查看完整版本: [-- كۈندە يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> كۈندە يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ماھى 2011-08-10 13:30

كۈندە يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا

كۈندە يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا يۈرەك ساغلام بولىدۇ.

مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مىجەز-خۇلقنى تەڭشەشتىن سىرت، يەنە خولىستىرولنىڭ سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ،
 يۈرەكنى ياخشىلاپ، ساغلاملاشتۇرۇش رولىمۇ بار.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا ئاساسلانغاندا، پات-پات ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا
ئاڭلايدىغانلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ ئەزەلدىن مۇزىكا ئاڭلىمايدىغانلارغا
قارىغاندا % 26يۇقىرى بولىدىكەن.
قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،بۇزۇلغان خولىستىرولنىڭ قان تومۇردا يىغىلىپ
 قېلىشىنى ئازايتىدىكەن. تەتقىقاتتا يەنە، 18-ئەسىرنىڭ سىمفونىيىسىنى ئاڭلىغاندا چوڭ مىڭىنىڭ
دىققىتىنى ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما ئېغىر مېتاللىق چالغۇلاردا چېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا
قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى بايقالغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا ھەركۈنى يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىش كېرەك ئىكەن.

tawpek 2011-08-10 16:31
مەنمۇ دەل مۇشۇ نوختىنى تونوپ يىتىپ  تور بىكىتىمىز ئىشتىراكچىللىرىنىڭ مۇنبەردە تىما ئىنكاسلارنى كۆرۆش ۋە يوللاش جاريانىدا ئاڭلاشقا قولايلىق بولوش ئۈچۈن باش  بىتىمىزگە يىڭى ئىقتىدارلىق قويغۇچ ئالماشتۇردۇم،

ئاڭلىغاچ مەشخۇلات قىلساق قوش مەخسەتكە يەتكۈدەكمىز.  


يۈرىكىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن باش بەتتە ئاپتۇماتىك چىقىدىغان ناخشىلارغا ناخشا تەۋسىيە قىلساڭلارمۇ بولىدۇ،


بولمىسا ناخشا ئاڭلاش ئۈچۈن بىكىتىمىزنىڭ سۈرەتسىز ناخشىلار قانىلى سىلەر ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئوچوق، كۈندە دىگۈدەك يىڭى ناخشىلار يوللىنىدۇ، تورداشلارمۇ ئەزا بولوپ ناخشا يوللىيالايدۇ.


/mp3/

koksangun 2011-08-11 00:06
تەتىل مەزگىلىدە تەۋپىق مۇنبىرىدە ئاقگۈلنىڭ تۆھپىسى بەك چوڭ بولدى ، سىزدىن مىننەتدارمىز...

tawpek 2011-08-11 14:11
شۇنى دەيمەن، ئاققاش مۇئەللىم بىلەن ئاقگۈل مۇئەللىمە تەتىلدە ساياھەتكە كەتكەنلەرنىڭ ئورنىدا تەتىل قىلماي ئىشلىدى مۇنبەردە.

ablat0997 2011-09-20 10:47
دەرس تەييارلاپ چارچىغاندا مۇزىكا ئاڭلىسا خېلىلا يىنىكلەپ قالىدىكەن كىشى...

tutigul0998 2011-09-24 19:39
دېمىسىمۇ  مۇزىكا ئاڭلاش ئىنتايىن ياخشى ئىش

نۇرسىمانگۇل 2014-01-01 10:55
بۇ خىل ئۇسۇلنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن.

بابۇر0725 2014-02-28 01:32
ياخشى تەكلىپكەن ،دېمىسىمۇ  مۇزىكا ئاڭلاش ئىنتايىن ياخشى ئىش

ئەكبەرنىياز 2014-02-28 02:11
مۇزىكا ئاڭلاش ياخشى ئىش ، ئەمما مەن ئەسەر تەھرىرلىگەندە نېمىشقىكىن مۇزىكىغا ئۆچ بولۇپ قالىمەن . بۇ بەلكىم مەندىكى ئاجىزلىق بولسا كېرەك .


查看完整版本: [-- كۈندە يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled