查看完整版本: [-- بەزى ئەمەلدارلار قىززىق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> بەزى ئەمەلدارلار قىززىق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەمچى 2010-09-23 23:07

بەزى ئەمەلدارلار قىززىق

 قىزىق ئەمەلدالار )>c>oMgl  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، سەھنىگە چىقىۋالسا ئۆزلىرىنى ھېچقانداق پۇل-مال قوبۇل قىلمايدىغان پاك ئەمەلدار دېيىشىدۇ، ئاستىرىتتىن بولسا ھەددى-ھېساپسىز پۇل ماللارنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ. {f{ZHi|  
بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، كىشىلەر ئالدىدا بىر ئەرگە بىر ئاياللىق تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ، ئاستىرتتىن بولسا  ئاشنىسىنى بېقىپ يۈرىدۇ. Ig5L$bAM~  
       بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ۋەتەننى قانداق قىزغىن سۆيىدىغانلىقلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ساتقىنلىق قىلسا، چىرىكلەشسە ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. J6jwBo2m  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، دۆلىتىمىزنىڭ مېلىنى ياخشى كۆرىمەن ،دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا چەتئەلنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرىدۇ، چەتئەلنىڭ تېلېۋىزورىنىلا سېتىۋالىدۇ. xB !6_VlB  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى تۇرمۇشتا شۇنداق ئاددى-ساددا دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا كاتتا رېستۇرانلاردىن چىقالمايدۇ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرىنىلا كىيىدۇ.
CwJDmz\tk  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئالامەت دېموكراتىك دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە كىمدە كىم ئۇنىڭ دېگىنىگە قارشى چىقىدىكەن، ئۇنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. f}D1|\7  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى ئەمەلىيەتچى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر توپ يەپ-ئىچەر، پوچىلار چۆرىدەپلا يۈرۈشكەن. NuU9~gSQ  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، مائارىپقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش ئالالمىغىنىغا 3ئاي بولغان، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان ۋەيرانە سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈۋاتقان. ئۆزى بولسا ئالىي بېزەلگەن ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ مۇخبىرغا مېنىڭ بەك ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار ئىدى، دەۋاتقان.            بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ، ئايالىنىڭ گېپىنى قىلغاندا كۆزلىرىدن ئوت چاقنايدۇ، گەپتە دۇدۇقلاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەمەلدارنىڭ سىرتتا رەڭدار ھەمراھلىرى ساماندەك، ئۆيىدە ئايالى بولسا كۈندە يىغلاپ ئولتۇرارمىش. 4l&g6YneX  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئەڭ ۋاپادار پەرزەنت دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاپادارلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى بولغاندا پاي-پېتەك بولۇپ كېتىشىدۇ.
HD N9.5 S  
          بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئاممىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ، تېلېۋىزورغا چىقسا: قىيىنچىلىقتا قالغان خەلق ئاممىسىنى ئويلىساملا كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ خەلق ئاممىسىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، يېقىندا ئۇ تەۋەلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلەش ھېسابىغا بىر مەيدان ياساتتى، نۇرغۇن دېھقان شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. 3R&lqxhg  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، زىيالىلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە زىيالىيلار ئۆزلىرىگە پىكىر قىلشىقا، تەپەككۈر قىلىشقا پۇرسەت بېرىشنى سورىغاندا توختىماستىن بېشىنى چايقايدۇ. SI KOFs  
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق.... مانا مۇشۇنداق قىزىق ئەمەلدارلار، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىق تاجىنى كىيىپ نۇرغۇن يەرلەرنى ۋە پۇخرالارنى  باشقۇرۇشماقتا
C4}*) a  
3z ]+uv+2J  
مەنبە(ئۇكيان)تۇرى qp}Ma8+  

tawpek 2010-09-24 11:56
قۇغۇن يىمەي قۇغۇن باققاننى كۆرگەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىمۇ شۈنچىلىكلا بىر ئىش.

gulbar 2010-09-24 18:27
موللامنىڭ دىگىننى قىل ، قىلغىننى قىلما دەپ قىلمىسىڭىزلام بولمىدىمۇ ، R 
خەخنىڭ قىلغىننى سۆزلەپ يۇرگىچە ، خوتەنلىك ساراڭ .

مىېھرىما 2014-03-13 13:26
بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، سەھنىگە چىقىۋالسا ئۆزلىرىنى ھېچقانداق پۇل-مال قوبۇل قىلمايدىغان پاك ئەمەلدار دېيىشىدۇ، ئاستىرىتتىن بولسا ھەددى-ھېساپسىز پۇل ماللارنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ. }CxvT`/  
8_K6 0eXz  
   بۇ باشلىقلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك .


查看完整版本: [-- بەزى ئەمەلدارلار قىززىق --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled