ozqan |
2011-09-24 17:30 |
ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر تىلى ئۆتۈپ ، قالغان كۈنى ئەدەبىيات ئۆتكەن ۋاقىتتا ئالدىن ئۆتۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنى دەرسلەرگە باغلاپ پۇختىلاپ ماڭساق ياخشى بولارمىكىن . ئەگەر ھەپتىدە بىر سائەت ئۆتۈشكە پۇرسەت بولمىسا ئىككى ھەپتىدە بىر سائەت ئۆتسەكمۇ بولىدۇ . ئشىقىلىپ دەرستىن كېيىن ئۆتكەندىن ئاۋال ئۆتۈپ ، ئەدەبىيات ئۆتكەندە ئۆتۈلگەن ئاشۇ ئۇيغۇر تىلى مەزمۇننى پۇختىلاپ تىل بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقىي بىرلىكى جەريانىدا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش بەك مۇھىم . ئۇيغۇر تىلى ئۆتۈشتىكى يەنە بىر خىل ئۇسۇل ھەر بىر كىتابنى ئۆتۈشتىن ئىلگىرى كالىندارلىق سۈرئەت پىلانىنى ئەستايىدىل ھالدا تۈزۈپ ، شۇ كىتابتا ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۇيغۇر تىلى بىلىمىنى ھەر سائەتلىك ئەدەبىيات دەرسىگە چېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھەر سائەتكە باغلاپ ئۆتۈشمۇ خېلى ياخشى ئۇسۇل . |
|