يېزىقچىلىقتىن بىر سائەتلىك دەرس لايىھىسى
مۇھاكىمە ماقالىسىدە بېرىلگەن ماتىريالغا ئاساسەن ماۋزو بەلگىلەش
ئوقۇتۇش نىشانى ؛
بىلىم نىشانى ؛مۇھاكىمە ماقالىسى ھەققىدە ئاددى ساۋات ۋە ئوقۇغۇچلار دائىم ئارلاشتۇرۇپ قۇيۇدىغان نۇقتىلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ .
ئىقتىدار نىشانى ؛ بېرىلگەن ماتىريالغا ئاساسەن ماۋزو بەلگىلەيدىغان بولۇش ،ئۆز پىكىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قۇيالايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش .
.ھېسىيات قىممەت نىشانى . ئوقۇغۇچىلاردا توغرابلغان پۇل ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش
مۇھىم قىيىن نۇقتا؛
ماۋزو قۇيۇش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش
ماۋزو قۇيالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش.
دەرسكە تەييارلىق؛ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك دەرس بايلىقلىرىنى تاللاش ،
ئوقۇغۇچىلار تەيارلىقى دەرسلىكتە ئۆگەنگەن مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ مۇھاكىمە ماقالىسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش.
دەرسكە باشلاپ كىرىش ؛ «پۇل ›› دېگەن شئېر ئارقىلىق باشلاپ كىرىمەن .
پۇل...
پۇل بىلەن پاكلاندى زىمىن قوينىمۇ، پۇل بىلەن بۇزۇلدى زىمىن كۆزىمۇ. ئۇ ئەسلى ئەمەسكەن، نەسلى بۇزۇق پەس، ئادەملەر ئۇنىڭغا بېرىپتۇ نۇرمۇ.
پۇل بىلەن يىتىمنى يۈلەر بەزىلەر، پۇل بىلەن باشلىقنى ئەپلەر بەزىلەر. پۇل بىلەن ھارامغا ھالال تۈس بېرىپ، «چىغىر يول» ياساشقا ماڭغان بەزىلەر.
پۇل بىلەن يالغانمۇ راس بۇلۇپ قالدى، ۋىژداننىڭ يۈرىكى داغ بۇلۇپ قالدى. ئار-نۇمۇس پۇل ئۈچۈن كۈيۈپ كۈل بولدى، مەسۇم قىز پۇل ئۈچۈن ۋىژداننى ساتتى.
پۇل -نىيەت،پۇل -ئىقبال .پۇل ھەم نەتىجە، پۇل بىلەن ئۆلچەندى نۇرغۇن توھپىلەر. پۇل بۇلۇپ يوق بولسا كۆڭۈل كۆزلىرىڭ، پۇل- قەغەز ، پۇل- ۋابا، پۇلمۇ ھەم كۈچەر.
تالىشىپ ئىت كەبى، پۇل دىدىم كۈلۈپ، تالاشتىم مەنپەتنى شىر كەبىي چاپچىپ، بولدى بەس كۈنلۈرۈم ئۆتتى خارلىقتا، ئىتپاقلىق ،ھەمكارلىق كەتمىسۇن ئۈركۈپ
!..مەنبە -ئۆزۈم
يۇقۇردىكى شئېردىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ پۇل توغۇرسىدا يەنە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى؛ ئالدىن تەييارلانغان بىرىنچى ماتىريالنى ئوقۇغۇچىلار قولىغا تارقىتىدۇ. ماتىريال مەزمونى مەزمونى 1-مۇھاكىمە ماقالىسى دېگەن نىمە؟ 2- مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى 3- ئوقۇغۇچىلار ئارلاشتۇرۇپ قۇيۇدىغان نۇقتا ، مەسىلەن تېما بىلەن ماۋزونى بىر ئورۇنغا قۇيۇۋېلىش مەسلىسى( لوغەت مەنىسى جەھەتتىن مەنىداش بولسىمۇ ئەدەبىي ئاتالغۇ ياكى ئەدەبىي مەنىسى جەھەتتىن ئىككى ئۇقۇم شۇڭا ئوقۇغۇچىلار تېما ئاساسىدا ماقال يېزىش مەسلىسىدە چۇقۇم ماۋزو قۇيۇش مەسلىسىنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك دىگەن مەسىلە يورتۇلۇپ بېرىلىدۇ..)قاتارلىق مەزمونلاردىن تەييارلانغان ئۆگىنىش يېتەكچىسى ماتىريالى تارقىتىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرۈشكە ۋاقىت بېرىلىدۇ. يۇقارقى ئۆگىنىش يېتەكچىسىنىڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى سۇئاللار بېرىلىدۇ. (بېرىلگەن ماتىريالدا بىرقەدەر مۇھىمكەن دەپ قارىغان نۇقتىڭىز قايسى؟ نېمە ئۈچۈن؟ ماتىريالدىكى قايسى سۆزلەرنى مۇھىم سۆز دەپ قارىدىڭىز؟ نىمە ئۈچۈن ؟ ماتىريالدىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ )
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى؛
ئوقۇتقۇچى ئۆزى لايھىلىگەن ئۆگىنىش يېتەكچىسىنى باللار قولىغا تارقىتىدۇ. مەزمونى؛
ماۋزو قۇيۇشنىڭ قەدەم –باسقۇچلىرى؛ بېرىلگەن ماتىريالنى ئوقۇش---يەنى ئەستايىدىل ئوقۇش----مەزمونىنى ئىگەللەش(مەنىسىنى )ـ--مەركىزى ئىدىيەسىنى بېلىش(ئاساسلىق كۆز قاراش ياكى بىرەر مەسلىگە تۇتقان پۇزۇتسيەسى ) ---كەينىدىن ماۋزو قۇيۇش. ماۋزو قۇيۇشتىكى بىرقانچە ئۇسۇل
1. ماتىريالدا بېرىلگەن شەيئى نامى كەينىگە توغۇرلۇق ،ھەققىدە دىگەندەك ياردەمچى سۆز(تىركەلمە)لەرنى قۇشۇش ئارقىلىق قۇيۇمىز مەسىلەن؛ كىتاب ئوقۇش توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم.
2. بىرەر ئىشنىڭ سەۋەب نەتىيجىسىن ئىپادلەيدىغان ماۋزو.مەسىلەن ؛ جاپانى يېڭىش-بايلىق يارتىشنىڭ ئاساسى.
3. قارمۇ –قارشى مۇناسىۋەتنى ئىپادلەيدىغان ماۋزو؛مەسىلەن؛ پۇل بارلىقىمىز ئەمەس
4. سۇئال جۈملە شەكلىدىكى ماۋزو؛مەسىلەن ؛پۇل –ھەممىگە قادىرمۇ؟
5. ھېكىمەتلىك سۆزگە يىغىنچاقلانغان ماۋزولار؛كۈچبىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە
ئوقۇغۇچىلار يۇقۇرقى ماتىريالغا ئاساسەن تۆۋەندىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىدۇ.
يۇقۇرقى ماتىريالدىكى قايسىنۇقتىلارنى بىرقەدەر مۇھىم دەپ قارىدىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ (نىمىنى بىلگىنىڭىزنى ئاساس قىلىپ سۆزلەڭ)
مۇھاكىمە ماقالىسىغا دائىر تەييارلىق بىلىم نۇقتىلىرى يەتكۈزىلگندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار قۇلىدىكى ماتىريالغا ئاساسەن بېرىلگەن ماتىريالغا ئاساسەن ماۋزو قۇيۇشنى مەشىق قىلىدۇ. بېرىلگەن ماتىريال مەزمونى «مائارىپ گېزىتى››دىن «ساخاۋەت گۈللىرى ئېچىلسۇن ›› نامىدىكى تەپسىلى خەۋەر . ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قانداق يوللارنى بېسىپ بۇ ماتىريالدىن پايدىلنىپ ماۋزو قۇيۇلدىغانلىقى قانداق ماۋزولارنى قويغانلىقى نىمە ئۈچۈن شۇنداق ماۋزو قويغانلىقى سورۇلۇپ «ئاغزاكى ماقال يېزىقچىلىق››قا باشلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار يەنە ماتىريال بىلەن تەمىنلىنىدۇ.ئەگەر تۆۋەندىكى سۇئاللارنى بېرىلگەن ماتىريال دەپ قارىسىڭىز قانداق يوللارنى بېسىپ ماۋزو قۇيۇسىز؟ (ئوقۇغۇچىلار ئويلىغاچ بېرىلگەن ماتىريالنى كۆرىدۇ)
ماتىريال مەزمونى؛ بىر يۈئەن پۇلغا نىمىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟ بىر يۈئەن پۇلغا ئادەتتە قانداق پۇزۇتسىيە تۇتۇسىز؟ (دەرھاللا خەجلىۋاتامسىز ياكى؟)
ئادەتتە مېھرى –شەپقەت يەتكۈزۈش ھەركىتىدە،مەسىلەن ساياھەر رايۇنلىرىغا ئىئانە قىلىش ساندۇقلىرى قۇيۇلغان بۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار ؟
ئۆزىڭىزگە تەۋە ئىقتىسادىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟ ( بۇ ماتىريال ئارقىلىق ماتىريالغا ئاساسەن ماۋزو قۇيۇشتا ماتىريال دائىرسىنىڭ ئىنتايىن كەڭ شەكلىنىڭ كۆپ خىل ئىكەنلىكى خۇلاسلىنىدۇ.)
ئوقۇغۇچىلار ماتىريال بىلەن تەمىنلىنىدۇ پۇل توغۇرسىدىكى يۇمۇر .يۇمۇرنى ئوقىغاندىن كېيىن ئويلىغانلىرىنى سۆزلەيدۇ . قانداق ماۋزو قويغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.
ئاخىرقى پائاليەت ؛ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ سائەتلىك دەرستە ئەڭ كۆپ قوللانغان سۆزلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .
خۇلەسە؛ئەڭ كۆپ قوللانغان سۆزلەر؛
- گۇرۇپلاش-ياخشى-تەپەككۈر- پۇل- شەخس- ئائىيلە- مىللەت – دۆلەت –دۇنيا- مۇۋاپىقىيەت- مەغلۇبىيەت- روھ (دوسكا لايىھىسىگە بۇ سۆزلەر كىرگۈزىلىدۇ )
أ- مۇشۇ دوسكا لايىھىسىنى ماتىريالدەپ قاراشقا بۇلامدۇ؟ ئاساسىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭ ؛ 2. بۇ سۆزلەردىن پايدىلنىپ سەۋەپ نىتىيجە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ئاساسىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭ .ۋە ماۋزو شەكىللەندۈرۈپ كۆرۈڭ .
ب- تاپشۇرۇق ؛ بۇ سائەتلىك دەرستە ئىگەللىگەنلىرىڭىزگە ئاساسەن پۇل توغۇرسىدا بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ ؛
بۇ دەرس ھەققىدە ؛بۇ بىر سائەتلىك يېزىقچىلىق دەرسى 9-يىللىقلارنىڭ پۇل بىز ئورتاق دۈچ كەلگەن مەسىلە دىگەن ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش دەرسىگە ئاساسەن لايىھىلەنگەن . قىسقارتىپ مۇھىم نۇقتىلىرى يوللاندى. يېزىقچىلىق دەرسى ئۆلچەمدە ئۈچ سائەت دەپ بەلگىلەنگەب بولسىمۇ لېكىن بۇ ئۈچ سائەتتە نىمە قىلدۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش جەھەتتە يەنىلا كۆپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ . كەسىپداشلارغا ئازراق ياردىمى بولسا خۇرسەنمەن.
|