abdumijit |
2011-06-10 10:44 |
بوۋاي ۋە دېڭىز ئېرنېست ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)
ئۇ، مېكىسكا قولتۇغىدا تەنھا ئۆزى قېيىق بىلەن بېلىق تۇتىدىغان بوۋاي ئىدى. ئۇ، 84 كۈننى ئۇدا دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، قېرىشقاندەك بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمىدى. دەسلەپكى 40 كۈنگىچە بىر بالا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانىدى. بىراق ھەر كۈنى قۇرۇق قول كېلىۋەرگەچكە ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ، قېرىنىڭ تەلىيى تەتۈر كېلىۋاتىدۇ ، دەپ بالىسىغا باشقا قېيىققا ئالمىشىشنى بۇيرۇدى. بالا ئالماشقان قېيىق ، تۇنجى ھەپتىسلا ئوبدان بېلىقتىن ئۈچنى تۇتتى. بالا، بوۋاينىڭ ھەر كۈنى قۇرۇق قول قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بەكمۇ ئازابلىناتتى ھەم قىزغاققا بېرىپ بوۋاينىڭ يۆگەپ قويۇلغان قارماق تانىسى، قارماق، بېلىق سانجىيىدىغان ئارا ۋە ماچتقا يۆگەلگەن يەلكەن قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئېپكېلىشىپ بېرەتتى. بوۋاينىڭ يەلكىنى ئۇن خالتىلىرى بىلەن قاتمۇ قات يامالغاچقا ، يۆگىگەن چاغدا كىشىگە بەئەينى مەغلۇب بولۇشتىن بېشارەت بېرىۋاتقان بايراقنى ئەسلىتەتتى. ?6tuo:gP cz&FOP+! بوۋاينىڭ بوينى چوڭقۇر قورۇقلار بىلەن تولغاچقا، ئورۇق ۋە سولغۇن كۆرۈنەتتى. ئىككى ئالقىنىدا ئارغامچا تارتىشتىن ھاسىل بولغان قاپارتقۇلار بار ئىدى. بۇ كونا قاپارتقۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خۇددى سازلىقلاردىكى سۈيى تۈگەپ قاغجىراپ كەتكەن يەرلەرگە ئوخشاپ قالغانىدى. 7NoB jNrGsIY$ ئۇنىڭ جىسىمىدىكى ئىككى كۆزىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىدىن قېرىلىق بىلىنىپ تۇراتتى. پەقەت دېڭىز سۈيىگە ئوخشايدىغان كۆك كۆزلىرىلا، گويا مەيۈسلىنىش دېگەننى ئۆزىگە يولاتمايدىغاندەك ھامان شاتلىق ۋە ئۈمىتۋارلىق بىلەن چاقناپ تۇراتتى. R
&T(S PlTY^N6Hn -ساندىياگ،-دېدى بالا، ئۇلار قېيىقنى باغلاپ قويغان جايىدىن قايتىۋاتقاندا،-ئائىلىمىز ئاز-تولا پۇلغا ئېرشىۋالدى، شۇڭا بۇندىن كېيىن يەنە سىزگە ھەمراھ بولاي دەيمەن. 70*Y4'u}A f>l}y->-Ug بالا ئۆزىگە بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن بۇ ئۇستازىغا بەك ئامراق ئىدى. z1(rHJd NfDg=[FN[ -ياق،-دېدى بوۋاي،-سىلەرنىڭ قېيىقىڭلارنىڭ ئامىتى كېلىۋاتىدۇ. شۇ قېيىق بىلەن بىللە بولۇۋەر. Ol D]*=.cO Xxp -بىراق سىزنىڭ بۇرۇنمۇ ئۇدا 87 كۈنگىچە بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمىغانلىقىڭىز، كېيىن يەنە قانداق قىلىپ ئۈچ ھەپتىگىچە ھەر كۈنى دېگۈدەك چوڭ بېلىقلارنى تۇتالغانلىقىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ZIkXy*<( ?_
}
[@x -ئېسىمدە،- دېدى بوۋاي،-سېنىڭ مەندىن ئايرىلىپ كېتىشىڭنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭدىن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. qL
UbRp .K XpB7: -دادام سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى يىرالمىدىم. QV4{=1A 8;-a_VjA) -بىلىمەن،-دېدى بوۋاي،-شۇنداق قىلغىنىڭ توغرا بولدى. 4}gqtw: Ca0~K42~ -دادام ئىشەنچ قىلالمىدى. )$]_;JFr 'Oyz/P(p -شۇنداق بولغاندۇ، بىراق بىز ئىشەنچ قىلىمىز، شۇنداقمۇ؟ :1PT`:Y
:{E;*v_!v -شۇنداق بولمايچۇ، سىزنى دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىدا بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن. پىۋا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بېلىق تۇتىدىغان نەرسە-كېرەكلەرنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەيلى ، بولامدۇ؟ Rs$k3 ypSW 9n -بولمايدىغان نېمىسى بار، بېلىقچىلار ھەممىز بىر ئائىلە كىشىلىرى. 4onRO!G, \tc4DS ئىككىيلەن دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىغا كىرىپ ئولتۇردى. بوۋاي، بېلىقچىلارنىڭ قوپال چاقچاقلىرىغىمۇ تېرىكمىدى. بەزىلەر بوۋايغا ھېسداشلىق بىلەن قاراپ ، كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىناتتى. بىراق ئۇلار ئۆلىرىنىڭ ھېسىياتلىرىنى ئاشكارلىماستىن ، دېڭىز ئېقىمى ئۈستىدە ، قارماقلىرىنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە قانداق سالغانلىقى ۋە خېلىدىن بۇيان ھاۋا رايىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئۈستىدە، قىسقىسى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغان ئىشلىرى ئۈستىدە پىچىرلىشىپ سۆزلىشەتتى. شۇ كۈنى، تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن بېلىقچىلار ئۆزلىرى تۇتقان ساقانقۇر بېلىقلىرىنىڭ قوسقىنى يېرىپ، ئۇنى ئىككى پارچە تاختاينىڭ ئۈستىگە قويۇشتى. ئاندىن ھەر بىر تاختاينىڭ بىر ئۇچىنى ئىككىدىن ئادەم كۆتۈرۈپ ، ئىغاڭلاپ مېڭىپ، بېلىق مەيدانىغا ئېلىپ بېرىشتى-دە، ھاۋانا بازىرىغا بارىدىغان سوغۇق ساقلاش ماشىنىسىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. لەھەڭ تۇتقان بېلىقچىلار بولسا، لەھەڭلىرىنى تۇزلاش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ، كانارىلارغا ئېسىپ، ئىچ –قارنىنى تازىلىغاندىن كېيىن ئۈزگۈچ قانىتىنى كېسىپ تاشلاپ، قاسىرىقىنى سويۇشتى ۋە گۆشىنى تۇزغا چىلىغۇدەك پارچە-پارچە قىلىپ چاناپ تەييارلاشتى. kAsYh4[ %5?qS`/c( شەرق شامىلى چىققان چاغلاردا، پورت تەرەپتىكى لەھەڭ تۇزىلاش مەيدانىدىن بىر خىل قويۇق قاڭسىق پۇراق كېلىپ تۇراتتى.، بىراق بۈگۈن لەرزان جەنۇب شامىلى چىققانلىقتىن، بۇ خىل پۇراق ئىنتايىن سۇس ئىدى. مەيخانا قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇراتتى. ھاۋا تولىمۇ يېقىملىق ئىدى. 9lbe[w@
j
qfxQ -ساندىياگ ،-دېدى بالا. D/[(}o( $9k7A 8K -ھە!-دېدى بوۋاي. ئۇ رومكىنى تۇتقان پېتى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىشلارنى كۆڭلىدىن كەچۈرىۋاتاتتى. 8@pY:AY
Sqw:U|h\FS -سىزنىڭ ئەتە ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق ساردىن بېلىقى ئالغاچ كېلەيمۇ؟ |+K3\b ,kS3Ioj -ياق، ئەمدە سەب بېرىپ لېيچۇر ئوينا، مېنىڭ تېخى قېيىق ھەيدىگۈدەك مادارىم تۇرسا، روجروئو جەمئىيىتى ماڭا تور لېيىتىپ بېرەمدۇ؟ 6%?bl{pNn /=4 m4
-ماقۇل دېسىڭىزچۇ، سىز بىلەن بىللە بېلىق تۇتقىلى بارالمىساممۇ، ئاز-تولا باشقا ئىش قىلىپ بەرسەم دەيمەن. a
k&G=a6^ R
-مانا بىر بوتۇلكا پىۋا ئېلىپ بەردىڭغۇ،- دېدى بوۋاي،- بالام سەن ئەمدى چوڭ بولۇپ قالدىڭ. JAEn
72 W>[0u3 -سىز مېنى تۇنجى قېتىم قېيىققا ئېلىپ چىققاندا نەچچە ياشتا ئىدىم؟ Z|l/6L8 Q)vf>LwC2S -بەش ياشتا، شۇ كۈنى، مەن قېيىققا تارتىپ چىققان شوخ بىر بېلىق، قېيىققا ئۈسۈپ پارە-پارە قىلۋەتكىلى قىل قالغان سېنىڭمۇ قورقىنىڭدىن جېنىڭ چىقىپ كېتەي دېگەن، شۇ ئىشلار ئېسىڭدىمۇ؟ e$
pXnMx7 Wra$
-ئېسىمدە قېلىشچە، بېلىق قۇيرۇقىنى پالاقشىتىپ ئۇرۇۋېرىپ، قېيىقنى يېرىۋەتكەن ئىدى، سىز بېلىقنى كالتەك بىلەن ئۇرغانتىڭىز .مېنى قېيىقنىڭ باش تەرەپىدىكى قارماق تانىسى قويۇلغان جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغىنىڭىزدار، قېيىق تىترەۋاتقاندەك تۇيۇلغان ئىدى. گويا دەرەخ كەسكەندەك، بېلىقنى كالتەك بىلەن ئۇرغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرغانتىم. ئارقىدىن ئىسسىق قان پۇرىغىدىن پۈتۈن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتكەن ئىدى. eW"L") 0<^! -شۇ ئىشلار راستتىن ئېسىڭدىمۇ ياكى كېيىن مەن دەپ بەرگەنمىدى؟ cUB+fH KO!.VxG]_ -سىز بىلەن تۇنجى قېتىم بىللە دېڭىزغا چۈشكەندىن بۇيانقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بەش قولدەك ئېسىمدە.
[v%j? JA بوۋاي، ئاپتاپ چېقىپ كەتكەن قەيسەر، مېھرىۋان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى. V]{^}AKc /
%9DO -سەن مېنىڭ ئۆز بالام بولغىنىڭدا، سېنى بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، ئوبدان چېنىقتۇرۇپ چىققان بولاتتىم، بىراق سەن ئۆز ئاتا-ئاناڭنىڭ بالىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامەتلىك بىر قېيىققا ئىلناشتىڭ. 7kT&}`g. \OlB(%E7 -مەن بېرىپ سارتىن بېلىقى ئېلىپ كەلسەم قانداق؟ ھېلقى تۆت تال بېلىق يېمىنى قەيەردىن ئېلىشنىمۇ بىلىمەن. {0Jpf
[.f g^mnYg5 -بۈگۈن مەندە ئېشىپ قالغانلىرى بار. مەن ئۇنى تۇزلاپ قۇتىغا سېلىپ تۇزلاپ قويدۇم. iTu~Y<'m *~%QXNn` -ئۇنداقتا مەن يېڭىدىن تۆت تال ئېلىپ كېلەي. CU+H`-+"J W2T-TI,>PC -بىر تال،-دېدى بوۋاي. gK_#R] zEMZz$Y -ئىككى تال،-دېدى بالا. OBEHUJ5 u$Ty|NBjn -مەيلى،-بوۋاي ماقۇللۇق بىلدۈردى،-ئوغىرلاپ كەلمەيدىغانسەن؟ RemjiCE0' j9g0k -ئوغىرلاشقىمۇ تەييارمەن،-دېدى بالا،- بىراق بۇ قېتىمقىنى پۇلغا ئالىمەن. #8CeTR23cw GbfA-\ -رەھمەت ساڭا. 8o\KF(
I $l/w.z ئۇ تولىمۇ ساددا بالا بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەمتەرلىك قىلغانلىقىدىن قىلچە ئەجەبلەنمەيتتى. لېكىن ئۆزىنىڭ كىچىك پېئىل بولۇپ كېتىۋاتقانلىغىنى، بۇنداق كىچىك پېئىللىقنىڭ ھېچقانداق خورلۇق ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ھەققى غۇرۇرنى ساقلاشقا دەخلى يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. Tr$37suF v%4zP%4Ak[ -ھە،دېڭىز ئېقىمىدىن قارىغاندا ئەتە چوقۇم ياخشى كۈن بولىدۇ،-دېدى بوۋاي. HbMD5( V1
{'d[E* -سىز قەيەرگە بارىسىز؟ ^wW{7Uq> @tVl8]y -يىراقراق باراي دەيمەن. شامال كەينىگە قايتقاندا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قايتىپ كېلىمەن. تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى يۈرۈپ كېتىمەن. G`R_kg9$ i/aj;t -مەنمۇ ئۇنىڭغا يىراقراق بارايلق دەپ باقايمىكىن،- دېدى بالا،- مۇبادا سىز چوڭ بېلىقتىن بىرەەرنى تۇتۇۋالسىڭىز، بىز بېرىپ ياردەملىشەلەيمىز. 2|D<0d#W .Dt.7 G -ئۇ، قېيىقنى يىراققا ئاپىرىشنى خالىمايدۇ. 7~2V5@{< 'tMS5d)4: -شۇنداق،-دېدى بالا،- بىراق مەن خۇددى يەم ئىزلىگەن قۇشلاردەك ئۇ كۆرەلمىگەن نەرسىلەرنى كۆرۈۋالالايمەن. يۇنۇس بېلىقلىرىنى، مەن كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ قوغلايدۇ. (F'?c1 3im2
`n -ئۇنىڭ كۆزى شۇنچە يارىماسمۇ؟ sp&g P;[>TCs ]8 -ئۇنى ئەما دېسەكمۇ بولىدۇ. $X]Z-RCK3 Ahrtl6@AS -بۇ غەلىتە ئىشقۇ،- دېدى بوۋاي ئويلىنىپ،- راسىت، ئۇ ئەزەلدىن دېڭىز تاشپاقىسى تۇتمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى دېڭىز تاشپاقىسىنى تۇتىمەن دەپ ناكا بولغان ئەمەسمۇ. u%rB]a$/ Ops""#Zi -سىزمۇ مۇسجىد دېڭىز قولتۇغىدا، دېڭىز تاشپاقىسىنى شۇنچە يىللار تۇتتىڭىز، كۆزىڭىز يەنىلا ئۆتكۈرغۇ؟ axLO: Q, / مەن بىر غەلىتە ئادەم. ,7*-%05
[\ ["XS|"DM -بىراق، سىزدە ھازىر بىرەر تال چوڭ بېلىق تۇتقۇدەك مادار بارمۇ؟ (]*!`(_b eKek~U& -بولمامدىغان، بېلىق تۇتۇشقا شۇنچە كۆپ ئېپىم تۇرسا. ~n`G>Oe3 .47tj`L ئۇلار مەيخانىدىن چىقىپ قېيىق ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى يىغشتۇرۇشقا باشلىدى. بوۋاي، ماچتىنى دولىسىغا ئالدى. بالا، ياغاچ ساندۇقنى قۇچاقلاپ كۆتەردى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە چىڭ يۆگەپ قويۇلغان قوڭۇر رەڭلىك قارماق تانىسى، قارماق ۋە بېلىق سانچىيىدىغان ساپلىق ئارا قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى. بېلىق يېمى قاچىلانغان قۇتا، بىر دانە كالتەك بىلەن قېيىقنىڭ تۇمۇشۇق تەرپىدە تۇراتتى. بوۋاينىڭ نەر-كېرەكلىرىنى باشقىلار ئوغىرىلاپ كەتمەيتتى، ئەلۋەتتە. لېكىن شەبنەمدە ھۆل بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يەلكەن ۋە شۇنچە ئېغىر قارماق تانىلىرىنى يەنىلا ئۆيگە ئېلىپ كەتكەن تۈزۈك ئىدىئ شۇنداقلا ئۆزەڭگە پۇختا بول، خوشناڭنى ئوغرى تۇتما، دېگەندەك ھەرخىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن، بېلىق سانچىيىدىغان ئارا ۋە قارماقلارنىمۇ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش لازىملىغىنى بوۋاي ئوبدان بىلەتتى. 7COJ.rA AC9#!#
OGB ئۇلار نەرسە-كېرەكلىكىنى كۆتىرىپ كەپىگە كىرىشتى. بوۋاي، ماچتىغا يۆگەلگەن يەلكەننى تامغا يۆلەپ قويدى. بالا، ساندۇق بىلەن قېيىقنىڭ باشقا سايمانلىرىنى ماچتىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى. ماچتا، كەپىنىڭ ئۇزۇنلۇغى بىلەن تەڭ ئىدى. كەپە بولسا ئاپلېسىن دەرىخىنىڭ قاتتىق قوۋزاقلىرى ۋە :دېڭىز قۇشلىرى مايىغى" دىن ياسالغان ئىدى. كەپىنىڭ ئىچىدە بىر كارىۋات ، بىر دانە تاماق شىرەسى، بىر دانە ئورۇندۇق بار ئىدى.كەپىنىڭ بىر تەرىپىگە ئازراق ياغاچ كۆمۈرى قويۇلغان. ئۇنىڭ يېنىغا ئوچاق ياسالغان ئىدى. قاتتىق تالالىق "دېڭىز قۇشلىرى مايىغى" نىڭ يوپۇرماقلىرى بىر –بىرىگە كىرىشتۈرۈلۈش ئارقىلىق قوپۇرۇلغان قوڭۇررەڭ تامغا، ئىككى دانە خەرىتە ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. بۇرۇن ئۇ ، خوتۇنىنىڭ رەڭلىك سۈرىتىنى تامغا ئېسىپ قويغان، بىراق كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا ئۆزىنى غېرىپلىق باسقاچقا، سۈرەتنى ئېلىۋەتكەن ئىدى. >5}jM5$ @dp1bkU - نېمە يىگۈڭىز بار؟-دەپ سورىدى بالا. +i.b&PF'H <6)
w -بېلىق ئارلاشتۇرۇلغان بىر قاچا تېرىق ئۇمىچى بار، سەنمۇ ئازراق ئىچەمسەن؟ w
=S7zzL) yNu%D$6u7 -بولدى، مەن ئۆيگە بېرىپ غىزالىنىمەن، ئوت يېقىپ بېرەيمۇ؟ h2C1'+Q{9
B[rxV -ياق، بىردەمدىن كېيىن ئۆزۈم ياقىمەن ياكى سوغۇق پېتى .ئىچىۋەرسەممۇ بولىۋېرىدۇ. 8FY/57.W k(v8zDq* -مەن بېرىپ تورنى ئېلىپ كەلسەم بولامدۇ؟ q$=EUB"C fC4D# -بولمامدىغان. boR&'yX 6T_Mk0Sf+ راستىنى ئېيتقاندا تور يوق ئىدى. ئۇنىڭ تورنى سېتىۋەتكەنلىكىنى بالا بىلەتتى. بىرەر ئۇلار ھەر كۈنى مۇشۇنداق بىرەر يېرىم يالغان گەپ توقۇيتتى. بالا يەنە بېلىق ئارىلاشتۇرۇلغان بىر قاچا تېرىق ئۇمىچىنىڭ يوقلۇغىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى. $LF 7gV"pa -«85»، ياخشىلىقتىن دېرەك بېرىدىغان سان،- دېدى بوۋاي،- سەن مېنىڭ مىڭ قاداق ئېغىرلىقتىكى بېلىقنى قانداق تۇتقانلىقىمنى كۆرۈشنى خالامسەن؟ C||A[JOS [z:bnS~yiD -مەن تورنى ئېلىپ سارتىن بېلىقى تۇتۇپ كېلەي. ئاڭغىچە سىز ئىشىك تۈۋىدە ئاپتاپسىنىپ تۇرۇڭ-ھە. I,r 3.2u sM?bUg0w -ماقۇل، مەندە تۈنۈگۈنكى گېزىت بار، لېيچۇر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇراي. TIV1?S h@72eav3+ بالا، بوۋاينەڭ تۈنۈگۈنكى دېگىنىنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقىنى بىلمەيتتى. بىراق بوۋاي ھەر ھالدا بىر پارچە گېزىتنى كارۋاتنىڭ ئاستىدىن تارتىپ چىقاردى ۋە: 'r%`(Z{~ >qjr7 vx -بۇ گېزىتنى ماڭا بارىكو، مەيخانىدا بەرگەن،- دەپ ئەسكەرتىپ قويدى. _1c'~; q
phN -مەن سارتىن بېلىغىنى تۇتۇپ بولۇپلا قايتىپ كېلىمەن. سىزنىڭ بېلىقلىرىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ بېلىقلىرى بىلەن بىرگە مۇز ئارىسىدا ساقلاپ قويسام، ئەتە ئەتىگەندە بۆلۈشسەكمىكىن دەۋاتىمەن. مەن قايتىپ كەلگەندە، لېيچۇر مۇسابىقىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى سۆزلەپ بېرىسىز. P sD+? J!
>HT'M -ئامېرىكا كوماندىسى يېڭىلمەيدۇ. | zj$p~ y'Xg" -بىراق مەن كېلۋېلاندنىڭ ئىندىئانلار كوماندىسىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. bG>pm
|/ !cLX1S -يىگىتچاق، ئامېرىكا كوماندىسىغا ئىشەنگىن. ماجئۇنى ئېسىڭدىن چىقاردىڭمۇ؟ Z\xR+3 9p(s FQ
[ -مەن دېترويت يولۋاس كوماندىسىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، كېلۋېلاندنىڭ ئىندىئانلار كوماندىسىدىنمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن. KEsMes(* hPx=3L$ -ئېھتىيات قىل، سىنسىنناتى قىزىللار كوماندىسى بىلەن چېكاكو ئاق پايپاقلىقلار كوماندىسىدىنمۇ قورقۇپ كەتمە يەنە. lzfaW-nu jw5Bbyk -سىز گېزىتنى كۆرۈو قايتىپ كەلگەندە سۆزلەپ بېرىڭ. +I5@Gys '
F?T4 -سېنىڭچە، بىز ئاخىرىقىسى 85 لىك لاتارىيە بېلىتىدىن بىرنى ئالساق قانداق؟ ئەتە 85 كۈن بولىدۇ. K]oFV w8kp6_i' - بولىدۇ،-دېدى بالا،- بىراق سىزنىڭ ھېلقى چاغدا ئالغان ئاخىرىقى 87 لاتارىيە بېلىتىڭىز قانداق بولغانلىقىنى ئۇنتۇمىغانسىز؟ ~0!s5 ,sn
?V~) -ئەمدى ئۇنداق پالاكەت باسىدىغان ئىش بولماس. ئاخىېرىقىسى 85 لىك لاتارىيە بېلىتىدىن بىرەرنى تېپىپ كېلەلەرسەنمۇ؟ >> Z.] PP.QfY4 -بىرەرسىگە يېزىلالايمەن. 7;)
T;X =66dxU?} -ئۇنىڭ بىر تېلى ئىككى يېرىم دوللار. ئۇ پۇلنى قەيەردىن ئارىيەت ئالىمىز؟ 3u^U\xB (Gp/^[.%& -قىيىنغا چۈشمەيدۇ. مېنىڭچە ئىككى يېرىم دوللارنى ئارىيەت ئالغىلى بولىدۇ. P%A;EF~v o@*eC L= -مەنمۇ ئارىيەت ئالالايدىغاندەك تۇرىمەن. بىراق مەن ئامال بار پۇل ئارىيەت ئالمايمەن. باشتا ئارىيەت ئالسام، كېيىن تىلەمچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. N4]QmRX/j y (@j;Q3(r -سوغاق ئۆتۈپ قالمىسۇن بوۋا، ھازىر 9-ئاي ئىكەنلىگى ئېسىڭىزدە بولسۇن. ecaEWIOG kDbDG,O -بۇ ئاي، دەل بېلىقلار ئېقىپ كېلىدىغان چاغ،-دېدى بوۋاي،- ھەر قانداق ئادەم 5-ئايدا بېلىق تۇتىدۇ. kZ7\zbN> J<hqF4z -ئەمىسە ، مەن سارتىن بېلىقى تۇتقىلى كەتتىم. nb-]fa 8_byS - بالا، كۈن پاتقاندا قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا، بوۋاي ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان پېتى ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. بالا، كارىۋات ئۈستىدىكى كونا ھەربىيچە ئەدىيالىنى ئېلىپ، ئورۇندۇقنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئارتىلدۇرۇپ، بوۋاينىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قويدى. بوۋاينىڭ ئىككى مۈرىسى غەلىتە ئىدى. گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، بەدەنلىرى ناھايىتى مەزمۇت كۆرۈنەتتى. ئۇيقۇلۇقتا بېشى پەسكە ساڭگىلغانلىقتىن ، گەدىنىدىكى قورۇقلارمۇ ئانچە كۆرۈنمەيتتى. ئۈستى-ئۈستىلەپ ياماق چۈشكەن كۆينىگى، بەئەينى قېيىقتىكى يەلكەنگە ئوخشاپ قالغان ۋە بۇ ياماقلار ئاپتاپتا كۆيۈپ خىلمۇ خىل رەڭگە كىرگەن ئىدى.ئۇنىڭ بېشىغىمۇ قېرىلىق يەتكەن بولۇپ، كۆزىنى يۇمۇۋالسىلا ئۆلۈكتىن پەرقلەنمەيتتى. گېزىتنى تىزىغا قويۇپ جەينىكى بىلەن بېسىۋالغانلىقتىن ، كەچكى شامال ئۇچۇرۇپ كېتەلمىگەن ئىدى. بوۋاينىڭ پۇتى يالىڭاياق ئىدى. S:2M9nC E)w6ZwV -بالا يەنە سىرتقا چىقىپ بىر ئايلىنىپ كەلدى. بوۋاي بولسا يەنىلا ئۇخلاۋاتاتتى. LX f r ]JDKoA{S0 -بوۋا كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!- دەپ توۋلىدى بالا بوۋاينىڭ تىزىنى قولى بىلەن تۈرتۈپ. t&|M@Ouet >A&D/kMO -بوۋاي، گويا يىراق سەپەردىن قايتىپ كەلگەندەك ئەسنەپ كۆزىنى ئاچتى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ : I>lblI$
7 =KHX_ib -نېمە ئېپكەلدىڭ؟-دەپ سورىدى. MHS|gR.c P>R u -كەچلىك تاماق، قېنى، غىزالىنايلى. q NUd "%S 6n
H'NNS:J -قورسىقىم ئانچە ئاچمىغانتى. WLH ;{ cL4Xh|NBp -تاماق يېمىسەك بېلىق تۇتقىلى بولامدۇ؟ كېلىڭ، قورساقنى توقلايلى. SVPksr y2nT)nL -مەن ئادەتتە تاماق يېمەستىنلا بېلىق تۇتقىلى باراتتىم،- بوۋاي سۆزلىگەچ گېزىتنى قاتلاپ ئورنىدىن تۇردى، ئاندىن ھەربىيچە ئەدىيالىنى قاتلاپ قويدى. Mtn{63cK L }R-| -ئەدىيالنى يېپىنىۋېلىڭ،- دېدى بالا كۆيۈمچانلىق بىلەن،- بۇ دۇنيادا مەنلا بولىدىكەنمەن، سىزنى ھەرگىز ئاچ قورساق بېلىق تۇتقىلى بارغۇزمايمەن. [B j\h7G E9]*!^=/ -ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن بالام، ئۆزۈڭنىمۇ كۆپرەك .اسرا،- دېدى بوۋاي تەسىرلىنىپ،- قېنى نېمە يەيمىز؟ +kq+x6& 8J~-| -يېسمۇق ئارىلاشتۇرۇلغان تاماق، مايدا قورۇلغان ئاپلىسىن، يەنە ئازراق دۈملەنگەن سەيمۇ بار. {uxTgX :W$-b -بالا ئىككى قەۋەت تۈنىكە قۇتىغا سېلىنغان بۇ تائاملارنى دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىدىن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاندىن ئۇ، يانچۇغىدىن پاكىز قەغەزلەرگە ئورالغان ئىككى كىشىلىك ۋىلكا بىلەن قوشۇق ئېلىپ، بىرىنى بوۋايغا ئۇزاتتى. I(b]V!mj: AmrVxn4 -بۇلارنى ساڭا كىم بەردى؟ u
R]8ZT") k h6n(B\ - مارتىن-قېيىق خوجايىنى. p+-IvU I~nz~U:ak -ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتسام بولغۇدەك. t(}g;O- z}Um$'. = -مەن رەھمەت ئېيتىپ قويدۇم، سىزنىڭ رەھمەت ئېيتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. >[Tt'.S!? z&\N^tBv -كېيىنچە ئۇنىڭغا بىر تال چوڭ بېلىق پۈۋەكچىسى بىرەي،- دېدى بوۋاي،- ئۇنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشى بۇ بىر قېتىمقىلا ئەمەسقۇ؟ %eGI]!vf Zh_3ydMD1 -شۇنداق. h)s&Nqg1B Bq,MTzxD -ياق، مەن ئۇنىڭغا بېلىق كۈۋەكچىسىدىنمۇ ئوبدانراق بىر نەرسە ئاپىرىپ بېرىمەن. ئۇ بىزگە راستتىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. $"va8, m= %KaRI -ئۇ، بىزگە يەنە ئىككى بوتۇلكا پىۋا بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ^ Z3y (3=bKcD' -شۇنداق، مەن خئۇشاللىغىمىدىن بوشىغان بوتۇلكىلارغا كونسېرۋا قاچىلاپ بەرگەن ئىدىم. W{1l?Wo B] Koi1B - مېنىڭمۇ ئېسىمدە، "خادىۋ" ماركىلىق پىۋا بوتۇلكىسى ئىدى. مەن ئۇلارنى ئاپىرىپ بەرگەن ئىدىم. C#P>3" R<^E?FI
-سەن راستتىن يارايسەن،-دېدى بوۋاي، خۇشال بولۇپ،- ئەمدى تاماق يەمدۇق؟ @6-3D/= Fxn=+Xgg •مەن سىزدىن بايىلا تاماق يەمدۇق دەپ سورىغان،- دېدى بالا سەمىمىيلىك بىلەن،- سىز تەييار بولغىچە قۇتىنى ئاچمايمەن. %D7 '7E8. •تەييار بولدۇم،-دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ،-توختتا، شاققىدە يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇۋالاي. ClufP6' « نەگە بېرىپ يۇيىدىغاندۇ؟- دەپ ئويلىدى بالا،- كەنتتىكى جۈمەك چوڭ يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە، ئىككى كوچىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سۇ، يۈز سوپۇن، ئوبدانراق لۆڭگە ئېپكېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. نېمىشقا بىپەرۋالىق قىلغاندىمەن؟ ئۇنىڭ قىشتىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن يەنە مايكا، چاپان، بىر جۈپ ئاياق ۋە بىر دانە ئەدىيال ئېپكېلىپ بېرىشىم كېرەك.» !Nbi&^k B ~se
;L -دۈملەنگەن سەينىڭ تەمى خېلى پەيزىغۇ،- دېدى بوۋاي يەۋېتىپ. mn(MgJKQ\ 1+l[P9?R[ -لېيچۇر مۇسابىقىسىنىڭ خەۋرىنى ئېيتىپ بەرمەمسز؟-دېدى بالا. 6K >(n v'Up& /( -مەن ئېيتقاندەك ، ئامېرىكا مۇسابىقە گۇرۇپپىسى تەرەپتە ئامېرىكا كوماندىسى ئۇتۇپتۇ،- دېدى بوۋاي شوخلۇق بىلەن. :4pO/I
~ fQw|SW -بىراق ، ئۇلار بۈگۈن ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ،-دېدى بالا تەن بەرمەي. SQk5
SP ON"V`_dq+M -ھېچ ۋەقەسى يوق، ماجئۇ يەنىلا بوي بەرمەيدۇ.
K81&BVx/ ?MiMwVR -ئۇلارنىىڭ كوماندىسىدا باشقا ئادەملەرمۇ بار تۇرسا. 0JhUncx WhV>]B2+" -ئەلۋەتتە بار، بىراق ماجئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم-دە، يەنە بىر مۇسابىقە گۇرۇپپىسىدا، بورۇكتۇل كوماندىسى بىللەن فىلادېلفىيە كوماندىسى جەزمەن يېڭىدۇ. بىراق شۇ تاپتا راۋىشسلى ۋە ئۇنىڭ كونا لېيچۇر مەيدانىدا كۈچەپ ئۇرغان ھېلقى بىر نەچچە توپى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. ;bq
EfV0`2 'b_SQ2+A -ھېچكىممۇ توپنى ئۇنداق ئۇرالمايدۇ. ئۇنىڭدەك توپنى يىراقتىن ئۇرۇشنى مەن تۇنجى قېتىم كۆردۈم. >k
u7{1) -ئۇنىڭ دېڭىز ساھىلدىكى مەيخانا تەرەپكە ھەمىشە كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئېسىڭدىدۇر. مەن ئۇنىڭغا بىرگە بېرىپ بېلىق تۇتۇپ كېلەيلى دەپ باقايمىكىن دەپ ئويلىغانتىم، بىراق خىجىل بولۇپ قالدىم، سېنى سوراپ باق دېسەم سەنمۇ خىجىل بولاتتىڭ. M5S 3N{
ZX{} -بىلىمەن، ئىككىمىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. ئۇنى رەسمىي تەكلىپ قىلغان بولساق، بىرگە بېرىپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئىدى ۋە بىز بۇ ئىشنى ئۆمۈر بويى ئېسىمىزدىن چىقارمىغان بولاتتۇق. hPUYq7B l"
H/PB<. -مەن، راۋىشسىلىنى بېلىق تۇتۇشقا بىللە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كۆپ ئويلىغان،-دېدى بوۋاي ئويچانلىق بىلەن،- ئاڭلىشىمچە، ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسىمۇ بېلىقچى ئىكەن. ئېھتىمال ئۇ چاغلاردا ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش نامرات بولغىدى، شۇڭا ئۇ ئەلۋەتتە بىزنىڭ ياخشى كۆڭلىمىزنى چۈشىنەتتى، دەپ ئويلايمەن. oc&yz>%q om,=.,|Ld -راۋىشىسىلىنىڭ دادىسى نامرات ئەمەسكەنتۇق، ئۇنىڭ دادىسى مەندەك چاغلاردا كاتتا بىر لېيچۇر مۇسابىقە گۇرۇپپىسىدا توپ ئوينايدىكەنمىش . }5ONDg(I~ i)d'l -مەن سەندەك چاغلىرىمدا ئافرىقىغا قاتنايدىغان توغرا يەلكەنلىك پاراخوتتا ماتروس ئىدىم، مەن تېخى گۇگۇمدادېڭىز بويىغا كەلگەن شىرنى كۆرگەن. uvGFo)9q3 H3o Um1 -ئېسىمدە، بۇ ھەقتە سىز ماڭا ئېيتىپ بەرگەن. fkr;
a` {7o|*M -بىز ئافرىقا ئۈستىدە سۆزلىشەمدۇق ياكى لېيچۇر ئۈستىدىمۇ؟ 'I)E.D oF RIxGwMi% -لېيچۇر ئۈستىدە سۆزلىشەيلى، ماكىلاۋنىڭ ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭا. G( y@Tor+ Nv_"?er+y -بۇرۇن ئۇمۇ دېڭىز ساھىلدىكى مەيخانىغا پات-پات كېلىپ تۇراتتى. ھاراق ئىچىۋالسا بەكمۇ قوپاللىشىپ كېتەتتى. ساپلا بىمەنە گەپلەرنى قىلاتتى، مىجەزىمۇ بەك تەرسالىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ئات بىلەن لېچۇردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئىشقىلىپ، قانداق چاغدا بولمىسۇن، يانچۇغىدا ئاتلارنىڭ تىزىملىگى نەخ تۇراتتى، دائىم دېگۈدەك تېلفونلاردا ئاتلارنىڭ نامى ھەققىدە سۆزلىشەتتى. v#`P?B\ m.N/g, -ئۇ چوڭ دېرىكتور ئىكەن،- دېدى بالا،- دادام ئۇنى ئەڭ چوڭ دېرىكتور دەپ قارايتتى. Wtwh.\Jba #N"K4@]{ -چۈنكى ئۇ بۇ يەرگە ئەڭ كۆپ كېلەتتى-دە،-دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ،- ئەگەر رولۇچمۇ بۇ يەرگە كينى-كەينىدىن كېلىپ تۇرىدىغان بولسا، داداڭ ئۇنى ئەڭ چوڭ دېرىكتور دەپ قارىغان بولاتتى. n,N
KJ
t NEh5
-دۇرۇس، ئەڭ چوڭ دېرىكتور كىم؟ روك، مەككا، گانچىروس. &llp*<
i7 p<3^= 8Y$ -مەن ئويلايمەن، ئۇلار يۇقىرى-تۆۋەننى ئايرىيالمايدۇ. =-dk@s cC6W1K! -بىراق ، بېلىق تۇتۇشقا كەلگەندە ، سىز ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىسىز. =<,AzuV g^DPbpWxu -ئۇنداق ئەمەس، مەندىن ياخشىلوار كۆپ.
D=nuK25 438+zU -نېمە؟-دېدى بالا قىزىشىپ،- توغرا، بېلىق تۇتۇشنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ماھىر بېلىقچىلارمۇ ئاز ئەمەس، بىراق ئەڭ ياخشىسى پەقەت سىز بىرلا. +[
944n n1xN:
A -ساڭا كۆپ رەھمەت. سۆزۈڭدىن بەك خۇشال بولۇپ كېتىۋاتىمەن. بىراق ئۇچىرىغان بېلىقلاردا بىز تەڭ كېلەلمىگۈدەك چوڭ بولمىسىلا بولاتتىغۇ. 6A]Ia4PL nx >PZb -ئۇنداق بېلىق بولمايدۇ، سىزنىڭ مادارىڭىز ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ئاشۇنداق كۈچلۈك تۇرسا. tF<|Eja*
Z\d7dbv -مېنىڭ جىسىمىم ، ئۆزۈم تەسەۋۋۇر قىلغاندەك قاۋۇل بولماسلىقى مۇمكىن،-دېدى بوۋاي،- بىراق خېلى ئېپىم بار، شۇنداقلا ئىرادەم كۈچلۈك. ^MesP:[2
;m3SlP{F -ھازىر كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاڭ، ئەتە ئورنىڭىزدىن روھلۇق تۇرىسىز، مەن ماۋۇ نەرسىلەرنى دېڭىز ساھىلىدىكى مەيخانىغا ئاپىرىپ بېرەي. dM(}1%2 ~'e/lX9g- -كەچلىگىڭ خەيرىلىك بولسۇن، ئەتە ئەتىگەن سېنى ئۆزۈم ئويغىتىمەن. \*s'S*~ shwKB 5 -سىز ھەقىقەتەن مېنىڭ قوڭغۇرىقىم-دە، - دېدى بالا خئۇشال بولۇپ. L
"L@4B BOLG#}sm مېنىڭ قوڭغىرىقىقم ياش،- دېدى بوۋاي،- نېمىشقا ياشىنىپ قالغان ئادەملەر شۇنچە سەھەر تۇرىدۇ؟ ئۆمىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن-دە. ?3"bu$@8 3
3_YZOy^j -ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم، مەن بالىلارنىڭ ئۇيقۇغا ئامراقلىقىنى ، ئۇخلاپ قالسا ئاسان ئويغىنالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. Kv[,!P"Y iO;q] -مەن ئۇخلاپ قالمايمەن. ۋاقتى كەلگەندە مەن بېرىپ سېنى ئويغاتساملا بولىدىغۇ. rHu # #~54t0|Cd> -مەن ئۇنىڭ كېلىپ مېنى ئويغىتىشىنى خالىمايمەن، ئۇنداقتا ئۇ مەندىن ئۈستۈن تۇرغاندەك بولۇپ قالىدىكەن. 2jf-vWV_ &%`IPhbT -ئۇنىسى ماڭا مەلۇملۇق. dZm>LVjG VY$hg -ئوبدان ئۇخلاڭ، بوۋا. E27wxMU ="RDcf/ ئۇلار چىراق ياقمايلا غىزالانغان ئىدى، بالا كەتكەندىن كېيىن ۈوۋاي شىمنى سېلىپ، سىلاشتۇرۇپ تۇرۇپ كارىۋاتقا چىقتى ۋە شىمنى قاتلاپ ياستۇق قىلىپ ، ھېلقى گېزىتنى شىمنىڭ ئارىسىغا قىستۇردى، ئاندىن ھەربىيچە ئەدىيالغا يۆگىنىپ ، ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن پۇرژىنلىق كارىۋاتقا سېلىنغان كونا گېزىت ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ياتتى. O B8fFd =Z iyT$p بوۋاي، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيقۇغا كەتتى ۋە چۈشىدە باللىق دەۋىرىدە بارغان ئافرىقىنى، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاپپاق دېڭىز ساھىلىنى ، كۆككە تاقاشقان بېغىر رەڭ تاغلارنى كۆردى. چۈشىدە ئۇ يەنە ھەر ئاخشىمى دېڭىز بويىدا يېتىپ، گۈركىرىگەن دېڭىز دولقۇنىنى ئاڭلىدى، دولقۇن ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ يۈرگەن يەرلىك قېيىقلارنى كۆردى. پاراخوتلارنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى قارا ماينىڭ ھىدى، يەر بېغىرلاپ چىقىۋاتقان سەھەر شامىلى ئېلىپ كەلگەن ياۋروپانىڭ ھىدىنى پۇرىدى. Eu\&}n`i _wKFT> ئەلۋەتتە، ئۇ يەر بېغىرلاپ چىققان شامال بۇرنىغا ئۇرۇلۇش بىلەنلا ئويغىنىپ، كىيىم –كېچەكلىرىنى كىيىپ بولۇپلا بالىنى ئويغىتىشقا ماڭاتتى. بىراق بۈگۈن شامال بەك بۇرۇن كەلگەچكە، ئۇ چالا ئۇيقۇلۇقتا ئويغىنىش ۋاقتىنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ، چۈشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى ۋە چۈشىدە دېڭىزدىكى چوخچىيىپ چىقىپ تۇرغان ئاراللارنىڭ ئاپپاق چوققىسىنى ، كانارى تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەر بىر پورتنى ۋە لەڭىگەر تاشلايدىغان جاينى كۆردى. لېكىن ئۇ چۈشىدە بۇرۇنقىدەك شامال دولقۇنلىرىنى ، خوتۇن –قىزلارنى كۆرمىدى. مبېلىق بىلەن ئېلىشىش، كۈچ سىنىشىشلارنى كۆرمىدى، خئوتۇنىنىمۇ كۆرمىدى، پەقەت بەزى يەرلەر ۋى دېڭىز ساھىلىدىكى شىرلارنىلا كۆردى. ئۇ شىېلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاسلانلاردەك ئوينىشاتتى. بوۋاي ئۇلارنى ھېلقى بالىنى ياخشى كۆرگەندەكلا ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئەزەلدىن چۈشىدە ھېلقى بالىنى كۆرمىگەن ئىدى. بوۋاي بىردىنلا ئويغىنىپ ، ئوچۇق تۇرغان ئىشكنىڭ سىرتىدىن ئاينى كۆردى ۋە ياستۇق قىلغان شىمنى ئېلىپ كىيدى-دە، كەپىسىدىن چىقىپ ، بالىنى ئويغىتىش ئۈچۈن چوڭ يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئۇ،سەھەرنىڭ سوغقىدىن ئەندىكىپ تىترەيتتى، شۇنداقلا، تىتىرىگەندە بەدەننىڭ ئازراق ئىسسىيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بىردەملا كېيىنلا قېيىقنى ھەيدەپ دېڭىزغا چۈشۈشى كېرەك ئىدى. (F]f{8 BD[XP`[{ بالا ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكى تاقالمىغاچقا، بوۋاي ئىشكنى ئىتتىرىپ ئاۋۋايلاپ دەسسەپ ئۆيگە كىردى، بالا تاشقىرىقى ئۆيدىكى بېرزىنت كارۋاتتا ئۇخلاۋاتاتتى، بوۋاي، تالادىن كىرگەن ئاينىڭ سۇس نۇرىدا بالىنى ئېنىق كۆردى ۋە ئۇنىڭ بىر پۇتىنى يېنىككىنە لىڭشىتتى. بالا، ئويغىنىپ بوۋايغا قارىدى، بوۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بالا، كارۋاتنىڭ قېشىدىكى ئورۇندۇقتىن شىمنى ئېلىپ، كارۋاتتا ئولتۇرۇپ كىيدى. 3'O+ ,2DKp hh بوۋاي سىرتقا ماڭدى، بالىمۇ ئۈگدىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. بوۋاي كېتىۋېتىپ بالىنىڭ دولىسىغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ : _(3VzI'G j./3 ) -راستتىنلا خىجىل بولۇۋاتىمەن،-دېدى. c~b[_J) 'N)&;ADx-G -نېمىشقا؟- دېدى بالا ئەجەبلىنىپ،- ئپغۇل بالا دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك-تە. AtYe\_9$C E:T ئۇلار بىرلىكتە بوۋاينىڭ كەپىسىگە قاراپ ماڭدى، ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ئىدى، بەزى كىشلەر ، يالىڭاياق پېتى ماچتىلىرىنى تۈرۈپ كېتىشىپ باراتتى. WmP"u7I4 49^;T;'v ئۇلار كەپىگە كەلگەندىن كېيىن، بالا توپ-توپ يۆگەپ قويۇلغان قارماق تانىسىنى سېۋەتكە سالدى، بېلىق سانچىيدىغان ئارا ۋە قارماقلارنى ئالدى. بوۋاي بولسا ماچتىغا يۆگەلگەن يەلكەننى مۈرىسىگە ئالدى. +'2Mj|d@p ZOK2BCoW -قەھۋە ئىچكۈڭىز بارمۇ؟- دەپ سورىدى بالا. 3bu VU&ap xm
b]L:4F -ئاۋۋال نەرسە-كېرەكلەرنى قېيىققا ئاپىرىۋېتەيلى، ئاندىن ئازراق ئىچسەكمۇ مەيلى. 3haYb` U8-#W(
tRR ئىككىيلەن، ئەتىگەنلىك بازاردا سۈت كونسېرۋاسىنىڭ قۇتىسىدا قەھۋە ئىچىشتى. Vu.VH([b]Q {p\ll -بوۋا، ئوبدان ئۇخلىيالىدىڭىزمۇ ؟- دەپ سورىدى بالا. ئۇ يول بويى ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش بىلەن ھەپىلىشىپ، ئەمدى خېلى سەگەكلىشىپ قالغان ئىدى.
UQZl:DYa wE[gp+X~ -ئوبدان ئۇخلىدىم ، بالام ماننورىن، بۈگۈن خېلى ئىشەنچىم كامىل تۇرىدۇ. vA3wn>< 0=0,ix7?# -مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتىمەن، مەن ھازىر بېرىپ سىزنىڭ سارتىن بېلىقىڭىزنى ئېلىپ كېلەي، بېلىق يەملىرىمۇ شۇ يەردە. بىزنىڭ ھېلققى قېيىقتىكى نەرسىلەرنى ئۇ ئۆزى ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ ئۆلسىمۇ چاتىغىم يوق، كىم ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ئەكېلىشىپ بېرىدىكەن. C@`rg ILc U?an\rv -بىز ئۇنىڭغا ئوخشىمايمىز،- دېدى بوۋاي،- مەن ، بەش يېشىڭدىلا ساڭا نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتەرگۈزەتتىم. NT0n[o^ 9/!1J -ئۇ ماڭا چۈشىنىشلىك،- دېدى بالا،- ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن، قەھۋەدىن يەنە بىر ئىستاكان ئىچەمسىز؟ بىزنىڭ بۇ يەردە ئېلىشىمىز بار. JO`r)_ T>]T= ئۇ، يالىڭاياغ ھالدا مارجان تاشلارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ، بېلىق يەملىرى قويۇلغان توڭلىتىش ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. R)BXN~dQ ;1[Z&Uv8 بوۋاي ، قەھۋەنى ئالدىرىماي ئىچتى. بۇ ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇققى بولۇپ، قالدۇرماي ئىچىۋېتىشى كېرەك ئىدى. ئۇ سەپەرگە چىققاندا، ئەزەلدىن يەيدىغان نەرسە-كېرەك ئېلۋالمايتتى، ئەمما قېيىقنىڭ باش تەرىپىگگ بىر بوتۇلكا سۇ قۇيۇپ قوياتتى، بۇ سۇ، ئۇنىڭ كۈن بورى ھاجىتى چۈشىدىغان بىردىن بىر نەرسىسى ئىدى. 9Q^cE\j }^iqhUvT F بالا ھايال بولماي گېزىتكە ئورالغان سارتىن بېلىقى بىلەن ئىككى دانە بېلىق يېمىنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى، ئىككىيلەن شېغىللىق چىغىر يول بىلەن قېيىقنىڭ يېنىغا بېرىپ، قېيىقنى باغلاپ قويغان تانىنى يەشتى. بوۋاي، قېيىقنى ئاستا ھەيدەپ دېڭىزغا چۈشتى. 8k95IJR1 }1e4u{ -سىزگە ئامەت تىلەيمەن، بوۋا. bO2?DszT5 ]~I+d/k
d -ساڭىمۇ ئامەت كەلگەي،- دېدى بوۋاي ۋە ئېگىلىپ پالاقنى ئۇردى-دە، قاراڭغۇ پورتتىن چىقىپ كەتتى، باشتا دېڭىز ساھىللىرىدىنمۇ بەزى قېيىقلار سۇغا چۈشتى. شۇ تاپتا ئاي تاغ ئارقىسىغا چۆككەن ئىدى، بوۋاي گەرچە باشقا قېيىقلارنى كۆرەلمىسىمۇ ، لېكىن پالاقنىڭ سۇدا چولتۇڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. x{SlJ%V hr}f5Z)^v نەدىندۇ قېيىق ھەيدەۋاتقان بىر كىشىنىڭ ئاللىنېمىلەرنى دېگىنى ئاڭلاندى. شۇ تاپتا پالاقنىڭ ئاۋازىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەتراپ جىمجىت ئىدى. بېلىقچىلار پورتتىن چىققاندىن كېيىن، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ، ھەر كىم ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن مەنزىلگە قاراپ ئۈزمەكتە ئىدى، بوۋاي ، تۈزلەڭلىكنىڭ ھاۋاسىنى ئارقىسىغا تاشلاپ، دېڭىزنىڭ سۈبھى مەزگىلىدىكى ساپ ھاۋاسى ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ، قېيىقنى ھەيدەپ مەلۇم جايغا بارغابدا، قولتۇقتىكى ياۋا ئوتلاردىن چاقنىغان فوسفور نۇرىنى كۆردى. بېلىقچىلار ، ئۇ جاينى "چوڭ قۇدۇق: دېيىشەتتى، چۈنكى ئۇ يەردە تۇيۇقسىز تكۋەنلەپ كەتكەن 700فاتخوم چوڭقۇرلۇقتىكى بىر گىرداپ بار ئىدى. دېڭىز ئېقىمىنىڭ ، دېڭىز تەكتىدىكى تىك قىياغا ئۇرۇلۇشى بىلەن ، بۇ يەردە بىر قاينام ھاسىل بولغاچقا، خىلمۇ-خىل بېلىقلار ئۇ يەرگە توپلىنىپ قالاتتى. تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان بۇ قاينامغا قىسقۇچ پاقا، تىرنا قاتارلىقلار توپلىشىۋالاتتى، بەزىدە تېخى توپ-توپ سىيا بېلىقلارمۇ كېلىپ قالاتتى. aX^T[ H\Ra*EO~j بوۋاي، تاڭ سۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ پالاق ئۇرۇۋېتىپ، ئۇچار بېلىقلارنىڭ ئۇنىڭ دېڭىزدىكى ئۈلپىتى ئىدى. ئۇ، قۇشلارغا ئىچ ئاغرىتاتتى، بولۇپمۇ، شامالغا تەڭ كېلەلمەيدىغان قارا رەڭلىك چايكىلارغا ئىچ ئاغرىتاتتى. چۈنكى ، ئۇلار ئەبىدىل-ئەبەت ئۇچسىمۇ، ئەبىدىل–ئەبەت ھەر تەرەپكە سەپسالسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى زادىلا ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايتتى. yov~'S9 2|,L 9 بوۋاي : قۇشلارنىڭ ھال-كۈنى بىزدىنمۇ خاراپكەن، قارچۇغا، بۈركۈتكە ئوخشاش قۇشلار ۋە بەزى كۈچلۈك قۇشلارنىڭلا كۈنى يامان ئەمەسكەن. دېڭىز نېمىشكە بەزىدە بۇنداق رەھىمسىز بولۇپ كېتىدىغاندۇ؟ چايكىغا ئوخشاش قۇشلار نېمىشقا ئۇنداق ئاجىز، ئاۋارە تۇغۇلۇپ قالغان بولغىيتتى؟ دېڭىز مېھرىۋان ، ئىنتايىن گۈزەل. بىراق ، ئۇ بەزىدە ئاشۇنداق رەھىمسىز بولۇپ كېتىدىكەن. بەزىدە تۇيۇقسىز تەھدىت سالىدىكەن، دېڭىزدا پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن ئاشۇ قۇشلار بىر تامچە سۇغا تەشنا بولۇپ، مۇڭلۇق ۋە ئېچىنىشلىق سايرايدىكەن. ئۇلار نېمىشقىمۇ دېڭىز سۈيىگە تەڭ كېلەلمەيدىغان مۇشۇنداق ئاجىز تۆرىلىپ قالغان بولغىيىتتى؟ دەپ ئويلىدى. Q v9q~l Y[6T7eZ0g ئۇ، ئەزەلدىن دېڭىزنى لامار دەپ ئاتايتتى. بۇ ئاتالغۇ، كىشلەرنىڭ دېڭىزغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلاتتى. دېڭىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشلەرمۇ بەزىدە دېڭىزغا قارىتا نارازىلىق سۆزلىرىنى ئېيتاتتى، بىراق ئۇلار نېمىلا دېمىسۇن، دېڭىزنى ھامان ئايال جىنىسقا .وخشىتاتتى. ئەمما بەزى ياش بېلىقچىلار لەيلىمە بەلگىنى ، قارماق ئارغامچىسىنى تىرەپ تۇرىدىغان لەيلىگۈچ قىلغانلىقىنى ھەمدە لەھەڭنىڭ بېغىرىنى ناھايىتى كۆپ پۇلغا سېتىش ھېسابىغا موتۇرلۇق كېمە سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار، دېڭىزنى رىقابەتچى، ھەتتا رەقىپ دەپ قارىشاتتى. ھالبۇكى، بوۋاي بولسا، دېڭىزنى ھامان ئەركىلەپمۇ قويىدىغان، جىددىيلىشىپمۇ كېتىدىغان بىر ئايال دەپ قارايتتى. دېڭىز قوپاللىق قىلسا ياكى ئەدەپ كەتسە، ئۆزىنى تۇتالمىغانلىقتىن شۇنداق قىلۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتى. <
'5~
p$ u#@/^h; شۇ تاپتا ، ئۇ قېيىقنى ئۇنچە بەك كۈچىمەستىن بىر خىل سۈرئەتتە سالماق ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئاندا-ساندا قاينام ھاسىل بولغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دېڭىز يۈزى تىپ-تىنچ ئىدى. ئۇ، دېڭىزدىن ئۆزىگە ئاز-تولا ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. سۈبھى مەزگىلىدە ، بوۋاي يېتىپ بېرىشنى مۆلچەرلىگەن جايىدىن خېلىلا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ : گىرداپ ئۈستىدە بىر ھەپتە ھەپىلىشپ ھېچنىمىگە ئېرشەلمىدىم، بۈگۈن پېلامىس ۋە توڭگۇل بېلىقلىرىنىڭ قەيەردەلىگيىنى جەزمەن تاپىمەن، بىرەر تال چوڭ بېلىق ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرگەن بولسا، ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدى. :(n<c $jN.yNm0 تاڭ تېخى يورۇماستىنلا ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن يەملىرىنى بېلىقلارغا تتاشلىدى. يەنى بىرىنجى يەمنى 40 فاتخوم چوڭقۇرلۇقتا ، ئىككىنجى يەمنى 75 فاتخوم چوڭقۇرلۇقتا، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى يەملەرنى 100 فاتخوم ۋە 125 فاتخوم چڭقۇرلۇقتا بېلىقلارغا تاشلاپ بېرىپ، قېيىقىنى سۇنىڭ مەيلىگە قويۇپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. بېلىق يېمى-بېشىنى ئاستىغا قىلىپ ئېسىپ قويغان كىچىك بېلىق بولۇپ، ھەر بىر كىچىك بېلىقنىڭ قورسىقىغا قارماقنىڭ سېپى مەھكەم تېڭىلغان ئىدى. قارماقنىڭ مۇنەك قىسىملىرى، ئىلمىگى ۋە ئۇچىنى يېڭى سارتىن بېلىغى قاپلاپ تۇراتتى. ھەر بىر تال سارتىن بېلىقى قاپلاپ تۇراتتى. ھەر بىر تال سارتىن بېلىقى قارماققا پەم بىلەن ئىلىنغان ئىدى. شۇڭا چوڭ بېلقلار قارماقنىڭ قەيىرىگە تەگمىسۇن، بىر خىل لەززەت ھېس قىلماي تۇرالمايتتى. #d-({blo< G(&[1V % x بوۋاي، بالا بەرگەن ئىككى تال يېڭى توڭگۇل بېلىقىنى ، ئەڭ چڭقۇر يەرگە سالىدىغان قارماق تانىسىغا خۇددى لېنتىغا ئوخشىتىپ ئېسىپ قويغان ئىدى. باشقا قارماق تانىلىرىغا بولسا، چوڭ جابىنكوس بېلىقى بىلەن كىچىك موكا بېلىقى ئېسلغان ئىدى. بۇ ئىككى تال بېلىق يېمى ياخشى ساقلقنىۋاتقانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى سارتىن بېلقى ئۇلارغا مەزىلىك پۇراق قوشۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ، چوڭ بېلىقلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايتى. يوشۇرۇن يېشىل بادىرىغا باغلانغان ھەر بىر قارماق تانىسى، يوغانراق قېرىنداشچىلىك توملۇقتا بولۇپ، چوڭ بېلىقلار بېلىق يېمىنى تارتسا ياكى ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە، بادرا سۇغا چۆكۈپ كېتەتتى. ھەر بىر قارماق تانىسى 40 فاتخولۇملۇقتىن ئىككى يۆگەم ئىدى. نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنى يەنە باشقا بىرەر تال بېلىق 300 فاتخوم ئۇزۇنلۇققىچە سۆرەپ بارالايتتى. KZppQ0
BsQ;`2
بوۋاي قېيىقنىڭ يېنىدىكى ئۈچ تال بادىرىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا سەپسېلىپ تۇردى ۋە قېيىقىنى ئاۋايلاپ ھەيدەپ قارماق تانىسىنى مۇۋاپىق چوڭقۇرلۇققىچە ئۇزارتقاندىن كېيىن تىكلەشتۈردى. ئەتراپ تولۇق يورۇدى، كۈنمۇ چىقاي دەپ قالدى. w]wZJ/U` axC|,8~tq قىزغۇچ قۇياش دېڭىز ئۈستىدىن كۆتىرىلدى، باشقا قېيىقلار سۇغا خېلى چۆككەن ھالدا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، قىرغاققا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياش، بارا-بارا نۇرلىنىپ، سۇ يۈزىدە چاقناشقا باشلىدى ۋە يۇقىرى ئۆرلىگەنسېرى شۇنچە قىزىرىپ باردى. بوۋاي، كۆزىنى دېڭىزدىن ئۈزۈپ، قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە بارغانسېرى تىكلىشىپ كېتىۋاتقان قارماق تانسىغا سەپسالدى. ئۇ، قارماق تانىسىنى باشقا ھەر قانداق بېلىقچىلاردىنمۇ بەكرەك تىكلەشتۈرۋەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە، سۇنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدا بىردىن بېلىق يېمى بولغاندا، بېلىقلار دەل ئۇ مۆلچەرلىگەن جايغا ئۈزۈپ كەلگەن ھامان، يەمنى يېمەي قالمايتتى. باشقىلار قارماق تانىسىنىدېڭىز ئېقىمىنىڭ مەيلىگە قويۇۋەتكەنلىكتىن، قارماق تانىلىرى پەقەت 16 فاتخوم چوڭقۇرلۇقتا چۆكەلەيتتى، بىراق ئۇلار قارماق تانىلىرىنى 100فاتخوم چوڭقۇرلۇققا چۆكتى دەپ ھېسابلىشاتتى. LZykc
c9g C >*z^6Gz بوۋاي : مەن قارماق تانىسىنى يۈزدە توقسەن پىرسەنت ئىشەنچىلىك جايغا سالدىم. بىراق يەنىلا ماڭا ئامەت كەلمەيۋاتىدۇ، كىم بىلىدۇ، بۈگۈن بەلكىم ئامەت كېلەر؟ بۈگۈن بىر كۈن قاراپ باقاي، ئامەت كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ھەممىنى كەم-كۈتسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئامەت كەلگەندە تەييارلىق بولۇش كېرەك-دە، دەپ ئويلىدى. [b++bCH3 @;/Pl>$|'G يەنە ئىككى سائەت ئۆتتى، قۇياش تېخىمۇ ئۆرلىدى، ئۇ، كۈن چىقىش تەرەپكە قارىۋىدى، كۆزى ئاۋۋالقىدەك چاقنىمىدى. شۇ تاپتا ئۇ دېڭىز يۈزىگە سەپسېلىپ، ئۈچلا قېيىقنى كۆرەلىدى، بۇ قېيىقلارمۇ سۇغا خېلى چۆككەن ھالدا قىرغاققا يېقىنلىشاي دەپ قالغان ئىدى. Cj0r2^` cIU2 qFn[ يېڭى كۆتىرىلگەن قۇياش نۇرى، ئۆمرۈم بويى كۆزۈمنى چاقنىتىپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ كۆزۈم ساپ-ساق تۇرۇپتۇ. كەچقۇرۇن كۈنگە تىكىلىپ قارىۋالسام كۆزۈم تورلاشمايدۇ. كۈن نۇرى كەچتە تازا جانلىنىپ كېتىدىكەن، بىراق ئەتىگەندە ئادەمنى ئازابلايدىكەن، دەپ ئويلىدى ئۇ. n8,% q<09]i شۇ ئەسنادا ، ئۇزۇن قارا قانتىنى پالاقلىتىپ ئاسماندا ئايلىنىپ يۈرگەن بىر سا، دەم تۆۋەنگە پەسلەپ، دەم يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەگىشىشكە باشلىدى. fQoAdw k\OZ
'dS «ئۇ بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالدى بولغاي،- دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا،- شۇنى تۇتۇشنىڭ قەستىگە چۈشۈپتۇ-دە.» #}~tTL #/qcp|m ئۇ قېيىقنى سا ئايلىنىپ يۈرگەن تەرەپكە قاراپ ئاستا ھەيدەپ باردى. ئاندىن قارماق تانىسىنى ئۇياق-بۇياققا تولغاپ يۈرۈپ، تازا تىك ھالەتكە كەلتۈردى ۋە ئېڭىشىپ سۇ يۈزىگە يېقىنلاشتى. بۇنداق بېلىقنى ئەپلەپ تۇتقىلى بولاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھەرىكىتى ھەر قاچاندىقىدىنمۇ تېزلىشىپ كەتكەن ئىدى. }u^bTR?3 ?qQ{]_q1&. سا، بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، سامادا ئايلىنىپ يۈرەتتى، بىراق قانىتىنى مىدىرلىتىپمۇ قويمايتتى، شۇ ئەسنادا، ئۇ توساتتىن پەسكە شۇڭغۇدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ، بىر دانە ئۇچار بېلىقمۇ سۇدىن ئېتىلىپ چىقىپ، سۇ يۈزىنى بويلاپ ئوقتەك ئۇچۇپ كەتتى. I"]E}n d) BFNO yv « يۇنۇس بېلىقى، ھەي يۇنۇس بېلىقىكەن! »-دەپ ۋارقىرىۋەتتى بوۋاي. i3 js'?7E
H;=yR]E ئۇ، پالاقنى قويۇپ، قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىن بىر تال توم سىم ۋە ئوتتۇراھال قارماق ئورنىتىلغان تانىنى ئېلىپ، بىر تال سارتىن بېلىقىنى قارماققا ئۆتكۈزدى-دە، قارماقنى قېيىقنىڭ يېنىدىن سۇغا تاشلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى قېيىقنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىكى بۇرما مىخلىق چەمبىرەككە چىگىپ قويدى. ئاندىن يەنە بىر تال قارماققا يەم ئۆيكۈزۈپ، ئۇنى قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىكى پىنھان جايغا يۆگەپ قويدى. ئارقىدىن قېيىقىنى ھەيدىگەچ ، ھېلقى ئۇزۇن قاناتلىق قارا يىرتقۇچ قۇشنىڭ سۇ يۈزىدە ئۇياق –بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگىنىگگ سەپسېلىشقا باشلىدى. RrLiH> W@}@5,}f> ئۇ، پۈتۈن زېھنى ببىلەن ساغا تىكىلىپ تۇرغاندا، سا، يەنە ئۇشتۇمتۇت تۆۋەنلەپ، ئۇچار بېلىقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى. بىراق ئۇنىڭ ۋەھشىلەرچە ئېتىلىپ بېرىپ ئۇچار بېلىقنىڭ قانتىغا ئېسىلىشى ، قۇرۇق ئاۋارىچىلىقلا بولدى. بوۋاي چڭۇ يۇنۇس بېلىقلىرى قاچقان بېلىقلارنى قوغلىغان چاغدا ، دېڭىز سۈيىنىڭ يېنىك چايقالغانلىقىنى بىلەتتى. يۇنۇس بېلىقلىرى ئۇچقاندەك قېچىپ كېتىۋاتقان بېلىقلارنىڭ ئاستى تەرىپىگە كىرىۋېلىپ، سۇنى چالغىتىپ، بېلىقلار تۆۋەنلەي دېگەندە شارتتىدە سۇ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ تۇراتتى. 25G~rk
lk N]BH6 7< بۇ يەردە بىر توپ يۇنۇس بېلىقى بار ئىكەن،-دەپ ئويلىدى بوۋاي،- ئۇلار مۇشۇ ئەتراپتا ئۈزۈپ يۈرۈۋاتقان بولسا كېرەك، ئۇچار بېلىق ئوڭايلىقچە قېچىپ كېتەلمەيدۇ. سامۇ ئۇلاردىن نەپ .الالمايدۇ. ئۇچار بېلىقنىڭ تۇرقىدىن قارىغاندا، ساغا تۇتۇق بەرمىگۈدەك ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا شۇنچە تېز ئۇچىدىغاندۇ. n~,6!S ~HctXe' x ئۇ كەينى-كەينىدىن سۇدىن شۇڭغۇپ چىقىۋاتقان ئۇچار بېلىقلارغا ۋە ھېلقى سانىڭ بىھۇدە ئاۋارە بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇردى. Y(JZP\Tf_N
NR^Z#BU بۇ بىر توپ بېلىق ئۇچقاندەك ئۈزۈپ، يىراقلارغا قېچىپ كېتىشتى. ماڭا، ئادىشىپ توپتىن ئايرىلىپ قالغان بېلىقلار ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئېھتىمال ، ماڭا تەۋە چوڭ بېلىق ئايلىنىپ يۈرگەن بولسا كېرەك. مېنىڭ چوڭ بېلىقىم چوقۇم مۇشۇ ئەتراپتا بار دەپ ئويلىدى ئۇ. ZU:c[` .>5E 4^$% زېمىن ئۈستىدىكى بۇلۇتلار ئەمدى گويا كۆككە تاقالغان تاغ تىزمىلىرىدەك ھاۋاغا كۆتىرىلدى. دېڭىز قىزغىقىدا ھاۋا رەڭ كىچىك تاغلارنى ئارقا تىرەك قىلغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان يېشىل بەلباغلار قالدى. شۇ تاپتا، دېڭىز سۈيى كۆك رەڭگە كىرگەن بولۇپ، بىر قاراشتا بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقاندەكمۇ كۆرۈنەتتى. ئۇ، ئېڭىشىپ سۇغا قدراپ ، توق كۆك رەڭدىكى دېڭىز سۈيى ئىچىدە ، ئويناقشىپ يۈرگەن قىزغۇچ جانلىقلارنى ، قۇياش نۇرىدىن ھاسىل بولغان ئاجايىپ نۇرلارنى كۆردى ۋە دىققىتىنى يىغىپ قارماق تانىسىغا قارىۋىدى، تانىنىڭ كۆز يەتمەيدىغان چوڭقۇرلۇقتا ئىلپتەك تارتىلىپ تۇرغانلىقىنى ، ئەتىراپىدا شۇنچە كۆپ كىچىك جانلىقلارنىڭ ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ تازىمۇ خۇشال بولدى. چۈنكى، بۇ ھال ئۇ يەردە ناھايىتى كۆپ بېلىق بارلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ چاغدا قۇياش تىكلەشكەن ئىدى، قۇياشنىڭ سۇدا ئەكس ئەتكەن ئۆيكۈر نۇرى، ھاۋانىڭ ئوچۇق بپلۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. ئاسماندىكى بۇلۇتلارنىڭ ھالىتىمۇ بۇ نۇقتىغا ئىسپات بولالايتتتى، ئەمدىى ھېلقى سا نەلەرگىدۇر كەتكەن ئىدى. سۇ يۈزىدە بولسا، شۇيمۇ نىڭ قېيىققا يېقىن جايدا لەيلەپ يۈرگەن بىنەپشە رەڭلىك نەپەس خالىتىسىدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. : 2L-Nf X)Rh&ui نەپەس خالتىسى، تۇرۇپ بىر ياققا قىيسايغاندەك قىلىپ، بىردەمدىن كېيىن يەنە ئۆز ھالىتىگە قايتتى. سۇدا بەئەينى كۆپۈكچىدەك ئەركىن لەيلەپ يۈرگەن بۇ جانىۋارنىڭ، ئۆسكىلەڭ سۆسۈن بۇرۇتى سۇ ئىچىدە بىر مېتىرچە سۇ ئىچىدە يىراققا سوزۇلغان ئىدى. yV@~B;eW0 g dBH\K (\ « سەن پاسكىنا...دېڭىز سۈيىنى تازىمۇ بۇلغىۋەتتىڭ! » دېدى بۋاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ. Daf;;
w L6pw
'1' ئۇ، پالاقنى يېنىك ئۇرۇۋاتقان جايدىن سۇ ئىچىگە قاراپ، نەپەس خالتىسىدىن ھاسىل بولغان كۆلەڭگىنىڭ ئاستىدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىچىك بېلىقلارنى كۆردى. ئۇلارنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ خۇددى ھېلقى ئۇزۇن بۇرۇتلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. نەپەس خالتىسىدىكى زەھەر، كىچىك بېلىقلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيتتى. بىراق ئادەملەر ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ-دە. بىر نەچچە تال بۇرۇت ، قارماق تانىسىغا ئىلنىشىپ قالغۇدەك بولسا، تانىغا مەھكەم چىرمىشىۋالاتتى-دە، بوۋاينىڭ بىلەك ۋە قوللىرى خۇددى زەھەرلەنگەن پىلەك ۋە كاۋچۇك دەرىخىنىڭ يۇقۇملانغان جايلىرىغا ئوخشاش يارا بولۇپ قالاتتى ۋە ئېچىشىپ قامچا بىلەن ئۇرغاندەك قاتتىق ئاغرىيتتى. pu+jw
<7 _E[)_yH'- رەڭدار پەردە تۈسىنى ئالغان كۆپۈكچە، تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى. بىراق ئۇ، ئىچى كاۋاك، قۇرۇق بىر نەرسە ئىدى. بوۋاي، چوڭ دېڭىز تاشپاقىلىرىنىڭ ئاشۇ كۆپۈكچىلەرنى يەۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىشقا ئامراق ئىدى. دېڭىز تاشپاقىلىرى ، كۆپۈكچىلەرنى كۆرگەن ھامان، ئۇلارغا ئۇدۇل تەرەپتىن يېقىنلىشىپ بېرىپ، كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، تېنىنى قېپى ئىچىگە يوشۇرۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنى بۇرۇتى بىلەن قوشۇپ بىراقلا يەۋېتەتتى. بوۋاي، دېڭىز تاشپاقىلىرىنىڭ كۆپۈكچىلەرنى يەۋاتقانلىقىنى ، بوراندىن كېيىن دېڭىز ساھىلدا دېڭىز تاشپاقىلىرىغا دەسسەپ ئۆتۈشنى، قاپارتقۇ بېسىپ كەتكەن پۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسسىگەندە، تاشپاقىنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان "قىرىس" قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتى. ~LN
{5zg }W* q بوۋاي، دېڭىز تاشپاقىلىرىنى تۇتۇش بىلەن كۆپ يىللار شۇغۇللانغانلىقتىن، ئۇلارنى ئۇنچە سىرلىق ھېسابلىمايتتى. ئۇ، بارلىق دېڭىز تاشپاقىلىرىغا ، ھەتتا ئۇزۇنلۇقى قېيىق بىلەن تەڭ، ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدىغان مۇكسىمان چوڭ تاشپاقىلارغىمۇ ئىچ ئاغرىتاتتى. تالاي كىشلەر دېڭىز تاشپاقىلىرىغا تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلاتتى، ئادەتتە، دېڭىز تاشپاقىسىنى پارچىلىغاندا، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بىر نەچچە سائەتكىچىمۇ ھەرىكەتتىن توختىمايتتى. بوۋاي بولسا ، مەندىمۇ ئاشۇنداق يۈرەك بار، پۇت-قوللىرىممۇ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ، ئۆزىگە دەرمان توپلاش ئۈچۈن ، تاشپاقا تۇخۇمىنى كۆپ يەيتتى، تاشپاقا تۇخۇمىنى ئۇدا بەش ئاي يېسە ، 9-10-ئايلارغا بارغاندا كۈچلىنىپ چوڭ-چوڭ بېلىقلارنى تۇتالايتتى. uyWt{>$
L Z#SX5N ئۇ، ھەر كۈنى دۇمباق شەكىللىك چوڭ تۇڭدىن بىر ئىستاكان لەھەڭ بېلىقىنىڭ مېيىنى ئۇسۇپ ئىچەتتى. مۇنداق دۇمباق شەكىللىك تۇڭلار بېلىقچىلىق سايمانلىرىنى ساقلايدىغان كىچىك كەپە ئىچىدە تۇراتتى. چۈنكى تۇڭنى كەپىدە قويغاندا، بېلىق مېيىنى ئىچكۈسى بارلار خالىغان چاغدا بېرىپ ئىچەلەيتتى. كۆپ ساندىكى بېلىقچىلار ، بېلىق مېيىنىڭ پۇرىغىدىن سەسكىنەتتى. بىراق بۇخىل ماينى ئىچىش، سەھەر تۇرۇپ ئادەم چاقىرشتەك جاپالىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئىچىۋالغاندا، زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى، كۆزگىمۇ پايدىلىق ئىدى. (E?X@d iu
.qk_m-o بوۋاي بېشىنى كۆتىرىپ ، ھېلقى سانىڭ يەنە ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. Vq<\ixRi Mu]1e5^] « ئۇنىڭ بېلىققا كۆزى چۈشتى» -دېدى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا. بۇ چاغدا بىرەرمۇ ئۇچار بېلىق سۇ يۈزىگە چىقمىغان ئىدى، لەيلەپ قالغان بېلىق يەملىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بوۋاي سەپسېلىپ قاراۋاتقاندا، توساتتىن بىر دانە توڭگۇل بېلىقى سۇدىن ئازراق كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، بىر تولغىنىپلا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ، يەنە سۇغا كىرىپ كەتتى. توڭگۇل بېلىقىلىرى ئاپتاپتا كۈمۈشتەك پارقىرايتتى، كەينى-كەينىدىن سۇ يۈزىگە چىقىشىپ، تەرە- تەرەپكە چېپىشىپ، ھەممە ياققا سۇ چاچرىتاتتى. ھەربىر سەكرەپ چۈشكەندە، نەچچە مېتىر شۇڭغۇپ، بېلىق يەملىرىنى قوغلايتتى. uMe]].04 R<n'v.~"A بوۋاي : ئۇلار ئۇنچە تېز يۈرمىگىنىدە، ئاللىقاچان تۇتۇۋالغان بولاتتىم، دەپ ئويلايتتى ۋە بېلىقلار چالغۇتۇۋەتكەن سۇغا قاراپ تۇردى. شۇ ئەسنادا ، سا ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشكەن پېتى تىرنىلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتى، ساراسىمگە چۈشكەن تىرنىلار سۇ يۈزىگە چىقىۋېلىشتى. fC$(l@O? P4S]bPIp « سا ھەقىقەتەن كۈچلۈك ياردەمچىم» دېدى بوۋاي. دەل شۇ پەيتتە ، قېيىقنىڭ تۇمشۇق تەرىپىدىكى تانا بىردىنلا تارتىلغاندەك قىلدى. بوۋاي، ئەسلىدە تانىغا ئىلمەك چىقىرىپ قويغان ئىدى. شۇڭا ، پالاقنى قويۇپلا تانىنى چىڭ تۇتۇپ تارتىشقا تەمشىلىۋىدى، بىردىنلا كىچىك توڭگۇل بېلىقىنىڭ تارتىشى بىلەن، تانىنىڭ دىر-دىر تىترەۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. ئۇ، تانىنى تارتقانسېرى ، تانا شۇنچە تىترەيتتى. بوۋاي بېلىقنىڭ كۆكۈش دۈمبىسى بىلەن پارقىراپ تۇرغان بېقىنلىرىنى كۆردى –دە، ئۇنى تارتىپ چىقىرىپ ، قېيىققا تاشلاپ قويدى. نتۇرقى، مىلتىق ئوقىغا ئوخشايدىغان بۇ بېلىق ، قارىماققا ناھايىتى بەرجەس كۆرۈنەتتى. ئۇ، كۆزلىرىنى ئالدىغا تىككەن ھالدا، قېيىقنىڭ تۇمشۇغىدا، ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتاتتى. كۈچلۈك ۋە ھەرىكەتچان قۇيرۇقىنى قېيىققا پالاقلىتىپ ئۇرۇۋەرگەنلىكتىن ، ھالىدىن كېتەپ دەپ قالغان ئىدى. بوۋاي، ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرغان ۋە تەپكەن بولسىمۇ، لېكىن تېنى تېخىچە ھەرىكەتتىن توختىمايۋاتاتتى. iy\ 6e k1 V 0M&D, «توڭگۇل بېلىقى،- دېدى بوۋاي مەمنۇن بولۇپ،- بۇنى ، ئوبدان بېلىق يېمى قىلغىلى بولىدۇ. ئۆلچىسە 10 قاداق كەلگۈدەك.» 4V9S~^v| ئۇ، ئۆزىنىڭ قاچانلاردا تۇنجى قېتىم ئۆز-ئۆزىگە ئۈنلۈك گەپ قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى. ئىلگىرى ئۇ ئۆزى يالغۇز ناخشا ئېيتاتتى، بەزىدە كېچىلىرىمۇ ناخشا ئېيتاتتى، بۇ ، ئۇنىڭ مۇستەقىل ھالدا بېلىق ياكى دېڭىز تاشپاقىلىرىنى تۇتىدىغان قېيىققا رولچىلىق قىلغان چاغلىرى ئىدى. ئۇ، بەلكىم يالغۇز قالغان چاغلىرىدىمۇ ئۈنلۈك سۆزلەپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ چاغلار ئۇنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ، ھېلقى بالا بىلەن بىرلىكتە بېلىق تۇتقان كۈنلەردە، زۆرۈر تېپىلغاندىلا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قوياتتى. ئۇلار ئەل-جامائەت جىمىپ كەتكەن يېرىم كېچىلەردە ياكى قاتتىق بوران چىقىپ قېيىقنى ھەيدىگىلى بولمايدىغان كۈنلەردە پاراڭلىشاتتى. ئادەتتە زۆرۈر بولمىغاندا، دېڭىز ئۈستىدە پاراڭلاشماسلىق ياخشى پەزىلەت ھېسابلىناتتى، بوۋايمۇ شۇنداق قاراشتا ئىدى ۋە بۇ خىل پەزىلەتكە ھۆرمەت قىلاتتى. بىراق ئۇ، شۇ تاپتا كۆڭلىدىكى نۇرغۇن ئويلىرىنى ئۈنلۈك ئېيتىپ تاشلىغان ئىدى، چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ گەپلىرى ھېچكىمگە دەىلى قىلمايتتى. `8sC>)lrwu g ONybz6] «باشقىلار مېنىڭ بۇ يەردە ئۈنلۈك گەپ قىلغىنىمنى ئاڭلاپ قالسا، جەزمەن ئالجىپ قاپتۇ دېيىشى مۇمكىن. بىراق مەن ئالجىپ قالمىغاندىكىن چاتىغىم نېمە. پۇلى بارلار قېيىق ئۈستىدە رادىيو تىڭشايدۇ. رادىيودىن لېچۇر ھەققىدە خەۋەرلەرنى ئاڭلىيالايدۇ» -دېدى ئۇ يەنە ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئاندىن : ھازىر لېيچۇر مۇسابىقىسىنى خىيال قىلىدىغان چاغ ئەمەس. پەقەت بىر ئىشنىلا، يەنى نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمنى خىيال قىلىشم كېرەك. بىر توپ بېلىقنىڭ چۆرىسىدە ، بىر تال چوڭ بېلىقنىڭ بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بايا تۇتۇۋالغىنىم، چوڭ بېلىققا يەم بولۇۋاتقان توڭگۇل بېلىقلىرى ئارىسىدىكى توپتىن ئايرىلىپ قالغىنى بولسا كېرەك. بىراق قالغانلىرى ھاياللىماي يىراقىلارغا قېچىپ كېتىشتى. ئىشقىلىپ ، بۈگۈن سۇ يۈزىگە چىققان بېلىقلارنىڭ ھەممىسى تېز-تېز ئۈزۈشۈپ، شەرقىي شىمال تەرەپكە كېتىشتى. بۇنىڭدا بىرەر سىر بارمىكىن ياكى مەن پەرەز قىلالمىغان بىر خىل ھاۋارايىدىن دېرەك بېرىۋاتقان ئىشمىكىن؟ دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. 0hr4}FL8 .:/[%q{k ئەمدى، ئۇ ھاۋا رەڭ دېڭىز قىرغىقىنى كۆرەلمىدى. پەقەت يېشىل تاغلارنى ۋە ئاپپاق قاردەك ئېگىز چوققىلارنى ، چوققا ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنىلا كۆرەلىدى. بۇلۇتلار كۆككە تاقاشقان قارلىق تاققا بەكمۇ ئوخشايتتى. دېڭىز سۈيى قاپ-قارا كۆرۈنەتتى، قۇياش نۇرى سۇدا رەڭمۇ رەڭ نۇرلارنى چاقىناتتى. ئۈزۈپ كېتىپ قالغان جانلىقلار ھاسىل قىلغان يالتىراق نۇرلار ، قۇياش تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەن ئىدى. بوۋاي، قارماق تانىسىنى بىر ئېنگىلىز مىلى چڭقۇرلۇقتىكى سۇدا ، ئىلىپتەك تىكلەشتۈرگەن چاغدا، يەنىلا رەڭگا –رەڭلىك ، چوڭقۇر دېڭىز سۈيىدىن چاقنىغان يالتىراق نۇرنى كۆردى. fx3oA} Pof]9qE-y توڭگۇل بېلىق (بېلىقچىلار ئادەتتە مۇشۇ تىپتىكى بېلىقلار تۈركۈمىگە كىرىدىغان بېلىقلارنىڭ ھەممىسىنى توڭگۇل بېلىقى دەپ ئاتىشاتتى. بۇ خىل بېلىقلارنى ، ساتىدىغان ياكى بېلىق يەملىرىگە ئالماشتۇرىدىغان چاغدا، ئاندىن ھەر قايسىسىنىڭ رەسمىي ناملىرىنى ئاتىشاتتى ) لىرى يەنە دېڭىز تەكتىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي، پاتىڭىنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قۇياشنىڭ تەپتىنى سەزدى. ئۇ، ئەمدى قېيىقىنى ھەيدىگەن چاغدا ، دۈمبىسىدىن مونچاق-مونچاق تەرلەر ئېقىپ چۈشەتتى. jWNF3\ .6HHUy قېيىقنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەم بولمايدۇ،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ئەگەر تانىنى پۇتۇمنىڭ بارمىقىغا باغلاپ ئۇخلىسام، تانىنىڭ سىلكىشى بىلەن تېزلا ئويغانغان بولاتتىم. بىراق بۈگۈن 85 كۈن بولۇپ قالدى، شۇڭا ئەپلەپ تۇرۇپ بېلىق تۇتمىسام بولمايدۇ. O~DdMW ={[9kR i ئۇ يەنە قارماق تانسىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋىدى، سۇ يۈزىدىكى يېشىل بادرا بىردىنلا سۇغا چۆكۈپ كەتتى. y)uxj-G d8ck].m= « ئوبدان بولدى، بەك ئوبدان بولدى» -دېدى ئۇ ۋە قېيىقىنى توختىتا-توختاتماستىن پالاقنى قويدى-دە، قارماق تانىسىنى ئوڭ باشمالتىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىغا قىسۋالدى. بىراق، تتانا بوش ۋە يېنىك بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئېغىرلىق ھېس قىلىنمىدى. شۇ ئەسنادا تانا لىڭشىغاندەك قىلدى. بۇ قېتىم تانىنى سىناپ تارتىپ بېقىۋىدى، يەنىلا ھېچبىر ئالامەت سېزىلمىدى. ئاندىن، ئۇ ، بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. ئەسلىدە، 100فاتخوم چوقۇرلۇقتا بىر تال سەقاڭغۇر بېلىقى، قارماقنى ئوراپ تۇرغان سارتىن بېلىقىنى يەۋاتاتقانلىقتىن ، قارماق، توڭگئۇل بېلىقىنىڭ باش تەرىپىدىن چىقىپ قالغان ئىدى. b`&
:` , .]1N:
بوۋاي، قارماق تانىسىنى ئەپلىك تۇتۇپ تۇرۇپ، سول قولى بىلەن بادىرىدىن ئاستا يېشىۋالدى. ئۇ تانىنى ناھايىتى سىلىق سىرىغانلىقتىن ، بېلىقلار ھېچنىمىنى سېزەلمەي قالدى. hF`Qs 2#)z%K6T بۇ مەزگىلدە شۇنچى چوڭقۇرلۇقتا يوشۇرۇنۇۋالغان بېلىقلار ، چوقۇم سەمىرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن،- دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ئۇ،- يەڭلار بېلىقلار، ييەڭلار، مەن سىلەرنى يەۋالسۇن دەۋاتىمەن، تىرنىلار شۇنچە يۇمشاق تۇرسا، نېمە دەپ 600 فاتخوم چوقۇرلۇقتا مۆكۈۋالىسىلەر، نېمە دەپ قاپ-قاراڭغۇ مۇزدەك سۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋالسىلەر، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چىقىپ تىرنىلارنى يەڭلار. 'LMMo4o3 p-f"4vH ئۇ، تانىنىڭ ئاستا تارتىلغىنىنى ، كېيىن يەنە كۈچەپ تارتىلغىنىنى سەزدى. بىراق شۇ تاپتا سارتىن بېلىقىنىڭ بېشى قارماقتىن چىقىپ كەتمەيۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك، بېلىقنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ?.Lq
`~T` S1U>Q~ZPA « كېلىڭلار،- دېدى بوۋاي گېلىنى قىرىپ،- يەنە بىر نۆۋەت كېلىڭلار، ئۇلارنى پۇراپ باقمامسىلەر. تىرنىلار ئىنتايىن مەزىلىكقۇ. ئۇلارنى يېڭى ۋاقتىدىلا يەۋېلىڭلار، ئۇلارنى يەپ بولساڭلار يەنە تېخى توڭگۇل بېلىقى بار، توڭگۇل بېلىقى بەكمۇ چىڭ، سوغۇق ، چىرايلىق. خىجىل بولماڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىڭلار.» "@(Sw>*o xz3|m
_) ئۇ قارماق تانىسىنى باشمالتىغى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىغا تۇتقان پېتى ، قولىدىكى تانىغا سەپسېلىش بىلەن بىرگە باشقا تانىلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. چۈنكى بېلىقلار كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈستىگە چىقىپ، يەنە كىرىپ-كېتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ھازىرلا تانا تارتىلغاندەك قىلغان ئىدى. iq J;GYo|8 « ئۇ چوقۇم يەيدۇ،-دېدى بوۋاي غۇرۇڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،- خۇدا ئۇنىڭ ئاشۇ بېلىقنى يېيىشىگە مەدەت بەرگەيسەن.» o}e]
W, D]?yGI_ بىراق ئۇ قارماقتىكى بېلىقنى يېمەستىن تىكىۋەتتى. بوۋاي ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدى. )St`}qu; WSqo\] « ئۇ كېتىپ قالمايدۇ، ھەرگىز كېتىپ قالمايدۇ، پىرقىراپ قويۇپ يەنە كېلىدۇ. بەلكىم ئۇ بۇرۇن قارماققا ئىلىنىپ قالغان بولسا، شۇ ئىش يادىغا كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن»-دېدى بوۋاي. K$c?:?wmo #Q/xQ`+|. بىردەمدىن كېيىن تانا يەنە تارتىلغاندەك قىلۋىدى، ئۇ قىن-قىنىغا پاتماي كەتتى. o#hF
K'&~ JZ)w « ئۇ تانىنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ، قارماققا ئىلىنماي قالمايدۇ!» I]Ws
z_%}F': قارماق تانىسىنىڭ بىلنەر-بىلىنمەس لىڭشىۋاتقانلىقىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ئاندىن ئۇ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك ئېغىرلىقتىكى قاتتىق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى سەزدى. ئۇ نەرسىنىڭ ئېغىر بېلىق ئىكەنلىگىدە گەپ سىغمايتتى. شۇڭا ئۇ، ئىككى يۆگەم زاپاس تانىنىڭ بىرىنى قوشۇپ، قارماق تانىسىنى بولۇشىچە تۆۋەنگە چۈشۈردى. ئۇ تانىنى تۆۋەنگە سېرىۋاتقىنىدا، ئىككى بامىقىغا چۈشۈۋاتقان بېسىمىدىن ئېغىرلىقىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى. A'suZpL GpXU&A'r « نېمە دېگەن چوڭ بېلىق-ھە! –دېدى بوۋاي خۇشاللىنىپ،- شۇ تاپتا ئۇ قارماقتىكى بېلىقنى قىيپاش چىشلەپ ئۇدۇل كېتىۋاتىدۇ. ئۇ ئاخىر بۇرۇلۇپ كېلىپ، قارماقتىكى بېلىقنى جەزمەن يەيدۇ.» بوۋاي بېلىقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى ، ئۇنىڭ توڭگئۇل بېلىقىنى قىيپاش چىشلىگەن پېتى قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىدى. شۇ ئەسنادا ھېلقى چوڭ بىر بېلىق بىردىنلا توختاپ قالغاندەك قىلدى، بىراق تانا بۇرۇنقىدەكلا ئېغىر ئىدى. بىردەمدىن كېيىن تانا يەنە ئېغىرلىشىشقا باشلىۋىدى، ئۇ، تانىنى يەنە بىر ئاز قويۇپ بەردى ۋە باشمالتىغى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا كۈچ توپلىۋالدى، بىراق بۇ چاغدا تانا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. 3bagL)'iz Z9zsvg «قارماققا ئىلىندى، قارماقتىكى بېلىقنى ئوبدان يەۋالسۇن » -دېدى بوۋاي ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ. 35Fs/Gf-n {
P @mAw ئۇ، قارماق تانىسىنى سېرىۋېتىپ، سول قولى بىلەن ئىككى تال زاپاس تانىنىڭ ھەر بىر ئۇچىنى ، باشقا ئىككى تال زاپاس تانىنىڭ ئىلمىكىگگ چەگدى. شۇ تاپتا ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەن بولۇپ، ئەمدى ئۇنىڭدا 40 فاتخوم ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچ تال قارماق تانسى ۋە ئىشلىتىۋاتقان بىر يۆگەم تانىلا قالغان ئىدى. w5q'M ^TAf+C^Ry « يەنە بىزە يېگىن، تويغىچە يېگىن –دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋە ئادىتى بويىچە سۆزىنىڭ كېيىنكى قىسىمنى ئۈنسىز خىيالغا ئۆزگەرتىۋەتتى،- قانغىچە يەۋالغىن، سەن قانچە يېسەڭ، قارماقنىڭ ئۇچى يۈرىكىڭگە شۇنچە سانجىلىپ، سېنى جەھەننىمگگ يوللايدۇ. ئەركىن –ئازادە كەلسەڭ، ئارىنى قورسىقىڭغا ئوبدان سانچىيمەن. ئەمدىغۇ تەييارلىقىڭ پۈتكەندۇ؟ يەۋاتقىنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولدىغۇ.» /;
`-[ 9%DLdc\z; « بولدى!» -بوۋاي بۇ سۆزنى ئۈنلۈك ۋارقىراپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تانىنى يىغىشقا باشلىدى، تانىنى بىر مېتىردەك يىغقاندىن كېيىن ، يەنە تارتقىلى تۇردى، ئىككى پۇتى بىلەن تىرەجەپ تۇرۇپ، ئىككى قولىنى نۆۋەت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تانىنى ئالدى-كەينىگە قارىماستىن تارتتى. Q;=3vUN 9.Yn]O تېخىچە بېلىقنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. دەل شۇ پەيىتتە، بېلىق ئاستا-ئاستيا ئۈزۈپ ماڭدى، بوۋاي ئۇنى يۇقىرىغا ئازراقمۇ تارتالماي قالدى. ئۇنىڭ چوڭ بېلىقلارنى تارتىشىغا ئىشلىتىدىغان بۇ تانىسى ئىنتايىن مەزمۇت بولغانلىقتىن، ئۇنى مۈرىسىگگ ئېلىپ مەھكەم تارتىپ تۇردى. تانا چىڭ تارتىلغانلىقتىن، سۇ ئۈنچىلىرى ھەر تەرەپكە چاچرايتتى. بىردەمدىن كېيىن تانىدىن چىرسلاپ ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى. بىراق بوۋاي، تانىنى مەھكەم تۇتقان پېتى قېيىققا ئولتۇرۋېلىپ، جېنىنىڭ بارىچە تىركىششەتتى، ئارقىدىن ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ تارتتى. قېيىق ئاستا-ئاستا غەربىي شىمال تەرەپكە قاراپ سىلجىغىلى تۇردى. S=3 H.D!f :7pt=IA بېلىق تىنماستىن ئۈزەتتى. قېيىق بىلەن بوچاي تىنچ سۇدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىپ باراتتى. باشقا بېلىق يەملىرى سۇ ئىچىدە قالدى، ئۇنى يىغىشتۇرۇشقا ھېچقانداق چارە يوق ئىدى. j4E`O%@^ eKL3Y_5p@ «بۈگۈن ھېلقى بالا بىللە بولغان بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە؟! –بوۋاي ئەلەم بىلەن ۋارقىراپ تاشلىدى،- بېلىق مېنى سۆرەپ مېڭىۋاتىدۇ، شۇ تاپتا مەن مال باغلاپ قوياۇ، ياق، بېلىق تانىنى ئۈزۈۋەتسە قانداق قىلىمەن؟ جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويماي، ئۇنىڭغا تانا لازىم بولسا تانىنى بىر ئاز ئۇزارتىپ بېرەي. ھەر نېمە بولسا خۇداغا شۈكرى، ئۇ تېخى ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ، دېڭىز ئاستىغا كىرىپ كەتكىنى يوققۇ» \0z<@)r+AJ WR}<^ax بوۋاي بىردەمدىن كېيىن يەنە : مۇبادا ئۇ سۇ ئاستىغا كىرىپ كەتسە قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇنى ئۇقمايمەن. ئەگەر قىلشىم كېرەك، بۇنىمۇ ئۇقمايمەن. بىراق جەزمەن بىر چارە تېپىشىم كېرەك. مەن قىلالايدىغان ئىشلار تېخى كۆپقۇ، دەپ ئويلىدى. Z)G@ahOQ C
^ Oy.s ئۇ دولىسىدىكى قارماق تانىسىنى چىڭ تۇتقان ھالدا، تانىنىڭ سۇغا قىيپاش چۆكۈپ تۇرغانلىقىغا، قېيىقنىڭ ەربىي شىمال تەرەپكە كېتىۋاتقىنىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى. xU'% 6/G a/U4pSug ھەي، ئۇ ئۆز جېنىغا زامىن بولىدىغان بولدى،- دەپ ئويلىدى بوۋاي،- ئەبىدىل-ئەبەت قېيىقنى سۆرەپ كېتىۋەرمەيدۇ-دە. 1^ y^b{ "M=1Eb$6= ھالبۇكى، تۆت سائەتتىن كېيىنمۇ بۇ چوڭ بېلىق ئاۋۋالقىدەكلا قېيىقنى سۆرەپ، تەمتىرىمەستىن پايانسىز دېڭىزدا ئۈزۈپ كېتىپ باراتتى. بوۋاي بولسا قىلچە بوشاشماستىن دولىسىدىكى تانىنى تارتىپ تۇراتتى. f9La79v U
)J/so) « مەن ئۇنى چۈشتە قارماققا ئىلغان ئىدىم، بىراق تېخىچە ئۇنى كۆرەلمەيۋاتىمەن»-دېدى بوۋاي. oVeC@[U p=]z`t ئۇ، بېلىق قارماققا ئىلنىشتىن بۇرۇن چىغ قالپىقىنى بېشىغا مەھكەم كىيۋالغان ئىدى، چىغ قالپاق ئەمدى ئۇنىڭ پېشانىسىنى قىسىپ ئاغرىتىشقا باشلىدى. بوۋاي، قاتتىق چڭقاپ كەتكەنلىكتىن، تانىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ ئاستا تىزلىنىپ ، بوتۇلكىغا قولى يەتكۈدەك يەرگىچە ئۆمىلەپ باردى-دە، بىر قولى بىلەن بوتۇلكىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، سۇدىن ئازراق ئىچىۋالغاندىن كېيىن، يەنە قېيىقنىڭ باش تەرىپىگە بېرىپ چۈشۈرۋالغان ماچتا بىلەن يەلكەنگە يۆلىنىپ ئولتۇردى. شۇ تاپتا ئۇ پۈتۈن ئەس-ھوشىنى يىغىپ، چىشىنى چىشلەپ كېتىپ باراتتى. |]j2T8_= |M(0CYO ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، يەر-زېمىننىڭ ئاللىقاچان كۆزدىن غايىب بولغانلىقىنى بىلدى. \Qei}5P, [M&.'X بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،-دەپ ئويلىدى ئۇ،- مەن بەرىبىر ھاۋانىڭ چىراقلىرىنى نىشان قىلىپقايتىپ كېلەلەيمەن. يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن كۈن پاتىدۇ، بەلكىم ئۇ كۈن پېتىشتىن بۇرۇن چىقىپ قالار، يا بولمىسا ئاي چىققانداق چىقىپ قالار، ھېچ بولمىغاندا ئەتە كۈن چىققان چاغدىغۇ چىقىپ قالار. مېنىڭ پېيىم تارتمايدۇ، كۈچ –قۇدىرىتىممۇ يېتەرلىك. ھەر ھالدا قارماق ئۇنىڭ ئاغزىغا ئىلىندى، بىراق ئۇ تانىنى يەنىلا سۆرەپ كېتىپ بارىدۇ، قارىغاندا بەك چوڭ بېلىىق بولسا كېرەك، نېمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئاغزىغا قارماق مەھكەم كەپلەكلىك، ئۇنى بىر كۆرسەم بولاتتى. مېنىڭ قارمىقىمغا ئىلىنغىنى زادى قانداق بېلىق ئىكەنلىگىنى بىر كۆرۈپ باققۇم بار. غىل-پاللا كۆرۈۋالساممۇ مەيلىتى. #lO~n.+P R]"3^k* بوۋاينىڭ يۇلتۇزلارغا قاراپ چىقارغان ھۆكۈمىدىن قارىغاندا، بۇ چوڭ بېلىق كېچىچە يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. كۈن پېتىپ، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، بوۋاينىڭ ئۈستىدىكى تەرلەر قۇرۇپ، غولى ۋە پۇت-قولىلىرى مۇزلىغىلى تۇردى. كۈندۈزى ئۇ بېلىق يېمى ساقلايدىغان ساندۇقنىڭ ئۈستىدىكى تاغارنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ قويغان ئىدى. كۈن پاتقاندىن كېيىن ئاشۇ تاغارنى دولىسىغا بېسىپ تۇرغان تانىنىڭ ئاستىدىن پەم بىلەن ئۆتكۈزۈپ تارتىۋالدى، ئاندىن قېيىقنىڭ گىرۋىگىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، خېلى ئارام تاپقاندەك بولدى. بۇ ئەلۋەتتە ، ئىلاجسىزلىقتىن قىلۋاتقان ئىش ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى ئاز-تولا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس ققىلدى ۋە : ماڭا بوي بەرمەيۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا بوش كەلمەيۋاتىمەن. ئۇ مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، ھەر ئىككىمىز ئامال قىلالمايمىز دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈردى. T {zz3@2? ئۇ ئازراق ئۆرە تۇرغاندىن كېيىن، قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ سۇغا قارىتىپ كىچىك تەرەت قىلدى ۋە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ كېتىۋاتقان يۆلۈنۈشنى پەرق ئەتتى. ئۇنىڭ دولىسىدىن سىرىلىپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان قارماق تانىسى، سۇدا فوسفور ئوتىدەك نۇر چاقىنىتاتتى. شۇ تاپتا قېيىق تېخىمۇ ئاستىلاپ قالغان ئىدى، ھاۋانانىڭ چىراقلىرى خىرە كۆرۈنەتتى. بوۋاي، دېڭىز ئېقىننىڭ قېيىقنى شەرققە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ھاۋانانىڭ چىراقلىرى كۆرۈنمىسە، شەرق تەرەپكە كېتىپ بارغان بولىمىز. مۇبادا بېلىق، يۆنۈلۈشنى ئۆزگەرتىمىسە، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن چىراقلارنى چوقۇم كۆرەلەيمەن، -دەپ ئويلىدى بوۋاي،- لېيچۇر مۇسابىقىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالدىم – دە. رادىيو بولغان بولسا، ئاڭلىسام قانچە يايراپ كېتەتتىم...ھەي، ئەجەپ يوق ئىشلارنى ئويلاپ كەتتىمغۇ، ھازىر قىلۋاتقان ئىشىم توغرۇلۇق باش قاتۇرسام بولمىدىمۇ. ئەخمىقانە ئويلاردا بولۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ^4[|&E: fQ_(2+FM بىردەمدىن كېيىن ئۇ ، يەنە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ سۆزلىگىلى تۇردى : «ياشىنىپ قالغان ئادەم يالغۇز قالسا ئەپلەشمەيدىكەن –دە! بىراق، بۇمۇ بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. جېنىمنى ئاسراش ئۈچۈن ، توڭگۇل بېلىقلىرىنى چىرىمىگەن ۋاقتىدىلا يەۋېتىشنى ھەرگىز ئېسىمدىن چىقارماي. قېرى ، يادىڭدا تۇرسۇن، قانچىلىك يېيەلىشىڭدىن قەتئىنەزەر، ئەتە ئەتىگەن ئۇنى يەۋېتىشىڭ كېرەك، ئۇنتۇپ قالما! » x$=""?dd #Iwxt3K بىر چاغدا قېيىقنىڭ ئەتراپىدا بىر جۈپ كىچىك يۇنۇس بېلىقى پەيدا بولدى، ئۇ ، يۇنۇس بېلىقلىرىنىڭ شۇڭغۇغان ، سۇ پۈركىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى. چۈنكى، بوۋاي ئەركەك بېلىقلارنىڭ شاۋقۇن سېلىپ سۇ پۈركىگەن تاۋۇشى بىلەن چىشى بېلىقلارنىڭ سۇ پۈركىگەتن چاغدىكى نازاكەتلىك تاۋۇشىنى ئېنىق ئايرىيالايتتى. &
@/25Y2 fe!{vrS « ئۇلار بەكمۇ ئىناق ئۆتىدۇ،-دېدى ئۇ،-بىللە ئوينايدۇ، بىللە كۆڭۈل ئاچىدۇ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. خۇددى ئۇچار بېلىقلارغا ئوخشاشلا، ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.» 2^4OaHY88 \TnRn(Kw ئارقىدىن ئۇ قارماقتىكى چوڭ بېلىققا ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى : « قالتىس بېلىقكەن بۇ، ھەيران قېلىۋاتىمەن. نەچچە ياشقا كىرگەندۇ؟ مەن ئەزەلدىن بۇنداق يامان ، بۇنداق چىرايلىق بېلىقنى كۆرگەن ئەمەسمەن. بەلكىم ئۇ، بەك تادان بولسا كېرەك، زادىلا ئۆزىنى ئۇپراتمىدى. ئۇ بىرەر قېتىم سەكرەپ چىقىدىغان ياكى ئالدىغا بىر شۇڭغۇيدىغان بولسا، مېنى تۈگەشتۈرگەن بولاتتى. بۇرۇن قارماققا تولا ئىلنىپ قالغان بېلىق بولسا، مۇشۇنداق سۆرىشىپ يۈرۈشنى ، مەن بىلەن ئېلشىشىنىڭ ئەڭ ئېسىل چارىسى دەپ قاراۋاتامدىكىن-يە؟ بىراق ئۇ رەقىبنىڭ يالغۇز بىرلا كىشى ئىكەنلىگىنى ، يەنە كېلىپ بىر قېرى ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلمەيۋاتقان بولۇشىمۇ ئېھتىمال. بۇ بېلىق نېمى دېگەن چوڭ، گۆشى ئوبدان چىقسا بازاردا خېلى پۇلغا يارايدۇ، ئۇنىڭ بېلىق يېمىنى يېيىشىدىن قارىغاندا ئەەركەك بېلىقتەك قىلىدۇ، تانىنى تارتىشمۇ ئەركەك بېلىققا ئوخشاۋاتىدۇ، ھەركىتىمۇ بەك سالماك. ئۇنىڭ بىرەر غەرىزى بارمىدۇ ياكى ماڭا ئوخشاش ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلۋاتقانمىدۇ؟ » nV3I6 +S
],){ بوۋاي ئىلگىرى بىر جۈپ ساقاڭقۇر بېلىقىنىڭ بىرىنى قارماققا ئىلندۈرگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ قالدى. ئەركەك بېلىق بىرەەر يەم ئۇچىرىغاندا ھامان ئاۋۋال چىشى بېلىققا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقتىن ، شۇ چاغدا قارماققا ئىلنىپ قالغىنىمۇ دەل چىشى بېلىق ئىدى. ئۇ، قارماققا ئىلنىپ قالغاندىن كېيىن، غالجىرلىشىپ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ قۇتۇلالماي ھالىدىن كېتىپ قالغان. ئەركەك بېلىق بولسا، چىشى بېلىقنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەي، ئۇزۇنغىچە قارماقنى ئايلىنىپ يۈرگەن. ئۇ، قارماقنىڭ چۆرىسىدە پىرقىراپ يۈرگەندە، بوۋاي ئۇنىڭ قۇيرۇقى بىلەن بىر ئۇرۇپلا تانىنى ئۈزۈۋېتىشتىن بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ چوڭ-كىچكلىكى ، شەكلى ۋە ئورغاققا ئوخشايدىغان قۇيرۇقى ، ئەمىليەتتىمۇ ئورغاقتەك ئىتتىك ئىدى. بوۋاي، چىشى بېلىقنىڭ تېنىگە ئارا تىقىپ، شەمشەردەك ئاغزى، قانىتى ۋە پۈتكۈل باش-كۆزىنى كالتەكلەپ كۆكەرتىۋەتكان، ئاندىن بالا بىلەن بىرلىكتە ئۇنى قېيىققا سۆرەپ چىققان. ھېلقى ئەركەك بېلىق بولسا، شۇ چاغقىچە قېيىقنىڭ يېنىدىن چۆرگىلەپ كېتەلمىگەن ئىدى. بوۋاي، تانا، ئارا ۋە باشقا يەنە تىك كۆتىرىلىپ چىقىپ، چىشى بېلىقنىڭ سوزۇلۇپو ياتقىنىنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن سۆسۈن قاناتلىرى كېرىلگەن، ومۇرلىرى كۆپكەن ھالدا شۇڭغۇپ، سۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي : بۇ ئىشنى ئويلىساملا ئىچىم سىيىرىلىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا بالىمۇ قاتتىق ئازابلانغان ئىدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ ، شۇ زاماتلا سويۇۋەتكەن ئىدىم. دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. pgEDh^[MW SmVL?wf « بالا بۇ يەردە بولغان بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە» -دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئۇ قېيىقنىڭ بېشى تەرەپتىكى قېلىن تاختايغا چىڭ يۆلىنىپ تۇرۇپ، دولىسىنى بېسىپ تۇرغان رانىنىڭ سالىمىغىدىن بېلىقنىڭ ئېغىرلىقىنى قىياس قىلدى. قارماق تانىسى بولسا ئاشۇ چوڭ بېلىق تاللىغان يۆلۈنۈشنى بويلاپ لەرزان كېتىپ بارماقتا ئىدى. 0Ait7` )%vnl~i! مەن ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن، ئۇمۇ ئۆز يولىنى تاللىشى كېرەك، دەپ ئويلاشقا باشلىدى ئۇ يەنە،- ئۇنىڭ تاللىغىنى ھەر قانداق توزاق، ئالدامچىلىق ۋە ھىيلە-نەيرەڭ توساپ قالالمايدىغان قاراڭغۇ سۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىشتىن ئىبارەت. مېنىڭ تاللىغىنمچۇ؟ مېنىڭ تاللىغىنىم ئادەمزات بېرىپ باقمىغان جايلارغا بېرىپ باقمىغان يەرلەرگە بېرىشتىن ئىبارەت. نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قاپتىمەن، چۈشتىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇۋاتىمەن. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ياردەمچىسى يوق. ئەسلى مەن بېلىق تۇتىدىغان ئىشنى قىلمىسام بوپتىكەن. بىراق كىچىكىمدىن تارتىپلا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ كېلىۋاتىمەن. تاڭ ئېتىشىنى كۈتمەيلا توڭگۇل بېلىقىنى يەۋېتىشنى زادى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويماي... uS7kkzt-x
]Gf`nJDV تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغاندا ئاللىقانداق بىر نەرسە قېيىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن تاشلانغان بېلىق يېمىنى تارتقاندەك قىلدى –دە، بادىرىنىڭ سۇنغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، قارماق تانىسى قېيىقنىڭ گىرۋىكىدىن تېز-تېز سىرىلىپ چۈشۈشكە باشلىدى.بوۋاي قاراڭغۇدا پىچىغىنىڭ غىۋىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى ۋە چوڭ بېلىق ، سول گەجگىسىگە چۈشۈرۈپ تۇرغان ئېغىرلىققا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ، تانىنى قېيىقنىڭ گىرۋىكىگە قويۇپ كېسىۋەتتى ۋە ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان يەينە بىر تال تانىنى چورتلا ئۈزدى –دە، تىمىسىقلاپ يۈرۈپ، يۆگەكلىك زاپاس تانىنىڭ بوش تۇرغان ئىككى ئۇچىغا چەگدى. بىر قولىدا ئەپچىللىك بىلەن ئىلمەك چىقىرىپ، بىر پۇتىدا يۆگەكلىك تانىنى دەسسەپ تۇرۇپ ئىلمەكنى چىڭىتتى. شۇ تاپتا ئۇ ئالتە يۆگەم تانىنى باشقۇرۇۋاتاتتى. تانىلارنىڭ ھەممىسى بىر –بىرىگە چېتىۋېتىلگەن ئىدى. P(cy@P,D ZaF9Q% ئۇ : 40 فاتخوم چڭقۇرلۇقتىكى بېلىق يەملىرىنى، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ بىر نەرسە قىلاي، بولمىسا ئۇنىمۇ كېسىپ تاشلاپ، زاپاس تانىغا چېتىپ قوياي. كاتالونىيىدىن كەلتۈرۈلگەن 200 فاتخوم ئۇزۇنلۇقتىكى ئوبدان تانام بىلەن قارماق ۋە توم سىملىرىنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتى. ئۇ نەرسىلەرنى كېيىنچە بېرىپ ئىزلەپ باقاي. بىراق قارمىقىغا باشقا بېلىقلار چۈشۈپ قالسا، ئۇ بېلىقنىڭ سۇنى چالغىتىشى بىلەن ھېلقى چوڭ بېلىقنى يوقىتىپ قويسام، ئۇنى نەلەردىن ئىزلەپ يۈرىمەن؟ باياتىن قارمىقىمغا چۈشكىنى قانداقراق بېلىقتۇ؟ ساقاڭقۇرمىدۇ، ئوق-يا بېلىق ياكى لەھەڭمىدۇ؟ زادى ئۇقالمايۋاتىمەن. ھايت –ھۇيت دېگىچە ئۇ تانىنى ئۇزارتىپ بېرىپتىمەن، دەپ ئويلىدى. XeX`h_ N5. B"l ئۇ يەنە ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ سۆزلىدى : " بالا بۇ يەردە بولغان بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە! بىراق بۇ يەردە بالىنىڭ قارىسىمۇ يوق» -دەپ خىيالىنىە داۋاملاشتۇردى ئۇ : بۇ يەردە تەنھا ئۆزۈڭ تۇرۇۋاتىسەن، ئەڭ ياخشىسى سەن بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تانىنى يىغشتۇرۋالغىنىڭ تۈزۈك، قانچە قاراڭغۇ بولۇشىغا قارىماي ئۇنى كېسىپ تاشلاپ، ئىككى يۆگەملىك تانىغا چېتىپ قويۇشۇڭ كېرەك. u6SQq-)d -tfUkGdx;l ئۇ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلدى. قاراڭغۇ كېچىدە بىر ئىش قىلىش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق. بۇ چاغدا ھېلقى بېلىق، بىر ئىغاڭلاپ دولقۇن ھاسىل قىلىپ، بوۋاينى قېيىققا دۈم سالدى، بوۋاينىڭ قاپىقىنىڭ ئاستى يېرىلىپ كەتتى ۋە قان چىقىپ قوۋزىنى بويلاپ چۈشۈپ ئىڭكىگە كېلەي دېگەندە قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ، تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ قېيىقنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىرۋەككە يۆلىنىپ ئولتۇردى-دە، دولىسىدىكى تاغارنى تۈزەشتۈرۈپ، قارماق تانىسىنى پەم بىلەن دولىسىنىڭ باشقا يېرىگە يۆتكىۋالغاندىن كېيىن ، تانىنى دولىسى بىلەن مەھكەم تىرەپ تۇرۇپ، بېلىقنىڭ ھەرىكىتىنى سىناپ كۆردى، ئاندىن قولى ئارقىلىق قېيىقنىڭ سۇدىكى سۈرئىتىنى بىلىپ باقتى. E8BIb 'b; |Wr$5r ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قېيىقنى ئىككى ياققا تەۋرىتىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتىمەن،- دەپ ئەلەم بىلەن ئويلىدى ئۇ،- قارماق تانىسى بەلكىم ئۇنىڭ كەڭ دۈمبىسىدە سېرىلىپ تۇرمايۋاتقان بولسا كېرەك. دەېۋەقە ، ئۇنىڭ دۈمبىسى مېنىڭكىدەك ئاغرىمايۋاتقاندۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېنى ھەر قانچە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ، قېيىقىمنى ئەبەدىل –ئەبەت سۆرەپ يۈرۈۋەرمەيدۇ، مانا ئەمدى ماڭا ئاۋارىچىلىق تېرىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن خالىي بولدۇم، بىر يۆگەم زاپاس تاناممۇي بار. بىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە ھەر قانچە بولغاندىمۇ شۇنچىلىك بولىدىغاندۇ؟ LGK@taw^ &f2:aT) « ئەي بېلىق،- دېدى ئۇ يېقىملىق ئاۋازدا،- مەن ئۆلسەممۇ سەن بىلەن بىللە ئۆلىمەن. » K&eT*JW> )qe
rA ئاندىن ئۇ يەنە : پەرزىمچە، ئۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا تاڭ ئېتىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. مانا سۈبھى ۋاقىتمۇ بولاي دەپ قالدى، ھاۋامۇ سوۋۇپ كەتتى،- دەپ ئويلىدى ۋە كالتەككە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئىسسىنىۋالدى،- ئۇ قاچانغىچە چىدىيالىسا مەنمۇ شۇ چاغقىچە چىدىيالايمەن. PQp/&D4K b~r:<:; تاڭ سۈزۈلۈپ كېلۋاتقاندا، قارماق تانىسى سۇ ئۈستىدە غىل-پال كۆرۈنگەندەك قىلىپ، يەنە سۇغا چۆكۈپ كەتتى. قېيىق ئۈزلۈكسىز ئالغا كېتىپ باراتتى. بىردەمدىن كېيىن كۈن چىقتى ۋە كۈننىڭ نۇرى بوۋاينىڭ ئوڭ دولىسىغا چۈشتى.
3?&v:H NfnPXsad « ئۇ شىمال تەرەپكە كېتىپ بېرىپتۇ،- دېدى بوۋاي،- دېڭىز ئېقىمى بىزنى مەڭگۈ شەرققە ئېلىپ بارىدۇ، مەن بېلىقنىڭ دېڭىز ئېقىمىنى بويلاپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھال ئۇنىڭ چارچىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. » z%#-2&i R:$E'PSx كۈن خېلى ئۆرلىگەن چاغدىلا بوۋاي، بېلىقنىڭ تېخى چارچىمىغانلىقىنى بىلدى، بىراق بۇ چاغدا بىر ياخشى ئەھۋالدىن بېشارەت بولدى. يەنى قارماق تانىسىنىڭ يانتۇلۇغى، بېلىقنىڭ خېلىلا تېيىز يەرگە بېرىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بۇ خىل ئەھۋال بېلىقنىڭ سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتەتتى. T*%rhnTv0 /QWXEL/M= «بولسا سەكرەپ چىقسۇن،-دېدى بوۋاي،- مەندە ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك تانا بار.» g?Tev^D ئۇ : قارماق تانىسىنى سەل-پەللا تارتىپ قويسام ، ئۇنىڭ چىشى قېرىشىپ سەكرەپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. مانا ھازىر كۈپ-كۈندۈز بولۇپ كەتتى. چىقسىمۇ –چىقسۇن. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىچىگە ھاۋا تولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ دېڭىز ئاستىغا كىرىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشىمۇ ناتايىن، دەپ ئويلىدى. qdn_ZE "w%:5~u9 ئۇ، تانىنى كۈچەپ تارتتى، بىراق تانا، بېلىق قارماققا چۈشكەندىن تا ھازىرغىچە ئوق-يانىڭ كىرىچىدەك چىڭ تارتىقلىق تۇرغانلىقتىن ، ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى. كېيىن ئۇ تانىنى ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ تارتىپمۇ قىمىزلىتالمىدى. ئۇ : ئەمدى تانىنى قوپاللىق بىلەن تارتسام بولمايدۇ، ئەگەر كۈچەپ بىر تارتسام ، بېلىقنىڭ قارماققا ئىلنىغان ئاغزى كەڭرىپ كېتىدۇ –دە، مۇبادە ئۇ راستتىن سەكرەپ چىقىدىغان بولسا، قارماق ئۇنىڭدىن ئاجراپ كېتىشى مۇمكىن. چاتىغىم نېمە؟ كۈن تېخى كۆزنى چاققۇدەك ئەمەس، كۈنگە تىكىلىپ قارىمىساملا بولمىدىمۇ، دەپ .ويلىدى. r{^43g? B{R [z%Y قارماق تانىسىغا سېرىق رەڭلىك دېڭىز يۇسۇنلىرى چىرمىشىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي بۇ نەرسىلەرنىڭ بېلىقنى ئۆزىگە ئىلنۇشتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، ناھايىتى خۇشال بولدى، بۇ خىل قىلسىمان يۇسۇنلار قاراڭغۇ تۈندە كۆپلەپ فوسفور نۇرى تارقىتاتتى. a#"orc j nj:w1E/R « بېلىق، ئەي بېلىق، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سېنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيمەن، بىراق بۈگۈن سېنى ئۆلتۈرمەي قويمايمەن" –دېدى بوۋاي ۋە : ئاشۇنداق قىلالارمەنمۇ؟ دەپ ئويلىدى. hPSMPbI @;` 's كىچىك بىر قۇش شىمال تەرەپتىن قېيىق تامان ئۇچۇپ كەلدى. ئۇ سۇ يۈزىنى بويلاپ پەس ئۇچاتتى. بوۋاي ئۇنىڭ تازا چارچاپ كەتكەنلىگىنى بايقىدى. Q5T3 %K4M`R
|2] قۇش، قېيىقنىڭ تۇمشۇقى ئۈستىگە كەلگەندە ، سەل توختىۋالدى –دە، كېيىن يەنە قوزغىلىپ بوۋاينىڭ ئۈستىدە بىر پەس ئايلىنىپ يۈردى، ئاخىر قارماق تانىسىنىڭ ئۈستىگە لەپپىدە قوندى. mf$YsvPq*+ MGsQF #6] «نەچچە ياشقا كىردىڭ، تۇنجى قېتىم يىراققا سەپەر قىلىشىڭ ئوخشىمامدۇ؟» - دەپ سورىدى بوۋاي، قۇشتىن. ,\iHgsZ mdEJ'];AH ئۇ گەپ قىلۋاتقاندا، قۇش ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. قۇش بەك ھېرەپ كەتكەنلىكتىن، تانىنىڭ چىڭ تۇرغان –تۇرمىغانلىقىغىمۇ قارىماستىن قونۇۋەرگەن ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ كىچىك پۇتلىرى بىلەن تانىنى قاماپ، تانا ئۈستىدە ئىغاڭلاپ تۇراتتى. 6!"wiM"] H5x7)1
Ir| « تانا چىڭ،- دېدى بوۋاي، قۇشقا،- ئىنتايىن چىڭ ، ئاخشام شامال چىقمىغان تۇرسا نېمانچە چارچاپ كەتتىڭ؟ قىزىق ئىش ، قۇشلار نېمىشقا شۇنچە قوتقۇنچاقمۇ. » {73V?#P4 %m
|I=P ئاندىن ئۇ : سانىڭ دېڭىز ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى ئىزلەيدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى. لېكىن بۇ ئويىنى قۇشقا ئېيتمىدى، چۈنكى قۇش، بەرىبىر ئۇنىڭ گېپىنى ئۇقمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇشمۇ بىردەمدىن كېيىنلا سانىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ يېتەتتى. ]@Zv94Z( nU>P%|loXx « بىردەم ئوبدان ئارام ئالغىن قۇشچاق،-دېدى ئۇ، -ئاندىن ئۆزەڭگە كېلىدىغان پۇرسەتنى سىناپ كۆر، ئادەم، قۇش، بېلىق ھەممىسىلا ئاشۇنداق ئەمەسمۇ؟ » w li cuY? '|SO7}`;Q بوۋاينىڭ كېچىچە ئۇمۇرتقىلىرى ئۇيۇشۇپ، شۇ تاپتا خېلى بەك ئاغرىۋاتقانلىقتىن، سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى. |MZ1j(_ zkRAul32| « قۇشقاچ مۇبادا، خالىساڭ مېنىڭ كەپەمدە تۇرغىن،- دېدى ئۇ يەنە،-سېنىڭ ئالدىڭدا خىجالەتمەن، چۈنكى ھازىرقىدەك سەلكىن شامال چىقىۋاتقان چاغدا يەلكەننى چىقىرىپ، سېنى پانايىمغا ئېلىپ كەپەمگە ئېلىپ كېتىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن، ئاخىر ، ماڭا بىللە تۇرىدىغان بىر دوست بەكمۇ زۆرۈر-دە!» %v8& $z%(He دەل شۇ پەيىتتە ، ھېلقى چوڭ بېلىق توساتتىن تانىنى كۈچەپ سىلكىگەنلىكتىن قېيىق قاتتىق تەۋرەپ كەتتى، بوۋاي، قېيىقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يىقىلىپ چۈشتى، شۇ تاپتا ئۇ تىرەجەپ تۇرۇپ، تانىنى ئۇزارتىپ بەرمىگىنىدە ، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنمۇ بولاتتى. Vn^GJ'^ A O:F*%Q u تانا قاتتىق تارتىلغاندا قۇش ئۇچۇپ كەتتى، بىراق بوۋاينىڭ ھازىر ئۇنىڭغا قاراشقا چولىسىمۇ يەتمەيتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوڭ قولى بىلەن قارماق تانسىنى تارتىۋىدى، قولىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. Nbpn"*L,
:RnUNz « بىر نەرسە ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى بولغاي »-دېدى بوۋاي ئۈنلۈك ئاۋازدا. ئۇ، تانىنى تارتىۋېتىپ، بېلىقنى باشقا تەرەپكە بۇرىغىلى بولىدىغان –بولمايدىغانلىقىنى سىناپ كۆردى. لېكىن ئۇ، تانىنى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك چىڭ تارتىپ بولغاندىن كېيىن قىمىر قىلماي ئارقىسىغا تىرەجەپ تۇرۇپ، تانىنىڭ تارتىلىش كۈچىگە تاقابىل تۇردى. _aFe9+y i&:SWH=
« بېلىق، سەنمۇ ھازىر قىينىلىۋاتىسەن،-دېدى ئۇ،- راستىنى ئېيتسام، مەنمۇ ناھايىتى قىيىنىلىۋاتىمەن.» OvX&5Q5 inGUN?? ئۇ، قۇشنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانلىقتىن ، ئەتراپقا سەپسېلىپ ئۇنى ئىزلىدى، بىراق قۇش ئاللىبۇرۇن ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. n&:ohOH% 9)oi_U. سەن بۇ يەردە ئۇزاق تۇرمايلا كېتىپ قالدىڭ،- دەپ ئەلەم بىلەن ئويلىدى بوۋاي،- ھالبۇكى سەن قىرغاققا يېتەي دېگەندە، قاتتىق بوران، دەھشەتلىك دولقۇنلار پەيدا بولىدۇ. نېمىقىمۇ بېلىقنى كۈچەپ تارتىمەن دەپ قولۇمنى يېغىر قىلۋالغاندىمەن. بەك دۆت ئىكەنمەن. ئېھتىمال ئاشۇ قۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، شۇنىلا ئويلىغانلىقىمدىن شۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئۆز ئىشىمغا پەخەس بولاي، بىر ئازدىن كېيىن توڭگۇل بېلىقىنى يەۋالسام بۇنچىمۇ ھالسىراپ كەتمەسمەن. gE6'A SI!A?34 « بالا بۇ يەردە بولسا ئەجەپ ياخشى بولاتتى-ھە، مانا شۇ تاپتا ئازراق تۇز بولغان بولسا...» دېدى ئۇ يەنە. ئۇ، قارماق تانىسىنى سول مۈرىسىگە يۆتكىدى ۋە پەم بىلەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قولىنى دېڭىز سۈيىدە يۇيدى ۋە قولى سۇدا تۇرغان بىر مىنۇتچە ئارىلىقتا، دېۇىز سۈيىگە ئارىلىشىپ ئېقىۋاتقان قانغا ھەم قېيىققا ئەگىشىپ ئېقىۋاتقان دېڭىز سۈيىنىڭ قولىنى چايقاپ ئۆتۈۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇردى. "TA0--6 I}_}VSG( « ئۇ خېلىلا ئاستىلاپ قاپتۇ»-دېدېى بوۋاي. 'f INA3^p'w ئۇ، قولىنى دېڭىز سۈيىگە ئۇزۇنراق تۇرۇشنى بەكمۇ خالايتتى. بىراق بېلىقنىڭ قېيىقنى يەنە سىلكېۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئورنىدىن دەس تۇردى –دە، گەۋدىسىنى كېرىپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاپتاپتا قۇرۇتتى. ئۇ، ئىش قىلغاندا قوللىرىنىڭ بىھۇدە يارا بولۇپ كېتىشنى خالىمايتتى. ئەپسۇسكى، قولىنىڭ قارماق تانىسى كېسىۋەتكەن يېرى تولا ئىشلەيدىغان يەر ئىدى. %M
iv8 W0f^!}f( « بولدىلا،- دېدى ئۇ قولىنى قۇرۇتۇۋېتىپ،-ئەمدى توڭگۇل بېلىقىنى يېمىسەم بولمىدى. ئۇنى قارماققا ئىلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تازا ھۇزۇرلىنىپ يەۋالاي». {32
m&a |,$&jSe ئۇ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قېيىقنىڭ تۇمشۇغىدىكى توڭگۇل بېلىقىنى قارماققا ئىلدى-دە، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن يۆگەكلىك قارماق تانىسىغا تەككۈزمەي، يېنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە مۈرىسىدىكى تانىنى سول قولى بىلەن كۈچەپ تارتىپ تۇرۇپ، توڭگۇل بېلىقىنى قارماقتىن چىقىرىۋېلىپ، قارماقنى يەنە ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويدى. ئاندىن توق قىزىل رەڭلىك بېلىقنى تىزىغا قويۇپ تۇرۇپ، بېشىدىن تارتىپ تاكى قۇيرۇقىغىچە شىنا شەكلىدە ئالتە پارچە قىلىپ كەسكەندىن كېيىن، ئۇلارنى قېيىقنىڭ بېشى تەرەپتىكى تاختايغا قويدى، ئۇستىخانلىرىنى بولسا سۇغا تاشلىۋەتتى. J1G}l5N GTR*3,rw « قارىغاندا، بىر تال بېلىقنى تۈگەپ يەپ بولالمىغۇدەكمەن » -ئۇ سۆزلىگەچ پىچىغىنى قىنىدىن سۇغۇرۋېلىپ، بىر پارچە بېلىق گۆشىنى يەنە پارچىلىدى ۋە قارماق تانىسىنى تارتىۋىدى، پەقەت قىمىرلىمىدى، چۈنكى توساتتىن سول قولىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان ئىدى، شۇ تاپتا ئۇ، تانىغا مەھكەم چاپلىشىپ قالغان سول قولىغا كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ غۇدۇڭشىدى: v%:deaF
(X "J)xaQ « بۇنى قانداقمۇ قول دېگىلى بولسۇن، پېيىڭ تارتىشسا تارتىشىۋەرسۇن، قۇشلارنىڭ تىرنىغىغا ئايلىنىپ كەت، بۇنىڭ ساۇا ھېچبىر پايدىسى يوق." G?}?>
O BzfR8mD تېزرەك بولاي،- دەپ ئويلىدى. ئۇ يەنە ۋە قاپ-قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە قىيپاش سوزۇلۇپ ياتقان تانىغا قاراپ قويدى،- بۇنى تېزرەك يەۋەتسەم، قولۇمغا جان كىرىپ قالار، بۇ قولۇمدىن ئاغرىنساممۇ بولماس. چۈنكى چوڭ بېلىق بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىنىمغا نەچچە سائەت بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەبىدىل-ئەبەت ھەپىلىشىدىغان گەپ. توڭگۇل بېلىقىنى تېزرەك يەۋېتەي. HS AJ}FHym_ZQ ئۇ بېلىق گۆشىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى ۋە ئېرىنچەكلىك بىلەن چايناپ يۇتۇۋەتتى. گۆشنىڭ تەمى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. 4z(~)#'^ W\~ie}D{ ئوبدان چايناپ، شىرنىسى بىلەن قوشۇپ يەۋالاي. ئەگەر لىمون بىلەن قوشۇپ يېگەن بولسام، يا بولمىسا تۇز سېپىپ يېگەن بولسام تېخىمۇ پەيزى بولاتتى،- دەپ ئويلىدى ئۇ. 3*<@PXpK& C$[iduS « قولۇم، قانداقراق تۇرىسەن،- دەپ سورىدى ئۇ ئۆلۈكنىڭ قولىغا ئوخشاش ياغاچتەك قېتىپ تۇرغان قولىغا قاراپ،- مەن سېنى دەپلا كۆپرەك يەۋاتىمەن. » HDV-qYD|O~
oT\
K P ئۇ يەنە بىر پارچە گۆشنىمۇ يۇمشاق چايناپ يۇتۇۋېتىپ، قاسرىغىنى پۈركىۋەتتى. DujVV(+I
[QxP9EC « قانداقراق، قولۇم؟ يەنىلا بىر نەرسىنى سەزمەيۋاتامسەن؟ » ')v,<{ jVnTpa!A ئۇ يەنە پۈتۈن بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ چاينىغىلى تۇردى. u~OlJ1V gfK_g)'2U بۇ ھەم قېنى كۆپ، ھەم سېمىز بېلىق ئىكەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ھەر نېمە بولسا تەلىيىم كېلىپ بۇنى تۇتۇۋالغان ئىكەنمەن. بىراق بۇ يۇنۇس بېلىقى ئەمەس ئىكەن. يۇنۇس بېلىقى بولغان بولسا قالتىس ياخشى بولاتتى. بۇ بېلىق گالدىن ئاسان ئۆتمەيدىكەن ئەمەسمۇ، ھەر ھالدا ئۇنى يېگەندىن كېيىن، ئادەمگە جان كىرىپ قالىدۇ –دە!...ئەسلى گەپكە كەلسەك، كەچكىچە ئۆز نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق. بىر ئاز تۇز بولغان بولسا كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى. ئېشىپ قالغان گۆشلەەر ئاپتاپتا بۇزۇلۇپ قالارمۇ؟ مانا ئەمدى قورسىقىممۇ توياي دەپ قالدى، بىراق بۇ گۆشنى ئاپتاپقا قاقلاپ قويغاندىن كۆرە، ھەممىسىنى يەۋېتەي. ئاۋۇ بېلىق، شۇ تاپتا بىمالال ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. مەن ھەممە گۆشنى پاك-پاكىز يەپ مادار توپلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشەي. 5)< Y3nU~ ?w(hPUd!2 " قولۇم، چىداپ تۇرغىن،-دېدى ئۇ،- مەن مۇشۇ گۆشنى سېنى دەپلا يەۋاتىمەن! » ;-`NT`
#2 Lan|(
!aW ئۇ : مەن ئۇ بېلىققىمۇ ئامال قىلىپ بىر نەرسە بېرىشنى خالايمەن، ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، بىراق مەن ئۇنى ئۆلتۈرمەي قويمايمەن، ئۆلتۈرگەندىمۇ كۈچۈم بىلەن ئۆلتۈرىمەن، دەپ ئويلىدى ۋە شىنا شەكلىدە توغرالغان بېلىق گۆشلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدىرىماي-تېنىمەي خاتىرجەم ھالدا يەپ تۈگەتكەندىن كېيىن ، بېلىنى رۇسلاپ، قولىنى ئىشتىنىغا سۈرتىۋەتتى. )yyH_Ax2 bK6^<,~ « ھەي قولۇم،- دەپ چاقىردى ئۇ،-تانا بىلەن چاتىغىڭ بولمىسۇن، پېيىڭ يەنە تارتىشىپ قالغۇدەك بولسا، ئۇنىڭغا ئوڭ قولۇم بىلەنمۇ تاقابىل تۇرالايمەن ،» 'a0M.*f}G 60|PVsmDm ئۇ ، سول قولىنى تالدۇرۇپ تۇرغان تانىنى، سول پۇتى بىلەن دەسسەپ تۇرۇپ، ئارقىسىغا تىرەجەپ، تانىنىڭ دۈمبىسىگە چۈشىدىغان سالمىقىنى يېنىكلەتتى. $B?8\>_? _LZ(HTX~ « خۇدا ماڭا ياردەم قىلغىن، پېيى تارتىشىپ قالغان قولۇمنى ئوڭشاپ قويغىن ،- دېدى ئۇ،- بېلىقنىڭ يەنە نېمە ھۈنەرلەرنى كۆرىتىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزمەن. » q`mxN!1[ [5'HlHK بېلىق قىلچە ھودۇقماستىن ئۆز پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلۋاتىدۇ،-دەپ خىيالىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ، - ئۇنىڭ پىلانى نېمىدۇ؟ مەن نېمىنى پىلانلاۋاتىمەن! ئۇ بەك يوغان بېلىقكەن، شۇڭا ، مەنمۇ ئېنىق بىر پىلان تۈزۈپ، ئۇنىڭ پىلانىغا تاقابىل تۇرۇشۇم كېرەك. ئۇ سەكرەپ چىقسىغۇ ئەپچىل باپلايتتىم. بىراق ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ مۇشۇنداق كېتىۋەرگۈدەك، ماڭىمۇ مەڭگۈ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرۈشتىن ئۆزگە ۋارە قالمىدى. (<_kq;XtN0 7~J>Ga ئۇ ، پېيى تارتىشىپ قالغان قولىنى ئىشتىنىغا سۈركەش ئارقلىق ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قولى يەنىلا ئېچىلمىدى. قولۇم كۈ چىققاندا ئېچىلار، توڭگۇل بېلىقىنى ھەزىم قىلىپ بولغىنىمدا ئېچىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر زادىلا ئېچىلمىسا ھەر نېمە قىلىپمۇ ئاچىمەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- بىراق ھازىر زورلاپ ئاچسام بولمايدۇ، ئۆزى ئېچىلىپ قالار. ئۆزى خالىغاندا ياخشىلىنىپ قالار، گەپنىڭ قىسقىسى ، كېچە، قارماق تانىلىرىنى يېشىپ بىر بىرىگە چاتىدىغان چاغدا ئۇنى بەك ئىشلىتىپ كېتىپتىمەن. ]h1.1@ >xc S -mpob) ئۇ، دېڭىزغا نەزەر تاشلاپ، شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ نەقەدەر يەككە- يېگانە ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە قاپ –قاراڭغۇ چوڭقۇر چوڭقۇر سۇ ئىچىدىن چاقنىغان نۇرلارنى ، ئالدى تەرىپىدە يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان قارماق تانىسىنى، شۇنداقلا ، تىنچ دېڭىز سۈيىدىكى غەلىتە داۋالغۇشنى كۆردى. شۇ تاپتا بۇلۇتلار توپلىنىپ، موسسۇن شامىلىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ ئالدى تەرىپىدىكى سۇ يۈزىنى بويلاپ، بوشليققا ھۆسۈن قوشقان ھالدا ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئۆردەكنى كۆرۈپ، دېڭىزغا ھەرگىز يالغۇز چىقماسلىق كېررەكلىگىنى ھېس قىلدى. تاۋا ئۆردەكلەر دەم كۆزدىن غايىب بولۇپ، دەم پەيدا بولاتتى. _R(ZvsOZ ;bG?R0a ئۇ : بەزىلەر قېيىققا ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قۇرۇقلۇقىنى كۆرگىلى بولمايدىغان جايلىرىغا بېرىشتىن قورققىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھاۋا ھامان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ئايلاردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بوران چىقمايدىغان چاغلاردىكى ھاۋارايى، شۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. قارا بوران يېتىپ كېلەي دېگەن مەزگىلدە دېڭىزدا بولساڭ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۆرۈۋالالايسەن. ئۇ كىشلەرگە نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمىگەچكە ، قىرغاقتا تۇرۇپ ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدۇ. قۇرۇقلۇق ، بۇلۇتلارنىڭ شەكلىگە نىسبەتەنمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق ، ھازىر قارا بوران چىقمايدۇ، دەپ ئويلىدى. JAKs [@: evZP*N~G ئۇ، سېنتەبىر ئاسمىنىغا سىنچىلاپ قارىدى، تۆۋەن تەرەپتە خۇددى ئۈستى-ئۈستىگە پەم بىلەن قوندۇرۇلغان ماروژنىلاردەك ئاپپاق بۇلۇت توپلىرى، تۆۋەن تەرەپتە پەيگە ئوخشاش پارچە-پارچە بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرەتتى. 5Q%)|(U' _,0.h*c « سەلكىن شامال،-دېدى ئۇ،- ھەي بېلىق ، بۇنداق ھاۋارايى ساڭا قدرىغاندا ماڭا پايدىلىق،- تېخىچە پېيى تارتىشىپ تۇرغان سول قولىنى ئاستا-ئاستا ئاچتى،- پەي تارتىشىشنى بەك ئۆچ كۆرىمەن. بۇ قاراپ تۇرۇپ ئۆز جىسىمىغا ئاسىيلىق قىلغانلىق. چىرىپ قالغان سەيلەرنى يەپ دېلىپ دېزىنتىرىيە بولۇپ قالسا ياكى قۇسۇۋەتسە، خەقلەرنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشىدىغان گەپ. پەي تارتىشىپ قالسىچۇ؟ بۇ ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى تۆككەنلىك، بولۇپمۇ، تىكەندەك يالغۇز قالغان چاغلاردا. » $- ]G6r ^W=hs9a+F ھەي، شۇ تاپتا بالا بۇ يەردە بولىدىغان بولسا، قولۇمنى ئۇۋىلاپ ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ قويغان بولاتتى، دەپ ئويلىدى ئۇ ۋە تانىنى ئوڭ قولى بىلەن تارتىپ كۆرۈپ ، بىر ئاز بوشاپ قالغىنىنى سەزدى. شۇ ئەسنادا تانىنىڭ سۇدىكى قىيپاشلىق ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ تانىنى بېسىپ باققاندىن كېيىن، سول قولى بىلەن پاقالچىقىغا شاپىلاقلاۋاتقاندا، تانا سۇ يۈزىگە ئۆرلەۋاتقاندەك كۆرۈندى. !wE% &S
*{a « تانا سۇ يۈزىگە چىقىۋاتىدۇ،-دېدى ئۇ ،- تېزرەك چىققىدى، قولۇم، ئوڭشالساڭچۇ! » xcl;~"c* [E تانا ئاستا-ئاستا سۇ يۈزىگە ئۆرلىمەكتە ئىدى، بىردەمدىن كېيىن قېيىقنىڭ ئالدىدىكى سۇ يۈزى كۆتىرىلگەندەك بولدى –دە، ئارقىدىنلا بېلىق كۆرۈندى. ئۇ ، سۇنى يېرىپ، بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەيتتى. ئۇنىڭ بەدىنى ئاپتاپتا پاققىراپ تۇراتتى، بېشى ۋە دۈمبىسى قېنىق بىنەپشە رەڭلىك بولۇپ، بېقىنلىرىدىكى ياپراقچىلار كۈن نۇرىدا سۇس بىنەپشە رەڭ كۆرۈنەتتى. تۇمشۇغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى گويا لېيچۇر كالتىكىگە ، ئۇچلۇقلىقى قىلىچقا ئوخشايتتى. ئۇ ، سۇندىن چىقىپ، ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇپلا، بەئەينى غەۋۋاسلاردەك غىپلا قىلىپ يەنە سۇ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بىراق ئۇنىڭ ئورغاقتەك ئۇزۇن قۇيرۇقى يەنىلا سۇ يۈزىدە تۇراتتى. تانىمۇ ناھايىتى تېز سىرىلىپ چۈشۈۋاتاتتى. [7x;H S +73 /Vs « قېيىقتىنمۇ ئىككى فوت ئۇزۇندەك قىلىدۇ» -دېدى بوۋاي. تانا تېز ئەمما رېتىملىق سىيىرىلىپ چۈشۈۋاتاتتى، بېلىق بولسا قىلچە ئۈركۈمەيتتى. بېلىقنىڭ تانىنى ئۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ، بوۋاي تانىغا ئىككى قوللاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېسىلۋالغان ئىدى. ئەگەرت تانىنى كۈچەپ تارتىپ ، بېلىقنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتمىغاندا، بېلىقنىڭ تانىنى پۈتۈنلەي تارتىپ كېتىپ، ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. blbzh';0} y(K:,CI « مەن ۈۇ چوڭ بېلىقنى بوي سۇندۇرماي قويمايمەن. ئۇنىڭغا قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى، قانداق قىلىپ قولۇمدىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلدۈرمەسلىكىم كېرەك. مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام، يا كۈچۈم بىلەن تانىنى ئۈزۈۋەتمەي قويمايتتىم.ھەر نېمە بولسا خۇداغا شۈكرى، گەرچە ئۇلار ئادەملاردىن بەكرەك ئالىيجاناب، كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئادەملەرگگ ئوخشاش ئەقىللىق ئەمەس،-دەپ ئويلىدى ئۇ. QmPHf*w[ 7.^1I7O بوۋاي نۇرغۇن چوڭ بېلىقلارنى كۆرگەن ئىدى. ھەتتا ئېغىرلىقى مىڭ قاداقتىن ئارتۇق كېلىدىغان بېلىقلارنىمۇ كۆرگەن، ئىلگىرى تېخى شۇنداق بېلىقلاردىن ئىككىسىنى تۇتقان ئىدى، بىراق، ئۇ چاغدا يالغۇز ئەمەس ئىدى. ھازىر بولسا ئۆزى يالغۇز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇقلۇقنى كۆرەىلى بولمايدىغان يىراق بىر يەرگە كېلىپ قالدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا دۇچ كەلگىنى، ئىلگىرى ئۇ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەر قانداقى بېلىقلاردىنمۇ چوڭ بېلىق ئىدى. بۇنى ئاز دەپ ئۇنىڭ سول قولى بىر –بىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان سانىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇيۇشۇپ قالدى. } \l;H!y[ پېيى تارتىشىپ قالغان سول قولۇم جەزمەن ئوڭلىنىپ ئوڭ قولۇمغا ياردەملىشىدۇ. مەن ، بېلىق ۋە مېنىڭ ئىككى قولۇم –ئۈچ نەرسە يېقىن قېرىنداشلارمىز. پېيى تارتىشىپ قالغان قولۇم ، چوقۇم ئوڭلىنىپ قالىدۇ. ئەسلى ئۇنىڭ پېيى تارتىشىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ھەي...بېلىق يەنە ئاستىلاپ قالدى، ئۇ ئادەتتىكى سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ نېمىشكە سەكرەپ چىققانلىقىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم ئۆزىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن سەكرەپ چىققاندۇ. ئەمدى ئۇقتۇم، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قانداق ئادەملىگىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويغۇچىلىقىم بار" بىراق ئۇنداقتا ئۇ پېيى تارتىشىپ قالغان قولۇمنى كۆرۈۋالىدۇ. مەن ئۆزەمنى ئۇنىڭغا ھازىرقىدىنمۇ قاۋۇلراق. پالۋان قىلىپ كۆرسىتىشىم كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق بولالايمەن. مەن ئاشۇ بېلىقنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مېنىڭ شىجائىتىم ۋە ئەقىل-پاراسىتىمگە قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلمەن. ;{>-K8=>$ J&b&*3
ئۇ، بەدەننىڭ سىقىراپ ئاغرىۋاتقانلىقىنىغا چىداپ، تاختايغا يۆلىنىپ ئارامخۇدا ئولتۇردى. بېلىق، ھولۇقماستىن ئالغا قاراپ ئۈزەتتى. قېيىق بولسا قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە ئاستا كېتىپ باراتتى. شەرقتىن مەيىن شامال چىقىش بىلەن تەڭ، سۇ ئۈستىدە بىلنەر-بىلىنمەس دولقۇن پەيدا بولدى. چۈش مەزگىلىدە بوۋاينىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان سول قولىمۇ ئوڭلاندى. \?.M1a[ Riz!HtyR « بېلىق، بۇ ساڭا ئېيتىدىغان شۇم خەۋەر » -دېدى ئۇ شاتلىنىپ ۋە دولىسىدىكى قارماق تانسىنىڭ ئورنىنى يەڭگۈشلىۋالدى. G9\@&= MU&P+Wr ئۇ ئەمدى ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئەمەلىيەتتە بولسا، يەنىلا ئازابلىنىۋاتاتتى، بىراق ئۇ، ئۆزىنىڭ ئازابپلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلا ئېتراپ قىلغۇسى كەلمەيۋاتاتتى. [R[Suf cS1BB#N0 « مەن خۇراپاتلىقققا ئىشەنمەيمەن،- دېدى ئۇ،- بىراق ، بېلىق تۇتالىسام ئون قېتىنلاپ (بەخت – سائادەتلىك مەريەم) دېگەن بولاتتىم . شۇنداق ۋەدە قىلىمەنكى، ئەگەر ئاشۇ بېلىقنى قولغا چۈشۈرەلىسەم، مەريەم ئانىغا سەجدە قىلغان بولاتتىم، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم. » gobqS+c &ExYul ئاندىن ئۇ قېتىپ تۇرۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا كىرىشتى. بەزىدە بەك چارچاپ كېتىپ ئايەتلەرنى ئېسىگە ئالالمىسا، توختاپ تۇرماستىن تېز-تېز ئوقۇۋېرەتتى. sj @'C@oK U= PG0 بەخت-سائادەتلىك مەريەم ئانا دېيىش. بىز –ئاللانىڭ بەندىسى دېيىشتىن ئاسانراقكەن، دەپ ئويلىدى ئۇ. S)*eA
ON9 )xQA+$H#4 « خەير – ساخاۋەتلىك مەريەم ئانا، سىز ئاللا بىلەن بىللە تۇرىسىز، سىز ئاياللار ئىچىدىكى تەلەيلىك ئايال، سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئەيسامۇ شۇنداق تەلەيلىك، پاك-دىيانەتلىك مەريەم ئانا، ناۋادا ھازىر بىز ئۆلمەكچى بولساق، بىزنىڭ ئورنىمىزغا گۇناسى بار ئادەملەرنى تۇتۇپ بېرىشىڭىزنى تىلەيمەن، ئامىن، !-دېدى ئۇ ۋە يەنە،-خەير-ساخاۋەتلىك مەريەم ئانا، ئاشۇ بېلىق ھەر قانچە يامان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالسىڭىز » - دېگەن گەپلەرنى قوشۇپ قويدى. s^$zOp9 L6O@ q`\z ئۇ، دۇئا-تەلەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. بىراق ئۇنىڭ تېنى بۇرۇنقىدەكلا ئازابلىناتتى، بەلكى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئازابلىناتتى. ئۇ، قېيىقنىڭ باش تەرىپىدىكى تاختايغا يۆلەنگىنىچە سول قولىنىڭ بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىدى. Z\y@rp\l (v^L2Po گەرچە شامال چىقىۋاتقان بولسىمۇ، كۈن تازا قىزىپ كەتكەن ئىدى. %fpcH
xxm1Nog6 « ئەڭ ياخشىسى، كىچىك قارماق تانسىغا باشقىدىن بېلىق يېمى قوييۇپ، قېيىقنىڭ تۇمشۇقىدىن سۇغا چۈشۈرەي،- دېدى ئۇ،- ئەگەر بېلىق يەنە بىر ئاخشام مۇشۇنداق كېتۋېرىشنى قارار قىلغان بولسا، مەن بىر ئاز نەرسە يەۋالمىسام بولمايدۇ، بىراق، بوتۇلكىدىكى سۇ ئاز قاپتۇ، ئويلىسام ، مەن بۇ يەردە بىر تال يۇنۇس بېلىقىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئىگە بولالمىغۇدەكمەن. مانا ھازىر ئۇنى يېڭى ۋاقتىدىلا يەۋالسام تازا لەززەتلەنگەن بولاتتىم. بۈگۈن ئاخشام بىر تال ئۇچار بېلىقنىڭ قېيىقىمغا سەكرەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلمەن. بىراق، مەندە بېلىقلارنى جەلپ قىلدىغان چىراق يوق. ئۇچار بېلىقلارنى تىرىك يېسە بەك تەملىك، ئۇنى پارچىلاپ ئولتۇرۇشمۇ كەتمەيدۇ. مەن ئەمدى كۈچۈمنى بىر ئاز ئاسرىمىسام بولمايدۇ. مەن ئۇ بېلىقنىڭ بۇنچە چوڭلۇقىنى ئويلىماپتىمەن. لېكىن ئۇ قانچە چوڭ، قانچە يامان بولسىمۇ، بەرىبىر ئۆلتۈرمەي قويمايمەن ! » #]|9aVrr 2Fce| Tn ئاندىن ئۇ : بۇنداق قىلىش گەرچە قارا يۈرەكلىك بولسىمۇ، لېكىن بىر ئادەمنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، قانداق ئىشلارغا چىداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويۇشۇم كېرەك-دە » دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى. d3(T=9;f2 3M(:}c « مەن بالىغا ئۆزۈمنى غەلىتە قېرى. دېگەن ئىدىم ،- دېدى ئۇ،- بۈگۈن شۇ سۆزۈمنى ئىسپاتلىشىم كېرەك. » M,PZ|=V6a V2'(}k لېكىن، ئۇ ئىسپاتلايمەن دېگەن ئىشلارنىڭ كۈرمىڭى قۇرۇق گەپ بولۇپ چىققان بولسىمۇ، شۇ تاپتا يەنە ئىسپاتلىماقچى بولۇۋاتاتتى. rBkf @ ~y^#?; ئۇ : مەن ئۇنىڭ ئۇخلىشىنى ئۈمىد قىلى،ەن، ئۇ ئۇخلىسا مەنمۇ ئۇخلىيالايمەن ۋە چۈشۈمدە شىرنى كۆرەلەيمەن. شىر نېمىشقا مېنىڭ كاللامدا قېپقالغان ئاساسلىق نەرسىدۇ؟ - دەپ ئويلىدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى : « قېرى، بولدى ئويلىمايلا قوي. قېيىققا يۆلىنىپ ئارام ئال، ھېچنىمىنى ئويلىما. بېلىق ھازىر تازا كۈچەپ ئىشلەۋاتىدۇ. سەن كۈچۈڭنى قانچە ئاسرىساڭ شۇنچە ياخشى...» s+tS4E? naXo <B كۈن چۈشتىن ئىگىلگەن چاغ ئىدى، قېيىق بۇرۇنقىدەكلا توختىماستىن ئاستا-ئاستا كېتىپ باراتتى. شەرق شامىلى قېيىقنىڭ ئالغا مېڭىشىغا توسقۇن بولۇۋاتاتتى. بوۋاي، ئۆزىنى ۋە قېيىقنى، لەرزان ئېلىپ كېتىۋاتقان كىچىك دولقۇنىنىڭ مەيلىگە قويۇۋەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ دولىسىنى بېسىپ تۇرغان تانا، بۇرۇنقىدىن يۇمشاپ قالغاندەك تۇيۇلدى ۋە سەل-پەل پەسكە سىرىلدى. YurK@Tq7
1B6Go چۈشتىن كېيىن تانا، يەنە بىر قېتىم سۇ ئۈستىگە ئۆرلىدى. بىراق، بېلىق ئازراق كۆتىرلىگەندەك قىلدى-يۇ، يەنە ئالغا كېتىۋەردى. كۈن نۇرى ، بوۋاينىڭ سول بىلىگى ، دولىسى ۋە دۈمبىسىنى قىزىتماقتا ئىدى. شۇ تاپتا ، بوۋاي ، بېلىقنىڭ شەرقىي شىمال تەرەپكە بۇرۇلغىنىنى بايقىدى. *2 4P T7 h^~eTi;c]Q بوۋاي ، بېلىقنى بىر قېتىم كۆرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ سۇ ئىچىدە قاياققا قاراپ ھەرىكەتلەنمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلەيتتى. بېلىق، سۆسۈن رەڭلىك ئۈزگۈچ قانىتىنى بولۇشىغا كېرىۋېلىپ، قۇيرۇقىنى دىڭگايتقان ھالدا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كېتىپ باراتتى. بوۋاي : « ئۇنىڭ ئاشۇنداق چوڭقۇر سۇ ئىچىدە تۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقى ناتايىن. ئۇنىڭ كۆزى ناھايىتى چوڭ. ئاتنىڭ كۆزى، ئۇنىڭكىدىن كىچىك بولسىمۇ، قاراڭغۇدا بىر نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ. ئىلگىرى مەنمۇ قاراڭغۇدا خېلى كۆرەلەيتتىم. بىراق، قاپ-قاراڭغۇ جايدىكى نەرسىنى كۆرەلمەيتتىم. ئۇ كەملەردە مەن نەرسە – كېرەكلەرنى كۆرۈشتە مۈشۈك بىلەن بەسلىشەلەيتتىم، دەپ ئويلىدى. mv SNKS X||oiqbY ئۇ، كۈن نۇرىدا بارماقلىرىنى ھەدەپ ھەرىكەتلەندۈرەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ سول قولى، پېيى تارتىشتىن پۈتۈنلەي قالغان ئىدى، شۇڭا ، ئۇ سول قولىنى كۆپرەك ئىشقا سېلىپ، دولىسىنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرىنى ئۇزاق ئۇۋلىدى ۋە تانىنى دولىسىنىڭ بەك قىسىپ كەتكەن جايىدىن ئازراق يۆتكەپ قويدى. o&;+!Si@T ]J;^< 4l
« ھەي بېلىق ، ئەگەر سەن راستتىن ھارمىغان بولساڭ، كارامەت ئىگىسى ئىكەنسەن! »-دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا. ilayU eAu3,qoM ئۇ ئىنتايىن ھارغىنلىق ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغانلىقتىن، پۈتۈن زېھنى بىلەن باشقا ئىشلارنى خىيال قىلاتتى. ئۇ. لېيچۇر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى نئويلايتتى. چۈنكى ئۇ شۇ پەيتتە نييۇ يوركتىكى ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ دېترويت يولۋاس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە قىلۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. n|SsV
~e~4S~{ « مۇسابىقە باشلانغىنىغا ئىككى كۈن بولدى، بىراق مەن مۇسابىقە ئەھۋالىدىن بىخەۋەر قالدىم. لېكىن شۇنىڭغا جەزمەن ئىشنىشىم كېرەككى، ماجئو،ھەرگىزمۇ بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ. ئۇ، ھەرقانداق ئىشنى ئەپلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ تاپىنىدىكى قاداق ھەر قانچە ئاغرىسىمۇ، پىسەنت قىلمايدۇ،- دەپ ئويلىدى ئۇ،-«قاداق » دېگەن نېمە؟ مېنىڭ بەدىنىمدە قاداق يوق. قاداق، خوراز تەپكەندەك ئاغرىتامدىغاندۇ؟ ئويلىسام مەن ئۇنىڭغا چىدىيالمىغۇدەكمەن. خئورازنىڭ بىر كۆزى، ھەتتا ھەر ئىككى كۆزى قۇيۇلۇپ كەتسىمۇ، سوقۇشۇۋېرىدىكەن. مەن ئۇنىڭغا زادىلا چىدىيالمىغۇدەكمەن. ئەمىلىيەتتە، ئادەم، ياۋايى قۇش، ياۋايى ھايۋانلاردىن ھەرگىز كۈچلۈك ئەمەس. مەن قاپ-قاراڭغۇ سۇ ئىچىدە ياشايدىغان جانلىقلاردىن بولۇشقا رازىمەن. » "p#mNc {{SQL)yJ « لەھەڭ كېلىپ قالمىسىلا بولاتتى... –دېدى ئۇ كانىيىنى قىرىپ قويۇپ،- لەھەڭ كېلىپ قالىدىغان بولسا... خئۇدايا، ئۇنىڭغىمۇ، ماڭىمۇ رەھىم قىلغايسەن! » *vCJ
Tz ="d}:Jl «ماجئومۇ، بىر بېلىق بىلەن ماڭا ئوخشاش شۇنچە ئۇزۇق ۋاقىت بىلەن ھەپىلىشەرمۇ؟ بۇنىڭدا گەپ يوق. بەلكى ئۇ مەندىنمۇ ئۇزاقراق ھەپىلىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ تېخى ياش، قاۋۇل –دە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ دادىسى بېلىقچى تۇرسا، ئەمما،« قاداق» ئۇنىڭ جېنىنى بەك قاقشىتىپ كېتۋاتقانمىدۇ؟ » دېگەنلەرنى خىيال قىلدى ئۇ، ئاندىن ئادىتى بويىچە ئۈنلۈك سۆزلەشكە باشلىدى : x}AWWmXv Rl.3p | |