查看完整版本: [-- جىن تۇتۇش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> جىن تۇتۇش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2011-08-21 11:45

جىن تۇتۇش

جىن تۇتۇش
( ھېكايە )
  T9kc(i'  
موماي جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چىن ئىخلاسى بىلەن دۇئاغا قول كۈتۈردى : « ئى ، ياراتقۇچى ئىگەم ، ئاجىز بەندەڭ دۇئاغا قول كۈتۈردى ، دۇئالىرىمنى ئىجابەت قىلغايسەن . ئىمانسىزلىقتىن ، نامراتلىقتىن  ساقلىغايسەن ، ئىمانىمنى كامىل قىلغايسەن  ، ئى ئاللاھ ! نەۋىرلىرىمنى ئىمان- ئېتىقادلىق قىلغايسەن ،يۈزۈدە ئۈيۈتى بار، كۆكسىدە ئىمانى بار پەرزەنتلەردىن قىلغايسەن » موماي نامىزىنى ئۈتەپ بولۇپ كۆڭلى ئەمىن تاپقاندەك، يىنىك نەپەس ئالدى . جاينامازنىڭ نېرىسىدا ئۇخلاۋاتقان  نەۋرىسىنىڭ يېنىغا باردى-دە ، پىشانىسىدىن سۆيدى... « بىچارە بالام  شۇ كاتەكتەك كىچىك ئۆيدە  زېرىكىپ كەتكەن چېغى، كەلگەندىن بۇيان راسا ئوينىدى . بالىلارنى ئوقۇتۇپ شەھەرلىك قىلىپ قويدۇق . قىزىمنىڭ ئۈيى مۇئەللەققە سىلىنغاندەكلا توۋا دەيمەن ...ھېلىقى لوتى (لېفىت دىمەكچى) دەيدىغان نەرسىگە چۈشسە ئادەم ئۆزىنى  بىردەمدىلا ئىشىكنىڭ ئالدىدا كۆرىدىكەن...«ما ما  ۋو دا يى گې ياۋگەي ۋو جۇا جۇلا يى گې كۇڭ لۇڭ ...››(妈妈我打了一个妖怪),抓住一个恐龙)   موماي نەۋىرسىنىڭ نېمە دەپ جۆيلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالدى ... « توۋا ما بالىغا نېمە بولغاندۇ ...»  ئۇ ئالدىراپ تېنەپ بوۋىيىنى چاقىرىش ئۈچۈن كاتتىن پەسكە چۈشتى . >YF=6zq.`  
61gyx6v  
-ھەي ئادەم بۇياققا كەلسىلىچۇ ، نەۋرىمىزگە جىن چاپلاشقان ئوخشايدۇ. cQBc6 eAi  
YvP62c \  
-ھاي ،  قېرىپ ئالجىپ قاپسەنمۇ نېمە ئاپىسى ؟ [)0^*A2  
-ياق ! ئابايام نەۋرىمىز  ھېلىقى يۇقاقى مەھەلىدىكى ئادەم ئۇچۇغدايدىغان قالماققا ئوخشاش بىرنىمىلەرنى دىدى... 7#9%,6Yi  
e0Gs|c+6  
-زادى نېمە دېدى  ئۇ ؟ TGPZUyi3!=  
MOp "kA  
- مو مو ۋا دا دا دا..يۇشۇ ...
ھەي بوۋاي مەن بىلىپ بۇلالمىدىم ئىشقىلىپ ئۇ شۇ قالماقتەك بىر نېمە دېدى. lq, ]E/<&  
&1`Y&x:p  
-    
ۋاي بىچارە دادىسىنى سېغىنىپ قالغان ئوخشايدۇ. «دا دا ›› دەپتۇ ئەمەسمۇ . >dD$GD{  
:h3n[%  
-     - بىلمىدىم ئۇ نېمە دېگەندۇ؟
y*US^HJOZ  
 
-     - ھاي موماي تۆنۈگۈن ئۇلارنى خامان تەرەپكە ئۆتمىسۇن دېسەم  ، ئوينىسۇن ھېچنىمە بولمايدۇ دەپ ئۇنىمايسەن . ئەمدى ياخشى بولدىمۇ ؟ ئۇنىڭ ئىچىگە شۇ يەردىكى جىن كىرىۋالغان گەپ ، بولمسا ئۇ نېمە دەپ ، ھېلىقى ئادەم ئۇچۇغدايدىغان قالماقتەك سۆزلەيدۇ؟... }Ya! [tX  
-Wh 2hWg+  
موماي ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى . بوۋاينىڭ دېگىنىنىڭمۇ ئاساسى بار ، ھېلىقى ھاشىم تىكىمۇ ئالدىنقى قېتىم شۇ يەردە مەس بولۇپ يېتىپ قېلىپ ئەتىسىلا ئاغزى بىر تەرەپكە مايماق كەتكەن ئەمەسمىدى...يەنە ھىلىقى موماي ئويلىغانچە جىددىيلەشتى بۇ نەۋرىمىز قىزىمىزنىڭ بىرتاللا ئەتىۋارلىق بالىسى تۇرسا ... قانداق قىلامىز ئەمدى... ^W@%(,xb  
`8Ych@f]  
ئۇ يەنە ئالدىراش سىرتقا چىقتى .بېشىدىكى ئاپئاق رومالىنى ھىلىدىن ھېلىغا تۈزەشتۈرۈپ قۇياتتى . پۇتىدىكى ساپما كەش ئۇنىڭ مېڭىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقاندەك ھېلىدىن ھېلىغا چۈشۈپ قالاتتى .  ئادەتتە ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسا مەسلىھەت سورايدىغان قوشنىسى ئايشەمخاننى ئىزدەپ ماڭدى . i1m>|[@k  
9& `";dg  
-ئايشەمخان ھۇي ئايشەمخان ...بىزنىڭ ھېلىقى نەۋرە ... fqq4Qc)#U&  
... >D}|'.&  
- نىمە دەيدىغانلا خەلىچىخان ئاچا . بالىغا راسلا جىن يېپىشىپتۇ ، تېزدىن ھېلىقى قالماقنى چاقىرىپ ئۇقۇتۇپ باقايلى... 4dLnX3 v  
CYwV]lq :s  
 بوۋاي قوشىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ياردىمى مەھەلىدىكىلەر قالماق دەپ  ئاتىۋالغان مۇڭغۇلنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 'g'RXC}D>  
% Q &']  
بىرنەچچىلا ئائىلىلىك بار بۇ كىچىك مەھەلىنىڭ ئارامى بۇزۇلۇپ ھەممىلا ئادەم بۇ ئىش توغرىلىق غۇل –غۇلا قىلاتتى . كىملەرنىڭدۇ ئەنسىزلىك بىلەن «ئۇ جىن بەك يامانكەن ،بالىنىڭ مېڭىسىنى قاماللاپ تۇتۇۋېلىپتۇ  . مېڭىنى تۇتۇۋالغان جىنغا ئۇستا باخشى بولمىسا بولماسمىكىن» ، «ياق ،  ئۇ جىن بالىنىڭ يۈرىكىنى تۇتۇۋالغان گەپ ، بولمىسى-زە، بىچارە بالا  ئانىمىز چۈشەنمەيدىغان گەپنى قىلامتى؟»  ھەر كىم ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بۇلاتتى . ,Tegrz&G  
Dykh|"  
--قالماق كەلدى . ئۇ نېمە دەيدىكىن يول بېرىڭلار ھەي! SG|AJ9  
i$@xb_  
قالماق تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنىڭ چىرايىغا سىنچىلاپ  قاراپ بىشىنى چايقىدى . S Z/yijf  
FZ+2{wIV^  
-چاتاق ! چاتاق! بۇجىن بالىنىڭ يۈرىكىدىكەن ! قاتتىق ئوقۇمىساق بولمايدىكەن ! "U4c'iW  
R=E4Sh  
 تېزدىن بىر قوينى قان قىلىڭلار ! كۆپچىلىك ھە –ھۇ بىلەن قويدىن بىرنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشتى ... قالماق ئوقۇشقا باشلىدى .ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . بالا ھە،  ھۇ قىلىپ ئوقۇلۋاتقان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئۇيغاندى . K j6@=  
xX\A& 9m  
-    
موما ..مەن نېمە بوپتۇ؟ ngl8) B  
r^+n06[  
-      جىم يات بالام ، جىن چاپلىشىپتۇ ساڭا.
wbbr8WiU  
pTE.,~-J^j  
-      - نىمە ئۇ جىن دېگەن . f4+}k GJN  
$m0-IyXcv  
-     بالا جىم ياتسۇن دېگەن ئىشارەت بىلەن بوۋاي ، موماي نەۋرىسىنى تىنىچلاندۇرۇشقا تۇتۇندى .  بالا بىشىدا كۈيۈۋاتقان ئوتلاردىن قورقۇپ تىلى گەپكە كەلمەي قالدى .
{3N5Fi7S  
#W[C;f|,  
-     مو  ..ما ..بۇ  ..بۇ   ياۋگەي...
m*\XH DB  
y3NMt6  
-     - ھە جىن ئۇنى تۈگۈتۋەتكىدەك ... يۆگەي دەيدۇغۇ بۇ بالا ..جىنىم بالام ... موماي مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى...
gpe-)hD@R  
Jk=d5B  
-     ئەمدى بالىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇڭلار مەن جىننى ئۇرۇپ چىقىرۋېتەي... :t6.J  
.> |]Lo(=l  
قالماق شۇنداق دەپلا قولىدىكى ئىنچىكە قىزىل سىرلانغان چۇۋۇق بىلەن بالىنىڭ قورسىقىغا بىرنەچچىنى ساۋىغاندىن كېيىن  ،« جىن چىق ! جىن چىق ! ›› دەپ ۋاقىردى... f*GdHUZ*  
#>(h!lT_  
-    
جىن چىقىپ كەتتى ، بالىغا مەن بەرگەن دارىدىن ئازراق ئىچۈرۈپ قۇيۇڭلار - دېدى-دە ، «تېنىچلاندۇرۇش دورىسى›› دىن ئازراق بەردى . . LEn~ 8  
7d'gG[Z^^  
-     موماي بىلەن بوۋاي نەچچە تازىم بىلەن ئۇنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ بالىغا دارىنى ئىچۈردى.بالا يەنە ئۇيقۇغا كەتتى .
62z"cFN  
F/zbb  
-     موماي بىردەم- بىردەم كىرىپ ،نەۋرىسىگە قاراپ قۇياتتى ،ئۇ ھېچ ئۇيغۇنىدىغاندەك ئەمەس........ Q]2v]PJ6"  
VS_xC $X!S  
-     - قانداق قىلساق بۇلا ؟ يۇقاقى مەھەلىدىكى تېلېفۇن بوتكىسىغا بېرىپ قىزىمىزغا تېلېفۇن قىلىپ باقايلى .
SSG}'W!z  
{Tym#  
بوۋاي يۇقارقى مەھەلىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.... 4Js9" 
pX/,s#dY>  
200نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ ،يېتىپ كەلگەن بۇ ۋىھەجەر ئەمدىلەتىن ئۇيقۇدىن ئويغانغان بالىسىنى باغرىغا بىسىپ ئولتۇراتتى . «ماما ۋو زاي مىڭ جوڭ ...››(妈妈我在梦中
) 3-Xc3A=w  
_/zK ^S)  
بۇ بالىنى يەنە تۇتتى مانا قانداق قىلامىز؟ @f wk  
]$gBX=  
بۇ ھەجەر ئەمدى ھەممىنى چۈشەندى.نەۋرە بىلەن موما ئوتتۇرسىدىكى پەرقتىن يۈرىكى ئېتىشتى.... 4,pSC  
"mm|0PUJ  
ئۇ  يېزىسىنى ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن ئوغلى بىلەن سىرتقا ماڭدى ... V=g<3R&  
(o5+9'y"9  
 ئەمدىلا باش چىقىرىشقا تەمشەلگەن بۇغداي مايسىلىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تەگسىز خىياللارغا غەرىق بولدى...  ھەي تۇپراق دەپ باققىنە ؟ باغرىڭدىكى تۈمەن مىڭ خىل ئۆسۈملۈكلەر قانداق ۋاستە بىلەن بىر بىرىنى چۈشىنىپ ،ماسلىشىپ ياشايدۇ؟ E5}wR(i,4  
(ON_(MN  
ئۇ،كەچكى شەپەقنىڭ قىزىل نۇرىدا چىلان رەڭگە كىرگەن، تۇپراقتىن سادا كېلىدىغاندەك . ئېڭىشىپ قۇلىقىنى يەرگە ياقتى... W~&PGmRI  
 #FfUkV  
ئۇ نىمىنى ئاڭلىدى ؟بۇ نامەلۇم ... ' 
*8*E\nZx!  
 لېكىن يىراقلارغا قاراپ توۋلىدى . « مەن ئانا! «مەن يۇرتۇمنىڭ پەرزەنتى››« نادانلىق –سەن جىن!››«مەن كۆۋرۈك!››  j`9+pI  
lTh}0t  
ئوغلى ئاپىسىنىڭ توۋلىغان ھالىتىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ قالدى ؛ \y%:[g}Fvw  
kXq*Jq  
- ئاپا ، بۇ يەردە ساڭىمۇ جىن چاپلاشقان ئوخشايدۇ . ئۆيگە قايتايلىچۇ ... om"q[Tudc  
Z81{v 
ئۇ يىنىدا ياۋا گۈللەرنى تىزىپ ئويناۋاتقان ئوغلىنىڭ قۇلىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى. 43mV~Oj  
Ah2%LXdHA  
-بالام جۈرە ماڭايلى !  
~%4#R4&  
ئۇ بالىسىنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتقۇنىچە ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى... %^=fjJGV{~  
;6o p|  
مەنبە –ئۆزۈم 9-+6Ed^2  

koksangun 2011-08-21 13:34
بۇ قىسقا ھېكايىدە رېئاللىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان خۇراپىيلىققا ئىشىنىش ، باخشى ، پىرىخۇنلارنىڭ يالغان ياۋداقلىرىغا شەكسىز ئىشىنىدىغان ساددا ، نادان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كىچىك بىر تۇرمۇش كارتىنىسى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن .ئەسەر سۇژىتى ، تەپسىلاتنىڭ ئىپادىلىنىشى گەرچە ئانچە بەك مۇكەممەللىككە ئىگە بولمىسىمۇ ، ئاپتۇرنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى تولىمۇ تورمۇش چىنلىقىغا ماس كەلگەن ، چىنلىق ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن . WJ\YKXG  
ئۇزچاقنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن ، ياخشى ئەسەرلىرىنى داۋاملىق ھۇزۇرىمىزدىن ئايىمىغاي ...

凶蛇 2011-08-21 16:53
بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. g{l;v  
بۇنىڭدا ئاساسلىقى دەۋرىمىزدىكى ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى نىگىزلىك زىددىيەت ئالاھىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ،يەنى بالىلىرىمىزنى دەۋرگە لايىق تەربىيلەيمىز دەپ ،قۇشتىل مەكتەپلەردە ، بالىلار باغچىلىرىدا ئۇقۇتۇشىمىز نەتىجىسىدە بالىلىرىمىزنىڭ تىلى ،شەيئىلەرنى ئىپادىلىشى باشقىچە بۇلىۋاتقان... نەتىجىدە بۇلار بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى تىل جەھەتتىكى پەرق زورىيىپ كىتىپ ،بەزىبىر ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىققان؛ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىدىيىسىدىكى بەزىبىر خۇراپى تەرەپلەرمۇ يېڭى  دەۋر گە ماس ھالدا سىڭىپ كىرىپ بالىلىرىمىزنىڭ ئىدىيسىگە قاتتىق تەسىر قىلغان،ئاقىۋەتتە ئادەمنىڭ روھى ھالىتىنى ئىپادىلەش تەس بولغان بىرخىل ئارامسىزلىنىش ھەقىقەتەن <<جىن چاپلاشقاندەك>> كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۇرگەن. u9m"{KnV  
05nG |  
بۇ ھېكايىنى  ئەستايىدىل ئۇقۇش،مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق بىزمۇ روھى ھالەتلىرىمىزدە ساقلىنىۋاتقان <<جىن >>لارنى قانداق تۇتۇش ھەققىدە ئويلىنىپ باقساق بولغىدەك.  p%J,af  
KWy4}7a@,s  
رەخمەت سىزگە،ئىجادىيەت ئاسمىنىدا داۋاملىق كۆكلىگەيسىز.


查看完整版本: [-- جىن تۇتۇش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled