查看完整版本: [-- كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

saman22 2011-06-02 00:34

كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدە

كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار unN=yeut  
1.          ئۇيغۇر تىلى oES4X{,  
A ^U` c'$  
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ  تۈركى تىللار تۈركۈمى، شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى. vQhi2J'  
ztHEXM.  
   قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مىلادىينىڭ باشلىرىدىن 10-ئەسىرگىچە ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغان . F,>-+~L=  
2#g4R  
   ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى 10-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى تۈركىي خەلقلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغان . r,-9 ]?i  
SE 
  چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە « چاغاتاي تىلى»، «قەشقەر تىلى» دېگەن ناملار بىلەن شەرقىي تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. 5X=ik7m^  
FST}:*dOe5  
2.         
ئۇيغۇر يېزىقلىرى `.F+T)G  
[V_?`M  
1.           سوغدى يېزىقى ــــ ئارخېئولوگىيە ئىلمى ۋە تارىخىي ماتىرىياللار دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى 5 ـــ 6-ئەسىرلەردە قوللانغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يېزىقتا خاتىرلەنگەن ئۇيغۇرچە تارىشا پۈتۈكلەر تۇرپاندىن تېپىلدى.
Zk#?.z}  
Isna KcLM  
2. ئورخۇن-يىنسەي يېزىقى ــــ ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى 5-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە، يەنى غەربكە كۈچۈشتىن ئىلگىركى دەۋرلەردە قوللانغان. بۇ يېزىق قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆك تۈرك يېزىقى، تۈرك-رونىك يېزىقى، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. كىيىن بۇ يېزىقنىڭ دولبارچىن يېزىقى، دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم بولدى.
.7Lv  
w M#BQe3t#  
ئورخۇن-يىنسەي يېزىقىدا 39ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر، بۇ يېزىق ئومۇمەن ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 30ھەرپ 18ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر –بىرىدىن قوش چېكىت (:) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار: ‹‹چورىن مەڭگۈ تېشى››، ‹‹تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى››، ‹‹ كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى››، ‹‹بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى›› ۋە باشقىلار. XOi[[G}  
#w:6<$  
3. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى
- ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى8-ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بولۇپ، تۈركى خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىرىدىكى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن بىر قاتاردا قوللىنىپ كەلگەن. بۇ يېزىق جەنۇبىي شىنجاڭدا 8-ئەسىردىن 11- ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-ئەسىردىن 15-ئەسىرلەرگىچە، ئالتۇن ئوردىدا 16-ئەسىرگىچە، گەنسۇدا ياشىغۇچى سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا 19-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. }4M4D/=  
G oJ\6& "  
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىردن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ، بۇ يېزىقتا جەمئى 23ھەرپ بولۇپ، بەش ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 18ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرپى باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە. uRu)iBd D  
3x{2Dhi  
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلاردىن ۋەكىللىك خاراكېرىگە ئىگىلىرى
: ‹‹ئالتۇن يارۇق›، ‹‹ مايتىرى سىمىت››، قۇتادغۇبىلىگ›› (ۋېنا نۇسخىسى) ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› ( ئا نۇسخا)، ‹‹ئۇغۇزنامە›› قاتارلىقلار. :$"L;"  
(`&`vf  
4. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى
- ئەرەب يېزىقى 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى، جۇملىدىن ئوتتۇرا ئاسيا رايونى بويىچە ئومۇميۇزلۈك قوللىنىشلىشقا باشلىغان. 12-ئەسىرگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەي قوللىنىلغان، 12-ئەسىرنىڭ 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەرەب تىلىغا خاس شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ، قەدەممۇقەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان. ;Pi-H,1b  
P5*~ Wi`   
بۇ يېزىق 30ھەرپ ۋە بىر قانچە شەرتىلىك بەلگىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەرپلەر باش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى شەكىل ۋە ئايرىم شەكىل قاتارلىق شەكىللەرگە ئىگە، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. = NHzh!  
Pkbx /\  
بۇ يېزىقتا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلاردىن ۋەكىللىكلىرى:‹‹دىۋانۇ لۇغەتىن تۈرك››، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› (پەرغانە، قاھىرە نۇسخىلىرى)، ‹‹ ئەتەبەتۇل ھەقايىق››( س نۇسخا)، ‹‹ قىسەسۇل ئەنبىيا›› قاتارلىقلار. T&]J3TFJ  
p(F}[bP  
5. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى
- بۇ ئەرەپ ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى داۋاملىق ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە زور دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان يېزىق بولۇپ، 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ كەڭ قوللىنىلغان، چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن چاغاتاي خاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە قوللىنىلدى. '$3]U5KOwK  
bJo)rM :m  
  4E m mh=A  
{1Z`'.FU  
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرى 3+_ .I{  
‹‹ كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى››- بۇ كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يازما يادىكارلىق بولۇپ، مىلادىيە 731-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن قەھرىمان كۆل تېگىن نامىغا 732-يىلى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭ تېكىسىتى جىيەنى يوللغ تېگىن تەرپىدىن كۆك مەرمەر تاشقا ئورخۇن يېزىقى خەنزۇ يېزىقىدا ئويۇپ قالدۇرۇلغان. H1hADn  
qw }. QwPT  
‹‹ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى››
- كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يازما يادىكارلىق بولۇپ، مىلادىيە 734-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ھۆكۈمدار بىلگە قاغان نامىغان735-يىلى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭ تېكىستى جىيەنى يوللۇغ تېگىن تەرپىدىن يېزىلغان بولۇپ، كۆك مەرمەر تاشقا ئورخۇن يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقىدا ئۇيۇپ قالدۇرۇلغان. gi<%: [jT  
oU)3du   
‹‹ كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى›› بىلەن ‹‹ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى›› 1300يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ يازما تاشلار 1889-يىلى مۇڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن دەرياىسى بويىدىكى خوخۇت سايدام دېگەن يېرىدىن تېپىلغان. شۇڭا ئۇ ‹‹ خوخۇت سايدام مەڭگۇ تېشى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ant#bDb/  
@%rj1Gn  
  
(i*;V0  
}gr6naz  
‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››- چوڭ تىپتىكى قامۇس، بۇ ئەسەرنىڭ1266-يىلى مۇھەممەد ئىبىنى ئەبى بەكرى ئىبنى ئەبلىغەتھى دېگەن كىشى تەرپىدىن كۆچۈرۈلگەن قوليازما نوسخىسى ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبول مىللىي كۈتۈپخانىسدا ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئەسەرنى 1917-يىلى 1919-يىللىرى تۈركيىلىك كىلىسلى رىفئەت ئۈچ توم قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان ۋە 1939-1941-يىللىرى بېسىم ئاتالاينىڭ تۈركچە تەرجىمىسى ئىستانبولدا، 1960-1963-يىللىرى ئۆزبەكچە تەرجىمىسى تاشىكەنتتە نەشىر قىلىنغان، بۇ ئەسەر 1981-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندى. !Ol>![  
&J\V !uVo  
‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› دىكى ئەدەبىي خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. !,mv 7Yj  
AeqxH1%  
‹‹قۇتادغۇبىلىك››
نىڭ باشقىلار تەرپىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۈچ قوليازما نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. MPINxS  
\:cr2w'c  
1) كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋېنا نۇسخىسى (1439-يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋېنا نوسخىسى ).  2) ئەرەب يېزىقى بىلەن (16-ئەسىرنىڭ بىرىنجى يېرىمىدا) كۆچۈرۈلگەن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى. 3) 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ تولۇق نۇسخا بولغان ئەرەب يېزىقىدىكى نەمەنگان ياكى فەرغانە نۇسخىسى. f)xHSF"  
FFH9 $>A  
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى شېئىرىي نۇسخىسى 1984-يىلى، نەسىرىي نۇسخىسى 1991-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندى. fqaysy  
CD\k.  
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82باب، 6644بېيىت (13288مىسىرا) تىن  تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىك داستان بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ئارۇز ۋەزىنندە مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدا نەسىر ھەم نەزم بىلەن يېزىلغان ئىككى مۇقەددىمىدىن تاشقىرى، ياشلىق باھارىغا ئېچىنىش ھەم قېرىلىقتىن زارلىنىش ھەققىدىكى مۇقەددىمىمۇ بار. MjM@'A#  
p)d0ZAs  
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› دىكى سىمۋوللۇق ئوبرازلار: پادىشاھ كۈنتۇغدى- ئادالەت ۋە قانۇنغا، ۋەزىر ئايتولدى- بەخىت –سائادەتكە، ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئۈگدۈلمىش-ئەقىل-ئىداراكقا، ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى ئۇدغۇرمىش- قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئەسەردىكى ۋەقەلىك باشتىن –ئاخىرى تۆت پېرسوناژ ئوتتۇرسىدىكى سوئال – جاۋاب ۋە مۇنازىرە بىلەن راۋاجلىنىپ بارىدۇ. $gsn@P>"  
qGtXReK  
‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››- 14
بابلىق داستان بولۇپ، 484 مىسىرادىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭغا كېيىنرەك باشقىلار تەرپىدىن يەنە ئۈچ پارچە شېئىر قوشۇلۇپ، 512 مىسىراغا يەتكەن. بۇ ئەسەر ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقارىپ بەھرىدە يېزىلغان. شائىر بۇ داستاننى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يازغان. ;H5H7ezV  
\~4uEk"]  
‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› نىڭ بىزگىچە ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن. (1) قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا سەمەرقەندتە كۆچۈرۈلگەن ‹‹ ئا ›› نۇسخا.  (2) ئىستانبولدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقىدا قۇرمۇ قۇر بىللە كۆچۈرۈلگەن ‹‹ ب ›› نۇسخا.  (3) ئەرەب يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن ‹‹ س ›› نۇسخا بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىستانبولدا ساقلانماقتا. "j5b$T0P>  
,^ MA,"8  
ئەلشىر نەۋايى ئەسەرلىرى:-  ‹‹
غەزائىنول مەئانى›› (مەنىلەر خەزىنىسى) ناملىق شېئىرلار دىۋانى بىلەن ‹‹ خەمسە›› دىۋانى (بەش داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نەۋايى ئىجاديىتىدكى ئەڭ يىرىك نەمۇنىلەردۇر، نەۋاينىڭ يەنە ‹‹ مەجالىسۇن نەفائىس›› (گۈزەللەر يىغىلىشى)، ‹‹ لىسانوت تەير›› ( قۇشلار تىلى)، ‹‹ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن›› ( ئىككى تىل مۇھاكىمىسى)، ‹‹مەھبۇبول قۇلۇپ›› (كۆڭۈلنىڭ دوستى) قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار. "R-1 G/  
Yr@)W~  
‹‹ خەزائىنول مەئانى››
ئاساسەن غەزەللەردىن ئىبارەت 16 خىل لىرىك ژانىردا يېزىلغان 48803 مىسىرالىق 3132 پارچە لىرىك شېئىردىن تەركىب تاپقان تۆت دىۋان، يەنى ‹‹چاھار دىۋان›› بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كۆپ قىسىم لىرىكىلاردا ئىنسان ھۆرلۈكى كۈيلەنگەن، ئادالەت ۋە مەرىپەت ئۇلۇغلىنىپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. f $MVgX  
"(/ 1]EH`  
‹‹ خەمسە››
داستانى- ‹‹ ھەيرەتۇل ئەبرار›› ( ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى)، ‹‹پەرھاد-شىرىن››، لەيلى-مەجنۇن››، ‹‹ سەبئەئى سەييار››، (يەتتە سەييارە)، ‹‹سەددى ئىسكەندەر›› ( ئىسكەندەر سېپىلى) قاتارلىق بەش داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. nA%H`/O{  
^g`1SU`  
ھىرقىتى:-
شائىر ھىرقىتىنىڭ ‹‹مۇھەببەتنامە-مېھنەتكام›› ناملىق داستانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى ئېپىك –لىرىك داستان بولۇپ، بۇ ئەسەر 1670-يىلى قەشقەردە يېزىلغان، شائىر ئۆزنىڭ بۇداستانىنى مەسنەۋى شەكىلدە يازغان بولۇپ، بۇ نادىر داستان جەمئىي 903 بېيىت، 1806 مىسرادىن تەركب تاپقان، داستاندا ‹‹ سابا››، ‹‹ بولبۇل›› ‹‹ گۈل›› قاتارلىق سىمۋوللۇق ئوبرازلار يارتىلىپ، يورۇقلۇق، ئادالەت ۋە ئەمگەكچى خەققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، جاھالەت، زۇلمەت ۋە زالىملارغا بولغان غەزەپ –نەپرەت ئىپادىلەنگەن. bq3G3oAyG  
@)mH"u!(7  
جۇڭگو قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىغا دائىر مۇھىم ئۇچۇرلار CW>f;  
1. چىن سۇلالىسدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەر ئەدەبىياتى؛-چىن سۇلالسى دەۋرىدە، شېئىر جەھەتتە ‹‹ شېئىرنامە›› ناملىق توپلام مەيدانغا كەلگەن، بۇ، توپلامدا 305 پارچە شېئىر قوشاق بار، غەربى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹‹قەدىمنامە››، چۈنچيۇ دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ‹‹يىلنامە›› قاتارلىق كىتابلار بارلىققا كەلگەن. يەنە چۈيۈەننىڭ چوڭ ھەجىملىك سىياسى لىرىكا (لىرىك داستان) ‹‹جۇدالىق زارى›› نى ھەمدە ‹‹ توققۇز نەزم» «توققۇز ناخشا»  قاتارلىق مەسھۇر ئەسەرلەرنى يازغان. TCJH^gDt  
c;l d  
2. خەن سۇلالسى دەۋرى ئەدەبىياتى:  خەن سولالسى ئەدەبىياتىدا شېئرىيەتتە ‹‹يۆفۇ قوشاقلىرى›› دەپ ئاتالغان مۇزىكا مەھكىمىسى خەلق قوشاقلىرى، ئەدىبلەرنىڭ بەشلىك (ھەر بىر مىسراسى بەش خەتلىك) شېئىرلىرى: نەسىر جەھەتتە سىياسىي مۇھاكىمىلىك نەسىرلەر ۋە بۇدەۋرىدە مەيدانغا كېلىپ تەرەققى قىلغان تەسۋىرىي نەسىرىي نەزمىلەر بىلەن تارىخىي تەزكىرە تەرجىمىھال ئەدەبىياتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. IpQ51  
<\c 5  
بۇ دەۋىردە  ‹‹شەرقي قوۋۇق قوشقى››، ‹‹ كېسەل ئايال قوشقى››، ‹‹ يېتىم قوشقى››، ئونبەش ياشتا ئەسكەرلىككە باردىم›› قاتارلىق داڭلىق قۇشاقلار، ‹‹ئېتىز قېرىدىكى ئۈجمە دەرىخى››  (يۆفۇ قوشقى) ناملىق چاققان ھەجىملىك خەلق داستانى، ‹‹ تاۋۇسلار ئۇچىدۇ شەرقى جەنۇپقا›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك مەشھۇر خەلق داستانى بار. o|G.tBpKg  
DWDL|4 og  
نەسىر جەھەتتە ۋەكىلىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەدىبلەردىن جىيايى، چاۋتىسو، خۇەن كۇەن، ۋاڭ چۇڭ قاتارلىقلار بار. <N^2|*3  
Kxb_9y0`r  
تارىخى-تەزكىرە ئەدەبىياتى جەھەتتە سىماچەننىڭ ‹‹تارىخى خاتىرىلەر›› ناملىق ئەسىرى ۋە بەنگۇنىڭ «خەننامە» ناملىق ئەسىرى بار. wYZFW'5p  
:.Vn  
3. ۋېي، جىن سۇلالىلىرى ۋە جەنۇبىي سۇلالىلەر بىلەن شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى ئەدەبىياتى. RajzH2j+>  
H `Fe |6I&  
بۇ دەۋر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي تۈرى شېئىر، بۇنىڭدىن تاشقىرى نەسىر، تەسۋىرىي نەسىر، نەزىم بولغان، يەنە ھېكايە ژانىرى بارلىققا كېلىپ، چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەدەبىيات نەزەرىيسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مەيدانغا كېلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 1t/#ZT!X/  
4Y8/>uL  
بۇ دەۋىر ھېكايىلىرى غارايىباتلار ھېكايىلىرى ۋە سەرگۈزەشتلەر ھېكايىلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئالدىنقىسىغا گەنباۋنىڭ « ئەۋلىيا ئىزدەش قىسىلىرى» ناملىق توپلىمدىكى ھېكايلىرى، كېيىنكىسىگە ليۇ يىچىڭنىڭ « زامانىمىزنىڭ يېڭى ھېكايىلىرى» ناملىق توپلىمىدىكى ھېكايىلەر ۋەكىلىك قىلىدۇ. ^.y}2  
*?%DdVrO@  
ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە دائىر ئەسەرلەردىن ساۋپىنىڭ «نۇمۇدە ئەدەبىي ئەسەرلەر توغرىسىدا»، لۇجىنىڭ «ئەدەبىيات توغرىسدا»، ليۇ شيېنىڭ « ئەدەبىي ماھارەت ئۆرنەكلىرى»، جۇڭرۇڭنىڭ « شېئىرلانى باھالاش» قاتارلىق ئەسەرلەر بار. K"-.K]O8E%  
sF}T9 Ue  
4. تاڭ سۇلالسى دەۋرى ئەدەبىياتى؛- تاڭ سۇلالىسى دەۋرى جۇڭگۇ ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئىنتايىن پارلاق ۋە غايەت زور ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلگەن دەۋر ھېسىاپلىنىدۇ. بۇ دەۋردە شېئىر، نەزم، نەسىر، ھېكايە ژانىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرغان ۋە دەۋر بولگۆچى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. lpLjfHr  
=dz  iR _  
داڭلىق شائىرلاردىن لى بەي، دۇفۇ، بەي جۇيى قاتارلىقلار بار. بۇ دەۋردە چۈەنچى ھېكايىلىرى دەپ نام ئالغان يېڭى ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى. $NzD&b$7  
smW 7zGE  
5. سۇڭ سۇلالسى دەۋرى ئەدەبىياتى
:- سۇڭ سۇلالسى نەسىر ئىجادىيتى تاڭ سولالىسدىكى ‹‹گۇۋېن ھەرىكىتى›› (قەدىمكى نەسىرلەر ھەرىكىتى) نىڭ ئەنئەنىسگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا شېئىر-نەسىر جەھەتتىكى يېڭىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، شۇڭا سۇڭ سۇلالسى نەسىر ئىجادىيتى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. 9 m MPkgc  
Q)S0z2  
سۇڭ سۇلالسى دەۋرى ئەدەبىياتىدا ھېكايىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قېتىملىق زور ئۆزگىرىش بولغان، خۇابېن ھېكايىلىرى دېگەن يېڭى بىر ھېكايە شەكلى مەيدانغا كەلدى، بۇ تەرەققى قىلىپ خۇابېن قسسەلىرى مەيدانغا كەلگەن. I|] ~f[xI  
}stc]L{79  
6. يۈەن سۇلالسى دەۋرى ئەدەبىياتى
:- يۈەن سۇلالسى دەۋرىدە ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي ئېقىمى زاجۈ بىلەن سەنچۈ بولغان، يەنە جەنۇپ ئوپېرالىرى بارلىققا كەلگەن. شېئىر ۋە نەسىر ئىجادىيتىمۇ داۋام قىلغان، داڭلىق زاجۇچىلەر گۇەن خەنچىڭ، ۋاڭ شىغۇ، ما جىيۈن بولۇپ، گۇەن خەنچىڭنىڭ ‹‹دۇئېنىڭ ناھەق جازالىنىشى››،‹‹ جاۋپەنئېرنىڭ مۇھەببەت سەۋداسىدا خورلۇققا قالغاننى پالاكەتتىن قوتۇلدۇرۇشى››، ‹‹دەرياغا نەزەر تاشلاش شىپىڭى›› ناملىق ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى بار؛ ۋاشىفۇنىڭ ‹‹غەربىي ھۇجرا مۇھەببەت قىسسەلىرى››، ماجىيۇەننىڭ ‹‹خەن سۇلالىسى ئوردىسىدىكى كۈز›› ناملىق ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى بار. JSCe86a7 
y}dop1zp  
يۈەن سۇلالسى دەۋىردە خەنزۇتىل – يېزىقىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت ئەدىبلىرى مەيدانغا كەلگەن، داڭلىقلىرىدىن جورجىن مىللىتىدىن زاجۇچى لى جىفۇ، قىتان شائىرى يوللىغ چۇساي، ئۇيغۇر مىللىتىدىن شائىر گۇەن يۈنشى، مازۇچاڭ، سەيدۇللا، ناشىن قاتارلىقلار بار. 6tBL?'pG  
Xl^=&!S>me  
7. مىڭ سۇلالسى دەۋرى ئەدەبىياتى uc4#giCD  
&y"e|aE  
مىڭ سۇلالسى دەۋرىدە بىر قىسىم داڭلىق يازغۇچىلار دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان. بۇ جەھەتتە لوگۇەنجۇڭ ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانى، شى نەيئەننىڭ ‹‹ سۇ بويىدا›› ناملىق رومانى ۋە ۋۇچېڭئىن ۋە ئۇنىڭ‹‹ غەربكە ساياھەت›› ناملىق رومانى، لەنلىڭ شياۋشىياۋ شېڭنىڭ ‹‹ جىنپىڭمىي نەزملىك قىسسەلىرى›› ناملىق رومانى مەيدانغا كەلگەن. 5>M6lwS  
JG-\~'9  
8. چىڭ سۇلالسى دەۋىرى ئەدەبىياتى fH[Yc>(oj  
|c,,*^  
1) قەدىمكى ئەدەبى تىلىدىكى ھېكايىلەر: پۇسۇڭلىڭنىڭ ‹‹لياۋجەي رىۋايەتلىرى››. f/Cf2 K  
\UZlFE  
2) خاتىرە خاراكتېرلىك ھېكايىلەر: جى يۈننىڭ ‹‹يۈۋېي كەسپى خاتىرىلىرى›› ;^VLx)q  
q))r lMo  
3) رومانلار: چىن چېننىڭ ‹‹ سۇ بويىدىكى قەھرىمانلارنىڭ كېيىنكى قىسسەلىرى››:  چىيەن سەينىڭ ‹‹ يۆفېينىڭ مۇپەسسەل قىسسەلىرى››، ۋۇجىڭىزىنىڭ ‹‹رايىش موللىلارنىڭ غەيرى رەسىمى تارىخ››، لى لۇيۇەننىڭ ‹‹ ئاچا يول چىرىغى››، ساۋ شۆچىننىڭ ‹‹ قىزىل راۋاقتىكى چۈش ›› رومانى. CtiTXDc_  
P:,@2el  
نەسىر ئىجادىيتى جەھەتتە، قەدىمكى شەكىلدىكى نەسىرلەر بىلەن جۈپلۈك نەسىرلەر تەرەققى قىلغان. Te&F2`vo  

tawpek 2011-06-04 12:31
تىل نامى بىلەن ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى ھە دىسىلا ئالماشتۇرىۋىتىمەن، قانداق قىلسام تولوق ئەسكە ئالالارمەن دەيمەن. RE~9L5i5  
n."vCP}O+  
جۇڭگو قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىغا دائىر مۇھىم ئۇچۇرلار jx*jYil  
Pv@P(y?\  
#m %ZW3  
ئەسلى 3 تىما قىلىدىغان تىمىكەن بۇ.

miskin325 2011-07-18 21:24
مەن كىلاسسسىك ئەدەبىياتنى بەك ياخشى كۆرىمەن،رەخمەت سىزگە

tawpek 2011-07-19 20:33
چىن چېننىڭ ‹‹ سۇ بويىدىكى قەھرىمانلارنىڭ كېيىنكى قىسسەلىرى››:   'aj97b;lpG  
d'bAM{R>  
g3fxf(iY(  
`Mg&s*  
بۇ   سۇبويىدا  نىڭ ئاخىرى ئەمەستۇ؟

ياسىنجان510 2013-11-24 10:26
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇنى ئوقۇتۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىلار ئىكەن ،ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.

مىېھرىما 2014-01-19 21:34
مەنمۇ كىلاستىك ئەدەبىياتنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. سىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled