查看完整版本: [-- ئوقۇدى،ئاشتى... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> ئوقۇدى،ئاشتى... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2011-08-30 15:12

ئوقۇدى،ئاشتى...

ئوقۇدى،ئاشتى باشقىلار بىزدىن،ئەي قېرنداشلار،
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.

ھاۋادا لاچىندەك پەرۋاز قىلار باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا،ئويلا ئۈممەتلەر.

ئۆگەتمەس بىزلەرگە ھەق-كالامنى بىلگەن ئالىملار،
ئەخلاقنى پۈچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار.

رىشىۋە بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،
بېشىدا سەللە،قولىدا تەسۋى،ھەقتىن قاچارلەر.

ئويلاڭلار!زاكات-ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى،كىملەر ئالۇرلەر؟
نى-نى خىيانەتلەر ھەيۋەت تون ئىچرە پىنھان قالۇرلەر.

مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەرگە ئانچە ھېكمەتلەر،
ئەمىلىگە قارىتا بەردى ئاللاھ شانۇ-شەۋكەتلەر.

ئوقۇيمىز،بىلمەيمىز،لىسانۇ ئەرەپ مۈشكۈل تىلى بىزگە،
يادىكار قالغان يوق بىر نوچكا ھېكمەت ئۇلاردىن بىزگە.

قەشقەردە يىتىملەر ھاممام ئاستىدا كۈلدە ياتۇرلەر،
تەربىيىسىز،ھۇشۇق ئويناپ،نەشە تارتۇرلەر.

مەرھۇمى داموللا ئابدىقادىرى ناھەق كەتتىلەر،
گۇناھى نېمە؟پەقەت بىزگە ھەقنى ئۈگەتتىلەر.


رىشىۋە-پارە دېگەن مەنىدە.

«مەمتىلى ئەپەندى شېئىلىرى»دىن

erpan0992 2012-03-12 22:32
ياخشى  تېما  

خالىسە 2012-11-06 00:43
رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2012-11-14 21:13
ئاجايىپ ھېكمەتكە تويۇنغان شىئېردە بۇ ، ھارمىغايسىز !!!

مىېھرىما 2014-03-12 23:32
تېما ئىگىسى دەت كۆرمىسۇن كۆپ رەھمەت .

مىېھرىما 2014-03-12 23:32
مەن بەك ياخشى كۆرەتتىم بەكلا خۇش بولدۇم .


查看完整版本: [-- ئوقۇدى،ئاشتى... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled