查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

saman22 2011-06-04 20:51

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەر

بۇرۇن ساقلاپ قويغان ماتېريال ئىدى . بۇ ماتېريال يوقلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنسەك . KA? J:  
                   كاشغەرى ئۇيغۇر شۇناسلىق تورى i :|e#$x  
Om(Ir&0  
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەر %J8uVD.2  
v Q51-.g  
ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدىكى لىكسىكىلىق قىممىتى ھەققىدە bT MgE Y  
@=6oB3tQA  
ئۇيغۇر تىلى تارىخىي ئىستىمالى جەريانىدا ئۆزگە تىللاردىن سۆز قوبول قىلىشنى لۇغەت تەركىبىنى بىيىتىشنىڭ بىر مۇھىم يولى قىلىپ كەلگەن . ئۇيغۇر تىلىدىكى كىرمە سۆزلەرنىڭ ئىچىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللەيدىغىنى ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەردۇر . تولۇقسىز ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەر 6000 دىن ئاشىدىكەن، مەسىلەن،« ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دىكى ئون مىڭچە سۆزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەرەپچە، پارىسچە كىرمە سۆزلەر 4526 بولۇپ،پۈتكۈل سۆزلۈكنىڭ %45نى ئىگەللەيدۇ. PlR$s  
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(قىسقارتىلمىسى) دا ئەرەپچە،پارىسچە سۆزلەر جەمئىي4411،بۇنىڭ ئىچىدە ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر 2460، پارىسچە سۆزلەر1573، ئەرەپچە،پارىسچە سۆزلەر 291، پارىسچە – ئەرەپچە سۆزلەر86. ? &=JGk^eJ  
ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى يەنى ئىسلام دىنى كىرگەندىن كىيىن مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئەرەپ ، پارىس تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىشى، ئەرەپ،پارىس تىلىنى ئىگىللىگەن زىيالىيلارنىڭ كۆپىيىشى شۇنداقلا پارىسلار بىلەن بىللە ياشاش، پارىس ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر تىلىغا سەلدەك ئېقىپ كىرىپ ،چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىگە ئايلانغان ئەرەپ،پارىس سۆزلىرى ئۇزاق يىللىق ئۆزلىشىش ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، ئەسىرلەپ قوللىنىش جەريانىدا سان ۋە سۈپەت جەھەتتە داۋالغۇش،تاسقاش،شاللاشلاردىن ئۆتكەن ئەرەپ، پارىس سۆزلىرى ئاللىبۇرۇن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاجرىلماس تەركىبىگە ئايلىنىپ كەتتى . بۇگۈنكى كۈندە بۇ سۆزلۈكلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقانداق سۆز تۈركۈمىگە تەۋە سۆزلەرنى تېپىشقا بولىدۇ، مەسلەن: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دىكى ئەرەپچە،پارىسچە سۆزلەرنىڭ سۆز تۇركۈملەرگە بۆلۈنۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: j&[u$P*K  
سۆز تۈركۈمى ئىسىم سۈپەت سان مىقدار رەۋىش ئالماش ئىملىق تەقلىد تىركەلمە باغلىغۇچى يۈكلىمە خاس ئىسىم ^% L;FGaA  
سانى 2978 779 2 13 141 8 27 1 16 26 20 29 +g;{c+Kw:  
بۇ سۆزلەر لېكسىكىنىڭ ھەرقانداق تەركىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ يەنى ئاڭلىتىدىغان ئۇقۇم دائىرىسى بويىچە دىنىي ئاتالغۇلار، سىياسىي ئاتالغۇلار، مەدەنىيەت-مائارىپ ئاتالغۇلىرى، ئەدەبىياتقا دائىر ئاتالغۇلار،ھۆنەر-كەسىپ ،يىمەك-ئىچمەك، ئۆي-سەرەمجان ئاتالغۇلىرى،مۇزىكا ئاتالغۇلىرى، ئورون-جاي ئاتالغۇلىرى، ئەدەپ-تەكەللۈپ سۆزلىرى،تىللاش سۆزلىرى....قاتارلىق تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆزلەر مەيلى ئاساسىي سۆزلۈكتە بولسۇن،مەيلى ئادەتتىكى سۆزلۈكتە بولسۇن،مەيلى جانلىق تىلدا بولسۇن ،مەيلى يىزىق تىلدا بولسۇن ئۆز ۋەزىن سالمىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، تىلىمىزنى زور دەرىجىدە بېيىتتى،بېزىدى....جانلىق تىلغا سىڭىپ كىرەلىگەنلىرى بولسا تۈركى تىلدا بولمىغان چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەشتە ئىجابىي رول ئويناپ كونكىرتنىي شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرۈش، شەيئىلەرنى تۈرلەرگە بۆلۈپ نام قويۇپ نازۇك مەنىلەرنى ئىپادىلەش ئىھتىياجىنى قاندۇردى. ئەدەبىي يىزىق تىلىمىزغا سىڭگەن سۆزلەر بولسا ئۆزىنىڭ جانلىق، ئوبرازلىق، رەڭدار، ئىخچام،پاساھەتلىك دۇردانىلىرى بىلەن نەسىرى ئەسەرلىرىمىزنى جۇلالاندۇرسا، بارغانسىرى قۇرغاقلىشىپ كىتىۋاتقان شئېرىي تىلىمىزنى بېيىتىشقا ئۆز ھەسسسنى قوشتى ۋە قوشماقتا. 2({| LQqk  
VRTJKi  
ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدىكى لىكسىكىلىق قىممىتى ھەققىدە2 -O\f y!  
R'pfA B|!  
1.
بەدىئىي ئەدەبىياتقا خاس سۆزلەر قىممەتلىك مەدەنىي مىراس 12مۇقام كۈيلىرىگە سىھىر قوشۇپ ،ئەسىرلەردىن بۇيان ياڭراپ كىلىۋاتقان نەۋايى ، لۇتغيى، نەۋبەتىي، زەلىلى،فۇزۇلى...غەزەللىرىدىلا ئەمەس بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەيلى كىمنىڭ قايسى ئەسىرىنى ئوقۇيلى ھەممىسىدە ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرى بىلەن سىڭىشىپ چىرمىشىپ كەتكەن ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەر ئۆز جەزبىدارلىقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، تىيىپجان ئىلىيوف، جالالىدىن بەھرام... قاتارلىق تونۇق يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان ئەرەبچە، پارىسچە سۆزلەر ئۆزگىچە ئۇزلىقى بىلەن بۇ مۆتىۋەر تىل ئۇستىلىرىنىڭ قولىدا تېخىمۇ سىھىرلىك تېخىمۇ مىھىرلىك تۈسكە كىرگەن. مەسلەن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئىككى قىسىملىق «ئامەت ۋە ئاپەت» رومانىدا قوللىنىلغان ئەرەپ پارىس سۆزلىرى نەچچە يۈزدىن ئاشىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ئىچىدە ئاساسىي سۆزلۈككە سىڭىپ كەتكەن سۆزلەردىن باشقا يەنە ئەدەبىي ئەسەرلەر تىلغا خاس سۆزلەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ?6UjD5NkX  
مەسىلەن : ھەمقان(ھەمدەم بولماق)، مۇسەللىمەك› ئە (مۆلچەرلىمەك، پەملىمەك)، ناتىۋان› پ (ئاجىز، كۈچسىز)، مىتۋە› ئە (چاقچاق)، جايىز›(1)ئە(مۇمكىن بولغان، رۇخسەت قىلىنغان)، رابات› ئە(ساراي، چۈشكۈن)، مەقبۇل› ئە(ماقۇل،قوبۇل)، كىنا-كۇدرەت (غەيۋەت-شىكايەت)، جاڭگىلى مازاندىران›ئە (مازاندىران جاڭگىلى)، ئۇ دۇنياغا رەھلەت قىلماق (رەھىل(2): كۆچۈش، كىتىش،ئۆلۈش)، بابۇنەگۈلى› پ (خۇشبۇي، پۇرايدىغان ، گۈلى ،تىبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك)، ئەندامە(3)›ئە(بەدەن، بوي، گەۋدە، زىننەت، قىياپەت)،چەرخى پەلەك (پەلەكنىڭ چاقى)، ئەلەمزىدە› ئە + پ(يۈرىگى دەرت- ئەلەمگە توشقان)، لەنەتگەردى› (لەنەتلىك)... "q1S.3V ;  
نامدار شائىرىمىز تىيىپچان ئىلىيوفنىڭ « ۋەتەن ھەققىدە غەزەل » دىگەن شېئىرىدا كۇلاھ ›پ (دىۋانىلەر كىيىدىغان ئۇچلۇق قالپاق)، جەندە› پ (يىرتىق كىيىم،دەرۋىشلەر تونى)، پەيۋەندە › پ (ئۇلانماق)، رىشتە›پ ،ئىشىق›ئە، شاھ ›پ، رىزائە (رازىلىق) ،خۇرسەند › پ، قىبلەگاھ › ئە+پ (قىبلە تەرەپ، مۇقەددەس جاي)، پەرزەنتپ، شان-شاۋكەت› پ، ئىپتىخار › ئە، سازەندە› پ، جەننەت، دوزاخ› ئە، مۇشەققەت› ئە، مۇھەببەت› ئە....قاتارلىق سۆزلەر شېئىرغا ھۆسۈن قوشقان بۇلۇپ، پۈتكۈل 44 مىسرالىق غەزەلدە جەمئىي 45 سۆز ئەرەب پارىس سۆزلىرىدۇر. مەسىلەن: oO`a{n-  
ئانىجان جۇڭخوا ئىلىم، جوڭگو ئۇنىڭ پەرزەنتىمەن، Yyd]s\W  
رىشتىگە جىسمىم بىلەن ئىشقىم بىلەن پەيۋەندىمەن. RZKx!X4=q  
ئۆزگە يۇرتتا شاھى تون ئىچرە قورۇنغان تەنلىرىم، 2+?W{yAEi  
ئۆزئىلىمدە يايرىغاي كىيسەم كۇلاھۇ جەندىمەن.  I{ki))F  
ئەدەبىي يىزىق تىلىمىزدىكى ئەرەب،پارىس سۆزلىرى نەسىرى ۋە نەزمى ئەسەرلىرىمىزگە كامالەت ئاتا قىلىپ جۇلالاندۇرغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرى سۆز كۆركى، تىل جەۋھىرى بولغان ماقال-تەمسىللەرنىڭ جەۋھىرىگە ئايلانغان. مەسىلەن: پەيمان › ئە: بىرەر مەقسەت نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ۋەدە. lrwQ >N  
شېئىردا: ئاجرىماي كەلدۇق ئىككىيلەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، n%G[Y^^ ,  
دوست بولۇپ پەيمانغا سادىق چىن ۋاپادارى ئى قەلەم. 9;uH}j8sE  
تىمسال › ئە: ئوبراز ، ئۈلگە 08{^Ksg  
شېئىردا: ئەسسالام ئاستانە ئەي قەدىم قەلئە، c HR*.  
بوۋىلار تىمسالى ئەي مويسىپىت چال. WNb2"W  
سەربەسىت› ئەركىن، بىمالال 9Iq<*\V 4  
شېئىردا: ئىچىپ سۇنغان شارابىڭنى بولۇپ مەسىت، PC+Soh*  
ئىلىپ بىردەم نەپەس، ئازاد-سەربەسىت. [u=yl0f  
خوردان › پ: جىق يەيدىغان، ئىشتىھالىق *JZ9'|v_H  
ماقالىدا: باي تولا يىسە خوردان دەر، z_'!?K{  
نامرات تولا يىسە ئوپقان دەر. |,S]EHIy  
پاراغەت › ئە: راھەت، ئاراملىق ,UC|[-J  
ماقالىدا: پەمسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى. !>ZBb\EyK  
دېمەك مۇكەللىشىپ بىيىۋاتقان ئەدەبىي يىزىق تىلىمىزنى ئەرەب، پارىس سۆزلۈك بۇلىغىدىن سۇ ئىچىپ ئۇلغايغان دىسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولماس! {Y=k`t,  
:w Y%=  
ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدىكى لىكسىكىلىق قىممىتى ھەققىدە3 $I/ !vV  
2.
كەسپى سۆزلەر "'+C%  
ئەدەبىي يىزىق تىلىغا خاس سۆزلەردىن قالسا ئەرەب، پارىسچە كەسپى سۆزلەر بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ.《ئىزاھلىق لۇغەت》تىكى كەسپى سۆزلەر 674 بولۇپ، ھەرقايسى كەسىپلەرگە بۆلۈنىش سىتاتىسكىسى تۆۋەندىكىچە: '@WBq!p  
كەسىپ نامى سانى كەسىپ نامى سانى UY,u-E"  
ھەربى ئىشلار 12 دىن 143 sh0x<_  
مۇزىكا 27 تىبابەت 37 -kP2 Brm  
گىئومىتىرىيە 12 بوتانىكا 135  lA4J#  
زوئولوگىيە 22 ئەدەبىيات 66 ) k[XO  
بىئولوگىيە 14 ئاستىرونومىيە 33 X|g5tnsj`  
مەتبۇئات 6 خىمىيە 20 q3-cWfU  
ماتىماتىكا 11 تىل- يېزىق 18 ?}W#j  
يىمەكلىك 2 پەلسەپە 17 $:-C9N29  
لوگىكا 1 بىناكارلىق 14 sT 
گۈزەل – سەنئەت 5 ئاناتومىيە 11 B tJF1#f  
قانۇن 8 جۇغراپىيە 5 ov\%*z2=  
قاتناش تىرانسىپورت 1 تارىخ 9 u V'C_H  
فىزىئولوگىيە 3 ئىرسىيەتشۇناسلىق 3 h4ghMBo%  
سۇ ئىشلىرى 3 پىسخولوگىيە 3 I3l1 _  
تاشقى سودا 3 ئارخىلوگىيە 2 cj[%.M5iBA  
سىياسى ئىقتىساد 4 ئورمانچىلىق 1 [f$pq5f='  
دېھقانچىلىق 1 تىياتىر 1 =)Goip  
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى كەسپى سۆزلەرنىڭ ئىچىدە دىنىي ئاتالغۇلار يوقۇرى نىسبەتنى ئىگىللىگەندىن باشقا يەنە بوتانىكا، زوئولوگىيە، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئاستىرونومىيەگە ئائىت ئاتالغۇلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. دىنىي ئاتالغۇلار،دىنىي ئۆرۈپ-ئادەت سۆزلىرىنى، ئىبادەت ۋە زىيارەتكە دائىر سۆزلەر شۇنداقلا دىنىي سۈپەت سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خەلقىمىز ئارىسىدا دىنى ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى باشقا ھەرقانداق كەسپى سۆزلەردىن يوقۇرى. N$T zxs  
بوتانىكا، بىئولوگىيەگە ئائىت ھەرخىل ئاتالغۇلار مىۋىلىك، مىۋىسىز دەرەخ تۈرلىرىگە ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرىگە ئىسىم قويۇپ، بۇ ساھەدىكى ئۇقۇم ئىنىقلىقىنى روياپقا چىقاردى. مەسىلەن، مىۋە تۈرلىرىدىن: بىدانە›پ: ئۇرۇقسىز، قاراكىشمىش ئۈزۈم. +]VW[ $ W  
سايۋا›پ: سۇلۇق، تاتلىق ئۈزۈم. ,/Y$%.Rp  
سايىك›پ: كۆك كىشمىش ئۈزۈم. ~@D!E/hZx  
بىشەكشىرىن›پ+ ئە: پوستى تالالىق، ئىتى قىلىن قوغۇن. 2-"`%rE  
ئۆسۈملۈك تۈرلىرىدىن: GsE =5A8  
كىرىمدانە›پ : مازادىيون ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. ?T[K{t;~jo  
مامىرانجىن› پ: ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەستەك›پ: باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . \Q,5Ne'o  
نىخراج›ئە: زەھەرلىك، سۈتسىمان شىرنە چىقىدىغان ئوت. yf e4}0}  
تىلىمىزدىكى ياغاچچىلىق، تامچىلىق، موزدوزلۇققا ئائىت ھۈنەر-كەسىپ سۆزلىرىنىڭ كۆپىنىچىسى ئەرەبچە، پارىسچە سۆزلەردۇر. مەسىلەن: v,c:cKj  
رەندە›پ، چۆپگەز›پ (تامچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن، قىلىن گەز)، چوپسا›پ(سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ)، ئاھا›ئە(گىلەمچىلىك كەسپىدە ئۆرۈشكە، سۈركەش ئۈچۈن تەييارلانغان سۇيۇق ئوماچ شىلىم) sRGIHT#  
ۋاسا›پ: يەرلىك ئۇسۇلدا ئۆي ياپقاندا جەگنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان توغرا بالداق. (_~Dyvo  
بالا بېشى›پ: ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتا ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ. K WT[b?  
ئەندۇۋا›پ: تامنى سۇۋاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تىگى سىلىق مىتال ئەسۋاپ 'Z^KpW  
نال›پ: ئاياقنىڭ ئاستىغا ياكى پاشىنىسىغا قىقىلىدىغان تۆمۈر. Ty3CBR{6  
تىبابەتچىلىك ئاتالغۇلىرى بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاشكارا ئېيتىشقا بولمايدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئەزالىرى، فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر، ئەر- ئايال مۇناسىۋىتىگە ئائىت ئۇقۇملارنى ئىپادىلەپ، شۇ نازۇك ئۇياتلىق ئۇقۇملارغا سىلىقلىق، يۇشۇرۇش تۈسى بىرىپ ئىلمى《تابۇ سۆزلىرى》نىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولدى. مەسىلەن: p9AZ9xr  
زەكەر›ئە: ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسى. gT(th9'+z  
قايىم›ئە: ‹‹تىك بولماق››دىگەن مەنىدە. مە: كۈن قايىم بولدى. 4[TS4p  
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا‹‹زەكىرى قايىم بولماق››دەپ ئىشلىتىلمەكتە. Cf0| Z  
خۇن › پ ئەسلى”قان“مەنىدە. مە:خۇن ئامىز(قان ئارىلاش)؛ 48tcgFg[  
خۇنبار (قانلىق ياش تۆككۈچى)، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يەنە ئاياللارنىڭ ھېيىز مەزگىلىدە كەلگەن قاننى كۆرسىتىدۇ. مە: خۇن تەۋرىمەك، خۇن كەلمەك. =oE_.ux\  
يەل ›ئە: ئەسلى ”شامال“ مەنىسىدە، ھازىر ‹‹يەل كەلمەك››دەپ ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا بۇۋاسىر›ئە(مەقەت كېسىلى)، تاناسىل›ئە(جىنسى ئەزا)، سۆزنەك›ئە(جىنسى كېسەل)، ھەيىز›ئە، مەقەت›ئە(سوڭ)، مەنى›ئە قاتارلىق جىنىسقا ئائىت سۆزلەر رادىئو-تىلۋىزىيە ئىلانلىرىغىچە كەڭ قوللىنىلماقتا. O87"[c`>  
tJ=3'?T_k  
.
تىللاش سۆزلىرى CO-Iar  
ئۇيغۇر تىلىدا مۇھەببەت،ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان ئەدەپ سۆزلىرىدىن باشقا يەنە نەپرەت،ئۆچمەنلىك، ياقتۇرماسلىقنى بىلدۈرىدىغان تىللاش سۆزلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈسەك بۇ خىل سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەرەپ،پارىس تىللىرىدىن ئۆز پېتى ياكى كۆچمە مەنىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.مەسلەن:پارىسچىدىن قوبۇل قىلىنغانلېرى ئەبگار، ئەبلەخ، بەدبەخىت، بەتبەشىرە، بەچچىغەر، بىشەم، رودو، رودۇپاي، گەدەنكەش، گومۇش، گىزەندە،ناكەس(ۋىجدانى،ئىنسابى يوق)،خۇنپەر، كىسپۇرۇش،(ئەسلى،ئىپپەت – نومۇسنى ساتقۇچى دېگەن مەنىدە)،بەدرەك، پاخشە(كاردىن چىققان ،بۇزۇلغان)........ئەرەپچىدىن قوبۇل قىلىنغانلىرى مەرەز(ئەسلى”ئاسان ساقايمايدىغان يىرىڭلىق يارا”دېگەن مەنىدە،كۆچمە مەنىسى: پەس، يارىماس)،خاۋارىچ(ئەسلى خەلىپىگە قارشى چىققان ئىسلام دىندىكى بىر گۇرۇھ)، كاززاپ،ئىپلاس........بۇ سۆزلەر ئەدەبي يېزىق تىلىمىزدا بولسۇن،جانلىق تىلىمىزدا بولسۇن كىشىلەرنىڭ نەپرەت ھىسياتىنى ئوبرازلىق كۈچلۈك ئىپادىلەشتىكى مۇھىم سۆزلەرگە ئايلانغان. 7\ IL  
P}HC(S1  
4.
كىشى ئىسىملىرى، تەخەللۇس ۋە لەقەملەر >n]oB~P%  
zhNQuK,L  
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملېرىنىڭ تىل تەۋەلىكى ھەر خىل ، مۇرەككەپ بولۇپ، گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى ئەرەپچىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار تەخمىنەن80 نى تەشكىل قىلىدۇ،ئىسلامىيەتنىڭ ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىسلام دىنىغا بولغان ساداقىتىنى ، ئاللاغا بولغان كۈچلۈك ئىتىقادىنى كىشى ئىسىملىرى ئارقىلىق ئىزھار قىلغان ،بۇ ئىسملار ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە قەيت قىلىنغان ئىسىملارنى ۋە مۇھەممەت ئەلەيھىسالام شۇنداقلا ئىسلام دىنى تارىخىدىكى قەھرىمان شەخىسلەر ۋە قەدىمكى شاھلارنىڭ ئىسىملىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. /K7Bae5h  
ئەرەپچىدىن قالسا پارىسچە ئىسىملارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، كۆپىنچە”گۈل،دىل،ماھ،خۇجا،شاھ،مىرزا… “سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرىكمە ئىسىملار ياكى ئارىلاشما ئىسىملاردىن بولۇپ، چۈشۈنۈشلۈك، مەنىلىك، يىقىملىق، چىرايلىق،بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولغان .ھازىرقى كۈندىمۇ دىلرابا، كامىران، شاھزات، پەرۋەر،دىلسۇز (دىلنى كۆيدۈرگۈچى)،پەرىزات، گۈلىستان، گۈلچىھرە، ئارمان، بەھرۇز، گۈلسۇرۇخ، گۈلنىھال،گۈلنىگار،خۇشدار،بەرنا(قىممەت باھالىق مىنىرال تاش)،مەرۋايىت، مەھلىيا، نەرگىزە قاتارلىق ئىسىملار گۈزەللىك تۇيغۇسىغا باي ئاتا- ئانىلار سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ياقتۇرۇپ تاللايدىغان مودا ئىسىملاردۇر. (~h7rAEc  
ھازىرقى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە پارىسچە ئسىملار تەخمىنەن%5 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەپچە، پارىسچە ئىسىملاردىن قالسا ئەرەپچە- ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە- پارىسچە،ۋە پارىسچە–ئۇيغۇرچە ئارىلاشما ئىسىملار ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن%10 نى تەشكىل قىلىدۇ.  KyTuF   
مەسىلەن:ئەرەپچە–ئۇيغۇرچەئىسىملاردىن ئەلاخان، بەگمۇرات،جەۋلانئاي، قەمەرئاي......ئەرەپچە بىلەن پارىسچىدىن بىرىككەن ئىسىملاردىن باھارنىسا،پاكزات،گۈلدىيار،نۇرمىرزا،مىرزات.....،پارىسچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىن بىرىككەن ئىسىملار ئايخۇمار، ئاينىگار، گۈلشەنئاي،نۇربىيە، نىگارئاي، گۈلئايىمقاتارلىقلار ئاللابۇرۇن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ رەڭدار مەزمۇنلۇق بەتلىرىنى تولدۇرغان. Hb+X}7c$  
تەخەللۇس ئەرەپچىدە ”قۇتۇلماق،ئازات بولماق، ئايرىلماق“دېگەن مەنىدە (يازغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىسمىدىن ئايرىلىشىغا قارىتىلىدۇ)بولۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا”قەلەم نامى“ مەنىسىدە قوللىنىلماقتا. )i;un.  
تونۇق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ئۆزىگە چوڭقۇر مەنىلىك ئەرەپ پارىس سۆزلىرىنى تەخەللۇس قىلىپ قوللانغان ۋە قوللانماقتا.مەسلەن:تەۋفىق› ئە (غالىبىيەت،مۇۋاپىقىيەت)،تەجەللى›ئە (جۇلالىق)، لۇتفىي›ئە (مەرھەمەتلىك)، زىيائىي› ئە (نۇر)، شەۋقى (تەشنا بولغان،ئىستەك،ئىشتىياق)، بەرقى› ئە (ئوت، چاقماق) مەشرەپ›ئە (خۇلق ،خاراكتىر،ئادەت) F% `zs\  
لەقەم ئەرەبچىدىكى‹لەقەپ› دىگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولوپ «ئەدەبىي نام» دىگەن مەنىسىمۇ بار،چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى دەۋرىدە «ئەدىبىي نام» مەنىسىنى ئىپادىلەشكە« لەقەپ» ۋە «تەخەللۇس » سۆزى تەڭلا ئىشلىتىلگەن. ئەمما ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «تەخەللۇس» ئەدەبىي نامنى بىلدۈردىغان خاس ئۇقۇمغا ئايلىنىپ « لەقەم »بولسا كىشىلەر بىر-بىرىگە قويۇۋالىدىغان يات نامىنى كۆرستىدىغان مەخسۇس ئاتالغۇغا ئايلاندى. مەسلەن: تۇرسۇن پايتىما›پ ،ئەمەت بالداق›پ (ئەپكەش)،زاھىد پايپاس›پ (ئالدىراقسان)، مەمەت تارشا›پ (ئۇرۇق)، ئاينىياز باخشى، توختى كاسا›ئە، مەتتۇرسۇن گۇنداز›ئە( ئېغىر) ،تۇردى زال(قۇۋ،نادان) ئۇندىن باشقا تىلىمىزدىكى يەر نامىلىرى ئىچىدە بىر مۇنچە ئەرەپ، پارىسچە سۆزلەر بار. مەسلەن: زەرەپشان›پ (دەريا نامى)، ئاۋات›پ (ناھىيە ئىسمى)،لەنگەر›پ (ئۆتەڭ دىگەن مەنىدە)،ۋەخپە (كوچائىسمى)، يارەن، مىراج (رىستوران ئىسمى)... SAR= {/  
EkjgNEXq  
ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدىكى لىكسىكىلىق قىممىتى ھەققىدە5 $E\^v^LW  
5.
دىئالېكت سۆزلىرى +1QK}H ~  
ئەرەپ-پارىسچە سۆزلەر ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىت شىۋە سۆزلىكىنى ئەدەبىي تىلدىن پەرىقلەندۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى دىئالېكىت شىۋىلىرىدە ئەدەبىي تىلدا قوللىنىلىدىغان سۆزلەردىن باشقا يەنە دىئالېكىتلاردىلا قوللىنىلىدىغان ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەر بار. مەسلەن:خوتەن دىئالېكتىكى پارىسچە سۆزلەردىن خارەت (ياغاچچى)، زەدەك(سەۋزە)، سەگ(ئىت)، تامۇتا(پەمىدۇر)،گىنە(ئاداۋەت،ئۆچمەنلىك)، لاپىخور(پوچى)، غوراپ (خام ئۈزۈم)، مىياڭسال(بىر خىل شاپتۇلنىڭ نامى)، بەنتەر(دوخمۇش)، زىندىپاي(پەلەمپەي)، تەپ كەلمەك(تەڭ كەلمەك)، پاپكار(چىلىمداتاماكا ساتقۇچى)، كۇننۇس(پىخسىق)، غولى (ئاشۇرما دەرىجە رەۋىىشى )، گۆلەش (ھورون،سۆرەلمە)، تىۋەزۇن (كىچىك پالتا)، مويتاپ (يۇڭ ئاغامچا ئەشكۈچى)، دامىگىي(ماختانچۇق)،خۇۋالاشماق (ياخشى كۆرمەك)، خىرەۋانلىق (بوستانلىق)، پەللە(ئالدىماق)، بوستەكچى (تۈگمەنچى)، چاخ (ئورەك)،چىمانى (كۆز قاماشتۇرغۇچى،ئوبدان)،داغۇل(ئالا كۆڭۈل)، دەلگۈ(كەچكۈز،11-ئاي)، ناخۇش (چۇچىمەل)،ئۆندە (يامان،غەلىتە)،روپاش (مەستۈرە،چۈمبەل تارتقان)،سەلقىلىغ (ئۇستا،ماھىر)، مەڭگىسەر (ئۇنۇتقاق)،.... O#)jr-vXdV  
خوتەن دىئالېكىتىدىكى ئەرەپچە سۆزلەردىن ناقىس(كەم، كەمچىل)، ھەتتار(دورابۇرۇش)، پاسىق(پاسكىنا)، سەييات (ئوۋچى)،مىتەۋە(چاقچاق)،مۇددى /مۇددۇي(دۈشمەن)، نەسەلقى (نائۇستا)، دىۋەڭ(كالۋا،دۆت)، مەتلە(ئۆلمەك)، _|A + ) K  
تىمەسسە(گۇمان)،زال(ھورۇن،قۇۋ)، غەسسال(مىيىتنى يۇغۇچى)، مۇت (ھەقسىز). 1Ipfw  
لوپنۇر دىئالېكتىدىكى ئەرەپ-پارىسچە سۆزلەردىن مارقات\ماقات›ئە (قەبرە)،نىگارەن ›پ(ئىنتىزار بولماق)،دەيۋان›پ (ئىتەك،باغرى )....قۇمۇل شىۋىسىدىكى پارىسچە سۆزلەردىن دوشقار(مۇشكۈل،قىيىنچىلىق)،سارخوش(ساراڭ قېتىش)،سۇتۇق(ئاھاڭ)،گۈلەمشىۋا(گۈل ئىسمى)،ئەرەپچە سۆزلەردىن ماپ(ئۆلۈپ كېتىش،يوقۇلۇش)،غەسسال(مىيىت يۇغۇچى )..قاتارلىقلار بار. بۇ خىل سۆزلەر باشقا دىئالىكىت شىۋىلەردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ،مەسىلەن:سەلەپ›پ(ئاتۇش: كەلكۈن)، سەلگەچ›پ(قاغىلىق:قەبرە)ئاپقۇر›پ(غۇلجا:چوڭ چىنە)....بۇ ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەر ھەر قايسى دىئالىكىت شىۋىلەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ،ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر بىلەن بىللە تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەتنىڭ توشۇغۇچىسى سۈپىتىدەكونكىرىت شەيئىلەرنى،ئەڭ ئىنچىكە،نازۇك ئۇقۇم تۇيغۇلارنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئىزھارلىماقتا. ئەدەبىي ئەسەرلەرگە يەرلىك تۈس قوشماقتا. uR$i48}  
ھەتتا تىل كۆركى ماقال- تەمسىل،خەلق قوشاقلىرىمىزمۇ بۇ سۆزلەردىن رەڭ پۇراق ئالغان. مەسلەن: ماقالدا:مۇت، زەھەر بولسىمۇ يۇت(خوتەن) bWmw3w  
توڭغازنىڭ تۈكى تولا،مويتاپقا يارىماپتۇ.(مويتاپ:يۇڭ ئارغامچا توقۇغۇچى – خوتەن) MjD75hIZ  
كىنا قىلغىچە زىنا قىل. ( كىنا:ئالدى كەينىدەگەپ قىلىش-خوتەن)  
خوتۇننىڭ پۇلى- پەنجەرە(پەنجەرە›پ:توسۇق، شادا-لوپنۇر) > ' i  
ئىشەك يوقالسا روپاشتىن سوراپتۇ.(روپاش ›پ :يات ئەرلەرگە كۆرۈنمەيدىغان، يۈزىنى يېپىپ يۈرىدىغان ئايال -قۇمۇل) %\Wf^6Y^  
خوتەن خەلق قوشاقلىرىدا: c{Ou^.yR  
قاشىڭ بىلەن قارايسەن، بەندىلىك ئاھ بەندىلىك، ypdT&5Mqb!  
زولپىڭ بىلەن باغلايسەن، مەندىن بالامغا بەندىلىك. yN6>VD{F  
مەن ساڭا نىمە قىلغان، قۇربا يەتسە ئەۋەرتەر، [p;E~-S  
دەرت قىلغىلى چاغلايسەن، بىر كۇلا بىر بەندىلك. OLC{ iD#  
زۇلف›پ:چاچ كۇلا›پ:دىۋانىلەر كىيىدىغان ئۇچلۇق قالپاق . O"G >wv  
جەندە›پ:يىرتىق كىيىم ، دەرۋىشلەر تونى. [U/( 
قومۇل خەلق قوشاقلېرىدا: 6CbxuzYer  
ھاي –ھاي ئۆلەن ھاي ئۆلەن، بۇ ئۆلۈم يالغۇز ئۆلۈم، VVP:w%yW  
بارمۇ ھايات. بارچىغاكەلگەن ئۆلۈم. :GpDg  
قارچۇغىدەك بويۇڭغا، ھەزرىتى ئادەم ئاتاخى، ::FS/Y]Fg  
بولدۇم سايات. دەربەدەر قىلغان ئۆلۈم. q t%D'  
سايات ›ئە:ئوۋچى دەربەدەر›پ: ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈش، سەرگەردان 2owEw*5jl/  
داستاندا: s, k  
دىلىڭغا قارىسام ئۈزۈك كۆرۈنەر، ]0hrRA`  
پىشانەڭ ئوچۇق بۈزرۈك كۆرۈنەر. (بۈزرۈك›ب: ئىززەتلىك، ئۇلۇغ) %NL ^WG:  
نەرگىس كۆزلىرىڭ ياشقا تولۇپتۇ،(نەرگىس›پ نەرگىس گۈلى،بوتاكۆز،كۆز) \%^%wXfp  
شىكەستە دىلىڭ بەريان بولۇپتۇ، شىكەستە›پ:جاراھەتلىك؛بەريان ›ب:لەختە ZaNQpH.  
ئىيتقىل نىچۈن ئەپغان چىكەرسەن.(ئەبغان›داد-پەريات) Hx ,0zS%>  
دىمەك مەيلى ئەدەبي ئورتاق تىلىمىزدا بولسۇن،مەيلى دىئالىكىتلاردا بولسۇن، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئەرەپچە،پارىسچە سۆزلەرنىڭ لېكسكولوگىيىلىك قىممىتىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. 5j~$Mj`  
ئەرەپچە – پارىسچە سۆزلەر يېزىق تىلىمىزغا بىر قەدەر يېقىن بولغانلىقتىن نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە مەنىسىنى چۈشەنمەي قارغۇلارچە قوللىنىدىغان،ئاغزىغا كەلگەنچەبۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدىغان، كىشى ئىسىملىرىنى تاللىغاندا قۇلاققا چىرايلىق ئاڭلانسىلا مەنىسىنى سۈرۈشتۈرمەي سەلبى مەنىدىكى سۆزلەرنى باللىرىغا ئات قىلىپ قويىۋالىدىغان (مەسىلەن:ئابدۇمامۇت : مامۇتنىڭ قۇلى، رامىلە: تۇل خوتۇن، راھىلە : كارۋان تۆگىسى) ، يازغۇچى شائىرلىرىمىزمۇ ئەسەر يازغاندا غەيرىلىكنى xhcK~5C  
قوغلۇشۇپ، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەرنى قارىسىغا ئىشلىتىپ، تىلنى بېزىمەكتە يوق ئۇقۇمنى توغرا ئىپادىلەش مەقسىدىگىمۇ يىتەلمەيدىغان خاھىشلار مەۋجۈت. " Hd|7F'u=  
ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەرنىڭ تىل ئىستىمالى جەريانىدىكى فونتىكىلىق سېمانتىكىلىق ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى ئەستايىدىك تەتقىق قىلىش، بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيەسىنىڭ ئىختىيارىدا يەرلەشتۈرۈپ قېزىش ياساش پىرىنسىپىنى ئىشقا سېلىپ سۆزلۈك تەرەققىياتى ۋە بەدىئىي ئىستىلىستىكا ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلدۇرۇش لىكسىكا تەتقىقاتىمىزدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. w^t/9Nasi  
پايدىلانمىلار: #8)*1?  
1. «
ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» ھەمدۇللا ئابدۇراخمان قاتارلىقلار تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىلى 5-ئاي. qgfi\/$6  
2. «
چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپپەسسەل بايان » ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2004-يىلى 5-ئاي. eH{[C*  
3. «
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» (قىسقارتىلمىسى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىلى 8-ئاي. vh$%9ed  
4. «
چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى 4-ئاي . N0r16# -g  
5. «
ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى» باش تۈزگۈچى ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى 10-ئاي. D|{jR~J)xK  
6. «
ئۇيغۇرلاردا فامىلە» ئەنۋەر سەمەت غەربىي، شىجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2002-يىلى 4- ئاي. R~PA 1wDZ  
ئىزاھ: ماقالىدا” ئە “ ھەرىپى ئەرەپچىگە، ” پ “ھەرىپى پارىسچىگە ” ›“ بەلگە شۇ تىلدىن قوبۇل قىلىنغان دېگەن مەنىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ nR-YrR*k  
sr{a(4*\  
كاشغەرى ئۇيغۇر شۇناسلىق تورى Ta ?_5  
  q E&v ;  
}\tdcTMgS  
sGy eb5c  

tunyukuk 2011-06-05 08:41
پايدىلىش قىممىتى زور، ياخشى ماتېرىيال ئىكەن.  «رامىلە»نىڭ مەنىسى تۇل خوتۇن، «راھىلە» نىڭ مەنىسى كارۋان تۆگىسى دېگەنلىك بولىدۇ  دېيىلىپتۇ. بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويغاندا بۇنداق سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمەيلا قويغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

tawpek 2011-06-07 21:34
تامۇتا(پەمىدۇر)  بۇ سۆزنى ھازىرمۇ كىرىيەدە شۇنداق ئاتايمىشقۇ. R@/"B8H  
x.f]1S7h[  
تىۋەزۇن (كىچىك پالتا) Hw7;;HK 7  
Jbjmv: db  
بۇنى بىز تىۋەزدۇن  دەيمىز. ->l%TCHP  
 Of"  
مۇت (ھەقسىز). ;LG#.~f  
Km(n7Ah"  
مۇت ،زەھەر بولسىمۇ يۇت.                             بىز بۇنى كۆپ ئىشلىتىمىز. QWD'!)Zb  
cl]Mi "3_  
ئاتۇشتا بۇنى: *VFf.aPwYi  
بىكارلىققا زەھەر بولسىمۇ يەپ ئۆلىۋال .                 دەيدىكەن.

qirak 2012-01-16 02:15
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇن يوللىنىپتۇ. «تامار-تامار كۆل تولار» دېگەندەك تەۋپىق تورى ھەقىقەتەن مەزمۇنغا باي بولغۇسى، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

yar130 2013-12-07 16:40
  ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

ئەكبەرنىياز 2013-12-07 18:44
ھەقىقەتەن ئېسىل ماتىريال ئىكەن ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

گۈلنىھال 2014-01-22 20:07
بۇرۇنراق كۆرگەن بولسامچۇ , ھېلىمۇ خېلى جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم , رەھمەت•

مىېھرىما 2014-01-27 11:38
بۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقرى  ماتريالكەن نۇرغۇن بىلىمگە ئگە بولۋالدىم. I@yCTl uV$  
;[M}MFc/`  
خوردان،مەتلە ،چاچ كۇلا ،لۇتفىي ...قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنمۇ بىلۋالدىم. بۇنى مەن باشقىچە چۈشنەتتىم . سىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەب-پارىسچە كىرمە سۆزلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled