دەريا بويى-قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى l.__10{
ئەسئەت سۇلايمان Z!C`f/h9 *u|lmALs بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 يىل ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىدا ئاھالىلارنىڭ نىسبىتى بىلەن بوستانلىقلار سىغىمچانلىقى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئاھالىلەر يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەپ كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ.قۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن باشلىنىپ كېرىيە بوستانلىقى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ تىنماي ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ قۇرغاق ماكاننىڭ كېلىماتىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تۇراتتى. _hAj2%SL كېرىيە بوستانلىقى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبى گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلار ئوتتۇرىسىكى دېئالېكتىك بىرلىكنىڭ تىپىك كۈرۈنۈشى ئىدى. كېرىيەلىكلەر ئەلمىساقتىن بۇيان يىراقتىكى قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان دەريا سۈيىنى قەدىرلەپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلارنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دەريا سۈيىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى. eT7!a']x ئىمكانىيەت بولسىلا بوستانلىق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى ھاياتلىق مۇھىتى يارىتىش قۇملۇق خەلقىنىڭ دائىملىق ئارزۇسى ئىدى. بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى ئاھالىلارنىڭ نىسبىتىنى سىغدۇرالمىغان ھامان ئۇلار سىرتقا قاراپ ئاقاتتى ۋە دەريا تاراملارنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ يېڭى بوستانلىقلارنى ئىزدەيتتى. تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى يۇلتۇزلاردەك تارالغان چوڭ-كىچىك بوستانلىقلار مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانىدى. *G%1_ بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇن بىر توپ كېرىيەلىكلەر مال-چارۋىلىرىنى ھەيدەپ دەريا يۆنىلىشى بۇيىچە تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە يېڭى بوستانلىق تېپىشتەك بۈيۈك ئىستەك لاۋۇلداپ تۇراتتى. ئۇلار تەكلىماكان گىرۋىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىق- جاي كەنتىدىن ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا دەريا يۆنىلىشىنى يىتتۈرۈپ قۇيۇشتى. بىر خىلدا لۆمشۈپ ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ يەرگە كەلگەندە ئەتراپقا تارىلىپ، چەكسىز قۇم باغرىغا سىڭىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەمدى نە دەريا، نە توغراق-يۇلغۇن، نە ئۇچار قۇشلار كۆرۈنمەيتى. بىپايان قۇملۇق، بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن بارخانلار ۋە يالتىراپ تۇرغان قۇياش نۇرىدىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتى. %JP&ox|^& سۇ مەنبەسىدىن ئايرىلىشتەك بىرخىل ۋەھىمە تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىچكى خاتىرجەمسىزلىك سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يولىدىن توختاپ قالمىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قورقۇنۇچلۇق سەپەرگە ئاللىقاچان تەۋەككۇل قىلىپ بولغانىدى. ھامان بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا غايىۋى بوستانلىق كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغاندەك، يېپيېڭى بىر ھاياتلىق ماكانىغا قايتا ئېرىشىدىغاندەك بىر گۈزەل تۇيغۇ ئۇلارنى ئالغا ئۈندەيتى. t,--V|7- ئۇلار توختىماي ئالغا قاراپ مېڭىشتى، غايەت زور قۇم دېڭىزىنى كېچىپ، بارخانلارنى ئاتلىدى، قەدىمكى خوتەنلىكلەرگە خاس جاھىللىق ۋە ئۆزىنى پىدا قىلىشتەك روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى. تەجرىبىلىك ئاقساقاللىرى بىلەن ماھىر پادىچىلىرىنىڭ قۇمغا سىڭىپ كەتكەن دەيا سۈيى ھامان بىر جايدىن سىرغىپ چىقىدۇ، دېگەن قىياسلىرىغا شەكسىز ئىشەندى. شۇنچىلىك ماڭغان بولسىمۇ قۇملۇق تۈگىمىدى، ئەكىسىچە ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتى تۈگەشكە باشلىدى، ئۇلار ھاردى، چارچىدى، ئۇسسىدى، ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى، نەگە كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقالمىدى. 'Z*\1Ci تۇنۇر ئوتىدەك ئاپتاپ، قۇرغاق ھاۋا، سۈررەك قۇملۇق، پايانسىز چۆل ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىنلا خورىتىپ قالماستىن، بەلكى يەنە روھىي جەھەتتىنمۇ سولدۇردى. ئۇلار ئەزەلدىن بۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغانىدى، ئەجابا، ئۇلارنىڭ قىياسى خاتا بۇلۇپ قالغانمىدۇ، قۇمغا سىڭىپ كەتكەن كېرىيە دەرياسىنىڭ سۈيى زادى نەگە كەتتى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە سۇلۇق كۆلچەكلەر، پايانسىز توغراقلىقلار، كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇقلار بارمىش دېگەن رىۋايەتلىرى قۇرۇق گەپمىدۇ!؟..... Uv
@!i0W ئۇلار - كېرىيەلىك ماھىر چارۋىچىلار تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ھايات-ماماتلىق تاللىشىدىن گۇمانلاندى. بىر ئۆمۈر قۇملۇق تۇرمۇشىدىن چۇغلىغان تەجرىبىلىرىدىن شۈبھىلەندى. بۇ پايانسىز قۇملۇق ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگىچە تۇتۇشۇپ كەتكەنمىدۇ؟ ھەزرىتى مۇسامۇ ئىسرائىل قۇۋمىنى باشلاپ كەنئان چۆللۈكىدىن چىقىپ پەلەستىنگە يېتىپ بارالىغانغۇ؟ تەڭرى ئۇلارغىمۇ بىر چىقىش يولى بەرمەسمۇ؟سۇئاللار چەكسىز، جاۋاپلار ئازاپلىق ئىدى، ئۇلار رەھىمسىز تەبىئەتنىڭ ئەڭ قاتتىق سىناقلىرىنى قۇبۇل قىلماقتا ئىدى. baUEsg[~V شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە - يېلىنجاپ تۇرغان قۇياش بارخانلار ئۈستىگە باش قويغان، زېمىن شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن بىر دەقىقىدە - ئۈمىد تۇغۇلدى! بىر قۇش غاقىلدىغىنىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئالدى تەرەپتىكى بارخانلار كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار خوشاللىقىدىن ۋارقىرىۋەتتى: Hrd5p+j - سۇ ، بوستانلىق، ھاياتلىق !!!! JfZL?D{NM نىمجان بۇلۇپ قۇم دۆۋىلىرىگە يىقىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ پۇت قوللىرىغا جان كىردى. ئۇلار ئۆلە تىرىلىشىگە قارىماي ھېلىقى قۇش ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى. كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كەلدى. تۇمۇرلىرىدا قانلىرى قايتا ئۇرغىدى، قەلبىدىكى ئۈلۈم ۋەھىمىسى تاراپ كەتتى. شۇنداق، ئۇچار قۇش سۇدىن، بوستانلىقتىن، ھاياتلىقتىن نىشان بەرمەكتە! قۇش ئۇچۇپ كەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ ماڭسىلار ئۇلار چۇقۇم ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.... E%wV ئۇلارر قانچىلىك ماڭغىنىنى بىلمىدى، گاھ يۈگۈردى، گاھ ئۆمىلىدى، گاھ دومىلىدى.... ئاخىر دېگەندەك يىراقتىن ياپيېشىل بوستانلىق كۆرۈلدى. بۇ جاي تەكلىماكاندىكى بىر سىرلىق مۆجىزە ئىدى. كېرىيە دەرياسى قۇملۇققا سىڭىپ، يەر تېگىدە نەچچە يۈز چاقىرىم سىرغىپ ئاققاندىن كېيىن تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى قىسىمىدا يەر يۈزىگە چىققانىدى. بۇ يەردىكى كۆللەردە، ساسلىقلاردا، ۋە تەبىئىي بۇلاقلاردا تىنماي سىرغىپ تۇرغان سۇلار بۈك باراقسان يېشىل كارىدور ھاسىل قىلغانىدى. توغراقلىقلار نەچچە ئون كلومېتىر دائىرىگە سۇزۇلاتتى. كۆز يەتكۈسىز يۇلغۇنلار بىرخىلدا قىزىرىپ تۇراتتى. كىچىك كۆلچەكلەردە بېلىقلار تىنىمسىز پىلتىڭلايتى. توغراقلىقلاردا تۈرلۈك ئۇچار قۇشلار سايرىشاتتى. ئوتلاقلاردا كىيىك جەرەن، ياۋا ئۆچكە ۋە توشقانلار توپ-توپى بىلەن خاتىرجەم ئوتلاپ يۈرەتتى. .. ئۇنۋىرسال تورى rd&*j^? ئۇلار ھايات-ماماتلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىر تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ يېشىل ئارالنى بايقاشتى. مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشتى. بۇ يەردىكى تىنچ، پىنھان ۋە خاتىرجەم ھايات ئۇلارغا قۇچاق ئاچتى. ئۇلار بۇ يەرگە <<دەريا بويى>> دەپ نام بەردى. ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋەتىنىنى قۇرۇشقا باشلىدى. تەكلىماكاندىكى بۇ سىرلىق ۋەتەندە خوتەن مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئۈلگىلىرى ناھايىتى تېزلا يىلتىز تارتتى. تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ئاشۇ پادىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچان ئەۋلاتلىرى بۇ يەردە ئادەملەر بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدىن ھاسىل بولغان ھاياتلىق چەمبىرىكىنى قۇرۇپ چىقتى. زور كۈچ بىلەن مال چارۋىلارنى كۆپەيتتى. توغراقلارنى كېسىپ يېڭى ئۆيلەرنى سالدى. قۇم بارخانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ بوستانلىقنى قانداق ئاسراشنى، تەبىئىي مۇھىتقا قانداق ماسلىشىشنى تېزلا ئۆگىنىۋالدى. ?G~/{m. پۈتۈن دۇنيا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى جەننىتىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى. ئەمما، ئۇلار تەكلىماكاندىكى بۇ تەنھا ۋەتەندە تۇرۇپ دۇنيانى ۋە ئالەمدىكى كىشىلەرنى ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئۆز جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئىجتىمائىي بىرلىكتە ئىنساپ، ئىمان، ئەخلاق ۋە قېرىنداشلىق ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى قىلىنغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكىدىكى ئاقسالىغا بويسۇناتتى. جەمەت ئاقساقالىمۇ ئۆز جەمەتىدىكى ئەزالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايتى. ئۇلار ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش، ماددى بايلىق يارىتىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇشتىنمۇ بۈيۈك بۇرچ يوق ئىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن 400 يىل بۇرۇنقى كېرىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا بۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ساددا ۋە ساپ قاراشلىرى ئارقىلىق راۋاجلاندۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىي بىرلىكىدە بىر خىل ساپ ھالەتتىكى ئەخلاقى مىزان ۋە شەرىئەت پىرىنسىپلىرى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. ئۇلار ئەزەلدىنلا ئوغرىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، زالىملىق، يالغانچىلىق، ھەسەتخورلۇق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنى بىلمەيتى. ئادەملەر ئارا ۋاپادارلىق، راستچىللىق، نۇمۇس، غورور ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى ئەڭ گۈزەل كىشىلىك پەزىلەت دەپ قارايتى. زامانىۋى جەمىيەتتىكى باش ئاخىرى يوق زىددىيەتلەر، باش قېتىمچىلىقلار، ئادەملەر ئارا ساختا مۇناسىۋەتلەر بۇ يەردە زادىلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئاددى كەپىلەردە يېتىپ، ئاي دالىلاردا تۈنەپ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگىنى بىلەن ئۆزلىرىنى دائىم ئەركىن، خوشال ۋە خاتىرجەم سېزەتتى. تەبىئىي ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى، دورا ئۈسۈملۈكلىرىنى، خېمىيۋى تەركىبى بولمىغان ئىشقارسىز مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلغاچقا، ئۇلار ناھايىتى ساغلام ۋە بەستلىك ئىدى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەتتى. 100 ياشتىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتى. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى گويا تۇغما تېۋىپلاردەك ئادەم بەدىنى ۋە روھى دۇنياسىنىڭ تەبىئەت ئېكولوگىيىسى بىلەن بولغان ئىچكى بىرلىكنى ئاجايىپ ئوبدان چۈشىنەتتى. كېلىماتنىڭ ئىسىىق سوغوقلۇقى، تەبىئەتنىڭ ھالىتى ۋە تەبئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىزاج-خىلىتىنى قانداق تەڭشەشنى، ئىچكى كېسەللىكلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، شۇنداقلا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ گارمونىك بىرلىكىنى قانداق ساقلاشنى تېخىمۇ ئوبدان بىلەتتى. i#pjv'C ئۇلارنىڭ جاپالىق پەرۋىش قىلىشى ئارقسىدا بۇ بوستانلىقتا سان-ساناقسىز مال-چارۋىلار توپى ھاسىل بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك مال-چارۋىسى بارلىقىنى بىلمەيتى. ئۇلار ئەزەلدىن مال چارۋىلىرىنى ساناپ كۆرۈشكە ئادەتلەنمىگەنىدى. بۇ يەردە باج سېلىق، ئالۋاڭ، ھاشار، بۇيرۇق، جەرىمانە دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇلارنى ھېچكىم ھېچنىمىگە مەجبۇرلىمايتى. بەلكى ئۇلار ھەممە ئىشتا ئاڭلىق، مەسئۇلىيەتچان ئىدى. چوڭلار ھۆرمەتكە، كىچىكلەر ئىززەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۈچلۈك جامائەتچىلىك ئېڭى مەۋجۇت ئىدى. ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىقنى ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قۇياتتى. Lu8%qcC ئۇلار زېمىننى سۆيەتتى. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلاتتى. سۇ مەنبەلىرىنى قەدىرلەيتى. ھەر بىر تامچە سۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. ھەر بىر تۈپ توغراقنىڭ قانچىلىك قۇمنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. ئۇلار بۇ زېمىننىڭ يارىلىشىدىنلا بىر خىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالەمدىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە تۇرىدىغانلىقى، تاغ، دەريا، قۇملۇق،بوستانلىق ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆز ئارا ئورگانىك بىرلىكتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغانىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى، زېمىننىڭ قوغدىغۇچىسى، بوستانلىقلارنىڭ خوجايىنى دەپ قارايتى. kbIY%\QSO شۇنداق قىلىپ، كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. تەكلىماكان چۆلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇنغا بۇ تەنھا بوستانلىق جاھان ئۆزگىرىشلىرىن بىخەۋەر ھالدا ئۆز مۇقامى بۇيىچە كېتىۋەردى. بۇ يەردىكى ئادەملەرمۇ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ياشاپ كەلدى. دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن 400 يىل بۇرۇن قانداق بولسا، ھازىر شۇنداق ئىدى. چەكلىك دائىرىدىكى بوستانلىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىپايان قۇملۇق، ئۇنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرغان ئاسمان گۈمبىزى.....مانا بۇلار ئۇلارنىڭ دۇنياسى ئىدى. \j2:
6]Hm 400 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا تالاي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئىنسانىيەت يېڭى دېڭىز مەدەنىيىتى يارىتىپ، سانائەت دەۋرىگە كىرىپ كەلدى، ئامېرىكا قىتئەسى بايقالدى. مۇستەملىكىچىلىك دەۋرى ئاخىرلىشىپ، شەرقتىكى كۆپلىگەن ئەللەردە مىللى ئازادلىق كۈرەشلىرى غەلىبە قىلدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلىدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى. ئىنسانىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاي شارىغا چىقتى.... ۋاھالەنكى، تەكلىماكاندىكى بۇ تەنھا ئارالدا ياشاپ كەلگەن ئاشۇ كىشىلەر يۇقارقى ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۇقمايتى. ئۇلار ھەتتا ئۆز ئەتراپلىرىدىكى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان قانچىلىغان قىسمەتلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بىر قانچىلىغان ھۆكۈمرانلارنىڭ تەخىتكە چىقىپ، يەنە بىر قانچىلىرىنىڭ غۇلىغانلىقىنى، ماخۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ خوتەندىكى زورلۇق-زومبۇرلۇقلىرىنى، يەر ئىسلاھاتى، كوپراتسىيەلەشتۈرۈش، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى، دېگەن ناملاردىكى دەبدەبىلىك سىياسى شۇئارلارنى ئۇقمايتى. XhlI|h-j ئۇلار - تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى خلۋەت بوستانلىقتا يېقىنقى زاماننىڭ 400 يىلىنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار ئىچكى ئاسىيانىڭ تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەنگەن تىندۇرما مەدەنىيىتىنى ئۆز رېتىمى بىلەن ساقلاپ كەلگەنىدى. بوستانلىق خەلقلىرىنىڭ، تېخىمۇ توغرىسى خوتەن خەلقىنىڭ 400 يىلدىن بۇرۇنقى ئۆرپ ئادەتلىرى، ئەقىدە ئۇدۇملىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا روھى دۇنياسىدا زامانىۋى جەمىيەتتىن ئەبەدى تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل نەرسىلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا يىراق ئۆتمۈشكە تۇتىشىپ كەتكەن بىر چوڭقۇرلۇق، تىنىق ساماغا تاراپ كەتكەن بىر پاكلىق ھەمدە ھايات گۈزەللىكى بىلەن جىپسىلىشپ كەتكەن ساپلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي بىرلىكى، دىنىي قارىشى، تىل ئالاھىدىلىكى پىسخىك دۇنياسى قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تېخى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتمىگەن ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇ يەردىن ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل روھ ئەۋرىشكىلىرىنى تاپقىلى بولاتتى. )[y!m9Vn قىسقىسى، بۇ جاي تەكلىماكاندىكى تەبىئىي فولكلور مۇزىي ئىدى. بۇ يەرگە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراقلىرىمۇ، بازار ئىگىلىگىنىڭ پايدا ۋە مەنپەئەتنى قوغلىشىدىغان چۇقان-سۈرەنلىرىمۇ، بۈگۈنكى ئادەملەرنىڭ زىددىيەتكە، رىقابەتكە تولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلىرىمۇ يېتىپ بارمىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلۋەت جەننىتىدە تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ 400 يىل پىنھان ياشىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئارىلىدا تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش دەپ تەسەۋۋۇر قىلغانىدى. دۇنيانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياتلىشىپ كەتكەنلىكىنى خىياللىرىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ئۇلار دۇنيادا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە تولغان يېقىنقى زامان تارىخىدا، تەكلىماكاندىكى <<ئەسھابۇل كەھف>>تە رىۋايەتلىك 400 يىلنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزگەنىدى. 3 ئۇلار بۇ يەردە زادى قانچىلىك ياشىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتى. پەقەت ئېسىدە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان كېرىيە بوستانلىقى ھەققىدىكى غۇۋا خاتىرىلار ساقلىنىپ قالغانىدى. Mv7w5vTl تۇيۇقسىز بىر كۈنى بۇ يەرنىڭ رىۋايەتلىك تارىخى بۇزۇپ تاشلاندى. مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ ئاشۇ ئادەملىرى بۇ ئارالنى ئاخىر بايقاپ قالدى. بۇ دەل 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارىكى ئىدى. ^td!g1"< شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكاندىكى تەبىئىي ھاياتلىق ئارىلى - دەريا بويى ئاخىر بايقالدى. مەدەنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ ئادەملىرى شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، چىشلىرىنى بىلەپ، كۆزلىرىنى قىزارتىپ بۇ يەرگە يۇپۇرۇلۇپ كېلىشتى. دۇنيادا تېخى ئۆزلىرى بىلمەيدىغان بۇنداق ياخشى جاينىڭ بارلىقىدىن ھەيران بۇلۇشتى. J-eA,9J دەريا بويىدىكى بۇ ساددا خەلقلەرمۇ 400 يىلدىن كېيىن كۆرگەن تۇنجى ئادەملەردىن چەكسىز ھاياجانلاندى. ئىچ-ئىچىدىن خوشال بۇلۇشتى. دۇنيانىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئۇلار بۇ يېڭى مېھمانلارنى ئەڭ ياخشى نەرسىلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇلارغا ئېگىلىپ تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئادەملەرگە قانچىلىك تەشنا بولغانلىقىنى، ئادەملەرسىز بۇ دۇنيانىڭ جىمى گۈزەللىكنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى. h|c:!VN@ ئەپسۇسكى، بۇ يېڭى مېھمانلارنىڭ ئويلايدىغىنى پۈتۈنلەي باشقا نەرسىلەر ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغان بۇ ساھىپخانلارنىڭ ئاجايىپ ساددىلىقىدىن، ئاق كۆڭۈللۈكىدىن ئىچىدە كۈلۈشمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ تەملىك كاۋاپلىرىنى، قېرىنغا قاچىلاپ قوقاستا پىشۇرغان ئالاھىدە گۆش تائاملىرىنى، ئۆزگىچە كۆمەچلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەپ تۇرۇپ ئۇلاردىن قانداق پايدىلارنى ئۈندۈرۈۋېلىشنىڭ چوتىنى سوقۇشماقتا ئىدى.... ئۇلار بۇ يەردە يەتكۈچە مېھمان بۇلۇشتى، يېدى، ئىچتى، خۇددى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا تۇنجى نۆۋەت يېتىپ بارغان <<ماي گۈلى>> ناملىق يەلكەنلىك كېمىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئاق كۆڭۈل ئىندىيانلارنىڭ نېمەتلىرىنى قانداق ئىشتىھا بىلەن يېگەن بولسا، ئۇلارمۇ دەريا بويىلىقلارنىڭ نەرسىلرىنى شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يېيىشتى. ئەتراپقا تويماي بېقىشتى. بۇ يەرنىڭ ئوتلاقلىرىنى، كۆللىرىنى، توغراق، يۇلغۇنلىرىنى، قوي پادىلىرىنى، ياۋايى ھايۋانلىرىنى، چىرايلىق قىزلىرىنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قويدا گاراڭ بۇلۇشتى. yO$r'9?,* شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ يەرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلدى. ھېلىقى تۇنجى مېھمانلار تېخىمۇ كۆپ مېھمانلارنى باشلاپ كېلىشتى. تۈركۈم تۈركۈم يات ئادەملەر قاياقلاردىندۇر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. ئۇلار بۇ يەردىكى ئادەملەردىن بىر مۇنچە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇلار زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەرنى قىلىشتى. ;4S
[ba1/ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ يەرگە گۈركىرەپ ماشىنىلار يېتىپ كېلىشتى. تۈمۈر قالپاق كىيگەن بىر مۇنچىلىغان كىشىلەر نامەلۇم بىر سۇيۇقلۇقنى ئىزدەشكە كىرىشتى. بىر ئوچۇم كىشىلەر يېزىلىق ھۆكۈمەت، ئاشلىق پونكىتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مال دوختۇرلۇق پونكىتى، رادىئو ئۇزېلى، سودا دۇكىنى دېگەندەك غەلىتە ناملار بىلەن ئاتالغان قۇرۇلۇشلارنى سېلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئەزەلدىن پالتا تېگىپ باقىمىغان توغراقلارنى كېسىشتى. ئوتلاقلارنى بۇزۇشتى، ئادەملەردىن زادىلا ئۈركۈپ باقمىغان جەرەن ۋە توشقانلارنى قالايمىقان ئوۋلاشتى. <<توشقان زەدىكى>> دەپ ئاتالغان قىممەتلىك دورا ئۈسۈملۈكلەرنى بىر-بىرلەپ يۇلۇپ كېتىشتى...... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنىدى. دەريا بويىدىكى بۇ قەدىمكى خەلق كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا سۈكۈت ئىچىدە قاراپ تۇرۇشتى. ئۇلار قانچە قىلىپمۇ بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى ئۆز تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمىدى. ئۆزلىرى بىلەن سىرتقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ شۇنچىلىك چوڭىيىپ كەتكەنلىكىگە ھەيران بولدى. ئۇلار ئەزەلدىن دەيا بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ساناپ باقمىغانىدى ھەم ساناپ بېقىشنىمۇ ئويلىمىغانىدى. ئەمما بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ 800 دىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشتى ھەمدە ھەر بىر كىشىنىڭ رويخېتىنى تۇرغۇزدى. ئەمدى بۇ يەردە ئۇلار ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يىغىنلار، يىغىلىشلار، شۇئار چاقىرىقلار، بۇيرۇق پەتىۋالار، ئالۋاڭ ھاشارلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ خاتىرجەم، تىنىچ ۋە دەخلىسىز تۇرمۇشى بۇزۇلدى. ئۇلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىجتىمائىي بىرلىكى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاستا ئاستا خىرىسقا ئۇچرىدى. ئىلگىرى ئۇلارنى پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىپ تۇرغان 230 كلومېتىرلىق چوڭ قۇملۇق ئەمدىلىكتە ھېچقانچە توسالغۇ بۇلۇپ قالالمىغانىدى. ' F 6au[ تەكلىماكاننىڭ قوينىدىكى بۇ سىرلىق بوستانلىق ئەنە شۇنداق بايقالدى. ھازىرقى زاماننىڭ مەدەنىيەتلىك ئادەملىرى بۇ تەنھا ئارالنىڭ رىۋايەتلىك ئۆتمۈشىنى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتۇردى. 400 يىل ئۆز ئالدىغا ياشاپ كەلگەن، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بۇ ئادەملەر ئەنە شۇ پىنھان كەچۈرمىشلەر بىلەن ھازىرقى زامانغا قايتىپ كەلدى. j-I6QUd ئارىدىن ھەش-پەش دېگۈچە 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ توختاۋسىز قەدىمى دەريا بويىنىڭ قەدىمى بىلەن ئەنئەنىلەرگە باي سېھرى كۈچىنى خورىتىپ باردى. بۇ يەرگە كېلىدىغان ئادەملەر كۆپەيگەنسېرى بېكىك ھالەتتىكى قەدىمكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىمۇ بارغانسېرى تارىيىپ باردى. ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ خىلمۇ خىل زامانىۋى باكتىرىيېلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى...... %CsTB0Y7n, شۇنداق، قۇيۇق رىۋايەتلەرگە پۈركەلگەن ئۆتمۈش غايىپ بولدى. خۇددى ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىغا قۇنۇشىنى ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئاي ھەققىدىكى گۈزەل ئەپسانە رىۋايەتلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى يوقىتىۋەتكىنىدەك، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ دەريا بويىغا يۇپۇرۇلۇپ بېرىشى ۋە بۇ يەرنى قايتا قۇرۇشىمۇ بۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىدىكى ئالاھىدە تارتىش كۈچىنى بەربات قىلدى. قەدىمكى پارلاق تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تەكلىماكاندىكى بۇ جانلىق كۆزنىكى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك زەربىسى ئاستىدا ئەنە شۇنداق غايىپ بولدى. 5Re`D|8 ئەمدىلىكتە دەريا بويىدىكى بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا جىددى ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەكلىماكاندىكى جەننىتىنىڭ ئەبەدى غايىپ بولغانلىقىنى، ئۆز جەمىيىتىنىڭ بەربات بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلگىرى كۆنۈككەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئادەم، دۇنيا، ھايات، ئەقىدە، ئەخلاق دېگەن ئۇقۇملارنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىدىن گۇمانلاندى. شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئاشۇ رەھىمسىز تۇقۇنۇشتا قانداق تىراگېدىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى باشقىدىن چۈشەندى. <@x+N%C دەريا بويى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىدىن مەھرۇم بولدى. تەكلىمكاندىكى تەبىئىي ئېنتوگرافىيە مۇزىي بۇزۇلۇشقا باشلىدى. 400 يىلدىن بۇيان قۇلۇپ سېلىنمىغان ئۆيلەرگە قۇلۇپ سېلىنىدىغان بولدى. ئادەملەر بىر-بىرگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئىش ھەرىكەتتە ئېھتىيات قىلىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە شەخسى مەنپەئەتنى ئويلايدىغان بۇلۇشتى. 400 يىلدىن بۇيان ئادەم دىدارىنى سېغىنىپ كەلگەن بۇ كىشىلەر ئەمدىلىكتە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئادەملەردىن بىزار بۇلۇشقا باشلىدى. سىېرتتىن كەلگەن ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە تاماكا، نەشە، ھاراق ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. بايلىق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاياغ ئىزلىرى تەگمىگەن جايلار ئاز قالدى. ئۈسۈملۈكلەر، ئورمانلار، ياۋايى ھايۋانلار، ئۇچار قۇشلار، قوي پادىلار خوراشقا باشلىدى. مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ تۇرمۇش رىقابىتى ۋە ئىچكى ۋەھىمىسى ئاستا-ئاستا بۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى. =AnZ>6 شۇنداق قىلىپ، تەكلىماكاندىكى بۇ مەدەنىيەت كۆزنىكى قانداق تۇيۇقسىز بايقالغان بولسا، شۇنداق تۇيۇقسىزلا بەربات بۇلۇشقا باشلىدى. قەدىمكى كېرىيەلىكلەرنىڭ دەريا بويىدىكى 400 يىللىق رىۋايەتلىك ھاياتى مەڭگۈ بىر چۈش بۇلۇپ قالدى. تەكلىماكاندىكى قانچىلىغان بوستانلىقلار ۋە قەدىمكى شەھەر قەلئەلەر قانداقلارچە قۇم دېڭىزى ئاستىدا قالدى؟ بوستانلىقلار كۆلىمى قانداق قىلىپ بارغانسېرى تارىيىپ كەتتى؟ دەريا سۇلىرى نېمە ئۈچۈن ئازىيىپ كۆللەر قۇرۇپ كەتتى؟ كېلىمات نىمىشقا قۇرغاقلىشىپ نەچچە يۈز كلومېتىرلىق تەبىئىي توغراقلىقلار ۋەيران قىلىندى؟ .... ئايتىماتوف توغرا ئېيتىدۇ: بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيامەت ۋە ئېكولوگىيە تىراگىدىيىلىرى دىنىي كىتاپلاردا ئېيتىلغاندەك خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ! زېمىن ئەسلىدىنلا بىر خىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇقتا يارىتىلغان، تەبىئەت ئەزەلدىنلا جىمى مەۋجۇداتلار بىلەن گارمونىك بىرلىك ھاسىل قىلغان، مانا مۇشۇ تەڭپۇڭلۇقنى مەدەنىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئىگىسى بولغان ئىنسانلار ئۆز قولى بىلەن بۇزدى. قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ بىر كۆزنىكى بولغان دەيا بويىنىڭ بايقىلىشى ۋە ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشى بىزگە يېڭىدىن يېڭى ۋەھىمىلەرنىڭ ھېس قىلدۇرماقتا. "u,~yxYWl شۇنداق، تارىم بىزنىڭ ئانىمىز، بىز بۇ مېھرىبان ئانىدىن تۇغۇلغان، ئۇنىڭ كۆكسىدىن ئاق سۈت ئېمىپ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاپ ھايات گۈزەللكىنى ھېس قىلغان، ئۇنىڭ باغرىغا تىنىپ كەتكەن مەدەنىيەت تىندۇرمىسىدىن ئۇزۇق ئالغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مېھرىبان ئانا زامان رىيازەتلىدىن چارچىدى، جىسمى خورىدى، چاچلىرىغا ئاق كىردى. ئىچكى ئېنىرگىيىسى خورىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كۆپ مۇشەققەتلەر چەكتى. ئۇ يېڭى ھاياتى كۈچكە مۇھتاج! بىز ئۇنى پەرزەنتلىك مۇھەببىتىمىز بىلەن ئاسرايلى ۋە مەڭگۈ سۆيەيلى!!!....... t;e]L'z@:
|