查看完整版本: [-- ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-09-25 10:16

ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر

ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر
ئاپتورى: ئامېرىكا ئالىمى، پىسخولوگ جىك ھونتېر
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابباس مونىياز
مۇقەددىمە
   مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نۇقتىغا يىغىش مۇمكىن.
1-باب: ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات»قا ئىزاھات
   ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرممە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ. بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى... قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئىسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن. ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش-ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن. |&elZ}8  
     باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش»نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. «شتات قىسقارتىمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلار شتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى - ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن. Em~7D ]Y  
      قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقۇتۇش ئىكەن!
2-باب: خورىتىش
       ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت - ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك. لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىپتۇ. aW0u8Dz  
       ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغرۇلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون-ئون بەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيەچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن. yxaT7Oqh%  
       ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. DAjG *K{  
     ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن. cr76cYq"Q  
        مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن-دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھېچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مېخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. vC{ h2A  
     ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى...دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم»گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىر پاجىئە-ھە!؟ %==G+S{  
شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقىي مائارىپ يوق. ئىسلاھات يوق. قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!
3-باب: قورقۇتۇش
   ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقىتۇپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى «قورقۇتۇش»نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن. قورقۇش - ھەقىقىي مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ]ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن. «ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن.  «ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ. CTl(_g  
«ئىسلاھات»نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دېگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭقىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىپتۇ.دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش - تەھدىت سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن.  ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن.كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە، يېزا مەكتىپىدىن كەنت مەكتىپىگە چۈشۈرۈلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتسىمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. 3.Ji5~  
     ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيە، شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن. سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ، پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن. 4cott^K.  
   قاراڭ بۇ نېمە دېگەن ئاجىز قوغدىنىش؟ نېمە دېگەن بىچارىلەرچە تەدبىر-ھە؟! بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ، موشۇنى ئىسلاھات دېگىلى بولامدۇ؟ موشۇنىمۇ مائارىپ دېگىلى بولامدۇ؟ j'3j}G%\T  
ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلمە ئەندىزنىمۇ ئەسلى مەنىسىدە قوللىنالمىغان ئاتالمىش مائارىپى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق. «ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەن. ~V @;(_T  
       («دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن ئىلىندى)

ئۇيغۇرجان 2012-01-30 11:09
ھەي قورقۇتماي دىسەم ئۇلارنىڭ ۋاقتى خورىيدۇ.خۇرۇتمايدىسەم دىلىم توختىماي ئۇلارنىڭ بىكار تەلەتلىكىنى كورۇپ توختىماي ئاچچىق قورىدۇ.......قانداق قىلسام بولا.........گۇنا يەنىلا بىچارە ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ؟؟

رەيھانگۇل 2012-09-16 15:52
بىر ئامىرىكىلىقنىڭ نەزىرىدىكى ئويغۇر مائارىپى )5j;KI%t  
{gA\ph% s  
  مەنبە : چوغلان مۇنبىرى  Ab%;Z5$fr  
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابباس مونىياز a {}|Bf<  
h eaRX4  
مۇقەددىمە |6UtW{2I/  
+ uWDP .  
          مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ.ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن.زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنىتەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نۇقتىغا يىغىش مۇمكىن.
!Fw?H3X!"q  
1-باب: ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات»قائىزاھات '}g*!jL  
ئۇلار بىز ئىسلاھاتئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ.بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيداقىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى... قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى،كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغائىسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن.ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش-ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.
!3i Gz_y  
       باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن«ئىخچاملاش»نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. «شتات قىسقارتىمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلار شتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شتات قىسقارتىشقارەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ. >e2 
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى - ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن e{;OSk`x  
قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدائىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەريېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقۇتۇش ئىكەن! 
48|s$K^  
          2-باب: خورىتىش `28};B>  
ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىزئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت - ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك. J};z85B  
لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىيقىلىۋاتىپتۇ. 1 )}=bhT  
ئۇلار «ئىسلاھات»دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش،كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. دېگەن مەسىلەھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىلىدىكەن. شۇڭاھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغرۇلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون-ئون بەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيەچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن.
  QDpEb=|S  
      ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي،تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن.ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىكئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. Lokl2o `  
     ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى»دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتاكۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن. 
 
%Pksv}  
  مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن.بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن-دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. ,!V] jP)  
      شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھېچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن [-&L8Un  
تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مېخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ
  ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچەكۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى...دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم»گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىر پاجىئە-ھە!؟   {lth+{&L#  
شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقىي مائارىپ يوق. ئىسلاھات يوق. قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن .
B?$ "\;&  
3-باب: قورقۇتۇش
 
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيە،شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن
  C"lJl k9g^  
سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ، پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپقالالايدىكەن y7KzW*>g :  
قاراڭ بۇ نېمە دېگەن ئاجىز قوغدىنىش؟ نېمە دېگەن بىچارىلەرچە تەدبىر-ھە؟ (H oqR  
بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ، EQqx+J&!  
موشۇنى ئىسلاھات دېگىلى بولامدۇ؟ EBtLzbj  
موشۇنىمۇ مائارىپ دېگىلى بولامدۇ؟ ~x{.jn  
ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلمەئەندىزنىمۇ ئەسلى مەنىسىدە قوللىنالمىغان ئاتالمىش مائارىپى توغرىسىدابۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق. «ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەن bVmA tm[  
7VK}Dy/Vvn  
 مەنبە : چوغلان مۇنبىرى  +!f=jg06  
    yGg,$WM  
ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقىتۇپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك
  NTs;FX~g[  
لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى «قورقۇتۇش»نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن jm>3bd  
قورقۇش -ھەقىقىي مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن 1S%k  
ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچەزور تەھدىت سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن PW}OU9is  
«ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن vTr34n  
«ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپبېرىپتۇ O]u",J5  
«ئىسلاھات»نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دېگەندىلامۇشۇ سۆزنى چىڭ قىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىپتۇ
  GA^mgm"O  
دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش - تەھدىت سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن
  _&{%Wc5W~F  
ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن
  vX1uR]A[  
كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە، يېزا مەكتىپىدىن كەنت مەكتىپىگەچۈشۈرۈلىدىكەن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتسىمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن
  "h$R ]~eG  
  يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىقىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگەسالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى،ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم
  k'13f,o}  
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن.
  
 

تۆتتاش 2012-09-16 21:25
ئەسەرنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز.لىكىن بۇ ئامىركىلىق ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپىنى ياخشى تەتقىق قىلغان بىلەن ئۇنىڭ باش قوماندانى كىم؟بۇنى تەتقىق قىلماپتۇ.ماقالىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بەزىبىر پىكىرلەر ئۇرۇنلۇق.مەسىلەن:ئەنئەنىۋى مائارىپى ،ساپا مائارىپى،ئىنتاھان مائارىپى ئەمدى ھازىرقى قوش تىل مائارىپى  دىگەندەك. )mD \d|7f  
لىكىن قورقۇش پىسخىكىسى ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغاندىكىدەك ئەمەسمىكىن دەيمەن.چۈنكى ھازىر ھىچكىم مۇدىردىن،قورقمايدۇ،قورقىدىغىنى ساپاسىز،مەسئۇلىيەتسىز،خوشامەتچى ئۇقۇتقۇچىلار خالاس،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن يۆتكىۋىتىمەن دەپ قورقىتاتتى،لىكىن ھازىر ھىچكىم يۆتكىلىشتىن قورقمايدۇ،چۈنكى يوللار راۋان،مۇئاش ئوخشاش،سەھرا مەكتەپتە تېخى بېسىم ئاز،تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ئاز كىلىدۇ، v5Y@O|i#  
?[SVqj2-  
تەرجىمە قىلغۇچى ئۇستاز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇردا ئىشلەيدڭغۇ  دەيمەن،ياخشى تەرجىمە قىلىپتۇ.  # eEvF  
تەرجىمە قىلغۇچى،ئەسەرنى يوللىغۇچىغا تەشەككۈر.

تۆتتاش 2012-09-16 21:28
ھەر بىر چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە بىزنىڭ مائارىپىمىز ئوخشاش ئەمەس.ھەتتا مەنمۇ ھازىرقى مىللى مائارىپىمىزدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. sA2o2~AmM  
مىللى مائارىپىمىز ھالسىراۋاتقان قېرى،ئاجىز مويسىپىتقا ئايلىنىپ قالاي دىدى. nOuN|q=C  
شۇڭا مىللى مائارىپىمىزنىڭ يۈكسىلىنىشىنى بەكمۇ ئىمىت قىلىمەن.

ozqan 2012-09-17 11:19
تېمىنى يوللىغان رەيھانگۈل مۇئەللىمگە ۋە تەرجىمە قىلغان ئابباس مۇنىياز تۈركقان مۇئەللىمگە رەخمەت .. FLEg0/m0  
9<~,n1b>x  
تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بىر قىسىم  مەسىلىلەر ئەمەلىي مەسىلىلەركەن ، بىز كۆنۈپ قالغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بەزى  ئىشلار ئۆزىمىنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن نورمال ئىش بولسىمۇ لېكىن ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە نورمالسىز ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .   تېمىدىكى يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەردە بىر تەرەپلىمىلىك باركەن . o] S`+ZcV  
K.r!?cfv  
ئەمما ، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش بىزدەك ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىكى پۇخرالارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار ئەمەسكەن ...

danix 2012-09-18 20:23
    ئۇيغۇر مائارىپىدا قاچانمۇ ئۇيغۇرغا خاس ھەقىيقى ئىسلاھات بولار - ھە ؟؟؟ u( V  
قاچانمۇ  مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق كاتتىلىرىمىز تەشەببۇس قىلغان ھەم شۇلاردەك كاتتا كىشىلەرنى تەربىيلەپ چىققۇدەك  مائارىپ بارلىققا كېلەر - ھە ؟؟؟ بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ رولىنى تۇتىۋاتقان ئەزىزلەر نېمە قىلىۋاتقاندۇ ؟؟؟ sBP}n.#$  
ئامىرىكىلىقنىڭ ماۋۇ گېپىگە قاراڭ : [,OJX N-4s  
مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ.ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. 4DLq }v  
    ھەي، مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپ !!!

gulhan 2012-09-20 22:07
ھەي ، قاراڭ بۇ گەپلەرنى<<  ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى»دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا-قايتاكۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن.  >>  شۇنداق ، بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر...

turbek 2012-09-21 12:14
بۇ رېئاللىقنى ئەمىلىيەتتە ھەممىمىز بىلىمىز ، لېكىن چوڭ جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمەيمىز . ئەمما ھەربىر ئوقۇتقۇچى روھىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئۆز دەرسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆتسە ، خېلى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ .

رەيھانگۇل 2012-09-21 15:11
توغرا دەيسىز. ئەمىلىيەتتە ھەممىز ئۆزىمىزگە يۈز كىلەلىگۈدەك ئىش قىلساقلا ، ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالمىساقلا، بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

naznin 2012-09-25 17:07
لىكىن قورقۇش پىسخىكىسى ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغاندىكىدەك ئەمەسمىكىن دەيمەن.چۈنكى ھازىر ھىچكىم مۇدىردىن،قورقمايدۇ،قورقىدىغىنى ساپاسىز،مەسئۇلىيەتسىز،خوشامەتچى ئۇقۇتقۇچىلار خالاس،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن يۆتكىۋىتىمەن دەپ قورقىتاتتى،لىكىن ھازىر ھىچكىم يۆتكىلىشتىن قورقمايدۇ،چۈنكى يوللار راۋان،مۇئاش ئوخشاش،سەھرا مەكتەپتە تېخى بېسىم ئاز،تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ئاز كىلىدۇ، `d`&R.'  
ئۇنداقمۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ،ھازىر سەھرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارئادەتتىكى كۈنلىرىدىكى  تەكشۇرۇش ئۆمىكىنى كۇتۇپ بۇلالمايلا قالماي،شەنبە يەكشەنبىنى قۇربان قىلىپ رەھبەرلەرنىڭ يولغا قاراپ ئولتۇردىغان بۇلۇپ قالدى.

نۇرلالە 2013-09-12 18:26
مىللەتكە بولغان مەسئۇليەت نوقتىسىدا تۇرۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش بىز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇليىتى  

گۈلچىمەن 2013-10-10 19:30
      بىزدە  تېخى  باشقىلارنىڭ  دەرس  تەييارلىقىنى ئارىيەتكە   ئېلىپ  كۆچۈرىدىغان  ئادەت  خىېلى ئېغىر.

گۈلچىمەن 2013-10-10 19:41
     قارىغاندا  سىزمۇ  ئەمەلدار  ئوخشىمامسىز؟  يېزا-بازارلاردىكى  مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار  چوڭ-كىچىك  ئەمەلدارلارنىڭ  ئالدىدا  كۈلگىسى  كەلمىسىمۇ  مەجبۇرى  كۈلۈمسىرەپ  تۇرۇپ،بوش  ئاۋازدا «ھە  شۇنداق،  سىزنىڭ  راس» دەپ  بەرمىسە   ماڭدامدا  بىر  تۇرلۈك  پۇتلاشلارغا ئۇچراپ  تۇرىدۇ. &Pn%zfmMN  
    بۇ  ماقالە  بىزنىڭ  مەكتەپنى  كۈزىتىپ يازغاندەكلە  يېزىلىپتۇ.

ئاستانە 2013-10-29 16:13
بەزى گەپلەر ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ئىكەن، ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن.  ئەمما بىز نىمە .ئش قىلالايمىز؟! ھەي...

گۇلباھار 2013-12-21 01:04
ئەتراپلىك تەھلىل كىلىنىپتۇ

ياسىنجان510 2014-01-13 16:07
بۇرۇنقىلار ‹‹ئۆزۈڭ بىلگەن يولنى داداڭغا بەرمە ››دېگەن .بىر ئادەمىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى،پىكىردىكى ئوخشىماسلىقلار ،ئۆز خاھىشىنى باشقىلارغا مەجبۇر تېڭىش قاتارلىق سوبىكتىۋىزىملىق خىزمەت ئىستىللىرى سەۋەبىدىن بولىۋاتقان مەسىلىلەر دەپ قارايمەن.

بابۇر0725 2014-03-02 01:45
مائارىپتىكى نۇقسانلارنى جىددىي تۈزەش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled