查看完整版本: [-- مېنىڭ دېھقان ئاتام --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> مېنىڭ دېھقان ئاتام [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arzu 2010-09-30 01:18

مېنىڭ دېھقان ئاتام

مېنىڭ دېھقان ئاتام


ئاتا...
جاپاكەش ئاتا

كەتمەن بىلەن مۇڭدىشىپ،
ئۆتتى ئۆمرۈڭ بىر ئۆمۈر
جاپا بىلەن ئېتىزدا.
مېنىڭ ئالتە بالام بار
مەپتۇن بولار  ئالتە گۈل
ئەتراپىمدا پەرۋانە
 كۆيۈپ تۇرار مەن ئۈچۈن.
ئۆيۈمنىڭ بەرىكىتى
مېنىڭ بەخت پىشانەم،
يول تاپالماي ئاداشسام
يورىتىدۇ نىشانەم
دەپ كۈلەتتىڭ شادلىقتا،
يۆلىنىپ تۇرۇپ كەتمەنگە
ھارغان چاغدا ئېتىزدا

جاپاكەش ئاتا،
ئالغان ئىكەنسەن ئېتىزنى
ئۆشنەڭگە ئارتىپ
بېلى قاتمىغان تايدەك تۇرۇپلا.
باقاي دەپ
ئاتىسىز قالغان، ئانىسىز قالغان،
يېتىم قېرىنداشلىرىڭنى.
ئۇلارنىڭ كەينىدىنلا بېسىپ ئىز،
ئۇھ... دەپ ھاردۇق ئالغىلىمۇ قويماي،
 كەپتۇق ئالتە گۈلۈڭ،
ئالتە نۇرۇڭ
ئۆيۈڭنىڭ بەرىكەتلىرى
جۇلالىتىپ ھارغىن چېھرىڭنى.

ئۆسمۈرلۈك چېغىڭ،
تولىمۇ تېتىك قېران ياشلىقىڭ
ھەتتا پەرىشتىدەك ئاپئاق ساقاللىق ياشانغان چېغىڭ.
ئۆتۈپتۇ ئېتىزدا
تۆكۈپ ھالال تەر - ئۈنچە
سېلىپ كەتمەنلەرگە مەڭگۈلۈك يالداما
ئەستىن چىقماس ئەستىلىك.

خورىماس دېگەنمىدىڭ
ئاللاھ بەرگەن ئۆمرۈڭنى،
سولاشماس دېگەنمىدىڭ
ھالال تەردە ئېچىلغان
ھايات باھارىڭ گۈلىنى.


ئاتا...
نەۋرەڭ سورايدۇ:
مېنىڭ بۇۋام قېنى دەپ.
تۇغۇلغان كۈنۈمدە كېسىلگەن تورتتىن،
بىر توغرام ئېلىپ،
ئېغىزىغا سالسام دەپ.
مەن دېدىم:
بۇۋاڭنىڭ ئىزىنى ئېتىزدىن ئىزدە،
چېھرىنى قۇياشتىن...

ئاھ!
جاپاكەش ئاتا،
دېھقان ئاتا.....


مەنبە: ئارزۇ

tawpek 2010-10-04 20:29
دادا!
قىرانىڭدا كەتتىم يىراققا
قىزغا كۆيۆپ ئىشقى پىراقتا
سەن ئولتۇرساڭ توكسىز چىراقتا
سەكرەپ يۈردۈم دىبا قاۋاقتا.

دادا!
راھىتىمچۈن قالدىڭ سەن يالغۇز
تاشلاپ كەتتىم سەھرانى تاشلاپ
مانا ئەمدى بولغاندا دادا
يىغلاپ يۈردۈم بىشىمنى قاشلاپ

ئەكبەرنىياز 2013-06-18 02:22
جاپاكەش ئاتا،
ئالغان ئىكەنسەن ئېتىزنى
ئۆشنەڭگە ئارتىپ
بېلى قاتمىغان تايدەك تۇرۇپلا.
...
ئاتا...
نەۋرەڭ سورايدۇ:
مېنىڭ بۇۋام قېنى دەپ.
تۇغۇلغان كۈنۈمدە كېسىلگەن تورتتىن،
بىر توغرام ئېلىپ،
ئېغىزىغا سالسام دەپ.
مەن دېدىم:
بۇۋاڭنىڭ ئىزىنى ئېتىزدىن ئىزدە،
چېھرىنى قۇياشتىن...

نېمىدىگەن ئېسىل مىسرالار ، ئارزۇنىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ بەركەتلەر يار بولغاي !!!

مىېھرىما 2014-03-18 17:21
مۇشۇ مۇنبەردىكى تېمىنى كۆرۈپ ئىنكاس يازمايدىغانلارغا جازا بېرىلسە بوپتىكەن

مىېھرىما 2014-03-18 17:24
1876 قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئاران ئىككى ئادەم ئىنكاس يازغان.
تىلى راۋان. تېتىملىق ياخشى لىرىكا ئىكەن. سىزگە رەھمەت.

مىېھرىما 2014-03-18 17:24
مۇشۇ مۇنبەردىكى تېمىنى كۆرۈپ ئىنكاس يازمايدىغانلارغا جازا بېرىلسە بوپتىكەن

مامۇتجان 2014-04-17 17:28
دېھقانلارنى ئۇلۇغلايلى ئۇلار ئۇلۇغ

مامۇتجان 2014-04-17 17:29
دېھقان بولماي نان نەدە
نان بولمىسا جان نەدە.

مامۇتجان 2014-04-17 17:31
دېھقانىڭ مەۋجۇتلۇقى ھاياتلىقدىن بىشارات،دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ دەپ ئېيىتقان .شۇڭا ھەممىز دېھاقلارنى ئۇلۇغلايلى.

ئارزۇيۇم 2014-06-10 17:09
ناھايىتى ياخىشى تىمىكەن.ئاپىرىن.

ھاتەھاتەم 2014-06-11 17:34
مەن بۇ شېئىردىن دادامنىڭ سىماسىنى كۆردۇم.
خورىماس دېگەنمىدىڭ
ئاللاھ بەرگەن ئۆمرۈڭنى،
سولاشماس دېگەنمىدىڭ
ھالال تەردە ئېچىلغان
ھايات باھارىڭ گۈلىنى.

دادام رەھمەتلىكنى ئەسلەپ كۆزۇمگە ياش كەلدى .قەلب تارىنى تىترەتكىدەك ياىشى شېئىر بوپتۇ.

پاراسەت2 2014-06-17 17:59
مىېھرىما:1876 قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئاران ئىككى ئادەم ئىنكاس يازغان.تىلى راۋان. تېتىملىق ياخشى لىرىكا ئىكەن. سىزگە رەھمەت. (2014-03-18 17:24) 

ياخشى يېزىلىپتۇ،ئۇسۇلۇبى ۋە تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭكىگە ئازراق ئوخشايدىكەن.


查看完整版本: [-- مېنىڭ دېھقان ئاتام --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled