查看完整版本: [-- بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulbar 2010-09-24 23:11

بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى

بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى
(ھېكايە)
مەخمۇتجان ئەخەت
دەرسكە كىرىش قوڭغۇرقى چېلىندى. مەكتەپ ئىچى تىمتاسلىققا چومدى. بۈگۈن مېنىڭ بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيانقى ئىككىنجى سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۇشۇم ئىدى. بۇ سائەتلىك دەرستە 5-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تىكتاك توپ دەرسى ئۆتۇلەتتى. مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەتلىك ئىككى قاتار قىلىپ تىكتاك توپ مەيدانىغا ئىلپ كەلدىم. ئوقۇغۇچىلارغا بىر قاتار بەدەن قىزدۇرۇش ھەركىتى ئىشلىتىپ، بۈگۈن تىكتاك توپ دەرسى ئۆتۇلدىغانلىقىنى ئىيتىۋىدىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كىتىشتى. مەن ئوقۇغۇچىلارغا تىكتاك توپ ئويناش قائىدىلىرىنى بىر قانچە قىتىم ئۆگۇتۇپ قويۋىدىم، ئوقۇغۇچىلار ناھايېتى تىزلا ئۆگىنىۋالدى. مەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ناھايىتى قىزغان تىكتاك توپ ئويناۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قوپال ئاۋازدا:«مەخمۇتجان بۇياققا كىلىڭ!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن بۇرۇلۇپ قارىسام، مەكتەپ مۇدىرى ئىككى پۇتىنى سىركولدەك ئاچقىنچە قولىنى كەينىگە قىلىپ تۇرۇپتۇ. مەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇنداق قوپال ئاۋازدا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلمەي، ئالدىغا يۇگۇرۇپ باردىم. مەكتەپ مۇدىرى سېمىز قورسىقىدا توختىماي ئىشتىنىنى ئىككى قولى بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپ قويقاندىن كېيىن، ماڭا زەردە بىلەن:-      ئەتە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مەكتىپىمىزنىڭ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنى تەكشۇرگىلى ئادەم كېلىدىغان تۇرسا، سىنىڭ ھىچنىمىدىن خەۋىرىڭىز يوقتەك بالىلارغا تىكتاك توپ دەرسى ئۆتكىنىڭىز نىمىسى؟ دەرھال دەرسنى توختىتىڭ، مەكتەپ ھاجەتخانىسى گەندە بىلەن تولۇپ كىتىپتۇ. ھەممە بالىنى دەرھال گەندە تارتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇڭ،- دېدى قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ.-      مەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۇتۇلمىگەن بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن سەل تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم. ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، تىكتاك توپ ئويناشتىن توختاپ قالدى. مەن ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:-ئالدىنقى سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ پۇتبۇل مەيدانىغا چىم ياتقۇزۇپ چىقسۇن، دېدىڭىز. ئەمدى بۇ سائەتلىك دەرستە بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇردىڭىز، بۇ مەكتەپتە زادى تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلەمدۇ - يوق؟ - دېدىم مەنمۇ زەردە بىلەن.مەكتەپ مۇدىرى كۇتۈلمىگەن بۇ سۇئالدىن قاتتىق تىرىكتى بولغاي، قوشۇمىسىنى تۈرۇپ تۇرۇپ:-      سىزنىڭ خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ -ھە، مەكتىپىمىزدە تەنتەربىيە دەرسى ئاساسەن ئۆتۇلمەيدۇ. تەنتەربيە دەرسى ئۆتۇلدىغان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا دائىر ئەمگەكلەرگە سالىمىز، - دېدى.-      تەنتەربىيە دەرسىمۇ باشقا دەرسلەرگە ئوخشاش مۇھىم دەرس. سىز مەكتەپ مۇدىرى تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئوقۇتۇش تەرتىپىنى بۇنداق قالايمىقانلاشتۇرسىز؟ - دېدىم مەن يەنە. مېنىڭ بۇ گېپىم مەكتەپ مۇدىرىنى تىخىمۇ تىرىكتۇردى بولغاي، مەكتەپ مۇدىرى تىخىمۇ ئەۋزەيلەپ:-      سىز مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىمغا قارشى چىقماقچىمۇ؟ ئۇقۇپ قويۇڭ، بۇ مەكتەپتە سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب ئەمەس، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب. مەن مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن بۇيان ھېچكىممۇ مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىمغا قارشى چىقىپ باققان ئەمەس. سىز بۇ مەكتەپكە كەلگىلى بىر نەچچە كۈن بولا-بولمايلا مېنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىمغا قارشى مۇقام توۋلىسىڭىز قانداق بولغىنى؟! ئەگەر مۇشۇنداق باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، ئۆز مەيلىڭزچە ئىش قىلىماقچى بولسىڭىز، يىللىق سىناپ تەكشۈرۇش، ئىش -ئۈنۈم مائاشىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرسەك بولغۇدەك، - دېدى -دە، قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغىنىچە ئىتتىك قەدەم ئېلىپ ئىشخانىسىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشتىن بىر نېمىنى چۈشەنگەندەك بولدى - دە، ئىختىيارسىز قوللىرىدىكى تىكتاك توپ پالىقىنى قۇيۇپ، ھاجەتخانا تەرەپكە يول ئالدى. مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ شۇ ياققا قاراپ ماڭدىم.(شىنجاڭ مائارىپى 2010-يىللىق 7-8 ساندىن)

tawpek 2010-09-25 10:09
ددىمىسىمۇ تەكشۈرۈش كەلسە تازلىقلا تەكشۈرگىلى كىلەمدىكىن دەيمەن. سىنىپقا كىرىدىغانلىرى ، ئوقوغوچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردىغانلىرى يوق دىيەرلىك. تەكشۈرۈشتىكى مەخسەت نىمە زادى؟

tawpek 2010-10-25 21:01
باشقا تىلدا يىزىلغان يازمىنى كۆرگەن ھامان خەۋەر قىلىڭ. qayM 0i>>  
كىيۇ كىيۇ  136257746 tB)nQw7  
تىلفۇن: 13399792951

رەيھان 2014-03-20 12:45
ھازىرمۇ بىرەر تەكشۈرگۈش كەلسە ، دەرس ۋاقتىنى ئالىدىغان ، دەرس ۋاقتىدا دەرس ئۆتمەي ئۆزىنىڭ شەخشى ئىشىنى قىلىدىغان. ھەتتە ئىمتىھان ۋاقتىدا يانفۇنغا قاراپ ئولتۇرۇدىغان ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز يوق ئەمەس.

مىېھرىما 2014-04-06 10:39
تەكشۇرۇشنىڭ مەخسىتى: FAX[| p  
1.  كاماندۇرۇپكا ئېلىش. db@^CS[P  
n5)ml)m  
2. ساياھەت قىلىپ كۆڭۈلنى خۇش قىلىش . Q g0%r bE  
:yTr:FoF  
3.تۆۋەندىكىلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىش . AMASh*  
#XG3{MGX[  
4 . چوڭ - يەپ چوڭ ئىچىپ قارنىنى توقلاش

مىېھرىما 2014-04-06 10:40
بەكلا ياخشى ھېكايە ئىكەن سىزگە رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled