كۆل سۈيىنى ئۆلچەش
كۆل سۈيىنى ئۆلچەش Bi`m +ob
لى يۆ پىڭ xX\A&9m
بىر كۈنى قەدىمكى گىرىك پەيلاسوپى سوقرات ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شەھەر سىرتىغا سەيلىگە بېرىپتۇ.بىر كۆلنىڭ بويىغا كەلگەندە ،سوقراتنىڭ كاللىسىغا ئۇشتۇمتۇت بىر خىيال كەپتۇ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن: ^dRgYi"(A
-قايسىڭلار بۇ كۆلدە نەچچە چېلەك سۇ بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ. wbbr8WiU
ئوقۇغۇچىلىرى ھاڭ –تاڭ بولۇپ قېلىپ دەرھال جاۋاپ بېرەلمەپتۇ. WbHI>tt
بىردەمدىن كېيىن ،ئوقۇغۇچىلار ئۇ بىر نېمە دەپ،بۇ بىر نېمە دەپ مۇنازىرە قىلىشىپتۇ. \++#adN:K
بەزىلىرى، بۇ كۆل راستىنلا بەك چوڭ ئىكەن،چېلەك ئەكىلىپ ئۆلچىگىلى بولمايدۇ،شۇڭا،كۆلدە چەكسىز چېلەك سۇ بار؛بەزىلىرى، بىز ماتىماتىكىلىق بىلىملەردىن پايدىلىنىپ كۆلنىڭ ھەجمىنى ھېساپلاپ، ئاندىن چېلەكنىڭ ھەجمىنى چىقىرىۋەتسەك،قانچە چېلەك سۇ بارلىقىنى ھېساپلاپ چىقالايمىز....دىيىشىپتۇ. U66 zm9
3&
ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جاۋابلىرىغا سوقرات پەقەت كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپلا قويۇپتۇ. ~e R6[;
ئاندىن،سوقرات ئىزچىل بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئەپلاتوننىڭ ئالدىغا كېلىپ: w`F4.e
-سە بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرەلەمسەن؟-دەپ سوراپتۇ. b|z_1j6U
بۇ مەسىلە ناھايىتى ئاددى،-دەپتۇ ئەپلاتون،-ئاۋال ئۇ چېلەكنىڭ قانداق چېلەك ئېكەنلىكىگە قاراش كېرەك.ئەگەر چېلەك كۆل بىلەن ئوخشاش چوڭ بولسا ،ئۇ ھالدا كۆلدە پەقەت بىر چېلەك سۇ بار بولىدۇ؛ئەگەر چېلەك كۆلنىڭ 2دىن بىرىچىلىك چوڭ بولسا،ئۇ ھالدا كۆلدە ئىككى چېلەك سۇ بار بولغان بولىدۇ؛ئەگەرچېلەك كۆلنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك بولسا ،ئۇ ھالدا كۆلدە ئۈچ چېلەك سۇ بار بولغان بولىدۇ؛ئەگەر... #.z`clK#
بولدى جاۋابىڭ پۈتۈنلەي توغرا،-دەپتۇ سوقرات رازىمەنلىك بىلەن،-قاراڭلار، ئەپلاتون پەقەت مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىش يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتتى،ئۇ كۆلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلماستىن ،بەلكى چېلەكنى ئۆلچەم قىلىپ پىكىر يۈرگۈزدى.نەتىجىدە مەسىلە پۈتۈنلەي يىشىلدى. 3gzcpFNqX
كىشىلىك تۇرمۇشتا،كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا پىكىر قىلىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ.قىلتاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن،كۆپ ھاللاردا پەقەت پىكىر قىلىش ئۆلچىمىنى ئالماشتۇرسىلا كۇپايە. ^@0-E@ {c
235wl
«تاللانغان مىكرو ھېكايىلەر»ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 7-سانىدىن ئاق گۈل تەرجىمىسى {_i.IPp~
|