talwa612 |
2011-08-16 12:10 |
ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا رېتسېپلار
ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا رېتسېپلار ★قۇشقاچ كاۋپىغا يالپۇز تالقىنى قوشۇپ يېسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ. ★يۇمغاقسۈتنى شېكەر بىلەن قوشۇپ يېسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ. ★سۇقۇلغان قىچا تالقىنىغا ئىككى چېنە سۇ قۇيۇپ،يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ،قېلىن رەختتىن ئۆتكۈزۈپ ئىچىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قلىدۇ. ★ئۇزۇن يىلپىل بىلەن زەنجىۋىلنى ئېزىپ قاينىتىپ ئىچسە،ئاشقازاننىڭ سوغوقتىن بولغان ئاغىرىقىنى توختىتىدۇ. ★يالپۇزدا چۆچۆرە ئېتىپ ئىچىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ. ★كۈندە بىر قېتىم پولۇ يېسە،نەچچە كۈندىن كېيىن ئاشقازان ئاغرىقى ياخشىلىنىدۇ. ★يالپۇز بىلەن ئاق لالە بىلەن مەجۈن ياساپ،ناشتىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا داۋا بولىدۇ. ★ھەركۈنلۈك تاماققا يۈمغاقسۈت قوشۇپ يېسە،ئاشقازاننىڭ سەپرادىن ئاغرىشىغا داۋا بولىدۇ. ★سامساقنى قاينىتىپ ئىچسە،ئاشقازان كۆپۈشنى داۋالايدۇ. ★قاپاق ئۇرۇقنى يەپ بەرسە،ئىسسىقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ★يالپۇزنى تالقانلاپ،نانغا سېلىپ يېسە،زەھەرنى تازلاپ ئاشقازاننى ساپلاشتۇرىدۇ. ★زەنجىۋىل بىلەن ئارپىبەدىياننى باراۋەر مىقداردا قاينىتىپ سۈينى ئىچىپ بەرسە ،ئاشقازاندىكى سوغوق يەلنى ھەيدەپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ،كۆزنى رۇشەن قىلىدۇ. ★تۇرۇپنى سۈتتە ئۈچ نۆۋەت پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازان قايناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ★جىگدىنى باراۋەر مىقداردىكى ناۋاتقا قوشۇپ يەپ بەرسە،ئاشقازان ئاجىزلىقتىن بولغان تاماق ھەزىم بولماي ئاغرىشقا داۋا بولىدۇ. ★بېلىق كاۋپىنى بىر قانچە ھەپتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى كۆرۈنەرلىك داۋالايدۇ. ★كىرپە گۆشىگە زىرە،زەنجىۋىل تالقىنى سېپىپ،تۇنۇردا پىشۇرۇپ يېسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى ساقايتىدۇ. ★قۇرۇتۇلغان ئاق يىلان تالقىنىنى تاماقتىن كېيىن بىر چىمدىم كاپ ئەتسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ. ★ناۋاتنى زىرە بىلەن سوقۇپ،ناشتىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ ،ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ★قوينىڭ قېرىنىنى پاكىز تازلاپ ،250گىرام زەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ ھەركۈنى بىر قانچە قۇشۇقتىن سۈينى ئىچىپ ئازراقتىن قېرىننى يەپ بەرسە،ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ★ھەپتىدە بىر كۈن سەھەردە ناشتا قىلىپ،چۈشتە مېۋە يەپ،ئىلمان قايناق سۇنى ئىچىپ ،كەچلىك تاماقنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ. ★ھەرخىل تائاملارنى قۇرساقنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسىمى تويغىدەك ئىستېمال قىلسا ،ئاشقان تاماقلارنى يېيىش ۋاقتىدا ئىسسىتسا ۋە مۇچتىن ئۆزىنى تارتسا،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.
|
|