查看完整版本: [--
تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆز (تەييارلىق)
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئۇيغۇرتىلى دەرىس تەييارلىقلىرى
->
تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆز (تەييارلىق)
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
tawpek
2011-07-16 11:35
تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆز (تەييارلىق)
بۇ ئورۇندىكى مەزمۇن يۇشۇرۇلغان ، ئىنكاس يازغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلەيسىز .
tawpek
2012-09-19 13:24
قۇنتىكا ھەققىدە توختالغاندا گەرچە بۇ ھەقتە كىيىن ئايرىم توختىلىدىغان بولساقمۇ پۇرىتىپ ئۆتۆپ كەتتىم.
gulhan
2012-09-20 22:11
ئەجرىڭىزدىن قىممىتىڭىز ئاشماقتا، ئىنى.
%nV]ibp2)
مەن ياسالما سۆزلەردىن بىرىككەن سۆزلەر توغۇرلۇق ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولسام دەيمەن. ياردەم قىلساڭلار...
ھەمراجان
2012-10-29 10:13
قۇرۇلمىسى جەھەتتىن بەك ياخشى لاھيىلىنىپتۇ، بىزنىڭ تەييارلىق ئۆلچىمىمىز بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشكەن .
ئەكبەرنىياز
2012-10-29 21:44
مېنىڭچە:ياسالما سأزگە ئىزاھات بەرگەندە ياسالما سۆزنىڭ مەنىسى چوقۇم سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسىدا كېڭەيگەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈرمىكىن دەيمەن.مەسىلەن:<<سامسا + پەز = سامسىپەز،>>دېسەك سامسابىر خىل يېمەكلىكنى كۆرسەتسە سامسىپەزدېگەن ياسالما ئىسىم بولساشۇ خىل يىمەكلىكنى تەييارلايدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭغا <<لىك >> ياسىغۇچى قوشۇمچىسىنى قوشساق شۇخىل يېمەكلىكنى تەييارلاش كەسپىنى بىلدۈرىدۇ . دېمەك ،سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار تۈپ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسىدا مەنا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ يېڭى مەنا ياساش رولىنى ئوينايدۇ . ئەمما ،ياسالما سۆز بىلەن سۆز تومۇرىنىڭ چوقۇم مەنا باغلىنىشى بولۇشى كېرەك . ئويغۇر تىلىدا جەمئىي 108دانە ياسىغۇچى قوشۇمچە بار. ھەممىسىنىڭ يۇقارقىدەك خۇسۇسىيىتى بار .
<7j87
z6w3"9Um
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مورفېمىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر ياسالما سۆز دېيىلىدۇ.
X0haj~o[
بۇنداق دېسىڭىز ئانچە قاملاشماس. چۈنكى ،بىز مورفىمىلارنى باش مورفىما ۋە ئەگەشمە مورفىمىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلگەن .ئەگەشمە مورفىمىلارنى رولىغا قاراپ ياردەمچى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلگەن . قوشۇمچىلار بولسا رولىغا قاراپ ياسىغۇچى قوشۇمچە ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا <<ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مورفېمىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان سۆزلەر ياسالما سۆز دېيىلىدۇ. >>دېيىلسە ئۇھالدا تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارمۇ ئەگەشمە مورفىمىغا تەۋە بولغىنى ئۈچۈن <تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار قوشۇلسىمۇ ياسالما سۆزلەر ياسىلىدۇ >دەيدىغان خاتا قاراش شەكىللىنپ قالىدۇ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا <<تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان سۆزلەر ياسالما سۆز دەپ ئاتىلىدۇ . >>دېگىنىمىز تۈزۈكمىكىن دەيمەن . تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى زۆرۈر 2-كىتاپ 82-83-بەتلەردە شۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن .
نازىم
2013-02-23 22:36
ياخشى پايدىلىنىش ماتىريالى ئىكەن كۆپ مەسىلىلەرنى بىلىۋالدىم...
نازىم
2013-02-23 22:48
تەۋپىق مۇنبىرىدىكى بارلىق سەبداشلارنىڭ بىزدەك مەركىزى شەھەرلەردىن كۆپ يىراق ئوقۇتۇشتا ئارقىدا قېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولىشىڭىزلارنى كەمتەرلىك بىلەن تەلەپ قلىمەن .ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئورتاق ئىلگىرلەشنى ئارزۇ قىلىمەن.
gulhan
2013-02-23 23:25
نازىم، سىزنىڭ بۇ مۇنبەرگە كىرگىنىڭىزنىڭ ئۆزى ياردەمگە ئېرىشكىنىڭىز. مۇنبەرداشلار سىزنىڭ دۇستىڭىز ھەم ئۇستازىڭىز، شاگىرتىڭىزدۇر.
f=mZu1(FZ
ئورتاق ئىلگىرلەش بىزنىڭ شۇئارىمىز.
ياسىنجان510
2013-11-15 23:01
ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ئىكەن،ياخشى تەييارلىنىپتۇ،ئىزدىنىپسىز رەھمەت.
鱼姑娘
2013-11-20 23:18
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ مەشىقىنى كۆپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.ھەممىدىن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە بىلەن سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە . بالىلارنى كۆپ مەشقلەندۈرۈش كېرەك.
ئىدىقۇت
2013-11-21 12:35
تىلىمىزدا بىر قىسىم قۇشۇمچىلار ھەم سۆزنى ياسايدۇ ھەم تۈرلەپمۇ كىلەلەيدۇ.مەسلەن : ىم قۇشۇمچىسى بىلىم دىگەن سۆزدە ياسايدۇ، قالغانلىرىدا تۇرلەيدۇ.گە قۇشۇمچىسىمۇ كىلىش قۇشۇمچىسى بۇلغان بىلەن سۇپۇرگە دېگەن سۆزدە ياساپ قۇيىدۇ ئەمەسمۇ!!!
ياسىنجان510
2013-11-24 19:13
بۇ مەزمۇنلار ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيە قىسمىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار بولۇپ،ئوقۇتشتا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ دەرس تەييارلىقى ياخشى تۈزۈلۈپتۇ .ئەجرىڭزگە رەھمەت.
سەرۋاز
2013-12-24 16:13
ئەۋلادلار ئۈچۈن بىللە تىرشايلى
جاھىل
2013-12-24 21:22
ئىنتايىن ياخشى تىما ئىكەن .تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بۇ مەزمۇن.
بابۇر0725
2014-02-17 23:41
كەسىپداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى ئەتراپلىق ياخشى بولۇپتۇ
查看完整版本: [--
تۈپ سۆز ۋە ياسالما سۆز (تەييارلىق)
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled