nazperwer |
2011-09-16 10:48 |
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ۋە پىسخىكا ساغلاملىق
-ئەسىردە،پىسخىكا ساغلاملىق كىشىلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.خەلقارادا 20-ئەسىرنى ئىقدىساد ۋە پەن-تېخنىكا تەڭ تەرەققىي قىلغان ‹‹ماددىي مەدەنىيەتلىك ئەسىر››دەپ ئاتىغان بولسا،21-ئەسىرنى ئۇچۇر ۋە ھاياتلىق يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ‹‹مەنىۋىي مەدەنىيەتلىك ئەسىر›› دەپ ئاتىدى.
ئەسىر ھالقىغان دەۋردە،كەلگۈسى ئىقدىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقىرى بولغان پىسخىك ساپانى ھازىرلىشى ۋە نورمال پىسخىك ساپاغا ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى.چۈنكى ئوقۇتقۇچىلاردكى بۇ خىل ساپا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ،تەدرىجى ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا بىر لاياقەتلىك خەلق ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم نورمال بولغان پىسخىك ساپانى ھازىرلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ئوقۇتۇش پائالىيىتى — ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئورتاق قاتنىشىدىغان پائالىيەت جەريانى بولۇپ،ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ .پىسخىك ساپاسى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزى،ھەركىتى ،كەيپىياتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە ئاكتىپ پوزىتسيەدە بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلالايدۇ.ئوقۇغۇچىىلار مۇشۇنداق پىسخىكىسى ساغلام ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا،ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانىنى توغرا بەلگىلەپ ،ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلىدۇ،ئوقۇتقۇچىىنى ھۆرمەتلەيدۇ،ئوقۇتقۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا،بىر خىل ئادىل،دېمىگىراتىك،ئىناق بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە دەرسخانا مۇھىتى ھازىرلىنىدۇ.دەل مۇشۇنداق ئوقۇتۇش مۇھىتى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارغا خوشاللىق بېغىشلاپ،ئۇلارنى ئەركىن-ئازادە،قىزغىن بولغان ئوقۇتۇش ۋە ئۆگۈنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىراق رىئال تۇرمۇشىمىزدا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدا يەنىلا بىر قاتار ئوبېكتىپ مەسىلىلەر مەۋجۇد .ئوقۇتقۇچىنىڭ پىسخىكىسىدىكى بۇ نورمالسىزلىقلار،ئوقۇتۇش جەريانىغا نۇرغۇنلىغان مۇرەسسە قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بومۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالماقتا.دائىم كۆرلىدىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدىكى توقۇنۇشلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق ،بۇ خىل توقۇنۇشلار ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى جازالىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قەلب جاراھىتى بولماستىن بەلكى،ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسخانانىدا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا، ئوقۇتقۇچى بىلەن تاكاللىشىشى،قارشىلىق كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىىكى بۇنداق ابىر قىسىم مەسىلىلەر بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
بەزى مۇتەخەسىسىلەر،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى مۇنداق توسالغۇلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان. بىرىنچىدىن ،ئوقۇتقۇچىنىڭ زىممىسىدىكى خىزمەت بېسىمى ، مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ۋە بىرقەدەر تۆۋەن مائاش تەقسىماتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوقۇتقۇچىنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلغان .ئىككىنچىدىن،جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ ، دەپ قارىغان.
كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئىنتايىن مول كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىغا،يۇقۇرى ئەخلاق ساپاغا ئىگە بولۇسى كېرەك.مۇشۇنداق قاراش ، ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆز كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىنىڭ ئاشكارىلىنپ قېلىشى سەۋەبىدىن ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان پاسسىپ قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان.بۇ خىل قاراش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلالمايدىغان پاسسىپ ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇڭا مەكتەپلەردە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى ئېچىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاۋۋال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ،كۆكسى-قارنى كەڭ،ئاكتىپ ، توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە روھى ساغلام ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.ھەمدە،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە ئوقۇتقۇچىمۇ بىر ئاددى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىلىك-نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالمايدىغان، ئاكتىپ قاراشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەپ،تەپەككۇرىدىكى قاتماللىقنى تۈگىتىپ،ئاددىي بىر ئىنسانىي يۈرەك بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلىشىپ،ئۆزلىرىدىكى بىنورمال كەيپىياتنى يېڭىشقا تىرىشىشى كېرەك.كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆز پىسخىكىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ،مۇۋاپىق پىسخىكىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى بېسىملارنى تەڭشەپ تۇرىشى كېرەك. شۇندق قىلغاندىلا ئاندىن پىسخىك ساپاسى نورمال ،ھەرقانداق شارائىتقا ماسلىشالايدىغان،جەمئىيەتتىكى كەسكىن رىقابەتكە،شاللاش-شاللىنىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان،ھەقىقىي ساغلام كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.
شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ مائارىپتىكى رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.
|
|