ئۇستازلارغا سالام !
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئۇستازلار : rH7Cv/Y مەن بۇ مۇنبەرگە كىچىكىپ كىرگىنىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسسلىنىمەن . p/Ul[7A4e
مەقسەتكە كەلسەم ، ئىككى كۈندىن بۇيان مەن " تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات زۆرۈر دەرىسلىك" نىڭ بىرقىسىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئېگە دەپ قارىغان ماتېرياللىرىنى يوللىدىم . بۇ ماتېرياللارنى تۈزۈپ چىقىشتا ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىدىنمۇ ۋە بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئەمگىكىدىنمۇ پايدىلاندىم . شۇنداقلا بۇ ماتېريالنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى ، بۇ جەرياندا تەجىربەمنىڭ كەمچىلىكى ، سەۋيەمنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بەزى مەزمۇنلار ئاددىي ياكى تومتاق بولۇپ قالغان بولۇشى تەبئىي . چۈنكى ، مەن تېخى تۈنۈگۈنلا سېلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن بىلىم ئېلىۋاتقان بىر قۇش ئىدىم . شۇڭا مۇنداق جايلار بولۇپ قالسا تۈزۈتۈپ پايدىلىنارسىلە. كەمچىللكلىرىمنى كۆرسۈتۈپ بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن . مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن بۇ ئاددىيغىنە سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلارسىلەر . ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن . دىققەت : بۇ ماتېرياللارنى سودا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . مەسلە كېلىپ چىقسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئىگە ! ( بۇنىڭ ھەممىسى مائارىپىمىز ۋە ئۇستازلار ئۈچۈن .مەقسىتىمنى توغرا چۈشىنەرسىلەر ! ) |