查看完整版本: [-- «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن»   رومانى توغرىسىدا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن»   رومانى توغرىسىدا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-06-05 13:00

«ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن»   رومانى توغرىسىدا

  Cwa0!y5%  
«ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن»   رومانى توغرىسىدا 4sE=W PKF#  
4wD^?S!p  
  |w]i$`3'I  
 F%$Ws>l  
ئالىم، يازغۇچى، شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىمئۆتكۈر 1923 - يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇراھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىنئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستىئوسمان ھاجىم دېگەن كىشىگە ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم ئوقۇمۇشلۇق، ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ^B=z_0 *  
I}0 -  
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوسمان ھاجىمنىڭ قېينانىسى مارىخان موماي ھېكايە، چۆچەكلەرنى سۆزلەشكە بەكمۇ ماھىر ئىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇنىڭدىننۇرغۇن چۆچەكلەرنى، رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدە چىڭتۇتۇۋېلىشقا تىرىشقان. بۇلار ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە ئەدەبىياتقا زور قىزىقىشقوزغىغان. (xJBN?NRO  
yXl.Gq>]{  
1934 - يىلى ئوسمان ھاجىم ئائىلىسى ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بارىدۇ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە 1936 - يىلىئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇيدۇ. 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزىدۇ. RXvcy<  
{"(|oIo{  
ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىقمۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇ جۇڭيۈەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان. ئاتاقلىق يازغۇچى ماۋدۇن (شېن يەنبىڭ) ۋە جاڭ جۇڭشى قاتارلىق ئىلغار زاتلارنىڭ يېڭى پەلسەپە، سىياسىي - ئىقتىساد ۋە ئىنقىلابىي ئەدەبىياتتىن ئۆتكەن دەرسلىرىنى ئاڭلاپ، ئىدىيە ھەم كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئالغا باسقان. جۇڭگو ۋە سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلاردىن مول بەدىئىي ئوزۇق ئالغان. بۇ ھال ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىجادىيپائالىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن. -;.fU44O[#  
=n?@My?;  
1943 - يىلى باھاردا، مىلىتارىست شېڭ شىسەي «تەرەققىيپەرۋەر» لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاممىسى ئىچىدە گومىنداڭغاقارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ بۇ ھەرىكەتتىنچەتتە قالمىدى. ئۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئىدىيىلىرى بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ئاممىسى ئىچىدىمۇ ئازادلىق، تەڭلىك ئىدىيىلىرىنىئاكتىپ تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 1944 - يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. bbA<Zp  
NPq2C8:  
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىر قىسىم زىيالىيلارنى تۈرمىدىن بوشىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا 1945 - يىلىنىڭ باشلىرى تۈرمىدىن چىقتى ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ بېرىلىپ قىلدى. 2uB26SEIl  
Jq@LZ2^  
ئازادلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خېلى بىرمەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن، جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ گەرچەشېئىر ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن «سول» لۇشيەننىڭ كاساپىتىبىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگەئىگە بولالمىغان. aq**w?l  
~z"->.u  
پەقەت پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا، شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكەكىرىشتى ھەمدە بەدىئىي سەۋىيىسى يۇقىرى، مەزمۇنى مول بولغان يىرىك ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن خەلققە سۇندى. 1995 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىر توپلىمى، «قەشقەر كېچىسى» ناملىق داستانى، «خەزىنە بوسۇغىسىدا» ناملىق ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. imuHSxcaV  
:udZfA\sW  
※※※※※※※ $(hZw  
xk<0QYv   
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەرخىل زىددىيەتلەرگەتويۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل، ھەر شەكىلدىكى تارىخىي شەخسلەرنىڭ مول ھەرىكەت - پائالىيەتلىرى بار. &$ 9bC 't6  
P=g+6-1  
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى، جۈملىدىن قۇمۇل خەلقىئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە ۋاڭ - غوجاملار، باي - پومېشچىكلارنىڭ يېرىنى تېرىپ، چارۋىسىنى بېقىپ، تۆككەن تەرىگە، قىلغان ئەجرىگە تۇشلۇق ھېچقانداق مەنپەئەتكەئېرىشەلمىدى. فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان خانلىقتۈزۈم ئاسارىتىدە خەلق يۈرىكىدە قان يىغلىدى، نالە قىلدى. Va:jMN  
d@~)Wlje  
زۇلۇم بار يەردە قارشىلىقمۇ بولىدۇ. زۇلۇم كۈچەيگەنسېرى قارشىلىقمۇ كۈچىيىدۇ. فېئودال ۋاڭ - غوجاملار، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلار ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەزگۈچىلەر سىنىپى خەلقنىڭ سۆڭىكىنى چېقىپ، يىلىكىنىشۈمۈرۈۋاتقان ئاشۇ زۇلمەتلىك يىللاردا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشىتارىخىي مۇقەررەرلىك ئىدى. بىراق تارىخىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن قۇمۇلدىنباشلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسەتكەن دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئىلگىرى - ئاخىربولۇپ مەغلۇپ بولدى. قوزغىلاڭلاردا ئاجايىپ باتۇرلۇقلارنى كۆرسەتكەن پالۋانلار جەڭلەردە قۇربان بولدى. جازا مەيدانلىرىدا بېشى ئۈزۈلگەن، تىلى كېسىلگەن، كۆزى ئويۇلغان جەسەتلەر قەبرىسىز قالدى. <]J5A dJ  
WfI~l)  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرى ئەنە شۇنداق زۇلمەتلىك يىللارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا مەيدانغاكەلدى. D=+s D"<|  
: DP {YL|x  
يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىدا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىسىدە قۇمۇلدا پارتلىغان تۆمۈر خەلپە ۋە غوجىنىياز ھاجى باشچىلىق قىلغان پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغاتەسىر كۆرسەتكەن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پارتلاش، زورىيىش، غەلىبە قىلىش ۋە مەغلۇپ بولۇشتىن ئىبارەت تارىخىي جەرياننى ئىپادىلەپ بەرگەن ۋە بۇ تارىخىيجەرياننى دەۋر قىلغان ھالدا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنى، ھەرخىل مۇرەككەپ ئىجتىمائىيمۇناسىۋەتلەرنى تەسۋىرلەپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ رەڭدار تارىخىي كارتىنىسىنىسۈرەتلەپ بەرگەن. awtzt?VtLh  
dWEx55>,1  
※※※※※※※※※ ZGBcy}U(k  
('Pd GV4V  
«ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرى ئايرىم شەخسلەرنىڭ تەزكىرىسى يېزىلغان بىئوگرافىكئەسەر ئەمەس، بەلكى تارىخىي رومانلاردۇر. شۇڭا ئاپتور بۇ تارىخىي رومانلاردا ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ناھايىتى كۆپ پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ، ئاجايىپمول ۋە رەڭدار پېرسوناژلار دەھلىزىنى ھاسىل قىلغان. ئاپتور پېرسوناژلار ئوبرازىنىياراتقاندا ئۆتكۈر، نازۇك زىددىيەتلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمىگەن. گىرەلەشمە زىددىيەتلەرگە تويۇنغان تىپىك ۋەقەلەرنىڭ تەسۋىرلىرى ئارقىلىق گۆش ۋە ئۇستىخىنىمۇبار، تومۇرلىرىدا ئىسسىق قېنى ئوخچۇپ تۇرىدىغان جانلىق، يارقىن بەدىئىي ئوبرازنىيارىتىپ چىقالىغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتور ئۆز قەھرىمانىنىڭ ئوبرازىنى ئىزچىل تۈردە تىپىك مۇھىت، تىپىك شارائىت ئىچىگە قويۇپ يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىدىكى تارىخىي تۇرمۇش تۆمۈر خەلپە، غوجىنىياز ھاجىدىن ئىبارەت باش قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى ھەمدە بىرمۇنچىلىغان يانداش پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازلىرىنىيورۇتۇشتىكى سەھنە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان. پسىخىك تەسۋىرلەرنى ھەرىكەت - پائالىيەتلەرنىڭ تەسۋىرلىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ، ئوبرازلارنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئېرىشتۈرگەن. نەتىجىدە، تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىققائۇيغۇن، دەۋر خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۆمۈر خەلپە ۋە غوجىنىياز ھاجى ئوبرازلىرىنى يارىتىپ چىققان. Sx7xb]3XI"  
Si(?+bda0c  
بولۇپمۇ بىز غوجىنىياز ھاجى ئوبرازىدىكىئۇلۇغۋارلىقنىڭ ئىچىدىكى كەمتۈكلۈكنى، باتۇرلۇقنىڭ ئىچىدىكى قاراملىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكنى، ئەقىل ۋە تەجرىبە ئىچىدىكى كالتە پەملىكنى، يىراقنى كۆرەرلىكئىچىدىكى ئامالسىزلىقنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىچىدىكى ئەقىدىچىلىكنى، چىقىشقاقلىقئىچىدىكى ئۆز سۆزلۈكلىرىنى كۆرگىنىمىزدە، ئاپتورنىڭ پېرسوناژلار ئوبرازلىرىدىن چىنئىنسانىي تۇيغۇسىغا سادىق بولۇپ ھەقىقىي تەسۋىرلىگەنلىكىدەك ئىجادىيەت ئىستىلىغا ۋە بەدىئىي ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. \(s ";@  
bjZ?WZr  
ئاپتور يەنە ئەسەر قۇرۇلمىسىغىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى رومان ۋەقەلىك جەھەتتە نىسبىي تۇرغۇنلۇققا ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، كۈچەيتىدۇ. «ئىز» رومانىدىكى سۇژىتنىڭ ئاساسىي لىنىيىسىتۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى، راۋاجلىنىشى، مەغلۇپ بولۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي جەريانغا بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ غول لىنىيە «ئويغانغان زېمىن» دىكىغوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا بېرىپ تۇتىشىدۇ ۋە شۇ ئىزنابويىچە ئىلگىرىلەيدۇ. ئەسەردە يەنە ھۆكۈمران گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىش، ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىلئىختىلاپلاردىن شەكىللەنگەن سۇژىتنىڭ كېسىك لىنىيىلىرى بار. بۇلار غول لىنىيەئىچىگە خۇددى سىمفونىيىنىڭ قىستۇرما كۈيلىرىگە ئوخشاش تەبىئىي كىرگۈزۈۋېتىلگەن بولۇپ، خىلمۇخىللىق رەڭدارلىق ۋە كەڭلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەك سۇژىتنىڭ غول لىنىيىسى بىلەن كېسىك لىنىيىلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئەسەرنى غايەت زور تورسىمان قۇرۇلمىغا ئىگە قىلغان. ?6gI8K6X  
[ CY=  
※※   مۇھاكىمە سوئاللىرى ※※※※  iQQJ`  
+xa2e?A%L  
1. بۇ رومانلاردا بىرقانچە قېتىملىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسى جەڭ سىزگە بەك تەسىر قىلدى، نېمە ئۈچۈن؟ v,! u{QP  
H3b`)k sFr  
2. غوجىنىياز ھاجىنىڭ ئوبرازىدا ئۇنىڭ «ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ئىچىدىكى كەمتۈكلۈكى، باتۇرلۇقنىڭ ئىچىدىكى قاراملىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكى، ئەقىل ۋە تەجرىبە ئىچىدىكىكالتە پەملىكى، يىراقنى كۆرەرلىك ئىچىدىكى ئامالسىزلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىچىدىكىئەقىدىچىلىكى، چىقىشقاقلىق ئىچىدىكى ئۆز سۆزلۈكى» چىنلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئەسەردىكى قايسى تەپسىلاتلاردىن غوجىنىياز ھاجىنىڭ خاراكتېرىدىكى يۇقىرىقىتەرەپلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؟ ھەربىر باھاغا ئايرىم - ئايرىم مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەپ بېقىڭ. ;%&@^;@k%  
+Aq}B jD#  
3. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى زۇلۇمغا، ئېزىلىشكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ خەلقئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەققانىيئىنقىلاب بولسىمۇ، ئاخىرىدا نېمە ئۈچۈن يەنىلا مەغلۇپ بولىدۇ؟ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبلىرىنى يەكۈنلەپ بېقىڭ. 00ho*p!E'  
gw-l]@;1  
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1- كىتابنىڭ «مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆرسەتمە»  بۆلىكىدىن ئېلىندى.  2011-6-5   )   '-et :Lv7  
_F$?Z  
  %q@@0qenv  
3s+D x$Ud  

tunyukuk 2011-06-05 13:35
[attachment=336]     

tunyukuk 2011-06-05 14:03
[attachment=337]    

tunyukuk 2011-06-05 14:11
[attachment=338]   

tunyukuk 2011-06-05 14:13
[attachment=339]     

koksangun 2011-06-06 01:07
مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزنى ئۇنتۇمايمىز ...

tawpek 2011-06-06 23:14
ئابدۇرىھىم ئۆتكۆر ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىم شىئىرلىرىنىڭ ئىلكىتاب ھەم ئاۋازلىق نۇسخللىرى مەندە بار ئىدى يوللاپ قوياي.

attila 2011-06-09 12:15
ئويلۇنۇش سوئالىغا ئىنكاس: yi PMJ  
1. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان جەڭ تەسۋىرى «ئويغانغان زېمىن» رومانىدىكى ئەمىر نۇرمۇھەممەد بىلەن شاھ مەنسۇرنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان جەڭ ئەھۋالى. ئۇنىڭدا يۇقارقى ئىككى زات ئاجايىپ باھادىر سۈپەت تەسۋىرلەنگەن. ئۇرۇش كۆرىنىشىمۇ ئاجايىپ ھېسسىياتلىق ھەم ھەيۋەتلىك. UH2fP G  
2. كىتابنى بىر-بىرلەپ كۆرۈشكە ۋاقىت يار بەرمىدى. It&$R`k  
3. <1> ھاكىمىيەتچىلىك قارىشىنىڭ يوقلۇقى. مەسىلەن، خوجىنىياز ھاجى دائىم «مېنىڭ بېشىمغا تاج ياراشمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق، «سۇ بويىدا» رومانىدىكى پەقەت ئەزگۈچىلەرنىلا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى مۇنبەت تۇپىراق ۋە زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى بولغان چىرىك ھاكىميەتنى كۆرۈپ يېتەلمەيدىغان سوڭجىاڭچە روھىي ھالەتنى ۋە كۆزقاراشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق قوزغىلاڭ ھەرقانچە ھەققانىي بولسۇن مەغلۇب بولىشى مۇقەرەر. %8s$l'Q;  
<2> سىياسىي قاراش ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈك شۇنداقلا سىياسى-ھاكىمىيەت-زۇلۇمدىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇمدىكى سىياسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى توغىرىسىدىكى قارىشى يوقنىڭ ئورنىدا. v25]}9/C  
<3> تەجرىبىچىلىك ئېڭى سۇس. دۈشمەننىڭ ماھىيىتىگە ۋە «دۈشمەن» ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچە مۇجىمەل. شۇ سەۋەبتىن «ئىز» رومانىدىكى كۈرەش نەتىجىسىدىن توپلانغان تەجرىبە ئەقلىيلىك ۋە سىياسىيلىق دەرىجىسىگە كۆتىرىلمىگەن، سىياسىي دۈشمەنگە سىياسىي نۇقتىدىن ئەمەس، ئادەتتىكى ئادەملىك نۇقتىسىدىن قارالغان بولغاچقا، خوجىنىياز ھاجى ئاخىرىدىلا يەنىلا دۈشمەنلەرنىڭ كېچىكىگە كىرىپ كەتكەن. رۇسلار ۋە ما جۇڭيىڭغىمۇ قايات-قايتا ئالدانغان. &?59{B. mD  
<4> تار يۇرتۋازلىق قارىشى كۈچلۈك. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۆزى بىلەن دۈشمەنلەشكەن شىڭ شىسەينى يۇقىرى كۆرىدۇكى، يۇرتى ئاتۇشلۇق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن  ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ شىڭ شىسەيگە قارىشى تۇرىۋاتقان، ئۆزى بىلەن ھېچقانداق مەنپەئەت توقۇنىشى يوق سابىت داموللىغا (1933-يىلنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرىغۇچىسى، غوللۇق بۆلگۈنچى ئۇنسۇر) قارىشى تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ھوقۇق تۇتۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئاخىرىدا سابىت داموللىنى شىڭ شىسەيگە تۇتۇپ بېرىدۇ. ھە دېسە ئاتۇشلۇق ۋە قەشقەرلىكنى يۇرتىنى ئاتاپ تىللاپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا يۇرتۋازلىق ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ.

tunyukuk 2011-06-09 13:53
ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس.

tawpek 2011-06-09 16:45
ئاتتىلا ئاكىمىز بەلەن تەھلىل قىپتۇ، : ZehBu  
@?bO@  
سابىت داموللىنى تۇتۇپ بىرىشتە يۇرىتۋازلىق قىلغىننى ئويلاپ يەتمەپتىكەنمەن.

ھسداەىقكل 2014-02-19 02:33
بەلەن تەھلىل قىپتۇ


查看完整版本: [-- «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن»   رومانى توغرىسىدا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled