ئەڭ ئاخىرقى دەرس
ئەڭ ئاخىرقى دەرس دىڭ ۋېن (ھېكايە) ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنۇمدىن ئىستىپا بېرىپ،جەنۇپتىكى بۇ داڭلىق شەھەرگە كەلدىم.ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن دىپلومىم،ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىم ۋە تۈرلۈك ئوقۇتۇش مۇسابىقىلىرىدە ئالغان شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىم بولغاندىن كېيىن،بۇ شەھەردىكى بىرەر باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلىشقا تامامەن شەرتىم توشىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،نەدىكىنى،بىر نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپكە قاترىغان بولساممۇ،ھېچقايسىسى مېنى قوبۇل قىلمىدى. ئوقۇش باشلىنايلا دەپ قالغان ئىدى.يەنە خىزمەت تاپالمىسام قايتىپ كېتىشتىن باشقا ئامال يوق ئېدى. خىزمەت ئاخىرى چىقتى،خەلق باشقۇرۇشىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىسى تۇغۇتلۇق دەم ئېلىۋاتقاچقا،مېنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىشكە قوشۇلدى ۋە مېنى ئۇنىڭ ئورنىدا ئۈچ ئاي دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.ۋاقىتلىق خىزمەت بولسىمۇ ھەر ھالدا ئىشسىزلىقتىن ياخشى.بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ رەسمىي خىزمەتكە ئورۇنلىشالايدىغانلىقىمغا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمىسەممۇ ، يەنىلا ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم.ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولساممۇ ،قىلچە بىخەستەلىك قىلماي ،دەرسلەرنى ياخشى لايىھىلەپ ئۆتۈپ ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ كەتتىم.مەكتەپ مۇدىرى كۆپ قېتىم دەرسىمنى ئاڭلىدى.ئوقۇتۇش تەتقىقات گوروپپىسىمۇ ئوچۇق دەرس ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ياخشى باھالارنى بىرىشتى.ئەپسۇسكى مەن پەقەت ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى ئىدىم،مەكتەپتە قېپقېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئۈچ ئاي ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە توشتى. شۇ كۈنى مەكتەپ مۇدىرى مېنى چاقىرىپ،مېنىڭ خىزمەتنى شۇنداق ياخشى ئىشلىگەنلىكىمنى،ئەمما تۇغۇتلۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقتى توشۇپ،ئەتە ئىشقا چۈشىدىغانلىقىنى،مالىيە بۆلۈمىگە بېرىپ ئىش ھەققىمنى ئېلىۋېلىشىمنى ئۇقتۇردى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ،مەن يۈك-تاقىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ،ئىشخانىغا كەلدىم ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بولۇنغان تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى ،دەرس تەييارلاش دەپتىرى، ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرى قاتارلىقلارنى تەقلەپ قويۇپ،ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلاندىم.ئەمما ،دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ بولغان بولسىمۇ ئۇ ئوقۇتقۇچى تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟كېتەيمۇ،كەتمەيمۇ؟ مەن ئاشۇ ئوماق ئوقۇغۇچىلىرىمنى دەپ بولسىمۇ ،بىر كۈن كېيىن كىتىشنى قارار قىلدىم. مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆتتۈم.چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتىدىغاندا ،ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدۇم.بىر كۈنلۈك ھەممە خىزمىتىم ئاياغلاشتى.ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرىشىمغا ،مەكتەپ مۇدىرى چاقىرتىپ قالدى. مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرگەندە،ئۇ ماڭا بىر توختامنامىنى سۇنۇپ ،مېنىڭ داۋاملىق مەكتەپتە قېلىشىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.مەن تەمتىرەپلا قالدىم.ئۇلار مېنى ئىشلەتمەيدىغان بولغانغۇ،بۇ زادى قانداق ئىش؟ مەكتەپ مۇدىرى: -بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىدا يېتەرلىك ئوقۇتۇش سەۋىيىسى بولۇپلا قالماي،يەنە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقمۇ بولىشى كېرەك. ئۈچ ئايدىن بېرى سىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىپادىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى، سىز ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز.بۈگۈن سىز ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىناق ئېدى،ئۇ بولسىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق.سىزنىڭ بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن،-دېدى. مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ۋە دەرھال ئون يىللىق خىزمەت توختامنامىسىگە ئىمزا قويدۇم.بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ قەدىرلەپ،چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنىش قارارىغا كەلدىم. بەش يىلدىن كېيىن ،مەن ياخشى نەتىجىلىرىم بىلەن راستىنلا ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بولدۇم. :l6sESr
ئاق گۈل تەرجىمىسى B!Qdf8We "شىنجاڭ مائارىپى"2010-يىللىق 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان. |