ئوقۇغۇچىلارغا سۇئال لايىھىلىتىش ئۇسۇلىمۇ خېلى ياخشى ئۆگىنىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل . دەرستىن كېيىن ئوقۇغۇچىلرغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەلۇم بۆلىكىگە ئائىت سۇئال لايىھىلەشنى ۋە جاۋاب يېزىشنى تاپشۇرىمەن . لايىھىلەپ كېلىنگەن سۇئاللاردىن بىر قەدەر ياخشى چىققانلىرىنى ئايرىپ سىنىپتا ئومۇمىيلاشتۇرىمەن .بۇنداق سۇئاللار كۆپەيگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئال چىقىرىش ۋە جاۋاب بېرىش ئىقتىدارى ئېشىپ ماڭىدۇ .بۇ سۇئاللارنى سەر خىل تەكرار ماتېرىياللىرى قاتارىدا پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ ، بۇنىڭدا ھەم زېھىن تىجەيسىز ھەم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش پۈرسىتى يارىتىپ بېرىسىز . |