查看完整版本: [-- كونا ئاياق (نازپەرۋەر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> كونا ئاياق (نازپەرۋەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nazperwer 2011-07-06 23:09

كونا ئاياق (نازپەرۋەر)

‹‹نېمىشقىمۇ كىيگەندىمەن بۇ نىجىس ئاياقنى؟ خەپ،مەنزىلگە بېرىۋېلىپلا چۆرىۋەتمەيدىغان بولسام… پۇتۇمنى ئاغرىتىپ ،ماڭا تىرىك تۇرغۇزۇپ  دوزاخ ئازابىنى كۆرسىتىۋاتقان قوزۇقتەك پاشنىسى بار ئايىقىمنى،توغرىسى ئۆزۈمنى ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ كېتىۋاتىمەن. ['iPl/v0  
8 v%o,"  
ئارقانغا بۇرۇلۇپ قارىدىم ، باياتىن بېرى قەدەمدە بىر مۆدۈرۈپ ، ھېچقانچە  يول باسماپتىمەن. بولمىسا يول شۇنداق تۈز  ھەم سىلىق ، مەن بىلەن تەڭ يولغا چىققان سەپەرداشلىرىم  ئاللىبۇرۇن مەندىن ئۇزاپ كېتىشكەن.ئۇلارنىڭ ئارقىدا قالىدىغان بولدۇم،ئەتىگەن يولغا  چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ پۇتىدىكى پاكار پاشنىلىق، ئەمما بىر قاراشتىلا سۈپىتى ياخشى خۇرۇمدىن تىكىلگەن ،راھەت ئاياقلىرىنى كۆرۈپ ياراتماي ، ئۆزۈمنىڭ چىرايلىق،ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ مەغرۇرلانغان ئىدىم .ئەمدى پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىدىن قىلغانلىرىمغا مىڭنى پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم .ئىسىت ، نېمە قىلاتتىم جېنىمنى قىيناپ!؟ كونا ئاياق بىلەن يېڭى يول ماڭىمەن دېگەندىن كېيىن ئۆزۈمگىمۇ ئاز. cSV aI  
XZd,&YiaG  
  كېتىۋاتىمەن قەدەمدە بىر مۆدۈرۈپ. يوللار كەڭ ھەم يېڭى ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق سالماق قەدەملەر بىلەن ئالغا قاراپ كېتىۋاتماقتا. ئەمدىلا ئايىقى چىققان بالىدەك يىقىلىپ- قوپۇپ كېتىۋاتقان ماڭا ئوخشاش پالاكەتتىن بىرىمۇ يوق. شۇنداق، ماڭا ئوخشاش  ئايىقىم بۈگۈنكى سەپىرىمگە ماس كېلەمدۇ -كەلمەمدۇ دەپ ئويلاشمايلا كىيىپ يولغا چىقىدىغان ئەخمەقتىن يەنە بىرى بولمىسا كېرەك.سەپەرداشلىرىم سەگەكلىك بىلەن ، ئۆزىنىڭ مۇساپىسىنى ياخشى مۆلچەرلەپ، ماس كەلگۈدەك راھەت ئاياقلارنى تاللاپ كىيىشىپ ،سالماق قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ،مەندىن خېلىلا ئۇزاپ بارىدىغان مەنزىلگە بېرىپ بولاي دېدى  ، مەن بولسام ئەقلىمنىڭ يوقلىقىدىن، بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ ، بارىدىغان مەنزىلىم ھەم مۇساپەم توغرىسىدا ھېچقانداق پىلانمۇ تۈزمەي ،ئۇچۇرمۇ ئىگىلىمەي يولغا چىققانلىقىمدىن ‹‹ئالدىرىغان يولدا قالار››دېگەن ئاقىۋەتكە قېلىۋاتاتتىم.ئەتىگەنكى مەغۇرۇلىقىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى .سەپەرداشلىرىم بىلەن  باسىدىغان مۇساپىمىز ئوخشاش ، لېكىن ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان ئاياقلىرى توغرىسى ئەقىل-پاراسىتى زامانغا ، بۈگۈنكى سەپىرىمىزگە ناھايىتى ماسلاشقان ، ئەمدى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇلارغا يېتىشەلمەيمەن. p0vVkdd  
{R6ZKB  
ئالدىمدا بىخارامان كېتىۋاتقان سەپەرداشلىرىمغا ھارسىنىپ ، قىزغىنىپ قاراپ ئەلەم بىلەن ئويلىدىم . مەن مۇشۇ كونا ئاياق بىلەن ئاخىرقى نىشانغا بېرىپ بولغۇچە سەپەرداشلىرىم يەنە يېڭى  سەپىرىنى باشلايدۇ ، چۈنكى ئۇلاردا يېتەرلىك تەييارلىق  بار.بىراق مەن بوشاڭلىقىم ، ئىنچىكە ھالقىلارغا سەل قارىغانلىقىم تۈپەيلىدىن ئارقىدا قالدىم. تەييارلىق قىلىشقا بېرىلگەن ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمىغىنىم ئۈچۈن پۇتۇمدىكى ئاياقنىڭ بۇ يوللارغا ماسلاشمايدىغانلىقىنى زادىلا ئويلىماپتىمەن. A~70  
pFjK}J OF  
 ھەسرەت بىلەن كېتىۋاتىمەن،يېرىم يولدا توختاپ قېلىش ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ.،غۇرۇرۇم،ۋىجدانىم مۇساپىنىڭ يېرىمىدا بەل قويۇېتىشىمكە زادىلا يول قويمايدۇ.ياق، بەل قويۇۋەتسەم قەتئىي  بولمايدۇ. ھەددىدىن زىيادە زورۇقۇپ كەتكىنىمدىن ھاسىرايمەن  ،يۈز-كۆزۈمدىن شۇرۇلداپ تەر قۇيۇلۇپ، كۆزلىرىمدىكى  ئاچچىق ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ مەڭزىمنى بويلاپ ئاقماقتا. ئۇچامدىكى كۆركەملىكىنىلا قوغلىشىپ سېتىۋالغان ،ئازراقمۇ ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان قىممەت باھالىق كۆينىكىم مېنى رەللە قىلىپ ،تەر دەستىدىن بەدىنىمگە چاپلىشىپ ، ماڭا ھەسسىلەپ يۈك بولماقتا… KPUV@eQ,  
e$rZ5X  
 چىشىمنى چىشلەپ سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرماقتىمەن. قانداق قىلاي؟ ئارقامغا ھەرگىزمۇ يانالمايتتىم . ئارقىغا يېنىش چىدىماسلىقتىن دېرەك بېرەتتى.  قانداقلار قىلىپ بولمىسۇن ئاخىرقى نىشانغا يېتىپ بارىمەن. شۇنداق بىر غەيرەتتە جېىنىمغا ئىكەك بولۇۋاتقان ئاياقنى سالدىم-دە، يالاڭ ئاياق يۈگۈرۈشكە باشلىدىم . ئىيۇل قۇياشىنىڭ ئاسفالت يولدىكى قىزىق ھارارىتى پۇتۇمنى ۋاژىلدىتىپ كۆيدۈرسىمۇ ئەڭ ئاخىرىقى غەيرىتىمنى يىغىپ ئالغا قاراپ يۈگۈردۈم . . . .%  
I%KYtv~ `  
ئويغىنىپ كەتتىم . قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىپتىمەن.سائەتكە قارىدىم . تېخى تاڭ ئاتمىغان ئىدى.قانداق چۈش –بۇ؟ دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاياق ئىشكابىغا قارىدىم .رەتلىك تىزىپ قويۇلغان ھەر خىل ،ئاياقلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ پارقىراپ تۇراتتى. بۇ ئاياقلارنى مەن سۈپىتى، تىكىلىشى ۋە چىداملىقلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ سېتىۋالغان ئىدىم. چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى ئاياق كۆرۈنمەيتتى، تېخىچىلا دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان  يۈرىكىم ئىزىغا چۈشتى.ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈمگە ھۈرۈپ تۇرۇپ ئاستا پىچىرلىدىم   ‹‹توۋا ،غەلىتىلا چۈش كۆرۈپتىمەن دېسە؟!››. . . '}Z  
z<' u1l3  

tawpek 2011-07-07 16:29
ئۆزۈم بىلىدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈمگە ھۈرۈپ تۇرۇپ ئاستا پىچىرلىدىم j^RmrOg ,  
=>~: 
ysnx3(+|  
چىن تۇيغۇ. kvu) y`  
h^P#{ W!e\  
بىز ئۆزىمىزگە قولايلىق يارىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقىننى بىلىپ يەتمىگەن بولساق كىرەك.

akkax 2011-07-07 20:39
   مۇشۇ ئاياللارنىزە ، ئوڭىدىمۇ ، چۈشىدىمۇ كېيىمنىلا ئويلىسا كېرەك . ھې ھې ھې! }4X0epPp;:  
  ئاياغ  چۈشىگەن بولسىڭىز پات ئارىدا باغاق تاپشۇرىۋالىدىكەنمىزدە ،  ئەمما ئايال كىشى ئاياغ چۈشىسە بۇ نېمىنىڭ سۈرىدۇ ؟

akkax 2011-07-07 20:43
    ئاياغلارنىڭ ئارىسىدا بولمىغىنىدىن قارىغاندا كېيىپ جۇلىقىنى چىقىرىۋېتىپ ، يېڭى ئاياغ ئالغان ،  لېكىن شۇ كونا ئاياغنىڭ  قالدۇرغان دەرتلىرىنى ئۇنتۇيالمىغان چاغدا چۈش كۆرگەن ئوخشايسىز . (  چاقچاق )

tawpek 2011-07-08 18:55
ئاققاش مۇئەللىم چۈش تەبىرىگە ھەقىقەتەن ئۇستىكەن جۇمۇ

akkax 2011-07-08 22:35
   ئانچە ئەمەس ،  ھەقىقىي پىسخولوگلار ئاياللار ، چۈش تەبىرچىلىرىمۇ شۇلار ،  سېھىرگەر ، پالچى دېگەنلەرمۇ ئەسلى شۇلار .  ئەرلەر ئۇلاردىن بۇ ئىقتىدارنى تالىشىپ بىكارغا ئاۋارە بولىمىز .  بۇ چۈش تەبىرىنىمۇ ئايالىمدىن سوراپ بىلگەن ئىدىم . "Z+k=~(  
شۇ سەۋەبمۇ  شائىرەمىز  نازپەرۋەر بۇ ئەسەرنى شۇنداق ئوبدان يېزىپتۇ .

tawpek 2011-07-09 00:42
لىكىن مەن بۇ ئەسەردە نىمە دىمەكچى بولغىننى ئانچە چۈشىنەلمىدىم.

koksangun 2011-07-09 23:49
ئەسەردە پىكىر  جانلىق ئىماگلار ۋاستىسى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن ، ئاياغ ، سەپەر ، سەپەرداش ، چۈش  ... قاتارلىق مەجازلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئادەت ، پىسخىكا ، ھەۋەس ، رىقابەت ...نىڭ يارقىن كۆرۈنۈشىدۇر ...

tawpek 2011-07-10 19:25
引用第7楼koksangun于2011-07-09 23:49发表的 : ئەسەردە پىكىر  جانلىق ئىماگلار ۋاستىسى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن ، ئاياغ ، سەپەر ، سەپەرداش ، چۈش  ... قاتارلىق مەجازلار كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئادەت ، پىسخىكا ، ھەۋەس ، رىقابەت ...نىڭ يارقىن كۆرۈنۈشىدۇر ...
yF/jFn  
يۇقارقى ئەسكەرتمىللىرىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ قايتا بىر ئوقوپ باقساق ئازراق چۈشەنگەندەك بولىدىكەنمىز.

تۆتتاش 2011-12-08 21:07
تاڭ سەھەردە چۈش كۈرۈپسىز،ئاياقنى، 9MqGIOQ${j  
بەلكىم سىزگە پات ئارىدا سەپەر بار. Vf1^4 t  
ئايلانسىلا رېيالىققا چۈشىڭىز، J|rq*XD}q  
بەخت،ئامەت،ساغلام بۇلۇر سىزگە يار.

tawpek 2011-12-08 21:34
كونا ئاياغ چۈشەكەپسەن دىلبىرىم pI<f) r  
يول چىقارمۇ قۇچاق ئىچىپ كىلىشكە YKf0dh;O  
يوقاپ كەتتىڭ ئۈن تىنسىزلا بىسەۋەپ f(7GX3?  
مۇمكىنمىدۇ سەۋەبىنى بىلىشكە.

مىېھرىما 2014-03-13 18:30
مەنمۇ ئىككى ئوقۇپ ئاران چۈشەندىم .


查看完整版本: [-- كونا ئاياق (نازپەرۋەر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled