查看完整版本: [-- ئوقوتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> ئوقوتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2011-09-10 15:30

ئوقوتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك

تور بىكىتىمىز مائارىپ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن تور بىكەت بولوش سۈپىتى بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى ئوقوتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.

ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.

بۇ ئاددى تەبرىك سۆزىدىن باشقا ھىچقانداق بىر پائالىيەت تەشكىللىيەلمىگەن بولساقمۇ ، بايرىمىمىز  مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ جانلىق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئىزدىنىشچان، كەسىپكە پىششىق، مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلىغان مۇئەللىمە ئۆزقان مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى قوبول قىلدى.

مۇشۇنداق بىر ئۇستازنىڭ تەۋپىق تورىدىكىلەرگە باش بولىشى ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ۋە ئەڭ كاتتا بايراملىق سوۋغا دەپ قارايمەن.

سابىق باشقۇرغۇچى لەيلى ئۇزۇن مۇددەت مۇنبەرگە كىرەلمىگەچ باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەر ئەھلىنىڭ ۋاقىپلىنىپ قىلىشىنى ۋە قوللاپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە مۇنبەر ئەھلىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيتىنى ۋە رولىنى ئۇنۇتمىغان ئاساستا مائارىپىمىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلىشىش، ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ۋەزىپە ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
[/]

koksangun 2011-09-10 19:26
بارلىق ئۇستازلارنىڭ ، مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن .سالامەتلىك يار بولسۇن ، تۇرمۇشۇڭلار كۆڭۈللۈك ، بەخت يار بولسۇن . ھارغىنلىقتىن قىزارغان كۆزلىرىڭلار ئۈمىد نۇرلىرى بىلەن بىزەلسۇن .
ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز ئۆزقاننىڭ تەۋپىقتە باشقۇرغۇچى بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ، تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن .

arkzat 2011-09-10 22:00
  ئوقۇتقۇچىلار-ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ بۈيۈك زات! ئۇلارنىڭ بۈيۈكلىكى-ئىنسانىيەت ۋۇجۇدىنى  ئەقىل-پاراسەت نۇرلىرى بىلەن قايتا  يورۇتالىغانلىقىدا.
    بارلىق ئۇستازلارنىڭ قۇتلۇق كۈنى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكەي!

ozqan 2011-09-11 01:08
               تەۋپىق ، كۆكسانغۇن ۋە مۇنبەردىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى كەسىپداشلار : ئالدى بىلەن  كېچىكىپ بولسىمۇ  ھەممەڭلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،
ھەمدە مۇبارەك تېنىڭلارغا سالامەتلىك  ، مائارىپ ئۈچۈن كۆيگەن يۈرۈكۈڭلارغا  ئوتتەك قىزغىلىق تىلەيمەن ، ھەممىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن  جان كۆيدۈرىدىغان ئەزىز تېنى سالامەت ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن سوقىدىغان يۈرىكى  ھەر قاچان تەۋپىق روھىغا باي بولغاي ، ھارمىغايسىلەر ...
             تەۋپىق ئىنىم ،ماڭا  بەرگەن باھايىڭىز مېنى خىجىل قىلىپ قويدى ، مېنىڭ ھازىرچە دېيەلەيدىغىنىم  ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلارغا   ۋە  مېنى  شۇنداق شەرەپلىك بىر نامغا  نائىل قىلغانلىقىڭلارغا  تەشەككۈرۈمنى  بىلدۈرۈش  ...  مەندىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىڭىزنى ئاقلاشقا   ،  ۋە مۇنبەر ئەھلىنىڭ خىزمىتىنى بەجاندىل قىلىشقا تىرىشىمەن .

      كۆكسانغۇن : بۇ  مۇنبەردە بىرەرىنى   «ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز » دەپ ئاتاشقا توغرا كەلسە ،  نادىر يوللانمىلىرىڭىز ، گۈزەل لىرىكىلىرىڭىز ، بىرگە ماھىر كۆپكە قادىرلىقىڭىز ، ئەڭ مۇھىمى مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۈزۈلدۈرمەي تۆھپە قوشۇش روھىڭىز بىلەن بۇ  نامغا ئەڭ مۇناسىپ كېلدىغان كىشى  ئەلبەتتە  سىز . مېنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىشمدا سىزنىڭ ۋە تەۋپىقنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئېلىكتىرونلىششى ۋە  ئىلغارلىششى ئۈچۈن قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىڭلار  تۈرتكىلىك رول ئوينىدى .  
 
          تەۋپىق  ئىنىم ، سىز باشلىغان بۇ خەيرلىك ئىش ھەممىمىزنىڭ قوللاش قۇۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ، سىز ئۇل سالغان بۇ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇنغا قالماي ھېس قىلىدۇ  ، ھازىرغا كەلگۈچە باسقان قەدىمىڭلاردا مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان نۇرغۇن پىشقان ، تەجىربىلىك ، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلار مۇنبەر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەپتۇ ، ھەم قوشۇۋاتىدۇ ،مەن ئۇلارنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىدىن تولىمۇ كۆپ بەھىرلەندىم ، شۇ  مۇناسۋەت بىلەن ئۇلارغا كۆپتىن -كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن . ھەم شۇ ئەجىرلەرگە جاۋاب قايتۇرشنى ئويلايمەن .  ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى سەل-پەل يەڭگىللىتەلىسەك  ، بالىلىرىمىزنىڭ  دەرسخانىسىنى  سەل-پەل جانلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشالىساق ، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ  ئىلىكتىرونلىشىش قەدىمىنى ئازراق بولسىمۇ تېزلىتەلىسەك  ...  مۇشۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئاز نەتىجە ئەمەس . سىز ۋە سىزنى مەركەز قىلغان بارلىق تەۋپىق ئەھلىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ئەنە شۇ نەتىجىلەر ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىشىمىزنى  ئۈمىد قىلىمەن  . ئاخىرىدا مۇنبەر  ئەھلىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .  تەن ساق بولغاندىلا ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن داغدام يۈرەلەيمىز ..

tawpek 2011-09-12 22:25
ئەرىكزات قۇمانداننىڭ چىرايلىق كىرىپ بايرىمىمىزنى قۇتلۇقلاپ بەرگىنىدىن كۆپ خۇرسەنمەن.

چۈشىنىشمەسلىك بىر يول، بىر نىشاندىكى كىشىلەرنىمۇ يىقىن يولاتماي بىھۇدە ئاۋارچىلىقلارنى ، دىل ئازارلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كىرىپ تۇرۇڭ، كۆرسەتمىللىرىڭىزنى سەل سىلىقلاشتۇرۇپ بىرىپ تۇرۇڭ.

ablat0997 2011-09-16 15:24
ناھايىتى  ئەھمىيەتلىك سوۋغا  بۇلۇپتۇ.

tawpek 2011-09-18 17:57
ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆزقان ھەدىمىزنىڭ باش بولىشى بىلەن مۇنبەر ھەقىقەتەن گۈللىنىۋاتىدۇ.  ئارزۇ مۇئەللىمە تاشلاپ قويمىغان بولسا تىخىمۇ يۈكسىلەر ئىدى.

koksangun 2011-09-18 20:24
ئۆزقاننىڭ تەۋپىقتىكى خىزمەتلىرىنى ھەر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا  خاتىرىلىسەك بولغۇدەك ، چۈنكى بۇ يىلقى خاسىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا مۇنبىرىمىزگە باشقۇرغۇچى بولۇپ كىردى ئەمەسمۇ ؟

ماھى 2011-09-18 20:42
شۇنداق،ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا باشقۇرغۇچىلار بۇ ئىشنى ئېسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار.

ozqan 2011-09-18 22:22
  مەندىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدىڭلارنىڭ زورلىقىنى بىلىمەن ، بىرلىكتە تىرىشايلى .


查看完整版本: [-- ئوقوتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled