查看完整版本: [-- كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

talwa612 2011-06-19 10:49

كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

ھەرخىل كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

* يەرلىك شاپتۇل مېغىزىنى چالا كۆيدۈرۈپ، يېغىنى چىقىرىپ قاش، كىرپىك ۋە چاچلارغا چاپسا تۈك يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەپ ئۆستۈرىدۇ ۋە قارا قىلىدۇ.
* ئۆينى ئادراسماننىڭ ئىسىدا بۇسلىغاندا مىكروب ئۆلتۈرۈپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
* ياڭاقنىڭ ئىچىدىكى نېپىز پوستىنى قايناقسۇغا دەملەپ ئېچسە قەنىت سېيىش كېسەللىكىدىكى ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، كېسەللەك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
* كالپۇكغا قۇرۇقلۇق يېتىپ يېرىلىپ كەتكەندە، پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلى ئىچىدىكى ئاق نېپىز پەردىسىنى كالپۇكقا چاپلىسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
* قامامۇچتىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ چالا سوقۇپ، قايناقسۇغا دەملەپ ئىچكەندە، ئاشقازان كۆيۈپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ھۆل زەنجىۋىلنى سىقىپ سۈيىنى باشقا چاپسا چاچنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارا قىلىدۇ.* قاپاق ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېستېمال قىلسا، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
* كەپتەر تۇخۇمىنى خام ھالەتتە كۈنىگە بىر تالدىن بىر مەزگىل ئىستېمال قىلسا، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بەدەننى ۋە بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ.

tawpek 2011-06-19 14:03
ئۆينى ئادراسماننىڭ ئىسىدا بۇسلىغاندا مىكروب ئۆلتۈرۈپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


ئادەتتە ئاغرىق يەتسە كۆز تىگىپتۇ دەپ ئادراسماندا ئىسرىقلايدىغان ئىش بار.

بۇنى بىز خۇراپاتلىق، شامان دىننىڭ پەتىۋاسى دەيىتتۇق ئەسلى تىببى ئاساسىمۇ باركەندە.

maruza 2011-06-19 15:28
خېلى كىچىك چاغلىرىمدا ئۆيىمىزدە ئادراسمان بىلەن ئۆينى ئاندا-ساندا ئىسرىقدايدىغان ئادەت بار ئىدى . چوڭلا< ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەيدۇ.> دەو قۇيۇشاتتى .بىزنىڭ بۇ يەرلەردە چاچ،قىشىمىزغا چاپايلى  نەدىمۇ يەرلىك ياڭاق بولسۇن ؟ يىلىمنىمۇ يېزا-سەھرالاردىن ئاران تاپقىلى بولىدىغان تورسا.....

tawpek 2011-06-21 20:13
引用第2楼maruza于2011-06-19 15:28发表的 : خېلى كىچىك چاغلىرىمدا ئۆيىمىزدە ئادراسمان بىلەن ئۆينى ئاندا-ساندا ئىسرىقدايدىغان ئادەت بار ئىدى . چوڭلا< ئۆينىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەيدۇ.> دەو قۇيۇشاتتى .بىزنىڭ بۇ يەرلەردە چاچ،قىشىمىزغا چاپايلى  نەدىمۇ يەرلىك ياڭاق بولسۇن ؟ يىلىمنىمۇ يېزا-سەھرالاردىن ئاران تاپقىلى بولىدىغان تورسا.....

ئەسلىدە مەخرۇزەنىڭ كىچىكىدىن مۇشۇنداق تىلى تاتلىق بولغاچ كۆز تەگمىسۇن دەپ ئەدراسمان بىلەن ئىسرىقلاپ چوڭ قىلىپتىكەندە.

ماڭدامدا بىر پۇتىمىزغا پۇتلىشىپ يۇرىيدىغان يەرلىك ياڭاق، جىگدە يىلىملىرى ئەتىۋا بوپ كىتىپتىما ئەمدى.

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 07:48
بەك ياخشى ئۇسۇللار ئىكەن ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !!!
بولۇپمۇ :
* ياڭاقنىڭ ئىچىدىكى نېپىز پوستىنى قايناقسۇغا دەملەپ ئېچسە قەنىت سېيىش كېسەللىكىدىكى ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، كېسەللەك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
ئۇسۇلىنى بىلىۋالغىنىم بەك ياخشى بولدى . ھارمىغايسىز !!!

sunbetgj562 2013-11-15 16:29

تەبەسسۇم 2014-02-01 16:21
قامامۇچتىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ چالا سوقۇپ، قايناقسۇغا دەملەپ ئىچكەندە، ئاشقازان كۆيۈپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قامامۇچ دېگەن نىمىدۇ؟

ئارزۇيۇم 2014-06-19 12:24
ياخشى رىتسىپلاركەن.


查看完整版本: [-- كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled