kokbilyartay |
2011-08-07 20:50 |
گۈزەللىك بىلىمدىن باشلىنىدۇ
RcI0n"Gi_ (ئەھمەد يۈكنەكى) داۋامى XR#?gx .} 3. دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە AIA4c"w.EO -N2m|%B fEyc3K'5V 25. بۇ دۇنيا ( يولۇچىلار ) چۈشۈپ ئۆتىدىغان سارايدۇر، سارايغا چۈشكۈچىلەرمېڭىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. كارۋاننىڭ ئالدى قوزغىلىپ ئۇزاپ كەتتى. ئالدى بىلەن قوزغالغان كارۋان قانداقمۇ كېچىكىپ قالسۇن؟ ! 26. نېمىشقا بۇ دۇنيانىڭ كەينىدىن يۈرگۈلۈك؟ خەسىسلىكتىن ساقلىنىشقا ئۆزۈڭ كۈچە، نېمىشقا مال - دۇنياغا مۇنچىۋالا كۆڭۈل بېرىسەن؟ بۇ مال - دۇنيا ئەتتىگەندە كەلسە، كەچتە يەنە كېتىدۇ. Jqt|'G3 27. مۈلۈكپەرەسلىكنى كۆڭۈلدىن چىقارغىن، ئەڭلىك پۈتۈن، قۇرسىقىڭ توق بولسا شۇنىڭغا قانائەت قىلغىنئ ئەتىگە ئوزۇقۇڭ بولمىسا، بۇ يوقسۇللۇقتۇر، مۈلۈك يوقلۇقىنى يوقسۇللۇق دېمە. hB] 28. بۇ دۇنيا نەرسىلىرىدىن يەيدىغان بىلەن كىيىدىغاننىلا ئال، ئارتۇق تىلىمە، گۇناھ يۈكلىنىدۇ. رەسۇل بۇ دۇنيانى ئېتىزلىق دەپ ئاتىغان، بۇ ئېتىزلىقتا ئىشلە،ياخشىلىق تېرى. {=E,.%8 29. بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى باقىي ئەمەس، مەززە مۇددىتى خۇددى ئۆتكۈنچى شامال. يىگىت قېريدۇ. يېڭى كونىرايدۇ. قاۋۇللار كۈچىدىن قېلىپ ئاجىزلىشىدۇ. RsP^T:M}$ 30. بۇ دۇنيانىڭ نەرسىلىرى بۈگۈن بار، ئەتە يوق، مېنىڭ دېگەن نەرسەڭ باشقىلارنىڭ قىسمىتى. ھەممە كۆپ ( نەرسە) ئازىيىدۇ، تەل ( نەرسە ) كېميىدۇ، بارلىق بارلىق ئاۋاتلىقنىڭ ئاخىرى خارابلىق بولىدۇ. TbhsOf! 31. ( ئادەملىرى ) سىغىشمايدىغان بىرمۇ يەرلەر ئىدى، ( ھازىر ) ئادەملىرى كېتىپ، بىرى بوش دېگۈدەك قالدى.قانچىلىغان ئالىم، پەيلاسوپلار بار ئىدى،قېنى بۈگۈن ئۇلارنىڭ مىڭدىن بىرى؟ Kdd5ysTQ 32. دۇنياكۈلۈمسىرەيدۇ، ھەم قاپىقىنى تۈرۈىدۇ، بىر قولىدا ھەسەل تۇتۇپ، بۇ قولىدا زەھەر ساقلايدۇ. ئاۋۋال ھەسەل بېرىپ، ئاغزىڭنى تاتلىق قىلىپ قويۇپ، كېيىن زەھەر قېتىلغان قەدەھنى سۇنىدۇ. (k5d.E]CK 33. تاتلىقىنى تېتىغان بولساڭ،ئاچچىقىنى تېتىشقا تەييارلان، راھەت بىرلەپ كەلسە، زەخمەت ئونلاپ كېلىدۇ. ئاھ، غەم ئۈمىدكە قوشۇلماي ئېقىۋېرىدۇ، بۇ دۇنيا قاچان ئۈمىد ئورنى بولغان ؟ NiH.Pv)Oa' 34. بۇ دۇنيا گويا ييلاندۇر، يلاننى ئۇرۇش كېرەك، ( ئۇ ) قول بىلەن يوقاتماققا يۇمشاق، ( لېكىن ئۇنىڭ ) ئىچى زەھەر بىلەن تولغان. يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن ياۋۇزلۇق قىلىدۇ، ( شۇڭا ئۇنىڭدىن ) يىراق تۇرغۇلۇق، يۇمشاق دەپ ئازمىغۇلۇق. fh
Q}Z%$ 35. بۇ دۇنيامۇ سىرتتىن قارىماققا گۈزەلدۇر، لېكىن ( ئۇنىڭ ) ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ناخۇشلۇقلار بار. سەن ئۇنىڭ تاشقى بېزىكىنى كۆرۈپلا ( ئۇنىڭغا ) كۆڭۈل بەرسەڭ، بۇ ئەڭ چوڭ خاتالىق بولىدۇ. jD'$nKpg 36. دۇنيا بەزىدە نىقابنى قايرىپ يۈزىنى ئاچىدۇ، ( ئۇ ) قۇچاقلىماقچى بولغاندەك قولىنى يايىدۇ، ( لېكىن ) يەنە تېز قاچىدۇ. بەخت گويا باز بۇلۇتى ياكى بىر چۈشتۈر، تۇرماستىن كېتەر ياكى قۇشتەك ئۇچار، o^&nkR {,CvWL 4. مەردلىك ۋە بېخىللىق ھەققىدە I r;Z+}4>Y 0@PI=JZ% 37. ئەي دوست، بىلىملىكنىڭ ئىزىدىن ماڭغىن، ئەگەر سۆزلىمەكچى بولساڭ بىلىپ سۆزلىگىن. ماختىساڭ مەردنى ماختىغىن، بېخىلغا چىڭ يا ئوقىنى بەتلىگىن. +%RB&:K7, 38. ھەممە تىلى مەردلەرگ مەدھىيە ئوقۇيدۇ، مەردلىك بارلىق ئەيىبلەرنىڭ كىرىنى يۇيىدۇ. مەرد بول، ساڭا تىل- ئاھانەت كەلمىسۇن، ( چۈنكى ) ئۇ تىل - ئاھانەت يولىنى ئېتىدۇ. 9jTm g% 39. ئېگىلمەس كۆڭۈلنى مەردلەر ئېگىدۇ، يەتكىلى بولمايدىغان مۇرادقا مەردلەر يېتىدۇ. بېخىللىقنى ماختىغان تىل قېنى، قەيەردە، مەردلىكنى ئاددىي ۋە خاس __ پۈتۈن خەلق ماختايدۇ. d 40. قارا، مەردلەر چوڭقۇربىلىمگە ئىگە بولىدۇ، مال - دۇنياسىنى شۇنىڭغا ساتتى ۋە مەدھىيە ئالدى. ( ئۇلار ) مىسكنىلەرگە تىلەكداش بولۇپ ياشىدى، ( بۇ ) دۇنيادا ياخشى نام قالدۇرۇپ كەتتى. 8ORr 41. بېخىل ھارامدىن كۆپلەر ئالتۇن - كۆمۈش يىغدى، ( ئۆزىگە ) گۇناھ ۋە قارغىش يۈكلەپ كەتتى. ( ئۇنىڭ ) مال - دۇنياسى كىشىلەر ئارىسىدا تەقسىم قىلىندى، بۇنىڭدىن بىخىلغا تەككىنى پۇشايماندىن ئىبارەت بولدى. TdH~sz 42. ئەي، مال ئىگىسى __ مەرد، ياخشى ئادەم، تەڭرى ساڭا بەرگەندىكىن، سەنمۇ بەرگىن. ئەيىبلەنگەن ۋە قارغىشقا قالغانلار يىغىشنى بىلىپ،بېرىشنى بىلمىگەنلەردۇر، ( ئەگەر ) بېرىشنىمۇ بىلسەڭ، قانچىلىك يىغساڭ يىغ. PFnq:G^L 43. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ۋە ئادەتلىرىنىڭ ئەيىبسىزى مەردلىكتۇر، بىلگىنكى، بېخىللىق ( ئۇلارنىڭ ئەڭ ) چىرىكىدۇر. قۇللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قۇتلۇق قول ___ بەرگۈچى قولدۇر، ئېلىپ بېرىشنى بىلمەيدىغىنى قوللارنىڭ قۇتسىزىدۇر. KdB9Q ; 44. بېخىللىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەلدۇر، بېرىشكە كەلگەندە بېخىلنىڭ قولى ئىنتايىن چىڭدۇر. يىغىش بىلەن ئاچ كۆز بېخىلنىڭ كۆڭلى تويمايدۇ، ئۇ مال - دۇنياغا قۇلدۇر، مال- دۇنيا ئۇنىڭغا ھاكىمدۇر. Kp_^ 2V? 45. خەلق ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئادەم ___ مەرد ئادەمدۇر، مەردلىك شەرەپ، ئىقبال ۋە جامالنى ئاشۇرىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا ئىززەتكە ئېرىشمەكچى بولساڭ، مەرد بول، مەردلىك سېنى ئىززەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. C8 b%r|^# 46. بېخىل __ ناكەس، ئەخمەق،مۈلۈك ساقچىسىدۇر، يىمەي - ئىچمەي يىغىدۇ ۋە ئۇنى چىڭ تۇتىدۇ. ھايات ۋاقتىدا دوستىغا تۇزىنىمۇ تېتىتمايدۇ، ئۇ ئۆلىدۇ، ( مېلى ) قالىدۇ، ( ئاخىرىدا ( مېلىنى دۈشمنى يەيدۇ. nBVknyMFNF >xt*( j&} شىنجاڭ ياشىلىرى 2010- يىلى 6- ساندىن ئېلىندۇ. 6v9{$:
|
|