查看完整版本: [-- ئۈچ مىنۇتلۇق ھېكمەتلىرىمنى كۆرمەي قالماڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇراقلىق ئىبارىلەر -> ئۈچ مىنۇتلۇق ھېكمەتلىرىمنى كۆرمەي قالماڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

maruza 2011-06-16 23:51

ئۈچ مىنۇتلۇق ھېكمەتلىرىمنى كۆرمەي قالماڭ

[font=ukij tuz tom] Np~qtR  
                                       p7*7V.>X  
1.سەمىمىيلىك سىزنى مەڭگۈ خاتىرجەم قىلىدۇ .ئەگەر سىز سەمىمىي بولسىڭىزلا سىز باشقىلارنىڭ سۆزىڭىزگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكى بىلەن ئىنچىكە ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايسىز .پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان چىن سەمىمىي پوزىتسىيىڭىز ھەر قانداق يەر ھەر قانداق ۋاقىتتا سىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ .بۇنىڭلىق بىلەن سىز ھەمىشە  باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆڭلىڭىز پۈتۈن يۈرەلەيسىز .قېنى سىناپ بىقىڭ .ئاخىردا دەيدىغىنىم ،يالغان سۆزلەپ چاكىنىلىشىپ نىمە كەپتۇ ؟.... 3 }rx(  
)4+uM'2%  
2.ئاددى -ساددا تىجەشچانلىق سىزنى ئويلىمىغان پالاكەتلەردىن ساقلايدۇ .ئەجىبا ،بۇ گىپىمگە ئىشەنمەمسىز ،ئەلۋەتتە ،مېنى پالچى كۆرۈپ قالماڭ .ئەمما سۆزۈمنىڭ ئاساسى بار .تۇرمۇشىڭىزدا زۆرۈر كەم نەرسىنى تىپىپ چىقىڭ .ۋە دەل شۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىڭ .ئەتىكى سورۇنغا چوقۇم يىڭى كىيىم ئالمىسڭىز ،زادىلا كىيمىڭىز يوقمىكەن ،كىيىم ئىشكاۋىڭىزغا قاراڭ .ئۇلارنىڭ ھەممسى سىزنىڭ كىيىملىرىڭىز .سىز قانچە پۇللۇق كىيىم ئالسىڭىزمۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمنىڭ ھەممىنى ئېلىپ بولالمايسىز .،ھە راست ،سىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش كىيگۈڭىز كەلمەيدۇ ،شۇنىڭغا قارىغاندا يەنىلا بار كىيىملىرىڭىز ئەۋزەلدەك تۇرامدۇ نىمە ؟...ھەممىلا ئادەمنىڭ دەۋىر كۆز قارىشىچە ،ھازىر ھەممىلا سورۇنغا قاتراپ ،سورۇن تۈزەپ مېھمان بولىۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن .ئالماقنىڭ بەرمىكى بار.بۇنى يادىڭىزدىن چىقارماڭ .بۈگۈن ئالقىنىڭىزدا تۇرغان پۇل ئەتە بارمۇ يوق ئويلاپ كۆرۈڭ ،ئەتىگىمۇ ئازراق نىسىۋە ئېلىپ قويۇڭ . ئىشىنىمەنكى ھېچكىمنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ‹جاڭسا-جىسا بولۇپ ›قەرزگە بوغۇلۇپ قالغۇسى يوق . سىز مۇقەددەس كىتابلاردىن ‹ئادەمنىڭ ئاچكۆزلىكى ئۇنىڭغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ › دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز ؟....ئابرويپەرەسلىكىڭىزنى تاشلاڭ ،بۇنىڭلىق بىلەن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشىسىز ، مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھالال كۈچىڭىزدىن ئىشىندا قالغان كارتىدىكى پۇللار ،بۇ پۇللارغا يەنىمۇ تىجەشلىك بولسىڭىز تېخىمۇ ئاۋۇيدۇ دىگەن گەپ.ناۋادا سىز چوڭ يەپ ،چوڭ ئىچىپ كۆنۈپ قالسىڭىزچۇ ؟ ئەسلا پېتىڭىزدىن چۈشكىڭىز كەلمەيدۇ مەيلى يانچۇقىڭىز قۇرۇقدىلىنىپ قالسىمۇ (بىر كۈنلەر تاساددىبىي قۇرۇقدالماي قالمايدۇ دىگىلى بولاتتىمۇ ) يەنىلا قەرز ئۈستىگە قەرز بىلەن كىيگۈڭىز ،يىگۈڭىز ، ...قىسقىسى باشقىلاردىن قالغۇڭىز كەلمەيدۇ ،ئاقىۋەت سىزنى تەبىئىيكى كۈتۈپ تۇرغان يامان ئوي خىيال ،رەزىل ۋاستىلەر يىتىلەپ بالا-قازاغا باشلايدۇ .ۋىيەي خۇدايىم ساقلىسۇن ،ئۇندىن كىيىنكى رەسۋايى قىيامەتنى ... F|W H=s3  
5_L43-  
   tkix@Q!;\  
3.ئۆزگىلەرگە قوپال رەختتىن كىيىم پىچماڭ .مېنى نىمە دەۋاتىدىكىن دەپ قالماڭ ،مەن سىزگە باشقىلارغا كەلسە كەلمەس باھا بەرمەڭ ،باشقىلار سىزگە بىلىپ -بىلمەستىن قوپاللىق قىلسىمۇ ،باشقىلارنىڭ قىلغىنى ھەر قانچە خاتا بولۇپ كەتسىمۇ (چىدىغۇدەك يېرى بولسىلا )ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ . تەڭ تۇرۇپ قىياپىتىڭىزنى ياۋۇز جادىگەرلەرگە ئوخشىتىۋالماڭ دەۋاتىمەن ،بىلدىڭىزمۇ ؟ بۇ سىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق كۆرسەتمە ،ئۆزۈم يولۇقتۇرغان نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا ،ئادەتتە ئاياللار ئالدىراقسان ،قىزىققان ،تېرىككەك بولسا ،ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز تەربىيە كۆرمىگەن ،بىشەم ،قوپال ،سەلبىي پىرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ .ئەرلەر بولسىچۇ ؟ئۇنداقلارنى ئاياللارنىڭ ئېنىقكى لۈكچەككە ئوخشىتىدا گەپ يوق .شۇڭلاشقا سىزگە  يېزىۋاتقان 3مىنۇتلۇق ھېكمەتلىرىمدە شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەن :بوينىڭىزنى تولغاپ ،تىمامنى ئالدىراپ ئۆچۈرۋەتمەڭ .سىز ،مەن جۈملىدىن بەكمۇ قالتىس ئادەملەر ئەمەس .كەمتەرلىكنى ئىچ يانچۇقىمىزدا،مۇلايىملىقنى مەيدە يانچۇقىمىزدا ساقلاپ يۈرەيلى ،سىزچە سۆزلىرىمدە ‹‹پەلسەپە ››باردۇ ؟...
{O[ !*+O  
                                     مەنبەسى مەخرۇزە ئىجادىيىتى 2011-يىلى 6ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆز خانەمدە كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ يازدىم.

tawpek 2011-06-19 13:09
دىللارنى سۆيۆندۈرۈپ قەلىبلەرنى يايراتقۇدەك ھىكمەتلەركەن، شۇنداق يىنىك، لەرزان خۇددى كارتۇن فىلىملەردىكى چۈشەندۈرۈشلەردەك . }4I;<%L3`  
TsZX'Yn  
سىزنىڭ كىيىنكى 3 مىنۇتىڭىز يەنە قاچان بولار ئەمدى.بولسا تىزراق كەلسىكەن. e?b<-rL   
iJK rNRj  
nnO@$T  
ما قۇرلارنى دىمەمسىز تىخى: 5B=Wnau  
/%GM bO_  
شۇڭلاشقا سىزگە  يېزىۋاتقان 3مىنۇتلۇق ھېكمەتلىرىمدە شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەن :بوينىڭىزنى تولغاپ ،تىمامنى ئالدىراپ ئۆچۈرۋەتمەڭ .سىز ،مەن جۈملىدىن بەكمۇ قالتىس ئادەملەر ئەمەس .كەمتەرلىكنى ئىچ يانچۇقىمىزدا،مۇلايىملىقنى مەيدە يانچۇقىمىزدا ساقلاپ يۈرەيلى ،سىزچە سۆزلىرىمدە ‹‹پەلسەپە ››باردۇ ؟...  
}UWRH.;v  
يەتكۈچە پەلسەپە باركەن، ئىلھام بۇلاقلىرىڭىز داۋاملىق بۇلدۇقلاپ تۇرغاي.

maruza 2011-06-19 15:13
ھى...ھى...رەھمەت .مۇشۇنداق ئېلھام بەرگىلى تۇرسىڭىز <ھېكمەت>لىرىم 30مىنۇتقا سوزۇلۇپ كىتەرمىكىن ....بۇ مېنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان يىڭى تىمام .كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك سەمىمىي ،تەنقىدىي پكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ: WN/#9]` P  
 ھۆرمەت بىلەن :مەخرزەخان

tawpek 2011-06-21 20:20
3 مىنۇتقا تەقەززا بوپ يۈرسەك 30 مىنۇتنىڭ گىپىنى چىقىرپ قويوپ يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ 2~!R*i  
`/O`OrZ1K  
ئەسلى بۇ سىزنىڭ بىزگە سۇنغان سوسكىڭىزكەندە.

maruza 2011-06-21 23:07
4.ياسىداق ئۆيلەرگە ھەۋەس قىلماڭ . توختاپ تۇرۇڭ ،سۆزۈمنىڭ داۋامىغا قاراڭ ،سىزنى بىركىم كەپىدە ئولتۇرسۇن دەۋاتمايدۇ .دىمەكچى بولغىنىم ،ھازىرقى ئۆيىمىزنىڭ شارائىتىمۇ يامان ئەمەس ...گەرچە بىنادىكى كاتەك ئۆيىمىزنىڭ كۆلىمى 100كوۋادراتقا يەتمىسىمۇ ،بىراق بىز كۈندە ئون كىشىلىك مېھمان چاقىرمايمىزغۇ ؟ئىككى دادىمىز ،ئىككى ئاپىمىز  ئۆيىمىزگە دائىم بىر كۈنى تاللاپ كېلىۋالمايدۇغۇ ؟قانداق دىدىم ؟.......ئىشقىلىپ كەڭ-كۇشادە ئولتۇرۇپ ،تاماق يىيەلەيمىز ،كۈڭۈللۈك پاراڭلارنى قىلىشالايمىز ..<<چوڭ ئۆينىڭ چوڭلىقى بار ،ئسىل جابدۇقنىڭ خەتىرى بار >>يەنە كېلىپ بىز مېھمانخانىنى شۇنچە ئېسىل ياساپ قويۇپ مېھمانخانا ئۆيىمىزگە ئورۇن -كۆرپىمىزنى ئېلىپ چىقىپ ،ئۆز ئۆيىمىزنىڭ راھىتىدىن ئۆزىمىز بەھىرلىنەلمەيمىز ،ئالدىراش خىزمەت ھاياتىمىزدا ئۆيىمىزگە تۈزۈكمۇ مېھمان كەلمەيدۇ .كەلسىمۇ بىزگە خۇشيېقىپ كەتمەيدۇ .شۇنداق بولغاندىن كىيىن كۆز -كۆز قىلىمىز دەپ  ئۆيىمىزنى تويى بولغان قىزدەك ياساپ ، ھال تارتىپ نىمە قىلىشىمىز ....ئاشۇنىڭغا خەجلىگەن پۇللىرىمىزنى بانكىغا ئامانەت قويۇپ ،پەقۇلئاددە چوڭلار ئاغىرپ -يېتىپ قالسا (كەچۈرۈڭلار ،ئاغزىمنى ئۈششۈتۈپ قويدۇم ،ئەمما بۇنى يوق دىگىلى بولمايدۇ )ۋاققىدە يانچۇقىمىزدىن چىقىرىپ <پۇل ...پۇل ....>دەپ كېتىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ئالدىدا تاشلاپ قويساق ،بىز بالىلارنى بىر ئاز بولسىمۇ خاتىرجەم قىلمامدۇ ؟ بىز بۇنداق ئارتۇقچە چىقىملىق شۆھرەتۋازلىقنى قايسى بوۋا -مومىمىزدىن مىراس تالىشىۋالغان بولغىتتۇق ؟!....ياق تەيپىنەمدىكى زامانلاردا بىزنىڭ چوڭلار بۇنداق تېتقىسىزلىقنى قىلىپ يۈرمەيتتى ...چۈنكى ھازىرقى بىز  ھەممىمىز كېلىپ چىقىشىمىز  خاننىڭ باللىرى ئەمەس ئىدۇق ....

tawpek 2011-06-22 16:37
يۇقارقى 3 مىنۇتنى ئوقوپ يىتىلىۋاتقان قىزىقچى ئەبەينىڭ تاققۇ-تۇققۇ داڭقان پۇتلۇق گەپلىرىدىن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. {xJq F4  
O|wu;1pQ  
F 
مۇشۇ تىل ئۇسلۇبىڭىزدا سىز شۇنداق نەرسىلەرنى يازسىڭىز تىخىمۇ يىقىشلىق بوپ كەتكۈدەك، q=Xda0c  
f"i(+:la  
بىر ئىزدىنىپ بىقىڭە. +pMa-{  
v|~&I%S7  
يازمىللىرىڭىزدىن، شۇنداق جۇشقۇن، خۇشچاخچاق، ھاياتقا بولغان مىھرىڭىز تەپچىپ تۇرىۋاتقان قىز ئىكەنلىكىڭىز چىقىپلا تۇرىدىكەن.

مىېھرىما 2014-03-11 23:30
ياخشىكەن كۆپ رەھمەت . سىزگە ئامەت يار بولسۇن.

ياسىنجان510 2014-03-15 19:10
چۇڭقۇر مەزمۇنلۇق  ھېكمەتكەر ئىكەن رەھمەت.

سەئىدىيە 2014-03-15 23:56
تۇرمۇشىڭىزدا زۆرۈر كەم نەرسىنى تىپىپ چىقىڭ .ۋە دەل شۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىڭ .ئەتىكى سورۇنغا چوقۇم يىڭى كىيىم  ئالمىسڭىز ،زادىلا كىيمىڭىز يوقمىكەن ،كىيىم ئىشكاۋىڭىزغا قاراڭ . $(A LxC  
6vL+qOdx  
          نېمىدىگەن ئېسىل تەكلىپلەر بۇ . بىر قىسىم كىيىمنىڭلا غەلۋىسىنى قىلىپ ، يولدىشىنى خىجالەتتە ، بالىلىرنى نادامەتتە قويىدىغان ئاياللار ئۈچۈن قاتتىق ئىبرەت بوپتۇ . P"k`h=>!4  
   R|OY5@  
   داۋاملىق تىرشىڭ ، داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز .

ھاتەھاتەم 2014-05-05 09:36
«ئارتۇق دۆلەت باشنى نيارماس»دېگەندەك بىز ئازراق پۇلىمىزنى بانكىغا سىلىپ قويساق،ئۇنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن چىقىدۇ.باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئاتا-ئانىڭىزغا خەجلىسىقىزمۇ بولىدۇ.پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ تەربىيەلىنىشىگە سەرىپ قىسىڭىزمۇ بولىدۇ.پۇل لازىم بولغاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىمۇ خىجىل كىلىپ،بويۇن قىسىپ تۇرمايسىز. 7!r)[2l  
«بۈگۈن ئالقىنىڭىزدا تۇرغان پۇل ئەتە بارمۇ يوق ئويلاپ كۆرۈڭ ،ئەتىگىمۇ ئازراق نىسىۋە ئېلىپ قويۇڭ »ناھايتى توغرا ئېيتىلغان ھېكمەتكەن.ئەتىنى ئويلاش كېرەك .پەلەك داۋاملىق بىز ئۇچۇن چورگىلەپ تۇرمەيدۇ. بۇگۇن باي ،ئەتە گاداي بوپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

گۈلنىھال 2014-08-30 11:05
مۇشۇنداق ئېسىل ھېكىمەتلىرىڭىزنى سۇنۇپ تۇرغايسىز !

ئايبىكە 2014-08-31 00:01
ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن.


查看完整版本: [-- ئۈچ مىنۇتلۇق ھېكمەتلىرىمنى كۆرمەي قالماڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled