5554 نەپەر يەسلى ئوقوتقۇچىسى قۇبۇل قىلىندۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل مەكتەپ يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىدىن 5554نى تەكلىپ قىلىدۇ[attachment=354]
نىجات ئىمىن خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ 22 – ئىيۇن مائارىپ نازارىتىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن مەكتەپ يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىدىن 5554نى تەكلىپ قىلىدىكەن. بۇنىڭغا توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 22 – ئىيۇندىن 30 – ئىيۇنغىچە بولۇپ، تەپسىلاتى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى (www.xjedu.gov.cn) ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تورى (www.xjrs.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدىكەن. XKTDBaON بۇ قېتىمقى قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا، ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئۇلار ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزىدىن باشقا 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 1584 قوش تىللىق بالىلار باغچىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا، كەنتلەردىكى قوش تىللىق بالىلار باغچىسىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تەكلىپ قىلىنغان قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىناق مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلىرى رەسمىي قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەمىناتى كەسپىي ئورۇن خادىملىرى ئىشتاتى قاتارىدا بىۋاسىتە يەرلىك مالىيەدىن ئاجرىتىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ------------------------------------------- |