فونىما (تىل تاۋۇشى ) ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى
فونىما (تىل تاۋۇشى ) ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى سۆزلەرنىڭ فونىتىكىلىق شەكلىنى ، مەنىسىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك فونىتىكىلىق بىرلىك فونىما دەپ ئاتىلىدۇ . mU*GcWbc+ \"5 \hX~dS
تەبىرنى يېشىپ چۈشەندۈرسەك ، فونىما سۆزلەرنىڭ فونىتىكىلىق شەكلى ۋە مەنىسىنى پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە ، دىدۇق .مەسىلەن :1.كۆپ ، كۆز ، كۆر 2. ئات ، ئوت ، ئۆت ، ئىت
bBZvL
1-مىسالدا ئالدىدىكى ئىككى تاۋۇش ئوخشاش، كېيىنكى بىر تاۋۇش ئوخشىمايدۇ .2-مىسالدا ئاخىرقى تاۋۇش ئوخشاش ، ئالدىدىكى تاۋۇش ئوخشىمايدۇ . شۇڭا بۇ سۆزلەرنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمايلا قالماستىن بىلدۈرگەن مەنىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ . Z*JZUbo-Q
فونىما ئەڭ كىچىك فونىتىكىلىق بىرلىك .”ئەڭ كىچىك“دىگەنلىك ئۇنى قايتا پارچىلاشقا بولمايدۇ ،دىگەنلىك . مەسىلەن : ئا ، ئە ، ب ، پ ، ش ..... ;$86.2S>B
بۇلارنىڭ ھەربىرىنى يەنە پارچىلاشقا بولمايدۇ . IqmavnM#
62.{8Uj
تىل تاۋۇشى تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى ، تىلنىڭ ماددىي پوستى ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ماددىي ئاساسى . pnf3YuB
تىل تاۋۇشلىرى فىزىكىلىق ، فىزىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە . NifzZEX
تىل تاۋۇشلىرىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى قانداق ؟ YII1Z'q
تەبىئەت ،جەمىيەتتىكى ئاۋازلار مەلۇم ھەركەت ۋە كۈچنىڭ تەسىرىدە چىقىدۇ . تاۋۇشمۇ ھەم شۇنداق ،ئۇ بىرخىل كۈچنىڭ تەسىرىدە تاۋۇش دولقۇنىنى ھاسىل قىلىدۇ-دە ئادەمنىڭ ئاڭلاش نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . '85@U`e.
فىزىكىنىڭ تاۋۇشلارنى ،ئاۋازلارنى تەتقىق قىلىدىغان بۆلىكى ئاكوستىكا دەپ ئاتىلىدۇ . p~1!O]qLt
ئاكوستىكىلىق نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا تىتىرىگۈچى ماددىنىڭ مەلۇم تاشقى كۈچ تەسىرىدە تتىرىشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز تاۋۇش دىيىلىدۇ .تىتىرىگۈچى نەرسە ھاۋا بىلەن بىرىكىپ دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ . بۇتاۋۇش دولقۇنى دىيىلىدۇ . ئاكوستىكا جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا ھەر بىر تاۋۇشنىڭ 4ئامىلى بۇلىدۇ يەنى تاۋۇش ئىگىزلىكى ، تاۋۇش كۈچى ، تاۋۇش ئۇزۇنلۇقى ، تاۋۇش تۈسى (تېمبىرى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . >|1.Z'r/
تىل تاۋۇشلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى قانداق؟ تىل تاۋۇشلىرى ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ بىر تۇتاش ھەركىتىدىن چىقىدىغان بولغاچقا فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە بولىدۇ . تىل تاۋۇشلىرىنىڭ پەيدا بولىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىغان ئەزالار تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى دېيىلىدۇ . f_y+B]?'M
ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ۋە بۇلارنىڭ ھەركىتى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسى . تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ بۇلار : 1.نەپەس ئەزالىرى ء 2.بوغۇز ۋە تاۋۇش پەردىسى ء 3.ئېغىز بوشلۇقى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ۋە دىماغ بوشلۇقى . gBB
S}HF
نىمە ئۈچۈن تىل تاۋۇشىنى ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەيمىز ؟ t_%6,?S6
ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۈزىلىشى ئاساسەن ئوخشاش . ئەمما ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ سېستىمىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ . بىر تىلدا سۆزلەشكۈچى ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ تىلىدا قانداق تاۋۇشلارنىڭ بۇلىشى ۋە قانداق تاۋۇشلارنىڭ بولماسلىقى ، قانداق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزئارا بىرىكىش بىرىكمەسلىكى شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى كىشىلەرنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريان ئىچىدىكى ئىجتىمائى ئالاقە ئادىتىگە باغلىق . يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئىجتىمائى ئالاقە ئادىتى داۋامىدا مەلۇم بىر تاۋۇش ياكى تاۋۇش توپى مۇئەييەن مەنە بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى ھەر قانداق بىر شەخىس بۇ ئىجتىمائىي ئادەتكە بويسۇنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى كېرەككى ، ئۇنى ھەرگىز خالىغانچە ئۆزگەرتىۋىتىشكە بولمايدۇ . مانا بۇلار تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىجتىمائى خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . BIyNiol$AJ
:y#KR\T1 woIcW مەنبە: كومپىيۇتىرىم. ئىلگىرى ساقلىۋاپتىكەنمەن.ئاخىرىنى داۋاملىق يوللايمەن. an! ceB `}uOlC]I *oR`l32O0z
|