查看完整版本: [-- ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكلى ۋە تۈرلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكلى ۋە تۈرلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-09-27 22:40

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكلى ۋە تۈرلىرى

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكلى ۋە تۈرلىرى 5S LF1u;  
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات D#0}/  
71_N9ub@z  
G1rgp>m  
شېئىر __ مەلۇم ھادىسە ياكى شەيئى كىشى قەلبىگە ئارام بەرمىگەنلىكتىن، ئاپتۇر چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش ، كەڭ تەسەۋۇر قىلىش نەتىجىسىدە قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان نىدالارنى ئۆتكۈر ئەمما يارقىن سۆز-ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىك ۋەزىن، رېتىم، قاپىيە شەكىللىرى بىلەن مۇجەسسەملەپ بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئىخچام ، ئەڭ قەدىمىي ئەدەبىي ژانىردۇر. شېئىرنى ھەۋەس ئۈچۈن ياكى دوراپ يېزىش تولىمۇ بىمەنىلىك. ئۆز مۇددىئاسىنى شېئىر بىلەن ئىپادە قىلىمەن دەپ مەجبۇرى زورۇقۇپ يېزىشتىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ. سۆزگە باي بولمىغان،تارىخى بىلىمى مول بولمىغان،تەپەككۈرى چۇۋالچاق،مەقسىدى غۇۋا بولغان كىشى شېئىر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى شېئىر تەپەككۈر ۋە تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى. ياخشى يېزىلغان شېئىرلار بولسا يازغۇچىغا ئارام بەرمەيۋاتقان مەلۇم ھادىسلەرنىڭ تەبئى يۇسۇندا مەلۇم ۋەزىن ياكى تۇراق بىلەن گۈزەل مىسرالارغا تىزىلىشىدىن ئىبارەت. بۇنداق شېئىرلاردا ياسالمىلىق، زورۇقۇش، چۇۋالچاقلىق، چۈشنىكسىزلىك...قاتارلىق شېئىرغا مۇخالىپ ئامىللار ئۇچىراپ كەتمەيدۇ. {`VQL6(i  
مۇھەببەت شېئىرلىرىدا ئوغۇللىرىمىز يىغلاڭغۇ سۆزلەرنى بىھۇدە ئىشلىتىشتىن، قىزلار بولسا مەشۇقىنى ئۇچىراتسا ھېچ نەرسىسىنى ئايىماي قوش قوللاپ تۇتقۇزۋېتىدىغاندەك مەزمۇندىكى مىسرالارنى يېزىشتىن ساقلىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن. A@UnrbX:  
تەنبىھ،نەسىھەت مەزمۇنىدىكى شېئىرلاردا«تاماق يىمىسە قوساق ئاچ قالىدۇ،دۈشەنبىنىڭ كەينىدىن سەيشەنبە كېلىدۇ...» دىگەندەك ئەڭ ئاددى بولغان تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرنىمۇ قايتا -قايتا تىلغا ئېلىپ، ئوقىغان كىشىنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. M4| L  
شېئىردا مەلۇم تەپەككۈر چوڭقۇرلۇقى،تەسەۋۇر كەڭلىكى، بەدىئى ماھارەت(تىل ئىشلىتىشتىكى ئۇستۇلۇق) ۋە مەلۇم شەكىل بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ شېئىر مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىدۇ. مەزمۇنى ياخشى، تەپەككۈرى چوڭقۇر، ئىشلىتىلگەن سۆزلىرى سەرخىل بولسىمۇ، مەلۇم شەكىل تاللانمىسا خۇددى نىيتى دۇرۇس بولسىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن كۆرۈمسىز ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئوقۇرمەنگە بەدىئى زوق بېرەلمەيدۇ. شېئىرنىڭ شەكىلى ۋەزىن،تۇراق، تەپئىل، بەھرى، قاپىيە قاتارلىقلار بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.  
شېئىرنىڭ بىرىنچى شەرتى ۋەزىندۇر. Z_%>yqDC  
__ خەلقئارا ئاتالغۇدا «ۋەزىن»نى« ritim» دەيدۇ.شېئىرىيەت ئادەتتە ۋەزىن ئىتىبارى بىلەن «بارماق ۋەزنى»،«ئارۇز ۋەزنى» دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. P+[R0QS  
تۇراق 945psG@|  
ـــ شېئىرنىڭ مىسراسى ئىچىدىكى قانۇنىيەتلىك توختاش (پائۇزا) بولۇپ، بۇ شېئىردا ئاھاڭدارلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان بىر ئامىل. %llG/]q#  
ئارۇز ۋەزنى Z\x6  
«ئارۇز» ـــ شېئىرنىڭ «مىزانى»(ئۆلچىمى)دېگەنلىك بولىدۇ. &A~1Q#4  
تەپئىل(«پەدە») C4y<+G.`  
ـــ شېئىردىكى ئاھاڭ پەدىسى دېمەكتۇر.ئارۇز ۋەزىنگە سېلىنغان شېئىرنىڭ تۈزۈلىشىدە 8 ئاساسىي تەپئىل بولىدۇ. بۇلار: ①فەئۇلۇن؛ ②فائىلۇن؛③مەفائىلۇن؛ ④فائىلاتۇن؛ ⑤مۇستەفئىلۇن؛ ⑥مەفئۇلاتۇن؛ ⑦مۇفائەلەتۇن؛ ⑧مۇتەفائىلۇن؛ / )~M cP3  
بۇ تەپئىللەر كۆپەيتىلىپ 10 غا يەتكۈزۈلگەن ۋە ئەمىلىي ئىستىمال جەريانىدا تېخىمۇ شاخلىتىلىپ 66 گە ھەتتا 85 كە يەتكۈزۈلگەن. .*ZNZ|g_  
بەھرى I)clGMS,  
تەپئىللەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بەھرى شەكىللىنىدۇ.بەھرىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە: epQ7@9,Q  
بەھرى تەۋىل: فەئۇلۇن مەفائىلۇن فەئۇلۇن مەفائىلۇن Xr@0RFdr[  
بەھرى مەدىد: فائىلاتۇن فائىلۇن فائىلاتۇن فائىلۇن Q,scjt[  
بەھرى بەسىت: مۇستەفئىلۇن فائىلۇن مۇستەفئىلۇن فائىلۇن d< y B ~Y  
بەھرى كامىل: مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن xMe[/7)4  
بەھرى ۋافىر: مۇفائەلەتۇن مۇفائەلەتۇن فەئۇلۇن >d =k-d  
بەھرى ھەزەج: مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن dme_Ivt  
بەھرى رەجەز: مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن L;Nm"[ `  
بەھرى رەمەل: فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن 1|2X0Xm{  
بەھرى سەرىئ : مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن فائىلۇن J5429Soo  
بەھرى مۇنسەرىئ : مۇستەفئىلۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن l/SbJrM*  
بەھرى ھەفىق: مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن $cjidBi`):  
بەھرى مۇزارىئ : مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن }=NjFK_6  
بەھرى مۇقتەزەب: فائىلاتۇن مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇن مۇفتەئىلۇن n 
بەھرى مۇجتەس: مۇفائەلۇن فەئەلەتۇن مۇفائەلۇن فەئەلەتۇن iJU]|t  
بەھرى مۇتەدارىك: فائىلۇن فائىلۇن فائىلۇن فائىلۇن k5(@n>p  
بەھرى مۇتەقارىپ: فەئۇلۇن فەئۇلۇن فائىل فەئۇلۇن M*|x,K=U  
بۇ بەھرىلەرنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرقانچە شەكىللەرگە بۆلىنىدۇ.ئۇزۇن بەھرىلەردە شېئىرلارنىڭ مىسرالىرى كۆپىنچە 13 ـــ 16 بوغۇملۇق كېلىدۇ. قىسقا بەھرىلەردە بولسا 7 ـــ 12 بۇغۇملۇق كېلىدۇ. f Vw+8[d0  
بەھرى تەۋىل: G;MmD?VJ g  
ھەر مىسرا 14 بۇغۇمدىن تەركىپ تاپىدۇ.ئىككى بۆلەككە بۆلىنىپ ئوقىلىدۇ،ھەر بۆلىكى 7 بۇغۇم،بىرىنچى تۇراق 3 بۇغۇم،ئىككىنچى تۇراق 4 بۇغۇم. بۇنىڭ تەپئىلى: S -GcH  
فەئۇلۇن مەفائىلۇن/ فەئۇلۇن مەفائىلۇن Hr:WE+'  
مىسال: u`3J2 ,.  
كىيدىم كېپىنەك توننى/ گۈلخاندا ياتارمەن دەپ، I!~5.  
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى/ دۈشمەننى ئاتارمەن دەپ. |X0h-kX4  
(خەلق بېيتى) V0XQG}  
قان بىلەن بۇياپ يىپنى ،كەشتىلەندى بۇ خېتىم ، abp]qvCV  
گەر يىتىك بولسا خېتىم ،ئادا بۇلاتتى خىزمىتىم . Pd6p)zj  
(قەھرىمان قىز دىلبەرنىڭ ل.مۇتەللىپ تۇرمىدىكى چېغىدا ئۇنىڭغا يازغان خېتى ــ«قاينام ئۆركىشى»رومانىدىن ) ^fa+3`>  
بەھرى مەدىد: S{&,I2 aO  
ھەر مىسرا 14 بوغۇم بولۇپ, ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدۇ، ھەر بۆلىكى 7 بۇغۇم،بىرىنچى تۇراق 4 بۇغۇم، ئىككىنچى تۇراق 3 بۇغۇم. بۇنىڭ تەپئىلى: B|zJrz0q3  
فائىلاتۇن فائىلۇن/ فائىلاتۇن فائىلۇن 1YL6:5n  
مىسال: fYBmW')  
بىر ياخشىغا بىر يامان/ ھەر جايدا بار يارى-يار، UiO%y  
ئىككى ياخشى بىر بولغان/ قەيەردە بار يارى-يار. Bvb.N$G  
(خەلق بېيتى) c 2t 
شۇنچە كۈتتۈم بىلمىدىڭ / ئامرىقىم بولدۇم جۇنۇن. yY+)IU.  
قانچە يىللاپ قىينىدىڭ /زارلىنىپ بولدۇم زەبۇن. ' ,$Uw|N  
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ «ھىجران دەردى»دىن) *mwHuGbZed  
بەھرى رەمەل: ji9 (!G  
ھەر مىسرادا 8 بۇغۇملۇق ئىككى بۆلەك، ھەر بۆلىكى 4 بۇغۇملۇق 2 تۇراق بولۇپ جەمئى 16 بۇغۇمدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ تەپئىلى: =:A hg 9  
فائەلاتۇن فائەلاتۇن/فائەلاتۇن فائەلاتۇن X:PB }  
مىسال: 5n{J}0C  
زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل /باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس، ++1 
جاپانى چەكمىگەن ئاشىق/ ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس. bS7rG$n [  
(خەلق بېيتى) qRi;[`  
ۋەتەننىڭ بىر گۈلىدۇرسەن /خۇشناۋا بۇلبۇلىدۇرسەن، _sLSl; /t  
تىلىڭ تاتلىق شېكەردىنمۇ / جانغا مىڭ مىڭ ھوزۇردۇرسەن. DD5 S R  
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ «تىپىك ئۇيغۇر قىزىدۇرسەن»دىن) Zcst$Aro  
بۇ(بەھرى رەمەل)نىڭ يەنە بىر خىلى ھەر مىسراسى 4 تۇراق،1-،2-،3- تۇراقلىرى 4 بۇغۇم،4-تۇراق 3 بۇغۇمدىن جەمئى 15 بۇغۇمدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ تەپئىلى: NEp )V'  
فائەلاتۇن فائەلاتۇن فائەلاتۇن فائەلۇن B6qM0QW  
مىسال: Y%$@ZYW  
كىمكى ئۆلمەستىن بۇرۇن بىلمەس بۇ جاننىڭ قەدرىنى، ^hL ?.xj  
كىم ئۆلەر ھالەتكە يەتسە شۇ بىلۇر جان قەدرىنى. 3%HF"$Gg  
(خەلق بېيتى) B:5NI a  
ئۆتتى تارىخ ، ئۆتتى يىللار ، ئىستىبىداتلار ئۆتتى كۆپ ،  j`H5S  
جەڭ چىلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان . Z:_ wE62'  
"!w$7| % T  
ئەي ئانا يەر پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز ، [te9ui%JS  
سۆيگۈ مىھرىڭ ۋە سۈتۈڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز . &>%R)?SZh  
(مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىلارنى باشلاپ مەھمۇد شىجاڭغا دوكىلات بەرگەن چاغدا دىكىلاماتسىيە قىلغان شېئىرىدىن ئېلىندى ) Wb)>APL  
يەنە بىر شەكلى : ھەر مىسرا 4 تۇراق ھەر تۇراق 4 بۇغۇم بولۇپ جەمئى 16 بۇغۇمدىن تۈزىلىدۇ.بۇنىڭ تەپئىلى: $RAS pM  
مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن p-CBsm5P  
مىسال:  
بارارغا يوللىرىڭ بولسۇن،يانارغا ھەمرىيىڭ بولسۇن، fCMFPhF  
سېنىڭدەك نازىنىن يارغا مېنىڭدەك قۇللىرىڭ بولسۇن. S`w_q=-^8  
(خەلق قوشىقى) $4Vpl  
بەھرى رەجەز: {.r jp`39  
تەپئىلى: +KcD Y1[  
مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن NP+*L|-;  
يەنە بىر خىلى: \gU=B|W  
مۇفتەئەلۇن مەفائىلۇن مۇفتەئەلۇن مەفائىلۇن 9y$"[d27;+  
بەھرى مۇقتەزەب arQEi  
بۇنىڭدا مىسرادىكى بىرىنچى بۆلەك 7 بۇغۇم ئىككىنچى بۆلەك 8 بۇغۇم جەمئى 15 بۇغۇم بولىدۇ.بۇنىڭ تەپئىلى: Y%GIKtP  
فائىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن  
مىسال: [(81-j1v  
تاغمۇ تاغلاردىن ئېگىز ئارغۇ بۇلاقنىڭ تاغلىرى، bMCy=5  
ئۈستۈنىدە قار ياتادۇر ئاستىنىدا باغلىرى. _+0Q Q{'N  
(خەلق بېيتى) $qp,7RW  
قىسقا بەھرىلەر: Shag4-*@hi  
بەھرى سەرىئ : O_~vl m<#  
بۇ بەھرىدە 11 بۇغۇم بولۇپ ،1-،2-تۇراقلار 4 بۇغۇمدىن،3-تۇراق 3 بۇغۇمدىن تۈزلىدۇ. بۇنىڭ تەپئىلى: [BLB xSL  
مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن فائىلۇن S!JwF&EW  
مىسال: q\I2lZ  
نەچچە كۈندۇر كۆمەدىم يارىم سەنى، #ouE, <  
سەنمۇ ھەرگىز ياد ئەتمەدىڭ ھەرگىز مەنى. Wf>P[6  
(گۇمنام) +`p@md2L1  
بەھرى مۇتەقارىب: a*T=;P3(I  
دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» دەل ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان. 6$*\%  
تەپئىلى: KhFw%Z0s<  
فەئۇلۇن مەفائىلۇن مۇستەفئىلۇن !7fL'  
يەنە بىر خىلى: 56JvF*hP  
فەئۇلۇن فەئۇلۇن فائىل فەئۇلۇن VAL]\@Q}  
بەھرى ھەفىف: KN\*|)  
بۇنىڭدا مىسرا 10 بۇغۇمدىن تۈزلىدۇ.تەپئىلى: lq[o2\  
مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن F caO-  
ياكى: ynQ+yW74Z  
مۇفائىلەتۇن مۇفائىلەتۇن R{R'byre  
بەھرى مۇزارىئ : #eZm)KFQg  
12 بۇغۇمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ،جەمئى 3 تۇراق ھەر بىر تۇراق 4 بۇغۇم بولىدۇ.تەپئىلى: -l2aAK1M  
مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن 2]i>kV/,0  
ياكى: Kx 
مۇتەفائىلۇن فائىلۇن مەفائىلۇن ^W)h=49 PN  
I4RUXi 5  
شەكىلنىڭ ئىككىنچى شەرتى ـــ قاپىيە. G0^,@jF?b  
قاپىيە ئاچ قاپىيە توق قاپىيە دەپ ئىككى تۈركۈمگە ب‍ۆلىنىدۇ. IJzPWs5W:  
توق قاپىيە : o+F]80CH  
تەلەپپۇز قىلىنىش ئورنى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن قاپىيە توق قاپىيەدۇر. \-eDNwJ:#@  
توق قاپىيە ئۈچۈن مىسال: uu`G<n  
گاز ساز ياز غاز )(`HEl>-9c  
دەز بەز گەز سەز Sn~h[s_(  
ئىز بىز تىز قىز iF!r}fUU6  
بۆز كۆز سۆز ئۆز 2 ,bLEhu  
ئاچ قاپىيە: ek9Y9eJ"  
تەركىۋىدىكى سۇزۇق تاۋۇشلار ئوخشاش بولسىمۇ ئۈزۈك تاۋۇشلار ئوخشاش بولمىسا ياكى جۈپلۈك تاۋۇش بولمىسا بۇ ئاچ قاپىيەدۇر. Y%"73.x  
مەسلەن: U|!L{+F  
ئاتاپ ساناپ W2-1oS~ma  
پەلۋان قەھرىمان g2t'u4>  
كەلدى كەتتى n k@e#  
قوش قاپىيە(رادىف): E>2~cC*  
ئىشرەت كۈنى ئەي دىلبەر دەشت ئەردى چىمەن سەنسىز، x+B7r& #:  
باغ ئىچىرە قىزىل گۈللەر باغرىمغا تىكەن سەنسىز. G;k#06  
`zmj iC  
ھۆسنۈڭ نۇرى تاپ ئەتسە جەننەت كۆرىنۇر دوزاخ، `:y {  
ۋەسلىڭ يوق ئېسە قىلمام جەننەتنى ۋەتەن سەنسىز. QO|roE  
']cRSj.  
غەم ئويى كاۋاپ ئەيلەر ھىجرىڭدە چىقارغان دۇد، ?r"QJa>  
ئىشق ئەھلى مەشامىغا چۈن مۇشكى خوتەن سەنسىز. IA&NMf;{  
(گۇمنام) -YD+x PD  
كۈندە سېنى خوش قىلغاننى دوست دېمە، 'L1=:g.\i  
دۈشمىنىڭگە دوست بولغاننى دوست دېمە. kafRuO~$  
باي چېغىڭدا ئەتىراپىڭدا چۆرگىلەپ، ,KO_h{mI<  
نامراتلاشساڭ ئايرىلغاننى دوست دېمە. w,/&oe5M+  
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات روبائىلىرىدىن) ) }. 
ئىزچىل قاپىيە: U.mVz,k3  
بىر پارچە شېئىردا قاپىيە قىلىنغان سۆزلەر باشتىن ئاخىرغىچە بىر خىل ياكى جۈپلۈك تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بولسا ئىزچىل قاپىيە بولىدۇ. مەسىلەن: #;*0 Pwe`  
...................ئا Kx[u9MD  
...................ئا ^P| K2at  
...................ب pD )$O}  
...................ئا 0w24lVR.  
بەزىلەر قانداقتۇر مالۇ-دۇنياۋاز، wy)I6`v  
بەزىلەر يالغاندىن قىلار جىلۋە-ناز. :j=/>d],%  
بەزىلەر قىش يىتىپ غال-غال تىتىرىسە، :% o32  
بەزىلەر دەيدىكەن«بولدى باھار ياز». H|]~(.w 1}  
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات روبائىلىرىدىن) XX@@tzN  
ئالماش قاپىيە:   
مەسىلەن: 4PVkKP'/  
................... ئا 9N?BWv }  
...................ب y66V&#`,e0  
...................ئا 68pB*(i  
................... ب 'Itsu~fza  
قارا دىمەك قار-بوران،جۇت-شىۋرىغاندۇر، 9sR?aW^$,/  
ئەگرى-توقاي ھاياتنىڭ ئەينەن سىموۋلى. /%'>?8/  
قارا دىمەك ئەل ئۈچۈن چەككەن پىغاندۇر، j![;;  
بەختلىك بۇ ھاياتنىڭ يىلتىزى-ھۇلى. k~ 
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات پارچىلىرىدىن) in/ITy-  
ئىچكى قاپىيە: $G_,$U !  
ۋەزنى ۋە مىسرالىرى ئۇزۇنراق شېئىرلاردا مىسرا بۆلۈنۈپ ئوقۇلىدىغان جايدىكى سۆزلەرنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى ئىچكى قاپىيە دىيىلىدۇ.مەسىلەن:  
«تېلى،چېلى» ئاتىلىپ،«تۇرانلار»دەپ داڭلىنىپ، lM 
تۇلپار مىنىپ جەڭ قىلىپ،بارگاھ قۇرغان مەن ئىدىم. ^3q o%=i  
]nEZ Q+F  
«ئاتتىلا»نى باش قىلىپ،بۈيۈك «ھۇن» دەپ ماختىلىپ، y].vll8R  
بۇ دۇنيانى ئايلىنىپ،زەپەر قۇچقان مەن ئىدىم. * t,J4c  
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ «مەن ئىدىم»دىن) ##6_kcL:6G  
ئەھلى نەزەر شىۋەسىنى سۆز بىلۇر، RnA>oKc  
نۇرى بەسەر مىۋەسىنى كۆز بىلۇر. FzDZ 
(خارەزمى) cvf@B_iN9  
مىسرا : QzzV+YG$(4  
سۆزلەرنىڭ مۇنتىزىم بىر قاتىرى دېگەنلىك بولىدۇ. 5K~kzR L$r  
بېيىت: Or0eY#c  
پۈتۈن بىر تەپەككۈرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىككى مىسرا بىر بېيت بولىدۇ. rY 0kzD/  
شېئىرنىڭ تۈرلىرى: Mbt}G|;8H7  
مەزمۇن جەھەتتىن لىرىك شېئىر ۋە ئىپىك شېئىر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. 78s:~|WB<{  
لىرىك شېئىر: ئۇنىڭدا مۇكەممەل ۋەقەلىك ھەم شەخسى ئوبراز بولمايدۇ.ئېسىل لېرىكىلىق شېئىر شۇ زامان روھىنىڭ ئىنكاسى. "iCR68e  
ئىپىك شېئىر: ئىپىك (قىسسىي)شېئىردا ئومۇمەن لېرىكا ئاساس قىلىنمايدۇ بەلكى ۋەقە ئاساس قىلىنىدۇ.شەخىسلەرنى سكرەتلەش ۋە شەيئىلەرنى تەسۋىرلەش ھىكايە-رومانلاردىكىدەك (نەسىرى ئەسەردىكىدەك) ئىنچىكە تەپسىلىي بولمايدۇ. F^ m`j6  
قوشاق –بېيتلار: Bh9O<|E  
بۇ تۈر خەلق ئېغىز ئەدەبياتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە كەڭ تارقالغان تۈرى،بەدئىي ئەدەبىياتنىڭ ئانىسى. hLVS}HE2  
غەزەل: zS @"ITy  
ھازىرقى ئىستىمال مەنىسى بويىچە aa، ab، acيەنى 5$r`e+Nf'  
............................ئا T;eA<,H  
.............................ئا . ^lqcF.  
t'uZho~^F  
............................ب E^.y$d~dS  
............................ئا ، RVFQ!0 C  
or_x0Q  
.............................س dbTPY`  
............................ ئا 360V  
... |Ire#0Nwx  
شەكلىدە قاپىيەلىنىدىغان ۋە 3 بېيتتىن 14 بېيتكىچە بولغان لېرىكىلىق شېئىر غەزەل دېيىلىدۇ.غەزەل ئادەتتە ئارۇز ۋەزىندە يېزىلىدۇ.غەزەلنىڭ ئاخىرىغا شائىر ئۆز نامىنى ياكى تەخەللۇسىنى كىرگۈزىدۇ. SxMrX C *  
مىسال: m*L*# ZBS  
شۇنچە كۈتتۈم بىلمىدىڭ ئامرىقىم بولدۇم جۇنۇن. ^|@t2Rp@  
قانچە يىللاپ قىينىدىڭ،زارلىنىپ بولدۇم زەبۇن. iH& Izv  
RVv@x5  
شۇل ۋىسالىڭ دەردىدىن چاڭقىدىم ماڭدىم ئۇزاق، i,R<`K0  
ئىزلىدىم كۆپ تاپمىدىم ئۆرتىنەر جان كۈنۇ-تۈن. B\a-Q,Wf  
|3f?1:"Z  
بىر ئەۋەتكىن خەت-خەۋەر ئاھ يۈرەكىم تولغىنار، etdI:N*x  
دەخلى قىلماق ــ خىجالەت،بولمىغاي كۆڭلۈڭ تۈگۈن. 6[kp#  
n?*Fr sZ  
يار جامالىڭ شۇنچە ئۇز،ئوخشىتاي قەلبىڭ بۇلاق، 7/lXy3B4  
بۇلاقىڭدىن سۇ ئىچىپ،ياشنىسام دەيمەن شۇ كۈن. . B&&:A4  
n7`R+4/s  
غەم يېمەستىن ياشىغىن خۇش بولۇپ يۈر ھەممە ۋاق، / %}Xiqlrd  
رەنجىمەسمەن بەرمىسەڭ يۈرەكىڭدىن بىر سورۇن. Jrd:6Z  
 
چۈنكى«تاشنى تاڭغىلى بولمىغانچۈن تاياققا » ، K'.aQ&2  
زورلىماسمەن ئەي جانان ,چاپلىنىشقا نە ئورۇن؟ lz.ta!6  
GGcN aW'  
كۆيدى قەلبىم دىلرەبا شۇنچە يىللار قىينىدىڭ، F@Qzh  
قارا ھىجران دەردى تارتار ئەركزاتىڭ نە ئۈچۈن؟ s^F6sXhyPi  
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ «ھىجران دەردى») 4(>|f_$  
مەسنەۋى: Y.&nxT95=  
ھەر ئىككى مىسرا بىرخىل قاپىيىدە كېلىدىغان شېئىرى شەكىل.ئۇزۇنراق شېئىر يازغاندا قاپىيەنى ئەركىن تاللاش ئۈچۈن بۇ شەكىلنى قوللانسا بولىدۇ.يۈسۈف خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىكنى مۇشۇ شەكىلدە يازغان.مەسىلەن: aa ، bb، cc... ?s[ kUv+=  
...............................ئا !L4Vz7 C  
...............................ئا ]ovP^]]V  
:/ ,h)h)|  
...............................ب 5[3vu p?  
...............................ب R&Y+x;({  
D+G?:m R  
...............................س qScc~i Oq  
...............................س gE$D#PZa  
مىسال: EaaLN 
سىلەردە بار ئەجەپ بىر خىل ئەيىبلەر ، KITC,@xE_O  
نەشە ، ھاراق ، ئەپىيۇندەك كەيىپلەر ، Dy`;]-b6u  
$m{-I=  
ئـوينايسىلەر قـەغـەز قـىمار دىگەننى ، jroR 2*  
ئىت يىمەيدۇ سىلەر نان دەپ يىگەننى ، SB"Uu2)wZ  
MvV\?Lzj   
تەنـقـىد قـىلدۇق ئەخـلاقىڭىز تۇزۇلەر ، +/+:D9j ,  
تـۈزەلمىسە سىزدىن ئـۈمىد ئـۈزۇلەر ، =^a Ngq  
B?A]0S  
نەشە تارتىپ رەڭگىڭىزدە ھىچ قان يوق ،  S9\_ODv  
شۇڭا سىزدە ئادەمگە خاس ۋىجدان يوق ، .8[*`%K>  
rjk{9u1a"  
توغـرا مېڭىڭ ، ئۈلگە ئېلىڭ بىزلەردىن ، VINb9W}G[  
ئەھـلى ۋەتـەن بىزار بـولدى سىزلەردىن ، z{;~$."  
(مەمتىلى ئەپەندى‹تەۋفىق› شېئىرى ـــ «تەنقىد») +UvT;"  
روبائىي: N{kp^Byim0  
ھەر بىر كوبلىت بىر پۈتۈن مۇستەققىل پىكىرگە ئىگە بولىدۇ.ئارۇز ۋەزىننىڭ قىسقاراق بەھرىدە يېزىلىدۇ.1-،2- ۋە 4-مىسرالىرى قاپىيداش كېلىدۇ(abaa). C[X2]zr  
ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى،روبائىي شەكلىدە قاپىيداش يېزىلغان تۆتلۈك ھەممىسى روبائىي بولىۋەرمەيدۇ. ( AI gW  
مىسال: `2 6t+Tb  
ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق، 5`>%{ o  
ئۆلسەممۇ، ماڭا ئۇ بولغۇسى يۈمشاق، Kg8n3pLAX  
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نېمە بار؟ e-E0Bp  
سىغمايدۇ كۆڭۈلگە بۆلەك ئىشتىياق. .#Vup{.  
(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر روبائىلىرىاىن) @1c[<3xJ T  
تۇيۇق: %+8" -u  
تويۇۋالماق دېگەن مەنىدە بولۇپ،قاپىيەلەنگۈچى سۆزلەر شەكىل ۋە تەلەپپۇزدا ئوخشاش بولىدۇ (لېكىن مەنا جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ). بۇمۇ تۆتلۈك شېئىر شەكلى. BmhIKXE{*  
مىسال: XbaUmCuh  
چېلىش پۈكلە دۈشمەننى ئۆرتە ئوتقا ياق! ;0"p)O@s04  
يېپىش غالىبىيەتكە،سائادەتكە كۆرەك ياق! ` zoC++hx  
كەسكىن مىنۇت يېتىپ جانغا كەلسە ئىمتىھان، 07 E9[U[  
دېمە ھەرگىز قۇربان بېرەيمۇ - ياق؟! !,Uzt1K:  
(لۇتپۇللا مۇتەللىپ) k1_" }B5  
مۇرەببە: is6M{K3  
بۇمۇ تۆتلۈك شېئىر شەكلى. قاپىيە فورمۇلىسى: abaa ياكى baba يەنى شېئىردا باشتىن ئاياق ھەممە كوبلتىدا 1-،2- ۋە 4- مىسرالىرى قاپىيداش ياكى 1-،3-مىسرالىرى ھەم 2-،4-مىسرالىرى قاپىيداش كېلىدۇ.بىر شېئىردا abaa ياكى baba شەكلىنى ئارلاش قوللۇنۇشقا بولمايدۇ. EvGKcu  
1- مىسال: >c30kpG g  
.~Gt=F+`s  
گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ، N2.(0 G  
باشقا سانچىلاي دەيدۇ. Dd' 4W  
يارىمنىڭ يۇرەك ئوتى، #>_5PdO  
تەنگە يامىشاي دەيدۇ. p%#=OtkC  
/ 0ra]}[(  
يارىم ماڭا ناز قىلۇر، iPK:gK3Q  
كۈلۈپ مېنى مەست قىلۇر. >k9W+mk  
يار قەدرىنى بىلمەيسەن، ojbms>a  
زېمىستاننى ياز قىلۇر. ]&_z@Z.i  
*}RV)0m if  
يار دەردىدە خۇن بولدۇق، 8T"8C  
تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق. vT;~\,M  
قورقۇنچۇڭدىن قاتتىق تاش، 'q7&MM'oS^  
بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق. {1L{   
+L-(Lz[p  
ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما، 2'-o'z<  
يار يولىدا پۇتلاشما. cIQ e^C  
يارىم ئۈچۈن جان پىدا، q{2 +Inf#:  
قەدىمىڭگە مىڭ تىللا. KvNw'3Ua  
3)3$ L  
غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل، c3!YA"5  
ھىممەت يولۇم ئاچىلغىل. @2/ xu  
يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان، d_)VeuE2  
قاچان بولسا بىر ئۆلۈم. Q+z y\T  
(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرى ـــ« ئاچىل») >"< 
2-مىسال: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرى ـــ«ئويغان»... \!df)qdu  
3-مىسال: ;3 /*Z5p  
ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ــ «سەن يېنىمغا كەلگەندىن بېرى» arb'.:[z^  
قاچان كەلدىڭ تامخوشنام بولۇپ، W+ v#m>G  
شۇندىن بېرى ئارامىم «بۇزۇق». v 0D@`C  
«نىمىشقا؟» دەپ سوراۋاتامسەن، qV:TuR-|w  
«مەينەت»كەنسەن،ئاۋازىڭ بوغۇق. #8i9@w  
s E0 ldN"  
دۇرۇس ئەمەس ئىكەن نىيىتىڭ، 905Lk>rB  
مەن ساددىنى ئالداپ ئۆگەندىڭ. f#| wb~  
«خوش-خوش»بىلەن مەيلەر سۇنمىسام، gbjql+Mx+  
بەتنام چاپلاپ ماڭا ھۈرپەيدىڭ. }= (|3 \v  
'WcP+4c  
«تاتلىق»سۆزدە قىينىدىڭ مېنى، \) vI-  
«ئىناق ئۆتىمىز »دېگىنىڭ قېنى؟! {/q4W; D  
ئەقىدەمنى بىر-بىرلەپ بۇزدۇڭ، 6 u}c543  
سەن يېنىمغا كەلگەندىن بېرى... e3}o3c_  
TRku(w1f  
مۇخەممەس: m 4V0e~]  
بەشلىك دىگەن سۆزبولۇپ، بۇ شېئىر شەكلىدە بىرىنچى كوبلىتنىڭ بەش مىسراسىنىڭ ھەممىسى قاپىيداش،ئىككىنچى كوبلىتتىن باشلاپ ئالدىنقى تۆت مىسراسى قاپىيداش بەشىنچى مىسراسى بىرىنچى كوبلىتنىڭ قاپىيەسىگە قاپىيداش بولىدۇ. ER)to<k  
مىسال: Y<[jUe`O;  
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىزلەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى ، Iv51,0A  
قەلەندەردەك كىزىپ يۈردۈم چىكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى . #({ 9M  
ۋە لىكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۈشبۇ مەقسەتنى ، V8+8?5'l  
تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرۇ ھېكمەتنى ، t{o&$s93  
ئىشىت دىلبەر ، بايان ئەيلەپ ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى. AlhPT (  
\Zmn!Gg  
تۇغۇلغان ئىككى مۆئىمىندىن ، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل ،  
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل . 'X/(M<c  
نەزەر سالساق بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل ، Nk@ag)  
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل ، 'o% .Q x  
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى . %xh A2  
#Oq~ZV|<l  
يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق ، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت ، 3{R7y  
بېغىمغا كۈز يىتىپ كەلدى ، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت ، ?*: mR|=  
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم - ھەسرەت ، o}VW%G"  
ئازاپلاپ كېچەيۇ - كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت ، 9w08)2$ Na  
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى . g*[DyIm  
... rIo)'L$uU  
(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرى ـــ «ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس»دىن) iIO_d4Z  
تەخمىس: Y. }8lh eH  
مۇخەممەسنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ،بۇنىڭدا ئۆزى ھۆرمەت قىلىدىغان ياكى پىكىرداش باشقا شائىرنىڭ غەزىلىدىن ئىككى مىسرانى ئېلىپ ،بۇنىڭغا مەزمۇن ۋە شەكلى ئوخشاش بولغان ئۈچ مىسرانى قوشۇپ يازىدۇ. قاپىيە جەھەتتە مۇخەممەس شەكلى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. MaQ`7U5 |e  
مۇسەددەس: [ r;hF  
ئالتىلىك دىگەن سۆز.شېئىرنىڭ ھەر بىر كوبلىتى 6 مىسراسىن تۈزىلىدۇ.بىرىنچى كوبلىتتىكى 6 مىسرانىڭ ھەممىسى قاپىيداش بولىدۇ.ئىككىنچى كوبلىتتىكى ئالدىنقى 5 مىسرا بىر قاپىيداش، 6-مىسراسى بىرىنچى كوبلىتتىكى قاپىيە بىلەن قاپىيداش كېلىدۇ. FNB4YZ6  
مۇسەممەن: ,!'L~{  
سەككىزلىك دىگەن سۆز بولۇپ،ھەر كوبلىتتىكى 1-،3-،5-مىسرالىرى بىر قاپىيداش،2-،4-،6-مىسرالىرى بىر قاپىيداش كېلىپ،ئاخىرقى ئىككى مىسراسى(7-،8-مىسرالىرى) يەنە باشقىچە قاپىيداش كېلىدۇ.بۇ شەكىلنى بارماق ۋەزىندە يازسىمۇ،ئارۇز ۋەزىندە يازسىمۇ بولىدۇ. 6}S1um4 F  
مۇسەللەس: |*[#Iii'  
ئۇچ قات ئۇچ قىرلىق دىگەن مەنىدە بولۇپ،ھەر كوبلىتى 3 مىسرادىن تەركىب تاپىدۇ.بىرىنچى كوبلىتىنىڭ ھەممە مىسراسى قاپىيداش بولىدۇ،ئىككىنچى كوبلتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئىككى مىسرا بىرخىل قاپىيەدە 3-مىسراسى بىرىنچى كوبلىت بىلەن قاپىيەداش بولىدۇ. |T;NoWO +  
يەنە بىرخىل شەكلى بولسا 1- ۋە 3-مىسراسى قاپىيداش،2-مىسراسى بىلەن كىيىنكى كوبلىتنىڭ 1-،3- مىسراسى قاپىيداش كېلىدۇ.بۇ شەكىل ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. "+GKU)  
تەرجىئ بەنت: ed6eC8@  
بۇ ئالتىلىك ياكى سەككىزلىك بولۇپ،بىرىنچى كوبلىتتىكى ھەممە مىسرالار قاپىيداش كېلىدۇ.لېكىن ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىسرا كىيىنكى كوبلىتتىن باشلاپ تەكرالىنىدۇ.ئالدىنقى 4 مىسرا ياكى 6 مىسرا بىر قاپىيداش كېلىدۇ.8 مىسرالىق شېئىردا تۇنجى كوبلىتتا ئالدىنقى 6 مىسرا قاپىيداش كېلىپ تەرجىئ قىلىنغان ئىككى مىسرا ئايرىم قاپىيلەنسىمۇ بولىدۇ. oNK-^N?-T  
مۇستەھزاد:  ZXL  
ھەر مىسرا ئاخىرىغا ئايرىم قوشۇلغان سۆز ياكى ئىبارە بولۇپ،پۈتۈن مىسرانى كۈچەيتىش ياكى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.ھەر ئىككى مىسرا قاپىيداش كېلىدۇ،ئۇلارغا ئۇلانغان «مۇستەھزاد»قىسمىمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم قاپىيداش كېلىدۇ.بۇنداق شېئىرلار كۆپىنچە ئارۇز ۋەزىن شەكلىدە يېزىلىدۇ. |uRZT3bGyj  
مىسال: v#WD$9QWs  
قورال قىلىپ چوكىنى، بومبا قىلىپ شىشىنى، QXg9ah~  
رومكا بىلەن ئاتىمىز. $`O%bsj X  
ئاكۇپ قىلىپ ئېرىقنى، تاڭدۇرالماي يېرىقنى، IQya{ e  
يول بويىدا ياتىمىز. }8,[B50  
(تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس شېئىرى ـــ «مەيخورلار مارشى»دىن) @+ee0 CLT  
چاچما شېئىر: s_`=ugue  
ـــ ئەركىن شېئىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ،لېكىن ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم ۋەزىن،قاپىيە،تۇراق بولىدۇ. ="Sa>-d o,  
مىسال: Q@"mL  
ئەردە قىلىچ يوق، t3b64J[A{  
تەقۋادار،دانىشمەن،كىلىشكەن لىكىن. vx&r  
قىزدا ھايا يوق، eTrIN,4  
«ھەمرا خېنىم»دەك ئوينايدۇ ئەركىن. 5o P 3 1  
ئۈستىۋاش پاكىز،مەينەت روھىيەت، c 6"hk_  
بىلمىدىم بۇ ـــ نىمە ئالامەت!!! d 5z?QI  
... *'&mcEpg  
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ«مانا شۇ جاھاننىڭ ئەپتى»دىن) Sy ?O(BMo  
مەرسىيە: 2A^>>Q/,u  
يىغا قايغۇ دىگەن مەنىلەردە بولۇپ بۇ شېئىر كۆپىنچە باماق ۋەزىنىدىن،شۇنىڭدەك ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەرقانداق بەھرىدىن،مەسنەۋى ياكى مۇرەببە شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلسىمۇ بولىدۇ.مۇخەممەس شەكلىدە بولسىمۇ بولىدۇ. alB[/.1  
قەسىدە: $Z8=QlG>  
ماختاش،مەدھىيلەش ياكى قايغۇرۇش،نەسىھەتكويلۇق مەزمۇنىدا يېزىلغان بىر ژانىر.كۆپىنچە بىيت شەكىلدە ئىككىلىك ياكى مەسنەۋى ئۇسۇلدا،ئارۇز ۋەزىندە يېزىلىپ 15 ــ20 بېيتتىن كەم بولمايدۇ. Ous_269cM  
باللادا: z%cpV{Nu  
شېئىر بىلەن يېزىلغان كىچىككىنە قىسسە. 7Ne`F(c  
ساقىنامە: 9N kr=/I"P  
شاراب تۇتقۇچىغا بېغىشلاپ يېزىلغان دېمەكتۇر.كۆپىنچە ئىككىلىك بېيت شەكلىدە ئىرۇز ۋەزىندىن پايدىلنىپ يېزىلىدۇ. V7\@g  
داستان: (E.,kcAJ  
نەزمە-شېئىر شەكلىدە يېزىلغان ھېكايە،سەرگۈزەشت،تارىخ-تەزكىرە ۋە تەرجىمھال دېمەكتۇر.مىسال: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» داستانىغا ئوخشاش. Eoo[)V#x{  
مۇۋەششەھ : 9]DM HA@  
بىرىنچى مىسرادىن باشلاپ ھەممە تاق سانلىق مىسرالارنىڭ باش ھەرىپىنى قوشسا شائىرنىڭ يۇشۇرغان سۆزى كېلىپ چىقىدۇ. D$wl.r  
مۇشائىرە: Q{~WWv  
شېئىر ئېيتىشىش يەنى ئىككى ياكى بىرنەچچە شائىرنىڭ بىر بىرىگە جاۋابەن ياكى ماسلىشىپ شېئىر ئېيتىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.بىر نەچچە شائىر يىغىلىپ تەييار شېئىرلىرىنى ئوقۇشسىمۇ بولىدۇ. XYM 5'  
e/p2| 4;  
2009-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى Z"T#"FDIr  
>)&]Ss5J  
1JFCYJy  
مەنبەسى: ئەلكۈيى مۇنبىرى saadat يوللانمىسى
:'pLuN  
(zO)J`z>  
ئوت يۇرەك مۇنبىرىدىن يۆتكەلدى

yingiyoloqi 2010-10-09 19:17
مەن بىلمەيدىغان ( بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ) بىلىملەر نىمە دىگەن كۆپ _ھە!

tawpek 2010-10-10 10:46
بىلگەنسىرى بىلمىگەنلەر كۆپىيدۇ دىگەن گەپ مۇشۇ ئوخشايدۇ.

nargizguli 2011-10-27 20:23
تاللىما دەرىسنىڭ شېئىريەت بۆلكىگە كەلگەن ئىدىم تازا ئەسقاتىدىغان بولدى. رەھمەت.

tawpek 2012-03-26 17:07
تولوقسىز شىئىرىيەت بۆلىكىدە ئوبدانلا پايدىلىنىۋالدىم بىلىم نوختىللىرىنى يەتكۈزشتە.

يۈسۈپجان001 2014-03-17 12:09
بىلگەنسىرى بىلمىگەنلەر كۆپىيدۇ دىگەن گەپ مۇشۇ ئوخشايدۇ.

arturk 2014-03-19 13:45
بالامغا مۇشۇنداق بىر ماتىرىيال بەك لازىم ئىدى. بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالدىم. تەۋپىق ئەپەندىگە رەھمەت !

ياسىنجان510 2014-03-19 22:28
    ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى ماتىريال ئىكەن  رەھمەت.

tursun 2014-05-13 10:36
ئىسىل تېمىكەن.....بۇنى دەرسخانىدا پايدىلانساق بولغىدەك،رەھمەت...!


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكلى ۋە تۈرلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled