maruza |
2011-06-25 22:08 |
قىزلىرىمىزغا نىمە كەم ؟
شەنبىلىك چۈشتىن كىيىن بىكار بولۇپ قاپتىمەن ،مۇنبەر ئارىلاۋىتىپ ،توردىشىمىز ئەھكامنىڭ‹‹ دۇنيادا بىكالىق تاماق يوق ››دىگەن تىمىسىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە قايسى كۈنىلا بىرەيلەننىڭ بىر قىزنىڭ لايىقى ئېلىپ بەرگەن بىر مۇنچە پۇللۇق كىيىملىرى ئۈستىدە توختىلىپ ،‹‹دۇنيادا بىكالىق تاماق يوق››دىگەن سۆزى يادىمغا كېلىپ قالدى . UstUPO -قارا ئاداش ،گۈلپىيە دائىم كىيگەن كىيىملىرىنىڭ بىرقۇرىنىلا مىڭ سومدىنلا چۈشىدۇ ،قايسىلا كىيىمى بولسا مابىتىم ئېلىپ بەرگەن دەپ تۇرۇۋالىدىكەن ،مابىتى قالتىس پۇلدارمىش.لىكىنغۇ ھازىرقى پۇلدارلارمۇ بىكالىققا ئېلىپ بەرمەيدۇ ئۇنداق كىيىملەرنى ...دۇنيادا نەدىمۇ بىكالىق بىر ۋاق تاماق بولسۇن ؟!.... -_n Qn -ۋىيەي،ئۇ بالا مەن بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈپلا ماڭا كۆيۈپ قاپتۇ ،ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە ئۇ ماڭا بىر مۇنچە كىيىم ئېلىپ بەردى ،قولۇمغا يولدا خەجلەرسىز دەپ 1000سوم پۇل بەردى . qdI%v#'M -ۋاي ئاداش ،مابىتىم بولغانكىن ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىدىم تازا ،ئۇنىڭكىنى خەجلىمەي دادىسىنىڭ پۇلىنى خەجلەمدىميا؟.... Mq -مەن ئۇنىڭغا تىگىدىغان بولغاندىن كىيىن خەجلەشكە ھوقۇقۇم يېتىدۇ .بەرىبىر مېنى ئالىدىغان بولغاندىن كىيىن خەجلىمەي قانداق قىلاتتى ئۇ ،ئوغۇل بالا پۇل خەجلىمەي قىز كەلتۈرگىلى بولامتى ؟ *VhEl7 بىر قېتىم تاماققا چىقىدىغانغا تاماق يەپلا قايتىپ كىرىپ ،مەن بىر ئاچ قىلىپ چىقمايمەن ئۇنىڭ قېشىغا ،خەجلىسۇن !شۇندىلا قىز بالىنىڭ ئېتىۋارى بولىدۇ،بولمىسا..... z |llf7: -ۋاي جېنىم ئادىشىم ،مەنچۇ ،ئۇنى ماڭا ئاشۇنداق جىق -جىق ،چوڭ-چوڭ خەجلەمدىكىن دەپ تاپقان .خەجلىيەلمىسە ،خورجۇنىنى ئارتىپ يوقالسۇن ئۇنداق دىۋانىلەر....
'y;Kj -قىز بالىغا پېتىلىق قىلغان بالا بىلەن خوشام يوق . *JDz0M4f -ئۆزى خەجلەپ بېرىمەن دەۋاتسا ماڭا نىم ئامال ،مەن زورلىمىدىم -يا.... ,B'=$PO% ................ ......................... ....................... Lq5xp< مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمگە ئوخشاش قىزلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ھەقىقىي سۆزلەر...... j yD3S
a3 بۇ سۆزلەرنى سىلەر كۆرگەندىن كىيىن قانداق ئىنكاستا بولدۇڭلار ؟........ pM@8T25= ئاشۇ ئۆزى گۈلدەك ھەتتا ئالى مەكتەپنى تولۇق كۇرس ئوقۇغان قىزلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا سىزنىڭمۇ مەندەك ‹‹ئۇنداق دىمە ئاداش ،ئۇنىڭغا تەگكۈڭ بولسا ،ئۇ كىيىن سېنىڭ ئېرىڭ بولىدۇ ،دىمەك ،ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى ھازىردىن باشلاپ تىجىشىڭ كېرەك،چۈنكى تۇرمۇش بىر خىل ئۆتۈۋەرمەيدۇ. ئەگەر تەگكۈڭ بولمىسا،ئۇنىڭ بىر موچەن پۇلىنىمۇ ئىسراپ قىلىپ قالايمىقان خەجلىمە ،چۈنكى ئۇ سېنىڭ رىسقىڭ ئەمەس.››دىگىڭىز كىلەمدۇ ؟....بىراق سىز ئاشۇنداق قىزلارنىڭ ئالدىغا بىر قىزبالا بولۇپ بېرىپ شۇنداق دىسىڭىز ،ئۇلار تەبىئىيكى ،سىزنى چىدىماس ،كۆرەلمەسكە چىقىرۋىتىشى ئېنىقلا ،ئەگەر سىز بىر ئوغۇل بالا بولۇپ بېرىپ شۇنداق دىسىڭىز ،‹‹سەن مېنىڭ نىمەمتىڭ ،ماڭا ۋەز ئېيتقۇدەك؟سېنىڭكىنى خەجلىمىگەندىن كىيىن ئۆتەپ بارە.....››دىيىشى ھازىرلا k5E2{&wZ زامان تەرەققى قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلدۇق ، x7/Vf,N ئىلگىرى مومىلىرىمىزدىن ،ئاپىلىرىمىزدىن ئاڭلايتتۇق ،ۋەزنىنى ئالتۇن باسالمايدىغان ئاشۇ قىممەت ئۈگۈتلەرنى : y@7fR9hp< -قىزىم ،چوڭ بولۇپ قالدىڭ ،قايسى كۈنى پالانى يەردە پالانى ئاخۇننىڭ ئوغلى بىلەن باغدا غىل -پال كۆرۈپ قالدىم . شاختىن قولى يەتتى دەپ ئۆرۈك سۇنسا ،ئۆرۈكىنى ،ئالما سۇنسا ئالمىسىنى دەرقەم تۇرۇپ يەۋەرمە،سەت تۇرىدۇ . Q~nVbj?c2v -ۋاي ئاپا ،ئۇ دىگەن بىزنىڭ بېغىمىز تۇرسا ،ئۆزىمىزنىڭ بىغىدىكى مىۋىنىمۇ يىمەمدىم ئەمدى ؟ :41Y -ۋاي يەڭ خېنىم بالام ،يەڭ ،ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ،يىسىڭىزمۇ بولىدۇ . قىز بالا بويىغا يېتىپ قالغاندا ھەممە ئىشلاردا ئۇيات قىلىشنى بىلىدىغان .قىز بالا دىگەن نەپسىگە ھېزى قىلغۇلۇق ،ئادەمنىڭ بالا-نەپسى ئۆزىگە ئاۋارىگەرچىلىك .قىز بالا توي قىلمىغۇچە ئەر كىشىنىڭيىڭنە چاغلىق نەرسىنىنى ئالسىمۇ قاتتىق يامان بولىدۇ . +]cf/_8+s pgES) يىراق بىر شەھەردە تۇققىنىمىز بولىدىغان ،بىر قېتىم ئۇلارنى يوقلاپ ئۆيىگە باردۇق .ساھىبخان تۇققىنىمىز كىرىشمىزگە پايپاسلاپ چايغا تۇتۇش قىلدى ،ئاش ۋاقتى بولۇپ ،ئايالنىڭ يىڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن قىزى كىرىپ كەلدى ،قولىدا بىر مۇنچە كىيىم -كىچەكنىڭ كورۇپكا-خالتىلىرى . DWOf\[
ئايال سورىدى : c`;oV-
f -كىيىم ئالدىڭما ؟ G/p\MzDko -نەدىكى ،ئاۋۇ ئېلىپ بەردى . T"{~mQ* -كىم ئاۋۇ دىگەن ؟-ئاپىسىنىڭ قۇشۇملىرى تۈرۈلدى .-ھېلىقىما ؟ @/kI;8 قىز ئارانلا ‹ھەئە ›دىدى ئاپىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ . [T_[QU:A ئاپىسى شۇ چاغ ئۆيدە مېھمان بار دىمەستىن ،قىزىنى تىللاپ كەتكەنىدى : UCcr> -ۋۇ ،بىزەك نومۇس قىلماي ،كىچىك ئاپىلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇ ئېلىپ بەردى -دەيسىنا ؟ سەن بىر كىيىمسىز قالدىڭمۇ ؟ 2*V%S/cck -ياق ،ئاپا ئۇ ئۆزى ئېلىپ بەردى . f4 S:L& -ئۆزى ئېلىپ بەردى دەپلا ئېلىپ كەلدىڭمۇ ؟ ئەمدىلا تۇنۇشتۇق دەيسەن ،تۈنۈگۈن تۇنۇشۇپلا ،بۈگۈن پۇلىنى خەجلەپ يۈرسەڭ بولامدا ؟توۋا ،خەقنىڭ قىزنى قايسى كۈنىلا ئەيىبلەپ كىتىپتىمەن ،بۇرۇن تاغ ئايلانسا ،ھازىر باغ ئايلىنىدىغان بوپت ،ئۆيۈمدىلا بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ھەي،بىغەرەز،مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ! خەق سېنىڭ تىگىپ قويغان ئېرىڭمىدى ؟ئەرگە تەگكەندە ئاشۇنداق خەجلە ،بولامدا ؟ئالماقنىڭ بەرمىكى بار ،خەقزە ،ساڭا بىكادىنلا ئېلىپ بېرەمدا بۇ كىيىملەرنى بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ تېخى .... HjA~3l7 ما كالۋانىڭ گىپىنى تېخى ،ئۆزى ئېلىپ بەردى دەپ قۇيۇشلىرى بار .... >KuNHuHu ئايال شۇچاغدا ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىزنى تىللاپ كەتكەنىدى ..... k*;U?C! 8(4!x$,Z5 شۇنداق،نىكاھىدا بولمىغان يات بىر ھەر قانداق ئەرنىڭ پۇلىنى قالايمىقان خەجلىمەسلىك كېرەك .ئەگەر نىكاھىدا بولسىڭىزمۇ ئېرىڭىزنىڭ قالايمىقان پۇلنى خەجلەپ ئائىلىڭىزنىڭ ئىقتىسادىنى ئويلاشمىسىڭىز بولمايدۇ . -Ct+W;2 ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىز دىگەن ئايال كىشى .‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ،ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن ››.بەدخەجلىك بىلەن ئېرىڭىزنى جۈملىدىن ئائىلىڭىزنى سورىۋەتمەڭ . چۈنكى سىز ئاشۇ ئاشۇ ئائىلىنىڭ جان تۇمۇرى ..... \2 DED مەنبەس -ئۆز قەلىمىم (ئىجادىيىتىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ) dYISjk@ 2011-6-25- |
|