېتىمىز، مەسلەن ئىمتىھاندىكى مەزمۇنلارنى...
بەزى ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ بىزدىن يىراقلاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇ خۇددى ھازىر بولغاندەكلا بىزدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ئىگىلىشى، ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىك مۇغەمبەرلىك ئىگىلىمەسلىكى كېرەك..
ياش ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ قېرىغان ۋاقتىمىزدىكى تەمكىن ۋە مېھرىبان ھالىتىمىزنى قىياس قىلىپ بېقىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا مەلۇم جەريان كېتىدۇ، لېكىن شۇ جەريان بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز بولىشى كېرەك،ئەمىلىيەتتە ئاددىيلىق بولسا بىر خىل ئازادىلىك؛ چوڭقۇرلۇق بولسا بىر خىل ساددىلىق؛ ماسلىشىشچانلىق بولسا بىر خىل پاسىل؛تەپەككۈر بولسا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ چۈشۈنىش نۇقتىسى.
مەنبە: ئەلكۈيى تورى

ozqan 2011-09-25 11:33
  راست ، بىر ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ ئۇ ئادەمنىڭ مىجەز-خاركتىرىنى ھەتتا سەرگۈزەشتىرلىرىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدۇ ، باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازادىلىك بېغىشلاش ئۈچۈن بولسىمۇ «چىرايىمىزغا مەسئۇل بولايلى »

ماھى 2011-09-25 11:49
سىز راستىنلا بەك مەسئۇلىيەتچان ئىكەنسىز.ئۆزقان مۇئەللىم.ئالدىراش ۋاقتىڭىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ،ھەممە
تېمىلارنى كۆرۈپ ،لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ،تېما يوللىغانلارنى ھەم تەربىيىلەپ،ھەم ئىلھاملاندۇرۇپ،ياخشى
يېتەكچىلىك قىلىۋاتىسىز.
بىز سىزنىڭ بۇ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى كۆپرەك ئۆگەنسەك بولغىدەك.
رەھمەت ئەجرىڭىزگە.

ozqan 2011-09-25 21:36
  ئاق گۈل ،  مېنىمۇ ئىلھاملاندۇرغانلىقىڭىزغا رەخمەت ، مەن تەتىل كۈنلەردىن بۇيانلا سىزگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن ، مۇنبەردە تەتىل بويى نۆۋەتچىلىك قىلغاندەك ئىشلىدىڭىز  ، سىزنىڭ ئىزچىللىقىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن  ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نۇرغۇن ئىنكاس ۋە تېمىلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزاسىغا ئايلاندىڭىز ، بىرلىكتە تىرىشايلى ..

ماھى 2011-09-25 22:44
بىرلىكتە تىرىشايلى.

دىلخۇش 2013-05-26 19:59
نەتىجە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!!سىلەرگە ئۇخشاش تىرىشچان باغۋەنلەر بولغاچقا مۇنبىرىمىز شۇنچە رەڭدار ۋە جەلىپكار!!

xahdiyar 2013-06-02 16:20
راست دەيدۇ، ئوبدان تېمىكەن!

نىشان 2013-06-19 21:24
بەك ياخشى تىمىكەن  بەك ياخشى نەرسىلەر  باركەن،  بۇ  <<تەۋپىق>> تور بىتىگە  بالدۇر كەلمىگەنلىكىمگە ئىسىت.....  ئىسىت ......

adila520 2013-08-27 11:25
          

ئوتلۇق12 2013-12-16 21:46
بىر ئادەمنىڭ چىراي ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولىشى بەزى چاغلاردا مۇۋەپپىقىيەتنىڭ باشلىنىشى بولۇپمۇ قالىدۇ. شۇڭا چوقۇم چىرايىمىزغا مەسئۇل بولىشىمىز كېرەك.

مىېھرىما 2013-12-17 21:02
شۇنداق قىلايلى بولۇپمۇ بىز ئاياللا چىرايىمىزغا تېىمۇ مەسئۇل بولشىمىز كېرەككەن

گۈلنىھال 2013-12-23 18:25
چىرايىمىز يۈرىكىمىزنىڭ ، پەزىلىتىمىزنىڭ ئىزناسى، ئىچكى ھسسىىياتىمىزنىڭ، ھايات سەزگۈزەشتىمىزنىڭ سىموۋۇلى ۋە ئىپادىسى، ......بۇ راسلا بەك توغرا گەپ جۇمۇ ..... ماڭا بەك ياقتى ،،،،

گۈلنىھال 2013-12-23 18:42
بىزدەك ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن بالا-قازا ھەمىشە بىزنى ئوراپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىشىمىز خالاس، لېكىن بۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھاياتىمىزدا باسقۇچ خاراكتىرلىق بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇپ، بالا-قازا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان تىركىشىشنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ، كۆڭۈلدىن ئىبارەت بۇ<< ئارامگاھ>>قا پاكىز مۇھىت قالدۇرىشىمىز كېرەك.شۇڭا ئادەم چىرايىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك.بەزى ئىشلارنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كېتىمىز، مەسلەن ئىمتىھاندىكى مەزمۇنلارنى...
بەزى ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ بىزدىن يىراقلاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇ خۇددى ھازىر بولغاندەكلا بىزدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق ئىگىلىشى، ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىك مۇغەمبەرلىك ئىگىلىمەسلىكى كېرەك.. بۇ ئابزاسلار ئادەمنى راسلا ئويلاندۇردۇ

گۈلنىھال 2013-12-23 18:44
adila520:[ئىپادە]  [ئىپادە]  [ئىپادە]  [ئىپادە]  [ئىپادە]  [ئىپادە] (2013-08-27 11:25) 

بولۇپمۇ بىز ئاياللار بەكرەك مەسئۇل بولشىمىز كېرك ھە !

نۇرسىمانگۇل 2014-01-27 14:09
سىلەرگە ئۇخشاش تىرىشچان باغۋەنلەر بولغاچقا مۇنبىرىمىز شۇنچە رەڭدار ۋە جەلىپكار!

سەئىدىيە 2014-01-27 23:02
ئاددىيلىق بولسا بىر خىل ئازادىلىك؛ چوڭقۇرلۇق بولسا بىر خىل ساددىلىق؛ ماسلىشىشچانلىق بولسا بىر خىل پاسىل؛تەپەككۈر بولسا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ چۈشۈنىش نۇقتىسى.

   شۇنداق ، تەپەككۇر دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل گۈلدۇر.  بىز باشقىلارنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەندىلا ،  ئاندىن باشقىلار بىزنى چۈشىنىدۇ . باشقىلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بىزنى چۈشىنىشى ئۈچۈن چىرايىمىزغا مەسئۇل بولىشىمىز لازىم .



سەئىدىيە 2014-01-27 23:03
ياخشى تىما ئىكەن  . رەھمەت .

گۇلچى 2014-02-18 11:16
          

ھاتەھاتەم 2014-04-15 12:11
بىر ئادەمنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇ ئادەمنىڭ دۇنيا قارشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.مەلۇم ئىشلەرغا تۇتقان پوزۇتسىيىسى چىرايدا روشەن ئىپادلىنىپ تۇرۇدۇ.دائىم تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارايدىغان ئادەتنى يىتىلدۇرۇشىمىز كېرەككەن.

رەيھان 2014-04-21 16:32
              

ئەكبەرنىياز 2014-04-29 23:05
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

گۇزەل28 2014-05-22 19:56
  باشقىلا مىنىڭ چىرايىمغا قاراپ اچىقشان كەن دەپ قالىدۇ....

نۇرلالە 2014-05-23 16:53
ياخشى تېمىلار ئۈزۈلمىسۇن.


查看完整版本: [-- چىرايىڭىزغا مەسئۇل بولۇڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled