查看完整版本: [-- تاپشۇرۇق  ئۇخلاش ۋاقتىنى ئىگىلىۋالمىسۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> تاپشۇرۇق  ئۇخلاش ۋاقتىنى ئىگىلىۋالمىسۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-09-25 10:23

تاپشۇرۇق  ئۇخلاش ۋاقتىنى ئىگىلىۋالمىسۇن

ئۈنۈمسىز تاپشۇرۇق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى ئىگىلىۋالمىسۇن
T1bFxim#b  
شىنجاڭ گېزىتى   2009-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 9j2\y=<&  
  ۋۇ جىنەن 7G2vYKC'  
    يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، قوشنىمىزنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغلى دەرسكە ئىككى مىنۇت كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرى قاتتىق تەنقىدلىگەن، تەكشۈرۈشنامە يازغاندىن سىرت، ئۇنىڭغا يەنە لۇشۈن ئەپەندىنىڭ تېڭيې ئەپەندى دېگەن ئەسىرىنى ئىككى قېتىم كۆچۈرۈپ چىقىش تاپشۇرۇقى بېرىلگەن. ئۇ بۇنى مەكتەپتە كۆچۈرۈپ بولالماي، ئۆيگە قايتىپ داۋاملىق كۆچۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ شۇ كۈنلۈك يەتكۈچە تاپشۇرۇقى بار ئىكەن. ئۇ ئەسەرنى كۆچۈرۈپ كەچ سائەت 11بولغاندا، شۇنداق قېنىپ ئۇخلىۋالغۇسى كېلىپ كەتكەن. [m %W :Ez  
     ئەمەلىيەتتە، قېنىپ ئۇخلىۋېلىش ئۇنىڭلا ئارزۇسى بولماستىن، بەلكى بارلىق ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىدۇر. يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو ياشلار - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قارىغاندا، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا قېنىپ  ئۇخلىيالماسلىق ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قېنىپ  ئۇخلىۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن. ;NBT 4  
     ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ كۆپلۈكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ بولماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب ئىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: كۈندە تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ئىشلەيدىغان يازما تاپشۇرۇقلاردىن سىرت، يەنە ماس قەدەملىك مەشق تەربىيىلىنىش ۋە ئۆگىنىش ۋە ۋاقتىلىق قوشۇمچە تاپشۇرۇقلار بار. مەسىلەن: ئەدەبىيات دەرسىدىكى كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تېكستىنى تولۇق كۆچۈرىمىز ۋە تەرجىمە قىلىمىز، يەنە تېخى تېكستكە يانداشما بېرىلگەن بارلىق ئىزاھاتلارنى كۆچۈرۈپ چىقىدىغان گەپ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۈچ تۆت سائەت مىقتەك ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەيمىز، بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشى، ئۈچۈن، مۇۋاپىق تاپشۇرۇق بېرىش زۆرۈر. لېكىن بېرىلگەن تاپشۇرۇق ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق بولۇشى، شۇنداقلا ئۇ بىلىم ئېلىش، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ جانلىق تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىشى كېرەك. قارىغۇلارچە تاپشۇرۇق بېرىلسە، ھەتتا تاپشۇرۇق بېرىش جازالاش ۋاسىتىسى قىلىنسا، بۇنداق تاپشۇرۇق ئۈنۈمسىز، ئەھمىيەتسىز تاپشۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. ئوقۇغۇچى تاسادىپىي كېچىكىپ قالسا، ئۇنىڭغا تەكشۈرۈشنامە يازدۇرغاندىن كېيىن، يەنە نېمىشقا ماقالە كۆچۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ؟ بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر ساۋاق ئالسۇن دېگەن ئويى خاتا ئەمەس، لېكىن كېچىكىپ قىلىش ئادەت مەسىلىسى، ئۇنى ماقالە كۆچۈرگۈزۈپ ھەل قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. .1 Vu-@  
    بۇيىل شاڭخەي شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار مۇنداق بەلگىلىمە چىقاردى: ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەھمىيەتسىز، ئۈنۈمسىز تاپشۇرۇق بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقنى ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال  بىر قېتىم ئىشلەپ چىقىش ھەم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا يازما ئائىلە تاپشۇرۇقى بەرمەسلىك، بىر دەرس، بىر مەشىق قاتارلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى دەرسخانىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇ بەلگىلىمىنىڭ  روھىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قارىغۇلارچە، ئۈنۈمسىز تاپشۇرۇق بېرىشىنى چەكلەشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. Ty.drM  
     ئۆزىمىزنى كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا كۆپرەك يېتىپ، ئۈنۈملۈك تاپشۇرۇق بەرسەك، ئولارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ قېنىپ ئۇخلىۋېلىش ئارزۇسىغا يېتەلەيدۇ. {;\%! I  
ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلگەندە، ئوتتۇرا  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايلى

koksangun 2011-06-04 01:03
ئوقۇغۇچىلارغا زىيادە تاپشۇرۇق بېرىش ئۇلارنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ تاس قالىمىز كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغىلى . ئەمما يېڭى دەرس يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنىلا بېسىم بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ . ئەمەليىەتتە مائارىپ ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھەر بىر پروگرامما ، ھەر بىر سىياسەت ئادەمنىڭ تۈرلۈك تەرەققىياتىغا پايدىلىق قىلىپ تۈزۈلۈشى كېرەك .مائارىپتىكى ئىسلاھات ئاز بىر قىسىم بالىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى زۆرۈر دەپ قارايمەن ...

tawpek 2011-06-04 12:16
تولوقسىزدا بولوپمۇ يىزا مەكتەپلىرىدە دىھقان چارۋىچىلاارىڭ پەرزەنىتلىرى ئۆيىگە قايىتقاندا ئائىلە ئىشىغا ياردەملىشىدىغان بولغاچقا ,o4r,.3[s  
مەكتەپتىن قايىتقاندا تاپشۇرۇق ئىشلىشى مۇمكىن دىيەرلىك ئەمەس، تىلۋۇزۇر قويولغان يىتىپ قوپىدىغان شۇ بىر ئىغىز ئۆيىدىن باشقا ئايرىم ئۆيلىرىنىڭ بولىشىمۇ بىر مەسىلە. u!m,ilAnd  
$:xF)E  
8 سائەت تولوق دەرىس ئورونلاشتۇرۇلغان، تاپشۇرۇق ئۇخلاش ۋاختىنى ئەمەس دەرىس ۋاختىنى ئىگەللەپ كىتىپ بارىدۇ ھازىر. i0i.sizu  
ھەتتا دەرىس ئۆتمەي تاپشۇرۇق ئىشلىتىش ئەھۋاللىرىمۇ ئىغىر.تاپشۇرۇقنى ئوقوتقۇچى دوسكىغا يىزىپ بىرىپ دەپتىرىگە كۆچۆرىتكۈزىدۇ. C]aOgt/U  
كۈندە ئوقوغۇچىلارغا كەم دىگەندە 2-3 قىتىم تاپشۇرۇق چىقىدۇ،ھەر بىرسى 4 بەتتىن بولسىمۇ 8-10 بەت.  مورتۇم شىركىتى بۇ ھەقتە ئوبدان رول ئويناۋاتىدۇ.

بابۇر0725 2014-02-19 19:54
تاپشۇرۇقنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى بەك ئازقالدىمىكىن؟ aNuZ/9O  
بىرتەرەپتىن تاپشۇرۇقنىڭ جاۋاپلىرى كەينىدە بىللە تەمىنلىنىۋاتسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى تورخانا ،بىليارتخانا ،تۇرلۇك شەكىللەردىكى كۆڭۈل ئېچىش سۇرۇنلىرى ئىگەللەپ كېتىۋاتسا ھازىر.جاپا  شۇ ناۋايدەك ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزى تەكشۈرىۋاتقان مۇئەللىملەرگە شۇ


查看完整版本: [-- تاپشۇرۇق  ئۇخلاش ۋاقتىنى ئىگىلىۋالمىسۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled