查看完整版本: [-- سەن ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> سەن ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2011-09-05 12:59

سەن ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ...

سەن ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ئانا، كۈيۈمچان ئۇستاز  
 ئاپتۇرى: ئابلىكىم مۇھەممەت
]~my<3j}or  
        ئايگۈل غازى 1966 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان.1989-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.1989-يىلدىن باشلاپ قاراماي شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىر قاراماي شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى. دىلفىرۇز ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ مەسئۇلى. قاراماي شەھەرلىك ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يېتەكچىسى ۋە ئالىي دەرىجىلىك دوتسېنتى. R[eQ}7;+  
              2008 - يىلىدىن باشلاپ ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە قاتناشقاندىن تارتىپ مەكتەپ ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاتا- ئانىلارغا « ئاتا- ئانىلار ئائىلە تەربىيەسىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟»، «بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەيلى»، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قانچە ئامىللار توغرىسىدا»، «ھايات دېگەن نېمە، ئادەم قانداق ياشاش كېرەك؟»، «پەرزەنت تەربىيەسىدە دىققەت قىلىدىغان بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا»، «ئائىلە تەربىيەسىدە يېڭىلىپ قالمايلى» قاتارلىق تېمىلاردا كۆپ قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇردى. %E[ $np>   s1,kTde  
              ئائىلە تەربىيەسى بىلمىلىرى بويىچە خاسلىقنى ياراتقان دىلفىرۇز ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مەركىزى تورى www.dilfiruz.com نى قۇرۇپ، كەڭ ئاتا-ئانىلارنى ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرى بىلەن تەمىن ئەتتى. دىلفىرۇز ئائىلە تەربىيەسى سۆھبەتخانىسىنى قۇرۇپ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلىملىرى بويىچە تەربىيلىنشىىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆرپ-ئادەت دەرسلىكى سىنئالغۇسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت بويىچە تەربىيەلىنىشىگە ئاساس سالدى. «ئانىلار سالونى» شەكلىدىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىنىپنى بىرلىك قىلغان ئاتا-ئانىلار QQ توپىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاتا-ئانىلارنى سىنىپ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلە بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى.   i ! wzID  
             ئايگۈل غازى 90- يىلى  12- ئايدا  توي قىلغان. 96- يىلىغا كەلگەندە يولدىشىنىڭ  مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قېلىش سەۋەبلىك پارالچ بولۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ چاغدا چوڭ ئوغلى 4 ياشتا ،كىچىك ئوغلى 2 ئايلىق ئىدى . يولدىشىغا پەقەت تۇرمۇش پۇلىلا بېرەتتى  . بۇ 16 يىل جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر مائاشى بىلەن بىر ئائىلىنى قامداپ كەلدى .ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا تەشكىلنىڭ ياكى بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا يىغلاپ بارمىدى ، ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇردى، «تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن گەپ بار، شۇڭا ئۇ ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن باش تارتماي، 16 يىلنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزدى. ئۇ، بۇنىڭ ئارقىدا قانچىلىغان جاپالىق كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرمۇ ھىس قىلالايدۇ.   j M%qv  
           مەن ئايگۈل غازىنىنىڭ ئەۋلاتلار ئۈچۈن سىڭدۈرۈۋاتقان شۇ قان-تەرىنى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن  قارامايغا باردىم، دەسلەپتە ماتىرىياللاردىن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۇنى تازا چۈشۈنۈپ كېتەلمىگەن ئىدىم، قارامايغا بارغاندىن كېيىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلەشتەك كەسپىي ئەخلاقى ۋە ئەۋلاتلارنىڭ ۋەتەنگە ياراملىق ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ چىقىشىدا سىڭدۈرۈۋاتقان ئەجرىنى كۆرۈپ، چەندان ھاياجانلاندىم، ھەم ھۆرمىتىم قوزغالدى، شۇڭا مۇشۇ مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچى ئۇستاز تورداشلىرىمغا ئايگۈل غازىنىڭ ئىش ئىزلىرى بىلەن قوشۇپ،ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىمنى بىر قانچە ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق شەرھىلەپ كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قوياي دەپ ئويلىدىم، تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن... 
            زىيارەت جاريانىدا ئايگۈل ماڭا :-قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئادەم ئۆزىگىلا تايىنىۋالماسلىق، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ قويۇشى، ئۆز سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بولگەنلىك شۇ ئائىلىنىڭ مۇكەمەللىكىكگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى بەك مۇھىمكەن دەپ ئويلىدىم-دېدى   p5<2tSD  
            96- يىلى ئايگۈلنىڭ يولدىشى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پۇتۈلەي پارالىچ بولۇپ يېتىپ قالدى.(ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئوخشاش يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ) ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقتى بىلەن ئۇچرىمىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدىكەن، ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تارتىپ كەتكەن كۆڭۈل ئاغرىقىنى ھازىرمۇ ئويلىسا كۆڭلى بىئارام بولاتتى. ئۇ ماڭا شۇ ۋاقتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:   qXPT1%+)y  
-ئۇكۈنلەرنى ماڭا بىر زۇلمەت دېسەم ئېشىپ كەتمەس. كېچىسى دوختۇرخانىدا ئىككى كارۋاتنىڭ ئوتتۇرسىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزۇم ،كارۋاتنىڭ بىرسىدە يولدىشىم يېتىقلىق يەنە بىرسىدە ئىككى ئوغلۇم بار ..بۇنداق كۇنلەر بىر ئىككى كۈن بولسا بۇنى نورمال دەيمىز، لېكىن 2 ئاي بۇنداق ئۆتكۈزۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇنى ئاز دەپ ئەتتىگەن تاڭ ئېتىشى بىلەن بىرنى كۆتۈرۈپ بىرنى يۆتەلەپ ئۆيگە بارىمەن تاماق ئېتىپ 3 ۋاق دوختۇرخانىغا توشۇيمەن، ( ئۇ ۋاقىتلاردا تاكسىي يوقتى) . ئاللا بۇ كۈنلەرنى بەندىدىن نېرى قىلسۇن. ئارلىقتا يولدىشىمنى ئۇرۇمچىدە داۋالاتتىم.كىچىك ئوغلۇم ئەمدىلا 6 ئايلىق بولغاچقا ئىككىلا ئوغلۇمنى تەڭ ئۇرۇمچىگە ئاپاردىم. ئويلىمىغان يەردىن كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئوپكىسىگە سوغۇق ئۆتۈپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. بىرسى 1-دوختۇرخانىدا يەنە بىرسى 3- دوختۇرخانىدا، كېچىسى ئوغلۇمغا قارايمەن، كۈندۈزى يولدىشىمغا تاماق ئېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن . ئىككى ئايغا يېقىن تۈزۈك ئۇخلاپ باقمىدىم. ئاپتۇبۇزغا چىقساملا ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايمەن، چۈشكەندە ئېسىنى يوقاتقان ئادەمدەك بىر مەھەل جايىمدا تۇرۇپ قالىمەن. تۇرقۇم  بەئەينى نېرۋىدىن ئاداشقان ئادەمدەكلا ئىدى. 2006-يىلى يولدىشىمنىڭ ئوپكىسىدىن مەسىلە كۆرۈلدى،يۇقۇملۇق بولغاچقا ئۆزۇم ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. كېسەل يۇقۇپ قالامدۇ دېگەننى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك قارىدىم. ھىىسداشلىق قاراشلار كۆپىيىشكە باشلىدى، قىززىق! مەن باشقىلارنىڭ ھىسداشلىق نەزىرىدە قارىشىغا بەكلا ئۆچ  ئىدىم . 
               مانا بۇنداق ئىشلار 16يىل جەريانىدا ئايگۈلنىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن قېتىملار بولدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولدى؟ ئەتراپىدا  ياردەم قىلىدىغان ئادەم  يوقمىدۇ؟  ئەلۋەتتە ياردەم قىلىۋاتقانلار بار، لېكىن، ئۇنىڭ بىۋاستە قول تىقىشى نۇرغۇن زىدىيەتلەرنى پەسەيتتى. ئۇ زىدىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كېتىشىنى خالىمىدى، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاپاسىز ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان بولسا كېرەك. مەن ئۇنىڭدىن:- بۇ ئىدىيەگە كېلىشىڭىزدىكى  سەۋەپ زادى نىمە؟-دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا: l   B_FfXFQm<  
-باشقىلارنىڭ باھاسى: < ھېلى ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ دېسە، ھېلى قىسقا بولۇپ قاپتۇ دېگەن، بۇنداق ۋاقىتتا مەندە ئەركىنلىك يوق ئىدى. مۇستەقىل ئىش قىلىشقا ئاجىزلىق قىلدىم. خېلى زامانلارغىچە توي تۆكۈنگە بارساممۇ قورۇنۇپ يۇردۇم، باشقىلارنىڭ قارىشىدىن گۇمان قىلدىم. ئايال كىشى بولغاندىن كېيىن بۇنداق بېسىمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلماق تەسكەن،كېيىن ئۆزگەردىم. «بۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىز، تارتماسلىققا ئامال يوق، بۇنىڭ ئۈچۈن بېشىمنى ئېگىپ ئۆزۈمنى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇتۇشۇم كېرەكمۇ؟ »دىگەننى ئويلىدىم-دېدى ... }   #u8|cs!  
                خىزمەت-ئايگۈل غازى ئۈچۈن ئەڭ موھىم نەرسە دېسەك ئارتۇق بولماس،ئۇ، مەكتەپكە كەلگەندىن تارتىپ 90-92–يىلغىچە پىئونىرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى،92-94–يىلغىچە ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ سېكىرتارى، 96-يىلغىچە ئەخلاق تەلىم-تەربىيە مۇدىرى، 98-يىلغىچە ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىدى .98- يىلغا كەلگەندە ئائىلە بېسىمى ئېغىر سەۋەپلىك ئامالىنىڭ يوقلىقىدىن ئىلمىي مۇدىرلىقتىن ئىستىپا بەردى . بىر ئائىلىگە نىسبەتەن جەمىيەتتىكى ئورۇننىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، پەرزەنتىنى باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقى ئىچىدە چوڭ قىلماسلىقنى ھىس قىلغان ئايگۈل غازى: باشقىلارنىڭ باھاسى ئىچىدە ياشاش ماڭا مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مەن ئۆز يولۇم بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياشىشىم كېرەك-دېدىيۇ، جاپانى قانداق يېڭىش كېرەكلىكىنى، قىيىنچىلىققا قانداق تاقاباىل تۇرۇشنى ئۈگەندى. دەسلەپتە بۇنداق تاللاشقا باشقىلار قارشى تۇرغانمۇ بولدى، شۇ مەزگىللەردە بەزىلەر خىزمەتنى ئىشلەيمەن دېگۈچە ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىچۇ، يولدىشىنى باقسىچۇ دىدى؟ لېكىن، ئۇ پەرۋا قىلمىدى، تاللىغان يولىنىڭ توغرا بولىدىغىنىغا ئىشەندى ۋە بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى.   1tvgM !.  
زىيارەت جەريانىدا ئۇ مۇنداق دېدى:    QcyYTg4i  
- مەن ئەڭ دەسلەپتە يولدىشىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمۈت قىلىپ نۇرغۇن يەرلەرگە ئاپاردىم، داۋالاتمىغان يېرىم قالمىدى، ئاخىرى بۇنىڭغا ئەمدى ئامال يوق، مۇشۇ ھالىتىنى ساقلىسا چوڭ گەپ دېگەن خۇلاسە چىقىرىلدى. سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگە سېپىش كېرەك ، ئۈنىمى يوق دېگەن ئىشقا ئەمدى كۈچ سەرپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئارتۇقچە ئىش، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسام بولدى-دېگەن ئىدىيەگە كەلدىم .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئوغلۇم تېخى كىچىك، ئۇلارغا مەن ھەم دادا ھەم ئانا، ئۇلارنى تاشلاپ قويۇشنىڭ ياخشى نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. خىزمەت مەسىلىسىگە كەلسەك ئادەمدە بىر خىل مەسۇليەتچانلىق بولۇشى كېرەك، مەسۇليەتچانلىق ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت. خىزمەتنى ياكى ئىشلىمەسلىكىم، ئىشلىسەم مەسۇليەتچانلىق بىلەن ئىشلىشىم كېرەك... Gp=V%w\FDW   \0%)eJ  
             ئايگۈلنىڭ ئائىلىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىزمەتنى ئىشلىمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟  ئۇنىڭ بىردىن بىر ئىقتىسادى مەنبەسى شۇ مائاشى تۇرسا، يولدىشىنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈنمۇ پۇل كېرەكقۇ ؟ بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈنمۇ پۇل كېرەكقۇ؟ ئۇ:   h.Cr;w,2R  
-خىزمەتنى تاللىغان ئادەم چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزگىچە تۈزۈمىنىمۇ تاللاش كېرەك. مېنىڭ خىزمەت تۈزۈمىم 8 سائەتلىك خىزمەت. خىزمەت ۋاقتىدا مەن چوقۇم خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىم كېرەك-دەيتتى، بەلكىم بۇ خىل مەسۇليەتچانلىق تۇيغۇسى تەشكىلنى تەسىرلەندۈرگەن بولسا كېرەك، ئۇنى مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكىرتارلىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى . ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئويلاشمايلا قوبۇل قىلدى، ئەمما ئۇ چاغدىكى:-بالىسىنى باقسىچۇ؟ يولدىشىنى تاشلاپ قويۇپ نېمە قىلماقچىكەن؟ دېگەندەك غۇلغۇلىنى دېمەيسىز...    b*4[)Yg4  
          ئايگۈل غازىدا يېتىلگەن بىر خىل قەيسەرلىك،چىداملىق،سەۋرىچانلىق مىجەز بۇ ئېغىۋالار ۋە قېيىنچىلىقلار ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئىگەلمىدى. ئۇ ئائىلە خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلىپ، يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىزمىتىنىنىڭ يېرىمىنى ھەل قىلدى. ھەتتا بۇنىڭغىمۇ كىشىلەر: - يولدىشىنى ئائىلە خىزمەتچىسىگە تاشلاپ قويدى، ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالمىدى دېگەن بولدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يولدىشىمۇ نارازى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا نېمە ئامال ؟ ئۇنىڭ كۈچى چەكلىك. ئۇ بۇ يولنى تاللىمىسا بولمايتتى.ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
- مەن ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە تىرىشتىم . كۈچۈمنى خىزمەتكە، بالا تەربىيلەشكە، يولدىشىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە قاراتتىم. قىززىق يېرى شۇكى: مەن يېقىن دوستلىرىمنىڭ تويىغا بارساممۇ، بەزىلەر مېنى يولدىشى ئاغرىق بولغاندىن كېيىن، ئويىدە ئولتۇرسىچۇ دەپ ئەيىپلەشتى ..بىر مەزگىلگىچە بىئارام بولدۇم. تۇرمۇشۇمنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى بىلەن، مەن ھەممە نەرسىدىن چەكلىنىشىم كېرەكمۇ؟ ئادەم تۇرمۇش يولىنى ئۆزى تاللايدۇ، مەن نېمىنى خاتا قىلدىم ؟ مەن ئەتراپتىكى ئادەملەرگە ئارلاشماي ئۆتىشىم كېرەكمۇ؟ تۇرمۇشتىكى كېلىشمەسلىك سەۋەبىدىن مەن پەقەت يىغلىشىم، كۇلمەسلىكىم كېرەكمۇ؟ مەن باش ئەگمىدىم، تۇرمۇشقا خوشاللىق بىلەن قارىدىم، كۈلۈشكە تېگىشلىك بولسا كۈلدۈم ،ئەمما يىغلىمىدىم.    9moenkL  
                ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، ئايگۈل كېچە كېچىلەپ ئۇخلىماي كىتاپ كۆرۈپ ئىزدەندى، خىزمەتتە بارا-بارا نەتىجە قازىنىشقا بادشلىدى، خىزمەتداشلىرى، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ شۇ تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن قائىل بولۇشقا باشلىدى. ئەگەر ئۇنىڭدا شۇ چىدامچانلىق سەۋر تاقەت بولمىغان بولسا، بەلكى باشقىلارنىڭ سۆزىدە بۇ ۋاقىتقىچە قەۋرىگە كۆمۈلۈپ بولغان بولاتتى. ئۇ شۇ قەيسەرلىكى بىلەن تالاي قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا يوقتىيەرلىك بولغان << ئانىلارنى تەربىيلەش سالۇنى>>، <<دىلفىرۇز ئائىلە تەربىيىسى مەركىزى>> ۋە تورىنى تەسىس قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش يولىدا ھارماي-تالماي ئىشلىدى، يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، << دىلفىرۇز ئائىلە تەربىيىسى مەركىزى>> گە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر تەربىيلەش مەركىزى دەپ نام بەردى. GyV uئۇ زىيارەت ئاخىرىدا ماڭا:   {p -b,J9~a  
-ئانىسىنى خورلىغان فىلىمنى قانۇن سەھىپىسىدە كۆرۈپ شۇنداق بىر خەت يازغان ئىدىم. بىز كۆپ ھاللاردا مەسىلىنى ئىككىگە بۆلىنىشى بويىچە قارىمايمىز، ئانىسىنى ئۇردى دېگەننى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، لېكىن، نېمە ئۈچۈن ئۇردى دىگەننى دىمىدۇق. بۇ بىر خىل ئادالەتسىزلىك. بىزگە ئوخشاش كېسەل باققان ئادەملەر پەقەت شۇ ئايالنىڭ دەردىنى چۈشۈنىمىز، بىر ئوقىمىغان، سەۋىيەسى تۆۋەن، پىسخىكىسىنىمۇ توغرا تەڭشەشنى بىلمىگەن ئادەمگە ئۇزۇن مەزگىل شۇ خىل تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى ئاددى ئىش دەپ قارىدۇق . سۈدۈكىنى تۆكىۋەتكەن، پۈتۈن يوتقاننى پوققا مىلىۋەتكەن، قانداق قىلىسەن، مەن مۇشۇنداق قىلىمەن-دەپ جاپادا ئەتكەن تاماقنى تۆكۈۋەتكەن، ئائىلگە بىردەملىك ئارامچىلىق بەرمەي توۋلاۋاتقان، بىر كۈن چارچاپ كەلگەندە كەچتە جىدەل قىلغان، مۇنداق مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان ئادەم ساراڭ بولماي نېمە بولىدۇ؟دېدى، مەن ئۇنىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتەن ھاياجانلاندىم، دېمىسىمۇ ئايگۈل غازى ئۆزىنىڭ شۇ سەۋرىچانلىقى، چىدامچانلىقى، تىرىشچانلىقى، كەسىپچانلىقى، مېھرىبانلىقى بىلەن ھەم ئائىلىنى، ھەم خىزمەتنى تاشلىۋاتمىدى، ئادەتتىكى كىشىلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى، ئۇنىڭ بۇ روھىدىن ھەممىمىز ئۆگىنىشىمىز، ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك. 
     بۈگۈنكى زىيارىتىمنى ئايگۈل غازىنىڭ <<ھايات پەلسەپەسى>> دېگەن شېئىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغۇم كەلدى...
5Tl Ps_o  
ھايات پەلسەپەسى 
   csTX',c  
ئايگۈل غازى 
   bK `'zi  
ھايات ئۇ توختاۋسىز ئېقىن سۇ ئۆزى،    zGFo -C  
ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ ئېقىپ كېتىمىز.   ]}Hcb)'j@  
گاھىدا كۈن نۇرى چۈشكەن يېرىدە ،    E?|"?R,,,  
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كېتىمىز \   (;=:QjaoZ  
پەيزىنى سۇرگەندە قەدرىنى قىلماي،    mLM$dk3  
سۇ كەبى ئاققاندىن رەنجىپ كېتىمىز.    ^.Y" 
تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ئازاپ چەككەندە    {N+ N4*  
شۇ سۇدىن پانالىق ئىزدەپ كېتىمىز 
   !pI)i*V|  
ھايات ئۇ مۇرەككەپ ئاجايىپ قىسمەت،    2U,O e9  
كۆرۈنەر بىردە كۈن، بىردە جىن چىراق. \   *&)<'6  
قوش كېزەك بولغاچقا شاتلىق ھەم قايغۇ،   jh.W$.Oq  
بۇ ھايات شېرىن ھەم گۈزەلدۈر شۇنداق.
قۇرداشلار مۇنبىرىدىن ئېلىندى

uzqak 2011-09-05 13:04
چىن ھېسىيات ،چىن سۆزلەر ھەقىيقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىكەن مۇھىمى چىن ھەركەت تېخىمۇ ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن ،ئايگۈل غازى مۇئەللىمدىن ئۆگىنىشكە تىگىشلىك تەرەپلىرىم بەك كۆپكەن. چىن ھېسىيات ئادەم زەرەتلەيدۇ دەپ راسكەن دىسە ...زەرەتلەرنى يوللىۋەتتىم .... \s Fdp!M}2  
ئالدىمدا تۇرۇدۇ «ھايات پەلسەپەڭ»، !'   }AG$E}~/  
ئىگىلمەس روھىڭنىڭ سىماسى بولۇپ. $DC*&hqpt  
گەر كەلسە بېشىڭغا تالاي كۈلپەتلەر،   I ,Q" 
يىڭىپسەن ئۇلارنى ئۆتكۈر تىغ بولۇپ. :   48M)A  
|E!()j=  
تالايلار يېڭىلگەن تۇرمۇش ئالدىدا ،   )'\Jp 7*3  
يېڭىلمەي ياشىدىڭ چىدام غەيرەتتە. ,.tT9? m  
ئەل ئۈچۈن تۈكۈپسەن تالاي تەرىڭنى، -   NAhV8  
مىيۋىسى بەك تاتلىق قالدۇق ھەيرەتتە.... c\UVMyE  
   ?*E Y~'I  
ئايگۈلگە ئاي كەبى نۇرلار تۈكۈلسۇن،   S5d:?^PGg  
ئەل دۇئا قىلغۇسى ئۇنىڭ بەختىگە.   dN;kYWRK  
ئەۋلادلار ئىزىدىن گۈللەر پۈرەكلەپ، (?xGl V`n  
توھپىگە توھپىدىن يازسۇن سەھىپە! :   /dhx+K~  
%Rr!I:[ $  
,بۇ ماتىريالنى بۈگۈن «يىراقتىن تارقالغان قۇڭغۇراق ئاۋازى» دېگەن دەرس بىلەن بىرلەشتۇرۋالدىم ...

koksangun 2011-09-05 14:55
ئۆزچاقنىڭ يوللىمىلىرى ئۈزۈلمىگەي ، رەھمەت !

ozqan 2011-09-05 23:59
ئايگۈل غازى مۇئەللىمنىڭ روھىدىن بەك تەسىرلەندىم ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئائىلە ۋە خىزمەتنى بىرگە ياخشى ئېلىپ مېڭىش ، بولۇپمۇ ئائىلە ئەھۋالى ئالاھىدرەك بولغان شارائىتتا يەنىلا ھەممىنى تەڭ ئېلىپ مېڭىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس  . ئەنە شۇنداق  سۇنماس ئىرادە ھەممىمىزگە يار بولسۇن !

ئۇيغۇرجان 2011-09-07 22:39
بۇ ئۇستاز بىزنڭ ئۆگۇنىش ئۈلگىمىز.

naznin 2011-12-27 12:06
بۇيوللانمىنى كۇرۇپ ئۆزەمدىن شۇنچىلىك نۇمۇس قىلدىم. گاھى چاغلاردا خىزمەتتىكى كىچككىنى جاپالار ،ئائىلە يۇكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن زارلانغان ئىدىم .بۇ مۇئەللىمنىڭ قەيسىرانە ھەممىزگە يار بولغاي.

تۆتتاش 2011-12-27 22:34
نىمە دىگەن قەيسەر ئايال بۇ. "+_]N9%)  
XZcsx  
ئايال ئۇ ،سۈپسۈزۈك لىرىك بىر نەسىر، !/< 5.9!9r  
تۈگەتكەن كىم ئۇنى ئۇقۇپ بىر ئەسىر. =/6.4;8  
ئۇنىڭسىز بولمايدۇ،چولپان نۇرلىرى، _I~TpH^1K  
تۇرغىنىڭ بولسىمۇ،شاھانە قەسىر. "c!s\iuBU  
 ~Zl`Ap  
تىرىشچان ھەدىمىز ئايگۈل خانىمىنىڭ ئىز-پائالىيىتىنى بىلىپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي ئەرزىمەس بىر نەرسە يىزىپ قويدۇم.كەچۈرۈڭلار.

tawpek 2011-12-28 11:25
مائارىپ گۈلزارى پىروگراممىسىدا مەخسۇس زىيارەت قىلغانتى، تولوق كۆرۆپ چىققانتىم. MF 5w.@62X  
dZ%b|CUb  
تىلىۋۇزۇر كۆرىۋىتىپ نازپەرۋەرنىڭ شۇجىسى ئىكەنلىكى ئىسىمگە كىلىپ كىيىن كوت كوتتا بۇ ھەقتە تىخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانتىم. l06 q1M 3  
^iV@NVP  
="A[*:h C"  
يولدىشىنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشكىنى يۈرەكنى تىترىتىدىكەن.

aybarqin 2014-05-14 13:07
ئايگۈل خانىمنىڭ پەزىلىتىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.ھەم ئائىلىنىڭ ھەم ئۆزى سۆيگەن كەسپى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس،ئايگۈل خانىمنىڭ پەزىلىتى دەبدەبىسى چېكىدىن ئاشقان قاتار چايدىن كەلمەيدىغان،ۋاقتى كەڭ كۇشادە تۇرۇپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىسسىق بىر ۋاقلىق تاماق قىلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان ،كىچىككىنە قىيىنچىلىقنى دەپ پەرزەنتلىرىنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلايدىغان ئاياللار ئۈچۈن جانلىق دەرس بوپتۇ. M2s   
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

خەندان 2014-05-15 13:13
ئاياللارنى ئاجىز دەيدۇ ۋاقتى كەلگەندە ئەرلەرنىمۇ يولدا قويىدۇ .


查看完整版本: [-- سەن ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled