maxal |
2011-08-17 20:48 |
مۇھەببەت ھەققىدە غەزەل ( ئابدۇ رېھىم ئۆتكۇر )
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 7
Mki?EG H]i+o6 مۇھەببەت شامدىنى شامسىز قالالماس ھېچقاچان جانان. _WDBG چىراغسىز قالسىمۇ مېھراب ۋە ھەتتا مەككىدە بىر ئان. Eo {1y >^T,U0T]) تاپار مەجنۇن كېزىپ ئۆتكەن باياۋان چۆلنى چىن ئاشىق، u,Q_WR-wJ كۆمەلمەس چۈنكى بۇ سۆيگۈ ئىزىنى ھېچ شامال - بوران. PEX26== 3xmiX{1e ئۇدۇم بوپ قالدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت جامىغا ھېرىسلىك، OQytgXED بوۋام ئىچكەن ئىدى چۈنكى بۇ جامنى تولدۇرۇپ چەندان. RQj`9F '|YtNhWZ? غولام بولماقنى ئىستەيدۇ مۇھەببەت ئەھلىگە كۆڭلۈم، ]6a/0rg:t تېگىشمەسمەن بۇ دۆلەتنى قېشىمغا كەلسىمۇ سۇلتان. !7:EE,W~ b*lKT]D, رىيازەت ئوتىدا تاۋلا يۈرەكنى دەر ئىدى پەرھات، +ckMT3 شۇ تەلىم دىلدا جا بولغاچ، ئوقۇرمەن يۈز تۈمەن شۈكران. {]+ jL1 5kK=S ئاقار تارىم سۈيى بىر كۈن كۈمۈشتەك يالتىراپ ئەركىن، kJ/+IGV^v ۋىسال مەۋجىدە ئۆتكۈرمۇ بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان. !>\9t9 1949 - يىل 5 - ئىيۇن.__ ئۈچتۇرپان مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. (1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر غەزەللىرى |
|