查看完整版本: [-- «فولكلور ھەققىدە» (ئوسمان ئىسمائىل تارىم) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «فولكلور ھەققىدە» (ئوسمان ئىسمائىل تارىم) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-06-10 17:27

«فولكلور ھەققىدە» (ئوسمان ئىسمائىل تارىم)

فولكلور ھەققىدە  q*&H  
ئوسمان ئىسمائىل تارىم I p{R'HG/  
INbV6jZL  
ZMgsuzg  
فولكلور ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى GbQi3%  
 aO<7a 6  
n5d8^c!2  
o @L0ET  
«فولكلور» (Folklove) ئەسلىدە سافۇن تىلىدىكى «Folk» (خەلق، خەلق ئارىسىدىكى) ۋە «love» (ئىلىم ، پەن) دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، «خەلق ئارىسىدىكى بىلىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. «فولكلور» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار. بىرى، ئۇ خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، ئەنە شۇ خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. بىز تۆۋەندە ئۇنى بىرىنچى مەنىسىدە ئىشلىتىمىز. h-ii-c?R@0  
aNu.4c/5  
فولكلور − بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىكى كەڭ ئامما تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، ئىشلىتىلگەن ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىنگەن تۇرمۇش مەدەنىيىتىدۇر. فولكلور ئىنسانلارنىڭ كوللېكتىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ مەلۇم مىللەت ئىچىدە، مەلۇم زامان ۋە ماكاندا شەكىللىنىپ، تارقىلىپ ۋە ئۆزگىرىپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. فولكلور كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى، سۆزى ۋە پسىخىكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرىدىغان بىر خىل ئەندىزە، شۇنداقلا مەدەنىيەت. فولكلور خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۇزاق تارىختا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە تەۋە. بىراق، ئۇنىڭ قان تومۇرى باشتىن - ئاخىر بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تۇتاشقان. ئۇ مىللەت كوللېكتىپىنىڭ تۇرمۇشىغا ئەگىشىپ ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. فولكلورنى مۇنداق تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: ^.LB(GZ,  
=|i_T%a  
1. ماددىي فولكلور =OO4C  
{BJ>x:2  
بۇ كىشىلەرنىڭ ماددىي بايلىقنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تەكرارلايدىغان ۋە قېلىپلاشقان پائالىيىتىنى، شۇنداقلا بۇ خىل پائالىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈركۈملەشكەن مەھسۇلات شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، كىيىم - كېچەك ئادىتى، ئولتۇراقلىشىش ئادىتى، قاتناش - ترانسپورت ئادىتى، كېسەل داۋالاش ئادىتى (كىشىلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى داۋالاش ئادىتى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. tNFw1&  
5/nL[4Z  
2. ئىجتىمائىي فولكلور ZJ%NZAxy  
\#%GVru!  
بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە قائىدە - تۈزۈم ئادىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي فولكلور كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئادىتىدۇر. ئۇ، ئائىلە، جەمەت، قەبىلە، مىللەت، دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئالاقىسى جەريانىدا قوللىنىلىدىغان كوللېكتىپ ھەرىكەت ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئادىتى (قانداشلىق تەشكىلى، يۇرتداشلىق تەشكىلى ۋە كەسىپداشلىق تەشكىلىنىڭ ئادەتلىرى)، ئىجتىمائىي قائىدە - يوسۇن، ئۆمۈر مۇراسىمى (تۇغۇلۇش مۇراسىمى، بالاغەتكە يېتىش مۇراسىمى، نىكاھ - توي مۇراسىمى، دەپنە مۇراسىمى قاتارلىقلار) ۋە ھەر خىل ھېيت - بايرام ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. m,\+RUW'  
(NFrZ0  
3. مەنىۋى فولكلور 3;L$&X2  
3=n6N TL  
بۇ ماددىي فولكلور ۋە ئىجتىمائىي فولكلور ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئاڭ فورمىسى جەھەتتىكى ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن پسىخىك تەجرىبىسى بولۇپ، بۇ خىل تەجرىبە پەيدا بولۇش بىلەنلا كوللېكتىپ پسىخىك ئادەت سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ، ئالاھىدە ھەرىكەت شەكلىدە ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كېلىش جەريانىدا ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئېتىقاد ئادەتلىرى (تەبىئەتكە چوقۇنۇش، ئەجدادقا چوقۇنۇش، توتېمغا چوقۇنۇش ۋە بۇ خىل ئېتىقادلار ئاساسىدا كېلىپ چىققان پالچىلىق، سېھىرگەرلىك، پەرھىزچىلىك، بېشارەتچىلىك ئادەتلىرى)، خەلق پەلسەپىسى ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. $[A^8 [//  
-sA&1n"W&5  
4. ئەدەبىيات - سەنئەت فولكلورى 8WV5'cX  
s@:Yu  
ئۇ ئېغىز تىلى، مۇزىكا تىلى ۋە بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورۇندىلىدىغان، كوللېكتىپ تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە تارقىتىلغان سەنئەت شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلقنىڭ مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ۋە ئويۇن خاراكتېرىلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. +/celp  
`5- ;'nX  
 مەلۇمكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىر پۈتۈن گەۋدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا خىزمەت قىلىدىغان فولكلور مەدەنىيىتىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ۋە سىستېمىلىقلىققا ئىگە. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماددىي فولكلور، ئىجتىمائىي فولكلور، مەنىۋى فولكلور ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت فولكلورىدىن ئىبارەت تۆت قىسىم ئۆزئارا بىر - بىرىگە باغلانغان، بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىغان ئورگانىك بىرىكمە. gnZ #86sO  
]d(Z%  
  hwUb(pZ  
82 |^o  
رەڭگارەڭ ئۇيغۇر فولكلورى Ndl{f=sjX-  
]6^S: K_"  
0J[B3JO@M  
E4\HI+  
ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن، پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنسىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپىسىدە ئۆزگىچە فولكلور مەدەنىيىتىنى يارىتىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «تىرىك ئۆرپ - ئادەت مۇزېيى» دەپ تەرىپلەنمەكتە. ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ماكاندا ياشاش جەريانىدا ئىنسان ھاياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى بولغان ماددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەكرار شۇغۇللىنىپ، ئۆزىگە خاس ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئادەتلىرىنى يېتىلدۇرگەن. بۇ خىل ئادەتلەر ئۇلارنىڭ ئەمگەك پائالىيەتلىرىدە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپ بولۇپ قالغان. |1H9,:*%  
:''Swi 
خەلقىمىز قەدىمىي دەۋردىن باشلاپلا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەھەر - قەلئەلەرنى قۇرۇپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، يۇقىرى تېخنىكا ياراتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ساپالچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تارىخى بىرقەدەر ئۇزاق، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ . ساپالدىن ئىشلەنگەن نەپىس قاچا - قۇچىلار، قولدا توقۇلغان ماتا، چىكەن، ئەتلەس، شايى، بەقەسەم، رەڭدار پالاس ۋە گىلەم قاتارلىقلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا مىسكەرچىلىك، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك، پىچاقچىلىق، زەرگەرچىلىك، كىگىزچىلىك، قەغەزچىلىك قاتارلىق ھۈنەر - كەسىپ بويىچە شىنجاڭ رايونى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. \2~\c#-k  
%j@/Tx/  
ئۇيغۇرلار تارىختىكى مەشھۇر «يىپەك يولى» نىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇلار سودا - تىجارەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «يىپەك يولى» نى ئېچىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشكە زور ھەسسە قوشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ سودا كارۋانلىرى كولدۇرماسادالىرىنىياڭرىتىپ، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا توختىماي قاتناپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان تىجارەت ۋە قاتناش - ترانسپورت ئادەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ~x4]p|) 
NMg(tmh  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى «تۆت زات» ۋە «مىزاج» نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلىپ، ئىنسان بەدىنىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختىماي ئىزدەنگەن، نەتىجىدە، ئۆزىگە خاس بولغان تېبابەت ئىلمى − «ئۇيغۇر تېبابىتى» شەكىللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە ياراتقان. < fe.  
 
ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇيغۇر فولكلورىدىكى يەنە بىر پارلاق ناماياندە، ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تەن ساغلاملىق نەزەرىيىسىگە ئاساسەن بىر يۈرۈش يېمەك - ئىچمەك تۈرلىرىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار قۇۋۋەتلىكلىكى، كۆركەملىكلىكى ۋە تەملىكلىكى بىلەن دۇنيا يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. /18fpH|  
R vU'8Y?>w  
ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا - ئارام قۇرۇلۇشى مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنىڭ ياخشى ئۈلگىسىدۇر. ھەممىلا جايدا باغ بىنا قىلىش، باغنىڭ ئىچىگە ئۆي سېلىش، مېۋىلىك دەرەخ ۋە ئۈزۈم تاللىرى ئاستىدا ياشاش، ئۆي ۋە ھويلىلىرىنى پاكىز تۇتۇش، ئۆيلىرىنى پېشايۋانلىق قىلىپ سېلىش ۋە تام، تورۇس، تۈۋرۈكلەرگە نەقىش ئويۇش، ئۆينىڭ ئۈستىنى ۋاساجۈپ قىلىپ يېپىش، ئۆيگە سۇپا ۋە تام ئوچاق ياساش − مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ھويلا - ئارام قۇرۇلۇشىدۇر. wr:-n   
|z@AvS[  
ئۇيغۇرلارنىڭ يۇڭ ۋە يىپەك توقۇلمىلاردىن كىيىم كىيىش مەدەنىيىتى ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە. كېيىن يەنە پاختا ۋە كەندىر توقۇلما كىيىملەرمۇ ئىجاد قىلىنغان. ئۇيغۇرلار بۆك، ياغلىق، قالپاق، كۇلا، تۇماق، قۇلاقچا، پاپاق، لېچەك، چۈمبەل، پەرەنجە قاتارلىق باش كىيىم؛ يەكتەك، تون، پەشمەت، نىمچا، جىلىتكە، كۆڭلەك، جۇۋا، يالاڭ ئىشتان، پاختىلىق ئىشتان، تېرە ئىشتان قاتارلىق ئۈست كىيىم؛ ئۆتۈك، چورۇق، پىيما، مەسە، چېتىك، كەش، دەكتو قاتارلىق ئاياغ كىيىملەرنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇكىيىملەر ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە كۆركەملىكلىكى بىلەن كۆزنى چاقنىتىدۇ. *U\`HUW  
DtS7)/ 
ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئەر جەمەتىنى ئاساس قىلىپ، ئۈچ ياكى تۆت ئەۋلاد بىللە ياشاپ كەلگەن. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەر جەمەتىدىن بولغان چوڭ دادىغا بويسۇنىدۇ، ئوغۇللار ئىچىدە چوڭ ئوغۇلنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى بولۇپ، «ئىككىنچى ئاتا»لىق ھۆرمەتكە سازاۋەر. ئائىلە ئەنئەنىسىنى ئەلا بىلىش، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئائىلە ئىناقلىقىنى ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئائىلە ئەخلاقىدۇر. qM Qu!%o  
`4Z:qh+fJ  
ئۇيغۇرلاردا تۇغقانلار جەمەتنى، يۇرتداشلار مەھەللە، يېزا - بازارلارنى، كەسىپداشلار چۆپقەتچىلىك مۇناسىۋەتنى ھاسىل قىلغان، شۇنداقلا بۇ خىل ئىجتىمائىي توپلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنى رەتلىك، ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرغان. ?c_:S]^  
M3d%$q) 
ئۇيغۇرلاردا بۆشۈك تويى، خەتنە تويى، نىكاھ تويى، جۇۋان تويى، دەپنە مۇراسىمى، نەزىر - چىراغ قاتارلىق ئۆمۈر مۇراسىم پائالىيەتلىرى، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، قارلىق، نورۇز قاتارلىق ھېيت - بايرام پائالىيەتلىرى ئىنتايىن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ خىل مۇراسىملار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاقىي قاراشلىرى، ئەدەبىياتى، ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە تەنتەربىيە بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. 7a/ BS(kq<  
7coVl$_Zl  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى ئىچىدە ئىنسانىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇرغۇن پايدىلىق ئامىللار بار. ئۇلارنىڭ كۆككە چوقۇنۇش، تۇپراققا چوقۇنۇش، سۇغا چوقۇنۇش، ھايۋانغا چوقۇنۇش، دەل - دەرەخقە چوقۇنۇش ئادەتلىرى مۇھىت ئاسراش ۋە ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدە ئىجابىي رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ «يامان بولىدۇ» دەپ چەكلەيدىغان نۇرغۇن پەرھىزلىرى بولۇپ، بۇ پەرھىزلەرنىڭ بىر قىسمى ئىنسانلارغا تەبىئەتنى سۆيۈش، پاكىز بولۇش، ئەمگەكى سۆيۈش، ئىناق ياشاشنى ئۆگىتىدۇ. ' w/ S6j  
,x3< a}J  
ئۇيغۇرلار «تۆت زات كۆزقارىشى» نى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىدە ۋە تېبابەتچىلىك ئىلمىدە روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. BryD?/}P)M  
}1a(*s,s-^  
ئۇيغۇرلار گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلاردا ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە كۆيۈنۈش؛ يول، كۆۋرۈك ياساش ۋە باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى ساۋاب دەپ بىلىش؛ يېتىم - يېسىر، مېيىپ - مەجرۇھ ۋە غېرىب - نامراتلارغا ياردەم بېرىش؛ قوشنىلارغا يار - يۆلەك بولۇش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالماسلىق، مېھماننى ئىززەتلەش، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالاملىشىپ ھال- ئەھۋال سوراش، تازىلىققا رىئايە قىلىش ... قاتارلىق بىر يۈرۈش قائىدىلەر شەكىللەنگەن. بۇ خىل قائىدىلەر كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.  G]Im.x3O-  
?cK67|%W  
ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، مەسەل، لەتىپە، چاقچاق، لاپ، قوشاق، ماقال - تەمسىل، تېپىشماق ۋە داستان قاتارلىق ژانىرلار بويىچە ئىجاد قىلىنغان مول ئەسەرلەر بار. خەلق ئىچىدىكى مەشھۇر سازەندە - ناخشىچىلار، مەدداھلار، ۋائىز - داستانچىلار ئەنە شۇ ئەسەرلەرنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ ياكى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرگە بەدىئىي زوق بېغىشلاپ كەلگەن. |*8X80<  
j0=H6Y  
ئۇيغۇرلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق. ئۇيغۇرلار ئەمگەك مەيدانى، مۇراسىم سورۇنلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناشنى ئادەت قىلغان. بولۇپمۇ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان مەشرەپ سورۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا، ئۇسسۇل ۋە باشقا دراماتۈسىدىكى ئويۇنلىرىنى كۆرەك قىلىدىغان  سەھنىگە ئايلاندۇرۇلغان، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان زور تۆھپە دەپ قارالماقتا. 9T2y2 d!X  
qE6D"+1y7  
ئۇيغۇرلارنىڭ چېلىشىش، دارۋازلىق، ئوغلاق تارتىشىش ، ئات بەيگىسى، سارغايدى قاتارلىق چوڭلار ئويۇنى، ئىلەڭگۈچ، تەپكۈچ، قارا - قارا قۇشلارىم، ئاق تېرەك - كۆك تېرەك، ۋاللەي، ساقا، لىڭگىرتاقتاق قاتارلىق بالىلار ئويۇنلىرى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل ئويۇنلار ئۇزاق زامانلاردىن بېرى كىشىلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقتۇرۇش، ئەقلىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئەخلاق تەربىيىسى بېرىش، ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. &mba{O  
^>y|{;`  
دېمەك، ئۇيغۇر فولكلور  مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل بولۇپ، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ئىجاد قىلىنىش، تارقىلىش، ۋارىسلىق قىلىنىش ۋە ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن، ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى ۋە ھاياتلىق گېنىدۇر، شۇڭا ھەربىرىمىزنىڭ ئۇنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. 8'Q&FW3"  
<^e  
  PWS5s^WM  
oK2jPP  
ئىزاھاتلار: L#MMNc+  
LP}'upv  
1.  ئوسمان ئىسمائىل تارىم 1958 - يىلى شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، تىل - ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى. ئۇنىڭ «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىيبايان»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»، «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. s<8|_Dt  
S8;5|ya  
  <1kK@m -E  
UQJ  
مۇھاكىمە ۋە ماشىق: uL=FK  
Uq(fk9`6  
1. ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى قايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ كونكرېت مىساللار ئارقىلىق شەرھلەپ بېرىڭ. A 7zL\U4  
eJ60@ N\A  
2. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى ۋە ھاياتلىق گېنى» دەيمىز؟ q'`LwAU}  
F;Bq[V)R  
3. ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىگە تەۋە دەپ قارالغان بىرەر مەدەنىيەت ئامىلىنى تېپىپ، ئۇنىڭ قايسى فولكلور تىپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ. |6b&khAM  
(vwKC D&  
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5-كىتابتىن ئېلىندى. 2011-6-10  )   sQLjb8!7  
M^.>UZKyl  

tunyukuk 2011-06-10 17:44
[attachment=342]       

tawpek 2011-06-10 20:48
ئوسمان ئىسمائىل تارىمنىڭ تەرجىمھالى مۇنبىرىمىزگە يوللانغاندا تولوق ئوقوپ چىققانتىم، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەسىرى بىلەن تونوشوپتىمەن، UHBMl>~z  
=4g PoS  
فولكلور نىڭ مەنىسىنى تولوق چۈشىنىۋالدىم. X~Hm.qIR  
6_>(9&g`zV  
فىنولوگىيە   نىمىنى تەتقىق قىلىدۇ ئۇنداقتا؟

tunyukuk 2011-06-11 12:12
引用第2楼tawpek于2011-06-10 20:48发表的 : ئوسمان ئىسمائىل تارىمنىڭ تەرجىمھالى مۇنبىرىمىزگە يوللانغاندا تولوق ئوقوپ چىققانتىم، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەسىرى بىلەن تونوشوپتىمەن، فولكلور نىڭ مەنىسىنى تولوق چۈشىنىۋالدىم. فىنولوگىيە   نىمىنى تەتقىق قىلىدۇ ئۇنداقتا؟
ov daK"q2  
V?mk*CU  
-$_FKny  
فېنولوگىيە- بىئولوگىيەنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشلىرىگە باغلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى. 1ox#hQBoS  
% 4t?X  
 «فىلولوگىيە»  _ تىل - يېزىق، ئەدەبىيات مەسىلىلىرىنى  ئاساسەن يازما يادىكارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.  كەڭ مەنىدىكى فىلولوگىيە - تىلشۇناسلىق، يېزىقشۇناسلىق، فونېتىكا ئىلمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ھازىرقى ۋاقىتتا ، كۆپىنچە ئۇ تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلانماقتا.    خەنزۇچىدا       语文学      دەپ ئېلىنىدىكەن . (ئوسمان ئىسمائىل تارىم بولسا شۇ فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرىدۇر.  ياكى ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى دەپمۇ ئېلىنىدۇ. )        

tawpek 2011-06-11 12:22
«فىلولوگىيە»  دىمەكچى ئىدىم، كۆڭلۆمنى چۈشەنگەندەكلا جاۋاپ بىرىپسىز، ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا يىقىن ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ تولوق ئۇقمايدىكەنمەن رەھمەت، q/Ji}NGm  
!!8;ZcL}Z  
بىرنەچچە ئاغىنەم شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتنىڭ شۇ كەسپىدە ئوقوغانتى، ئەمدىلىكتە ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىللىرىگە ئىشقا چۈشۈپتۇ. زايا كەتتىمۇ نىمە؟

tawpek 2011-06-11 12:24
人文学   دەپ ئاتىلىدىغان «فىلولوگىيە» مۇشۇ شۇدۇ، ئۇنىڭ قانۇن كەسىپلىرىمۇ باركەنغۇ.

mamat 2011-06-13 16:38
ياخشى ماتىرىياللارنى يوللاپسىز .رەھمەت سىزگە  بۇ ماترىياللارغا بىز بەك ئىھتىياجلىق

tunyukuk 2011-06-13 19:33
引用第5楼tawpek于2011-06-11 12:24发表的 : 人文学   دەپ ئاتىلىدىغان «فىلولوگىيە» مۇشۇ شۇدۇ، ئۇنىڭ قانۇن كەسىپلىرىمۇ باركەنغۇ.
]Rp<64I o  
E!I4I'  
فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى    人文学       دېگەننى ھازىر يەنە ئادىمىيەت ئىلمى  دېگەن چۈشەنچە بىلەنمۇ ئېلىۋاتىدۇ.  بۇنىڭ مەنىسى نىسبەتەن كەڭرەك بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر دېگەنگە يېقىنراق كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.  يەنى، تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، قانۇن  پەنلىرى... نى بىرلەشتۈرۈپ ئاتايدىكەن. ...

tawpek 2011-06-16 23:17
خەنزۇچىدا 2 خەت بىزنىڭ تىلىمىدا ئوخشاشلا فىلولوگىيە  دەپ ئىلىنىۋىرىدۇ دىسە.

saman22 2011-06-17 13:52
فولكلور سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە دائىرىسى ];0:aSi#  
«فولكلور» مۇستەقىل بىر ئىلىم ، بۇ ئاتالغۇ دەسلەپتە ئەنگىلىيىدە پەيدا بولغان ، فولك(folk ) ۋە لورىي (lore)دېگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «خەلق بىلىمى» ياكى «خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى» دېگەندىن ئىبارەت . دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ سۆز كەڭ ۋە تار مەنىدە قوللىنىپ كەلدى . D[Ld=e8t  
كەڭ مەنىدىكى فولكلور بىر ئۇنۋېرسال پەن ، شەھەر -قىشلاقلاردىكى ئاۋام خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىدۇر . بۇ پەن يالغۇز مەدىنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئاۋام تۇرمۇشىنىلا ئەمس ، بەلكى ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن تارتىپ ، ئىپتىدائىي ھالەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغىچە تەتقىق قىلىدۇ . تار مەنىدىكى فولكلور ئۇقۇمىدا فولكلور پەقەت قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېتىقاد ، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ . فولكلور پەقەت خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل مىللىي مۇراسىملارنى تەتقىق قىلىدۇ ؛ فولكلور پەقەت مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ ؛ فولكلور پەقەت خەلق ئارىسىدىكى ئاغزاكى ئەدەبىياتنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى قىلىدۇ ، دېگەن قاراشتىن ئىبارەت ئوخشىمىغان تۆت خىل مەنە قارىشى بار . `7',RUj|D  
مەلۇمكى ، فولكلور پۈتكۈل خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ۋە ماددىي تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىدۇ ، يالغۇز مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن ، ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ .ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ، فولكلورنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ، ئۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىق ، پىسخىك ھالەت ، ئاغزاكى نۇتۇق ، ھەتتاكى ھەركەتكىچە ...ئۇزاق دەۋرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىدۇ . eA/}$.R  
بەرقى مۇنبىرى

tunyukuk 2011-06-17 17:08
كەسپداشلار خەۋەر تاپقان بولسا كېرەك، يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا فولكلور تەتقىقاتى بويىچە  ئۇيغۇر خەلق داستانچىلىقى ھەققىدە  مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان. شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن داستانچىلارنى توپلاپ، ئۇلارنى ماھارەت كۆرسەتكۈزگەن ۋە ئۇلارغا تون كىيدۈرۈپ، نام- ئاتاق بېرىپ، ئەنگە ئالغان. شۇنداقلا مۇشۇ بىرنەچچە كۈندىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5- قانىلىنىڭ "مەدەنىيەت بوستانى" فروگىراممىسىدا بۇ داستانچىلارنى ۋە فولكلورشۇناش دوكتۇرلاردىن ئوسمان ئىسمايىل تارىم، راھىلە داۋۇت قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئالاھىدە تونۇشتۇرغان. ...  

tawpek 2011-06-18 22:03
شۇ پائالىيەتنىڭ سىن خاتىرىسى تورغا يوللانغاندۇ ھەقىچان. كۆرسەكچۇ بىزمۇ.

akkax 2011-06-30 14:14
  فولكلور خېلىغىچە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دەپلا چۈشەندۈرۈلۈپ كەلگەن. تاللانما دەرسلىك ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا خېلى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ بەك ياىشى بولدى.

tawpek 2011-06-30 16:42
ئاققاش مۇئەللىمنىڭ سىپىمىزگە قوشولغىنىنى تەبرىكلەيمىز.

koksangun 2011-11-17 19:07
لازىم بولدى مانا بۇ تېكىست ، تېمىنى يوللىغان تۇنيۇقۇق مۇئەللىمنىڭ ئەجرىدىن گۈللەر ئۈنگەي ! ,Z I"+v  
ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىشقا ، دىتال ئىشلەشكە  تېكىست  زۆرۈر بولغاندا مانا مۇشۇنداق ئاسانلا چۈشۈرۈپ پايدىلىنىمىز ...

tughluk414 2011-11-18 20:24
فولكلور ھەققىدە ناھايىتى ياخشى  بىلىملەرنى يەتكۈزگەن كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەسەننا. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ھازىرىغىچە فولكلور بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئارىلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇنى بىزگە ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ   mko 
«خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئومومىي بايان» ناملىق كىتابىنى، فوللور دەرسىدە پوروفىسور ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە ئومومىي بايان» ناملىق كىتابىنى ئۆتىۋىدى. لېكىن بىزنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلرىمىز ھازىرغا قەدەر فولكلورنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دەپ تۇرۋېلىۋاتىدۇ.


查看完整版本: [-- «فولكلور ھەققىدە» (ئوسمان ئىسمائىل تارىم) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled