كەچكۈز لىرىكىسى
كەچكۈز لىرىكىسى قۇربان بارات سۆيۈملۈك يۇرتىمىزغا كەچكۈز كەلدى، شۈدېگەر ئېتىزلاردا ياتار داڭگال. پايانسىز ئېكىنزارلار بوشاپ قالدى، ئالتۇنرەڭ بولۇپ قالدى يېشىل جاڭگال. قورۇلۇپ قالدى باغدا گۈل-چېچەكلەر، كېپىنەك ئېتىلمايدۇ پۇراقلارغا. قارلىغاچ پىشايۋانغا ئۇۋا سالماس، تۇرنىلار ئۇچۇپ كېتەر يىراقلارغا. ئىغاڭلاپ سوغ شامالدا مەجنۇنتاللار، يوپۇرماق تاشلىشىدۇ بۇلاقلارغا. ئانىلار ئەللەي ئېيتىپ كىچىلەردە، يېڭىدىن پوسما تىكەر بوۋاقلارغا. ئېھ،سەھرا!ئېھ،تەبىئەت قانچە گۈزەل، گۈزەللىك تۈمەنمىڭ زوق ئېتەر بەخش. كەچكۈزنىڭ ئارقىسىدا قىش كېلىدۇ، دېرىزە ئەينىكىگە ياساپ نەقىش. 7-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن |