مېنىڭ ئىت بولغۇم بار(ھېكايە)
مېنىڭ ئىت بولغۇم بار Oy$BR
<\
جىياڭ لىيۇ 1o>
R\g3
بىر كۈنى،مەن تاغلىق رايۇندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان دوستۇمنى يوقلاپ باردىم.تاغلىق رايۇندا تۇرمۇش ناھايىتى جاپالىق،ئەمما بالىلار بەك ئىش ئۇقىدىكەن،ئۆگىنىشتىمۇ ناھايىتى تىرىشچان ئېكەن.ئۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان دوستۇم ئۈچۈن بۇ ناھايىتى زور تەسەللى ئىكەن. z D<9A6AB
كەچتە،دوستۇم چىراغ يۇرۇقىدا تاپشۇرۇق تەكشۈردى،مەن بىكار بولغاچقا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ستەل ئۈستىدىكى ئىمتىھان قەغەزلىرىنى كۆرۈپ باقتىم.بارلىق ئىمتىھان قەغەزلىرى ئەمەلىيەتتە بىر ۋاراق چوڭ قەغەز بولۇپ،ئالدى تەرىپىدە ماتىماتىكا سوئالى يېزىقلىق،كەينى تەرىپىدە ماقالە يېزىقلىق، ماقالىنىڭ تېمىسى بولسا«مېنىڭ ئارزۇيۇم» ئىكەن.بالىلارنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئارزۇيىمىز بىلەن ئوخشاش:مۇئەللىم،ھەربىي،ئالىم بولۇش قاتارلىقلار ئېدى.تۇيۇقسىز بىر قۇر خەت دىققىتىمنى تارتتى:«مېنىڭ بىر ئىت بولغۇم بار».مەن ھەم ھەيران بولدۇم ھەم ناھايىتى كۈلكىلىك ھېس قىلىپ،داۋاملىق ئوقۇپ باقتىم:«دادام كەتتى،ئۆيدە پەقەت ئانام ئىككىمىزلا قالدۇق.تاغلىق كەنتىمىزنىڭ كېچىسى ناھايىتى قاراڭغۇ،باشقىلاردىن ئاڭلىسام جىن بار ئىكەن،مەن جىندىن قورقىمەن،ئاناممۇ قورقىدۇ.دادام قورقمايتتى،ئەمما ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ.يەنە باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۆيدە ئىت بولسا جىن كىرالمەيدىكەن،ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە ئىت يوق.ئەگەر مەن ئىت بولۇپ قالغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟مەن كۈندە ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆي ساقلىسام،ئانام ھەرگىزمۇ قورقماي،خاتىرجەم ياتالايتتى». E
G4bFmcs
«مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما»ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 9-سانىدىن ئاق گۈل تەرجىمىسى. Y{RB\}
f(
|