«ئاقچۇق سېيىدا» («ئىز»رومانىدىن پارچە )
ئاقچۇق سېيىدا F2MC)
(«ئىز» ناملىق روماندىن پارچە) `Z#':0Z
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ^(Z%,j3O
Sb?Ua*(L: "Bwmq9Jq كۆر ئىتقا بولۇۋەرسە باش ئارسلان، l^KCsea
# v,8Q9<=O بولۇر ھەممە ئىتلار ئارسلانسىمان. _yX.Apv] 3TZ: گەر بولسا ئىت ئارسلانغا باش، K3UN#G)U D%LYQ
بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان. Yh;(puhyA $uJc/ − «قۇتادغۇ بىلىك» تىن <%`Rku f[.'V1 مەغرۇر قوماندان چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. WHOX bd-iog( − خەنزۇ خەلق تۇراقلىق ئىبارىسى 7:Rt) EE2 *RVCz|0%w
1 x4
g/ok
1912 - يىلى ماينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئامبال، شيەتەي، ھاشىر تەيجى، قېزىبەگ غوجا، ئۈۋەيس ئەئلەم قاتارلىق بىرمۇنچە يۇرت چوڭلىرى ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى بىلەن شەھەرنىڭ بىر مەنزىل غەربىدىكى سۇمقاغا دېگەن يەردە ھەشەمەتلىك چاجاڭلارنى تىكتۈرۈپ، يۈەن داخۇانى زور داغدۇغا بىلەن قارشى ئالدى. شامەخسۇت سۇمقاغىغىچە بېرىشنى ئۆز مەرتىۋىسىگە مۇناسىپ كۆرمىدى. چۈنكى ئۇ، 1875 - يىلى ۋاڭلىققا ئولتۇرغاندىن بۇيان، تېخى ھېچقانداق ئەمەلدارنىڭ ئالدىغا چىقىپباقمىغانىدى. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ مانجۇ خانلىقىغا قارشىقوزغىلاڭلارنى بېسىشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ شامەخسۇتنىڭ خانلىققا بولغان چەكسىز ساداقىتى بەدىلىگە خانلىقتىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇنۋان، مەرتىۋە ۋە ئىمتىيازلار شۇقەدەر يۇقىرى ئىدىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقانداق ئەمەلدار بۇ جەھەتتەئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالمايتتى. مەسىلەن، گۇاڭشۈ خانىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى (1906 - يىلى) ئۇ بېيجىڭغا ئون ئالتىنچى قېتىم زىيارەتكە بارغاندا، خان ۋە ئۇنىڭ ئانىسىسىشى تەيخۇ ئۇنىڭغا يەتتە ئەجدىھا سۈرىتى كەشتىلەنگەن سېرىق دۇردۇن پەشمەت ئىلتىپات قىلغان. مۇنداق پەشمەت مەرتىۋە جەھەتتىن خاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىر - ۋۇزرالارغا خاس بولۇپ، ئۇنى كىيگەن كىشىنىكۆرگەندە، ھەرقانداق ئەمەلدارنىڭ تىز پۈكۈپ، تەزىم بەجا كەلتۈرۈشى، پۇقرا بولسا، باش قويۇپ قۇللۇق بىلدۈرۈشى شەرت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شامەخسۇت مانجۇ خاننىڭھۇزۇرىغا كىرگەندە، ئوردىنىڭ يەتتىنچى دەرۋازىسىغىچە ئاتلىق بېرىشقا ۋە خان بىلەن ھەممىسىدىن بۇرۇن كۆرۈشۈشكە ئىمتىيازلىق ئىدى. QT73=>^B QRrAyRf[ بىراق، قۇمۇل تاغلىرىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان گۈلدۈرمامىنىڭ دەھشەتلىك ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلۇش تەقەززاسى ئۇنى بارلىق كىبىر - غۇرۇر، مەرتىۋە ۋە ئىززەت - نەپسىنى ھازىرچە بىر ياققا قايرىپ قويۇشقا مەجبۇر قىلدى - دە، ئاخىر، سەككىز كىشى كۆتۈرگەن تەختىراۋانغا چۈشۈپ، شەھەردىن بەش چاقىرىم يىراقلىققا تىكىلگەن ئالاھىدە چاجاڭغىچە باردى ۋە «مېھمانلار» نى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يۈەن داخۇانى يېنىغائولتۇرغۇزۇپ، تەختىراۋان بىلەن شيەتەي يامۇلىغىچە ئېپكېلىپ قويدى. خەپ تۆمۈر، مېنىئەجەب ئانىي تېپىپ كەتتىڭ، مېنىڭ بېشىمغا ئەجەب ئېغىر كۈلپەتلەرنى سالدىڭ، سېنىڭ دەستىڭدىن مانا بۈگۈن مەنسەپتىن چۈشكەن بىر لالمىغا ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىمئولتۇرۇپ باقمىغان تەختىراۋانىمدىن ئورۇن بېرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىمەن، دەپ ئويلايتتى ئۇ. s]0 J'UN 2p#d ئىككى كۈندىن كېيىن، شامەخسۇت ئۆز ئوردىسىدا يۈەن داخۇا شەرىپىگە تەنتەنىلىك زىياپەت ئۆتكۈزدى ۋە ئوردىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىغىچە چىقىپ، «قەدەم تەشرىپىڭىز قۇتلۇق بولسۇن» دەپ قارشى ئالدى. m.`I} EW vhT]<0 شامەخسۇتنىڭ ئوردىسى «خۇيچېڭ» (مۇسۇلمان شەھىرى) نىڭشەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا، خۇددى ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە چوقچىيىپ تۇرغان قەدىمىي قورغانغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئېگىزلىكى بىر يېرىمتېرەك بويى كېلىدىغان بۇ ئوردىنىڭ شىمالىي تەرىپى سېپىل بىلەن قورشالغان بولۇپ، شەھەرنىڭ «ئوردا قوۋۇق» دەپ ئاتىلىدىغان دەرۋازىسى دەل شۇ يەردە ئىدى، ئەمما بۇ دەرۋازا توپتوغرا شىمالغا ئەمەس، غەربىي شىمال تەرەپكە قارايتتى. بۇ دەرۋازىدىنكىرگەن كىشى ئوڭ قولغا بۇرۇلۇپ، 15 قەدەمچە ماڭغاندىن كېيىن، شىمالغا قارىتىپكېمىر ئۆي شەكلىدە سېلىنغان يەنە بىر دەرۋازىدىن ئۆتكەندە، ئۇدۇلدا ئەگرى - توقاي كوچىلار، سول قولدا خۇددى سۈرلۈك يامۇل دەرۋازىلىرىدەك قارىيىپ تۇرغان يەنە بىر دەرۋازا كۆرۈنەتتى. كۈنپېتىشقا قارىتىلغان بۇ چاسا دەرۋازا، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە قوراللىق قاراۋۇللاردىن تاشقىرى، ئاغزىنىئېچىپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ئىككى شىرنىڭ تاش ھەيكىلى ئورنىتىلغان ۋە شۇ يەردىنباشلاپ ئىككى قاتار سېدە دەرىخى كۆكەرتىلگەنىدى. دەرۋازىدىن كىرىپ ئۇدۇل قارىسىڭىز، 20 نەچچە قەدەم نېرىدا گىرۋەكلىرى پىششىق خىش بىلەن قوپۇرۇلۇپ، قىزغۇچ پور رەڭدە بويالغان بىر توغرا تام كۆرۈنەتتى. بۇ تام − خان ياكى ۋاڭ ئوردىلىرىنىڭئەنئەنىۋى سىمۋولى ئىدى ... ئوڭ قول تەرەپكە قارىسىڭىز، ئېگىزلىكى بىر تېرەك بويىكېلىدىغان پەشتاق كۆرۈنەتتى. بۇ، ئوردىنىڭ ناغرىخانىسى ئىدى. سول تەرەپكەقارىسىڭىز، كۆتۈرمە قىلىپ سېلىنغان بىرقاتار پېشايۋانلىق ئۆيلەر كۆرۈنەتتى. پېشايۋان تۈۋرۈكلىرىنىڭ ھەممىسى توق قىزىل سىردا سىرلانغان بولۇپ، ھەربىر تۈۋرۈك ياغاچتىن ئويۇلغان رەڭدار ئەجدىھا بېشى ئارقىلىق لەمپە بىلەن تۇتىشاتتى. لەمپىنىڭھەممە يېرى رەڭدار نەقىشلەر بىلەن جىلۋىلىنىپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئۆيلەرنىڭ مۇشۇتەرەپتىكى تېمى ھەر خىل شەكىلدىكى نەقىشلەر ئويۇلغان ياغاچ پەنجىرىلەردىن تەركىبتاپقانىدى. ئەنە شۇ ئىمارەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەش بالداق پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان ھەيۋەتلىك بىر دەرۋازا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە خەنزۇ مىمارچىلىقى ئۇسلۇبىدىكى راۋاق قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بۇ، ئوردىنىڭ ئىككىنچى دەرۋازىسى ئىدى. دەرۋازىنىڭ ئىچىكارىدور شەكلىدە بولۇپ، ئىككى ياندا قوش قاناتلىق يوغان ئىشىكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ، ھېلىقى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى بولۇپ، بۇ ئۆيلەر ئوردا ئىشخانىسى ئىدى. =T26vu Lb ئىككىنچى دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن، تۆت بۇرجەكلىكسىلىق تاشلار يېيىتىلغان كەڭ بىر سەينا كۆرۈنەتتى. شۇ سەينانىڭ غەرب تەرىپىدە شامەخسۇتنىڭ پۈتۈن خەزىنىلىرى، خاس ھۇجرىسى، قوبۇلخانا ۋە ھەرەمخانىسى جايلاشقان ھەيۋەتلىك ئوردا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا 30 نەچچە بالداقلىق پەلەمپەي بىلەنلا چىققىلى بولاتتى. پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرەپتىكى بالداقلىرى تاشتىن بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى بالداقلىرى ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان ۋە ئۇنىڭدا ۋاڭدىن باشقاكىشىلەر ماڭمايتتى. پەلەمپەي باشلانغان لەمپە ئاستىدا، تۆتتىن سەككىز قوراللىققاراۋۇل ئىككى قاتار بولۇپ تۇرغاندىن تاشقىرى، ئۇزۇن ساپلىق قىلىچ، قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە، ئەجدىھا باشلىق گۈرزە، ئىككى باشلىق ئايپالتا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قەدىم زامان قوراللىرى تىزىپ قويۇلغان، قىزىل سىرلانغان ئىككى ياغاچ جاھاز تۇراتتى. سەينانىڭ شەرق تەرىپىدە كۆتۈرمە قىلىپ سېلىنغان يەنە بىر يۈرۈش ئىمارەت بولۇپ، بۇئىمارەت بىر قاراشتا ئوردىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەنلا سول قولدا كۆرۈنگەن ھېلىقى ئىمارەتكە ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ھەشەمەتلىك ئىدى، بۇئىمارەتكە ئوردىنىڭ مۇراسىم زالى، مېھمانخانىسى ۋە باش تەيجىلەرنىڭ ئىشخانىلىرى ئورۇنلاشقانىدى. ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن كىشى ئۇيغۇر مىمارچىلىق سەنئىتىنىڭ ئاجايىپ دۇردانىلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالاتتى. تاملارغا گەج بىلەن ئويۇلغان نەپىس نەقىشلەر، شاپتۇل ۋە ئانار شەكلىدىكى گۈللۈك ئويۇقلار، مېھراب شەكلىدىكى نەقىشلىك مورىلار، تام بېشىغا قېنىق كۆك رەڭدە «خەتتى پارسىي» بىلەن يېزىلغان پارسىي ۋە تۈركىينەزملەر ئۇيغۇر نەققاش ۋە خەتتاتلارنىڭ ئاجايىپ ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى. lxgfi@@+h (jhi كۋادرات شەكلىدە سېلىنغان بۇ ئىمارەتنىڭ شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرى باغقا تۇتىشاتتى، باغقا تۇتاشقان تەرەپتىكى تاملارنىڭ ھەممىسىتورۇستىن يەرگىچە گۈللۈك پەنجىرىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ پەنجىرىلەر خۇددى قوش قانات ئىشىككە ئوخشاش ئىككى يانغا ئېچىلاتتى، ئۆيدە ئولتۇرغان كىشى باغ مەنزىرىسىنى تولۇق كۆرەلەيتتى. ئۈچ تەرىپى سېپىل بىلەن تۇتاشقان بۇ باغ «ياۋاغ» دەپ ئاتىلاتتى. باھار ۋە ياز كۈنلىرى تۈرلۈك - تۈمەن گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ، قۇشلار چاڭىلداپ سايراپ، ئەلۋەك مېۋىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بۇ باغ خۇددى چۆچەكلەردىكى كۇھىقاپنىڭ ئېتىكىگە تاسادىپىي جايلىشىپقالغان بىر گۈلزارلىققا ئوخشاش شامەخسۇتنىڭ ئاۋۇ سۈرلۈك ئېگىز ئوردىسى بىلەن تامامەن ئىككى دۇنيا ئىدى. ~,KrL(jC ml^=y~J[ زىياپەت ئەنە شۇ باغقا تۇتاشقان چوڭ زالدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەربىرىگە سەككىزدىن كىشى ئولتۇرىدىغان ئۈچ يۇمىلاق ئۈستەل مېھمان بىلەن تولدى. تۆردىكى ئۈستەلگە شامەخسۇت بىلەن يۈەن داخۇا، چيەن دارىن، ئامبال ۋە شيەتەي قاتارلىق چوڭ ئەمەلدارلار جايلاشتى. قىممەتلىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىنتەييارلانغان سەيلەردىن تارتىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئەڭ تاڭسۇق خىللىرىغىچە يەپ، ئېسىل دورا - دەرمەكلەر بىلەن تەييارلانغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ تويۇشقاندىنكېيىن، شامەخسۇت يۈەن داخۇا بىلەن چيەن دارىنغا سوۋغا تەقدىم قىلدى. قىزىل دۇخاۋا سېلىنغان پەتنۇسلاردىكى چوكا ئالتۇنلار بىلەن قىزىرىپ تۇرغان تىللالار، جۈپ - جۈپىبىلەن قويۇلغان يامبۇلار، خىل - خىلى بىلەن تۇرغان قارا تۈلكە ۋە بۆكەن مۈڭگۈزلىرىنى كۆرۈپ، يۈەن داخۇانىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ، ياغاق يۈزىدىكىقورۇقلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى؛ چيەن دارىننىڭ قىسماق كۆزلىرى چەكچىيىپ، ئوغرى مۈشۈكنىڭ كۆزىدەك پارقىراپ كەتتى. e1JHN )6X-m9.X يۈەن داخۇا نۇرغۇن رەھمەت - ھەشقاللىدىن كېيىن قول قوشتۇرۇپ تۇرغان تۇڭچى غا قاراپ قويۇپ مۇنداق دېدى: b&4JHyleF FW;}S9u3 − چىڭۋاڭ جانابلىرى خاتىرجەم بولغاي، پېقىر ئاخشامدىن بېرى ھەممەئىشلارنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ قويدۇم. تاغدىكى ئىسيانچىلارنى پاك - پاكىز تازىلاپ، يۇرتنى تىنچىتمىغۇچە، چيەن دارىن قۇمۇل دىيارىدىن كەتمەيدۇ. جانابىي ئامبال بىلەن شيەتەيلەرمۇ ئاۋۋالقىدەك ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمىسەك، ھەممىمىزنىڭبېشىغا بالا بولىدۇ. چىڭۋاڭ جانابلىرى بىلەن ئارىمىزدا ئۈزۈلمەس دوستلۇق رىشتىسىبار. ئىلىدىكى ئىسيانچىلارغا قارشى لەشكەر تارتقان چېغىمىزدا، چىڭۋاڭ جانابلىرىنىڭنۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش ۋە قۇمۇل پالگانلىرى بىلەن ماڭا ياردەم بەرگەنلىكىنى ھەرگىزئۇنتۇمايمەن. ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى، شىنجاڭ سىڭ غا ئوخشاش زېمىنى كەڭ، ئەھلىپۇقراسى خىلمۇخىل، 10 يىلدا بىر چوڭ ئىسيان، ئۈچ يىلدا بىر كىچىك توپىلاڭ بولۇپ تۇرىدىغان مۇنداق دىيارنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، چىڭۋاڭ جانابلىرىدەك سادىق ۋە ئىقتىدارلىق ۋاڭلار بولمىسا ئەسلا بولمايدۇ. بۈيۈك مەنچىڭ خانىدانلىقى زامانىسىدىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەلھال ھازىرقى مىنگو زامانىسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مەن بېيجىڭغا بېرىپ، دازۇڭتۇڭ غا بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي مەلۇم قىلىمەن. چىڭۋاڭ جانابلىرىغا تېخىمۇ ئالىي مەرتىۋە ئىلتىپات قىلغاي ۋە جانابلىرىنى ئەڭ ئەزىزمېھمانى سۈپىتىدە ئۆز ھۇزۇرىغا چىللاپ، شاھانە لۇتپى كەرەمىگە سازاۋەر قىلغاي. qa@;S,lp FJ!`[.t1AU − ئىلاھىم جاڭجۇڭ جانابلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى كەلگەي، تۆمۈر دېگەن ئوغرىنىڭبېشىنى سېپىل دەرۋازىسىغا ئېسىپ، يۇرتنى تىنچىتقاندىن كېيىن، مەنمۇ دازۇڭتۇڭ ئالىيلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا تەزىمگە بارىمەن، − دېدى شامەخسۇت تەمكىن ئاھاڭدا. q&&"8.w- D$H&^,?N ئەتىسى يۈەن داخۇا ئازراق ئادىمى بىلەن ئالدىراش يولغا چىقتى. ئۇنى ئامبال شيەتەي ۋە ھاشىر تەيجى باشلىق ئەمەلدارلار بىر كۈنلۈك يەرگىچە ئۇزىتىپ قويدى. 2G5|J{4w
MNTVG&h
2 `
-SC,qHw
شامەخسۇت بىلەن چيەن دارىن ئوتتۇرىسىدا مۇنداق كېلىشىم ھاسىل قىلىندى: بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە، چيەن دارىن پۈتۈن ئەسكىرىي كۈچىبىلەن تاغقا ھۇجۇم باشلايدۇ؛ ھازىردىن باشلاپ، پۈتۈن ھەربىي تەمىناتنى ۋاڭ ئوردىسىئۈستىگە ئالىدۇ؛ شامەخسۇت چيەن دارىنغا 50 يامبۇ، ئوتتۇز بېشى (پەيجاڭ) دىن يۇقىرى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەربىرىگە 10 يامبۇ بېرىدۇ. قالغان چېرىكلەرگە ئۈچ ئايلىق مائاشنىبىراقلا قوشۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىچكىرىگە قايتىش ۋاقتىدا ھەممىسىگەئەرزىگۈدەك سوۋغات تەقدىم قىلىدۇ. 4L`,G:J,; 8dt=@pwx& شۇ كېلىشىم بويىچە چيەن دارىننىڭ چېرىكلىرى ئۇرۇشقاتەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى. -AVT+RE9z n[y^S3}%; − دارىن جانابلىرىغا يەرلىك چېرىكلىرىمىزدىن قانچىلىك قوشۇپ بەرسەك بولاركىن؟ − دېدى شامەخسۇت. |pMP- (k"0/*F4_ − مېنىڭ چېرىكلىرىم، − دېدى چيەن دارىن، − مۇنتىزىم قوشۇن. قورال - ياراغلىرى خىل، مەن بۇ قوشۇن بىلەن نۇرغۇن جەڭلەرگە كىرگەن. ئۇزۇن يىللىقتەجرىبەمدىن ھاسىل قىلغان ئالاھىدە جەڭ ئۇسۇللىرىم بار. يەرلىك چېرىكلەرگەبۇنىڭدىن تەلىم بېرىشكە ۋاقتىم يەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلاردىن بىر - ئىككى يۈزنىتاللىۋالاي، ئىسيانچىلارغا باراڭ كۆرسىتىشكە ياراپ قالار. (~F}O Iw#[K بۇ گەپلەر ئامبال بىلەن شيەتەينىڭ ئىززەت - نەپسىگەقاتتىق تەگكەن بولسىمۇ، ئامبال يالغان كۈلكىگە زورلاپ جىم ئولتۇرۇۋالدى. شيەتەي ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپ، قولىدىكى غاڭزىسىنى قاتتىق بىر شورىدى - دە، مۇنداق دېدى: "OkZ
[E) f1o^:}5x − دەرۋەقە، چيەن دارىننىڭ ئۇرۇش ماھارىتى ئۈستۈن، بۇنى بىزمۇئاڭلىغان، ئەمما لېكىن، ئىسيانچىلار ئارىسىدا شۇنداق مەرگەنلەر باركى، خۇدا ساقلىسۇن، بۇ شەيتانلار بىر تال ئوقنىمۇ زايا قىلماي، دېگەن يېرىگە تەگكۈزىدىكەن. ھەرھالدا ئېھتىياتچانراق بولغىنىمىز ياخشى. 6*>vie J]48th0, − ئۇ ياۋايىلار تاغ ئۆچكىلىرىنى قارىغا ئېلىپ ئېتىشقا ماھىر بولغان بىلەن مېنىڭ زەمبىرەكلىرىم گۈمبۈرلىگەندە، بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا شۇنداق تونۇتۇپ قويايكى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزگەكىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالمايدىغان بولسۇن، شيەتەي يامۇل بىلەن ئامبال يامۇل ئاتخانىلىرىدىكى بېدە توغرايدىغان جادۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن بارىدىغان ئاقچۇق سېيىغا ئاپىرىپ بېرىڭلار، ئوقتا ئۆلمەي قالغانلىرىنى شۇ يەردە توغراپ، ساينىڭتېشىغا قوشۇۋېتەي! '?{L
gj^R 5Go@1X]I − دارىننىڭ ھىممەت - شىجائىتىگە بارىكاللا، − دېدى شامەخسۇت چيەن دارىنغا قاراپ. ~_-+Q=3 }1sd<<\` چيەن دارىن شامەخسۇتنىڭ قوش ئارغىماق قوشقان پوچتىسىغا ئولتۇرۇپ، ئۆز مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئوردىدىن ئۇزاپ چىقتى. ئامبال بىلەن شيەتەي پەلەمپەي ئالدىدا تۇرغان مەپىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىۋېتىپپىچىرلاشتى: O#vIn} AX )dZdd − بۇ قارا چوقۇر ئاجايىپ ھاكاۋۇر نېمىكەن، ئاتقان پولىرىنىقارىمامدىغان تېخى! − دېدى شيەتەي بۇرنىدىن بىر ئاۋاز چىقىرىپ. $KGRpI WO+>W+|N − ھەي بۇرادەر، − دېدى ئامبال ئۇنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپ، − نېمە دېسە دېسۇن، بىزنى غەمدىن قۇتقۇزسىلا بولدى ئەمەسمۇ! #'y^@90R Thp!X/2O` − ئۆزىنىڭ بېشىنى يېمىگىدى دەيمەن. K!!#";Eo $\nAGmp@ − ئۇ بېشىنى يېسە، بىزدىن بىر ئۆلۈك ساندۇقى ئارتۇق كېتەر ناھايىتى. M >s,I^ KMV&c
3 tWI4x3&2
ئاقچۇق − شىمالىي تەرىپى ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭئېتىكى بىلەن شەرق تەرىپى ئېدىرلىقلار ئارقىلىق قوراينىڭ نېرىن دېگەن مەھەللىسىبىلەن، جەنۇب تەرىپى تۈۋرۈك غولى بىلەن تۇتاشقان كەڭ بىر ساي ئىدى. شىمال ۋە شەرق تەرەپتىكى بىرەر كۆتەل بېشىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن كىشى سايدا مىدىرلىغان ھەممە نەرسىنىكۆرەلەيتتى. 6vZ.CUK9 l Gy`{E| ئامانقۇلنىڭ چارلىغۇچى يىگىتلىرى چېرىكلەرنىڭ سايغاكىرگەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن ھامان، تۆمۈر خەلپە ئۆز قوشۇنىنى بىر يەرگە يىغىلىشقابۇيرۇدى. |gJI}"T
.c2Zr|X تەرەپ - تەرەپتىن ئاتلىقلار چاپتۇرۇپ كېلىپ، ئېدىرلىقلار ئارىسىدىكى تۈزلەڭلىك قوراللىق كىشىلەر بىلەن تولدى. بېشىغا نېپىزكىگىز قالپاق كىيىپ، قارا كەمزۇلى ئۈستىدىن ئوق پوتىسىنى چاپراس قىلىپ باغلىۋالغان تۆمۈر خەلپە كۆك بوز ئاتقا مىنگەن ھالدا، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر دۆڭنىڭيانباغرىدا توپقا قاراپ تۇراتتى. كۆك بوز ئات بېشىنى ھەربىر سىلكىگەندە، ئۇنىڭبېلىدىكى قىلىچى ئۈزەڭگىگە تېگىپ جىرىڭلاپ كېتەتتى. قىلىچ دەستىسىنىڭ ئىككىتەرىپىگە قويۇلغان ياقۇت ۋە زۇمرەتلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. بۇ، شامەخسۇتنىڭخەزىنىسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن قىلىچلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھېلىقىكېچىسى سايىم ئۈچبېگى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالدىنقى ئۆتكەلدە ئۇخلاپ قالغان قاراۋۇللىرىنىڭ بېشىنى شۇ قىلىچ بىلەن كەسكەن ۋە كېيىنكى جەڭدە ئامانقۇل سايىمئۈچبېگىنى ئۆلتۈرۈپ غەنىيمەت ئالغان قىلىچ شۇ ئىدى. كۆك بوز ئاتمۇ سايىمئۈچبېگىدىن غەنىيمەت ئېلىنغان بولۇپ، تۆمۈر خەلپە بۇرۇنقى قىرچاڭغۇسىنىڭ ئورنىغامۇشۇ ئاتنى مىنىدىغان بولغانىدى. "_36W
X 6 2#dSd}HG تۆمۈر خەلپە ئېتىنى دېۋېتىپ بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتتى - دە، دۈمبىسىدىكى مىلتىقىنى تۈزەپ قويۇپ گەپ باشلىدى: VT`C<' P[bj{lo − قېرىنداشلار! كۆرۈۋاتىسىلەر، ئىش يوغىناپ كەتتى. ئەمدى ئۈرۈمچىچېرىكلىرىمۇ بىزنى يوقىتىشقا كەلدى. ئاق ئىت - كۆك ئىت ھەممىسى بىر ئىت، مەيلىگەقويۇپ بەرسە، ھەممىسىلا ئادەم چىشلەيدۇ؛ ئاڭلىدىڭلارمۇ، چيەن دارىن دېگەن چوقۇر ئىككى ھارۋىغا جادۇ بېسىپ كېلىۋاتقۇدەك. بىزنى ئاقچۇق سېيىدا بېدە توغرىغاندەك توغراپ تاشلىغۇدەكمىش. k_%"# /qX=rlQ/ n − بىز بېدە ئەمەس، قېنى كېلىپ باقسۇنچۇ، − دەپ ۋارقىرىدى كىمدۇ بىرى. ley:=( VOK0)O>&
− راست ئېيتتىڭ، بىز بېدە ئەمەس، − دەپ داۋام قىلدى تۆمۈر خەلپە، − بىزنىڭ سۆڭىكىمىز خېلى قاتتىق، بىزنى ئاتا - ئانىمىز ئوغۇل دەپ تاپقان، لېكىن شۇنىبىلىپ قېلىڭلاركى، بۇدو كېلىۋاتقان چېرىكلەر ئاز ئەمەس، قورال - ياراغلىرى خىل، داپو لىرىمۇ بار. ئەمدى مەردنى مەيداندا سىنايدىغان ۋاخ كەلدى. يا ئۆلۈم يا كۆرۈم. ياكى بىز يېڭىمىز ياكى شامەخسۇت بىزنى تىرىك تۇتۇۋېلىپ، تورپاقلارنىڭ بېشىنىئاسقاندەك، بىزنىڭ بېشىمىزنىمۇ سېپىل دەرۋازىسىغا ئاسىدۇ. ماۋۇ قىلىچنىتونۇۋاتامسىلەر! − دېدى تۆمۈر خەلپە قىلىچىنى غىلاپتىن شارتتىدە سۇغۇرۇۋېلىپھاۋادا پۇلاڭلىتىپ، − 10 نەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىنى كەسكەن، رەھمەتلىك راجىبالىنىڭ يۈرىكىنى ئويغان قىلىچ مانا مۇشۇ. مۇشۇنداق قىلىچلار ئۇلارنىڭ قولىدا تېخىكۆپ. ئەمدى بىز قىلىچلىرىمىزنىڭ سېپىنى چىڭ تۇتمىساق، بىزنىڭمۇ بېشىمىز كېسىلىدۇ، بىزمۇ، ئادەم قاتارىدا ئەركىن - ئازادە ياشايلى دەپ، بۇ ئىشنى باشلىدۇق. باشلىغاندىمۇ يوغان ئىشنى باشلىۋەتتۇق. ئەمدى ئۇلارنىڭ قولىغا ھەرگىز تىرىكچۈشكىلى بولمايدۇ. مانا، مېنىڭ ئاخىرەتلىكىممۇ تەييار! − تۆمۈر خەلپە قوينىدىن بىرپارچە ئاق خەسىنى چىقىرىپ سول بىلىكىگە باغلىدى، ئاندىن توپقا قاراپ يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى، − بۇ مېنىڭ كېپەنلىكىم بولسۇن، ئەجىلىم يېتىپ شېھىت بولسام، مېنىباشقىدىن كېپەنلىمەڭلار، قانلىق تونۇم بىلەن كۆمۈۋېتىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ قولىغاتىرىك چۈشمەيمەن. دۈشمەننىڭ قولىغا تىرىك چۈشكەندىن، ئارسلاندەك ئېلىشىپ ئۆلگەن ياخشى. ?#rejA: op]H
F4 − بىزمۇ شۇ، بىزمۇ شۇ، − دەپ ۋارقىراشتى قارا بوسۇق باشلىققوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن. 0X"D!G): "0(
_ − مەنچۇ؟ مېنىمۇ ئاتا - ئانام ئوغۇل دەپ تاپقان. قېنى، مېنىڭمۇكېپەنلىكىمنى بەرسىلە! − دەپ قولىنى سۇندى قاسىم قىزىق. توپ ئىچىدە غەلىيان كۆتۈرۈلدى. يۈزلىگەن قوللار كۆتۈرۈلۈپ، «بىزگىمۇ، بىزگىمۇ» دېگەن سادالار ئېدىرلىقنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. & NO:S 2!+saf^-, سەپەرقۇل بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، تاغاردىنبىرنەچچە توپ ئاق خەسە چىقاردى ۋە «شېھىتلىق مۇقامىغا يېتىشنى خالايدىغان مەرد يىگىتلەر، قېنى كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى. vdLBf+Zi .0b$mSV[ بىردەمدە نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ سول بىلىكىگە ئاق باغلىنىپ بولدى. RZ#~^5DiO S?k G|y − قېرىنداشلار! − دەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى تۆمۈر خەلپە توپنىڭئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، − خۇدا بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن! L&WhX3$u a2MFZe − ئامىن! ... 3{wmKo|_X
hZ ve8J − ئامىن ! ... !BocF<U E X «ئامىن» نىڭ ئايىغى ئۈزۈلە - ئۈزۈلمەي، قاسىم قىزىق ناخشاباشلىۋەتتى: f;[\'_.* 7NY9UQ ساماۋەرنىڭ سازىمەن، Vl0
J!JK_ 23F<f+2S چۆلدە ئۇچقان غازىمەن. w
A0$d K,VN?t دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ، dFu
*$t ئۆلگەنىمگە رازىمەن. Mn-f b"au9:F4@7 ھاي - ھاي باتۇرلار، BD)5br]. Z*Sa%yf ھوشيار بولۇڭلار! zL1*w@6
z,6X{= دۈشمەنلەر يېتىپ كەلدى، tWs ]Zd
G_fP%ovh جەسۇر بولۇڭلار! ...... R]0p L aoLYw 9 ئەتىسى تاڭ يورۇش بىلەن چيەن دارىننىڭ قارارگاھىدا بىردىنلا ھەربىي كانايلارنىڭ چىرقىراق ئاۋازلىرى ياڭراپ، دۇمباقلار داراڭلاپ كەتتى. يەتتە - سەككىز يۈزچە ئاتلىق ۋە پىيادە چېرىك سەپ - سەپ بولۇپ، ھۇجۇمغاتەييارلاندى. بىر دۆڭ ئۈستىگە قاتار تىزىپ قويۇلغان بەش زەمبىرەكنىڭ ئاغزى تاغ تەرەپكە قارىتىلغانىدى، قارىگىر ئاتقا مىنگەن چيەن دارىن شۇ زەمبىرەكلەر يېنىدا غادىيىپ تۇرۇپ، تاغ تەرەپكە دۇربۇن سېلىشقا باشلىدى. ئېدىرلىقلاردا ھېچنېمەكۆرۈنمىگەندەك قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىراققا قارىدى، تاغ قاپتاللىرى بىلەن كۆتەل باشلىرىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈندى. چيەن دارىن ئارىلىقنى ئوبدان مۆلچەرلەپ كوماندا بەردى، زەمبىرەكلەر گۈمبۈرلەپ، يەر - زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى، تاغ تەرەپنى ئىس - تۈتەك قاپلاشقا باشلىدى، چيەن دارىن زەمبىرەكلەردىن 50 پايچە ئوق ئېتىلىپ بولغاندا، يېنىدىكى كانايچىلىرىغا ئىشارەت قىلدى. بەش كانايدىن ھۇجۇمغابۇيرۇغان سادا ئاڭلىنىش بىلەن تەڭ چېرىكلەر ھۇجۇمغا ئۆتتى. زەمبىرەكلەر ھامان گۈلدۈرلەيتتى. غۇيۇلدىغان زەمبىرەك ئوقلىرى چېرىكلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ، تاغقاتېگىپ تۇراتتى. =%p%+F@RlW )c'5M]V چېرىكلەر ئېدىرلىقلارغا يېقىنلاشقاندا، بايا ھېچنېمەكۆرۈنمىگەندەك قىلغان يەرلەردىن ئەجەل ئوقلىرى يېغىپ، قاتتىق ئېتىشۋازلىق باشلىنىپكەتتى. ئىگىسىز قالغان ئاتلار تىزگىن - چۇلۋۇرلىرىنى سۆرەپ، تەرەپ - تەرەپكەقاچاتتى، بەزىلىرى پۇتى ئۈزەڭگىدە قالغان ئىگىلىرىنى سۆرەپ، چاڭ - توزان ئىچىدە قۇيۇندەك پىرقىرايتتى. چيەن دارىن كانايچىلىرى ئارقىلىق چېرىكلەرگە چېكىنىشكوماندىسى بېرىپ، زەمبىرەكچىلەرنى ئېدىرلىقلارغا ئېتىشقا بۇيرۇدى. بىراق، ئارىلىقيېقىن بولغاچقا، زەمبىرەك ئوقلىرى ئېدىرلىقلارغا چۈشمەي، ئۇ يەرلەردىن ھالقىپئۆتۈپ، تاغ قاپتاللىرىغا تېگەتتى. تاغ قاپتاللىرىدا بولسا، بايا كۆرۈنگەن ئادەملەرنىڭ قارىسى ھامان بىر خىلدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. orGNza"A 0]x g E بىردەملىك جەڭدە يۈزدەك چېرىكىدىن ئايرىلغان چيەن دارىن شيەتەينىڭ ئېيتقانلىرىنى ئېسىگە ئالدى - دە، بەدىنى شۈركىنىپ كەتتى. ئاندىنھۇجۇم يولىنى ئۆزگەرتىپ، بىر قىسىم چېرىكىنى تۈۋرۈك غولى تەرەپتىن ھۇجۇمغائۆتكۈزدى. بۇ چېرىكلەرگە گايىت پاششاپ باشچىلىقىدىكى يەرلىك چېرىكلەر يول باشلاپ ماڭدى. بۇياقتىن ھۇجۇم بولۇشنى كۈتمىگەن قارا بوسۇق ئالدىراپ كېتىپ، قايتۇرماھۇجۇمغا ئۆتۈپ قويدى ۋە بىردەملىك جەڭدە بىرنەچچە كىشىنى قۇربان بېرىپ چېكىنىشكەمەجبۇر بولدى. ساقىلىغا ئاق سانجىلغان سەلىم چورۇقمۇ بەش بالىسىنى يېتىم قويۇپ، شۇجەڭدە قازا تاپتى. قارا بوسۇق شۇ چاغدىلا، ھېلىقى كېڭەش ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئېلىپالگان نىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. تۆمۈر خەلپە ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئامانقۇلنى بىر تۈركۈم يىگىتلەر بىلەن ياردەمگە ئەۋەتتى. قاتتىق ئېتىشۋازلىقتىنكېيىن، چېرىكلەر بىرمۇنچە ئۆلۈكلەرنى قالدۇرۇپ قاچتى. ئامانقۇل گايىت پاششاپنىقوغلاپ يۈرۈپ قىلىچ بىلەن ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. d$>TC(E=t ~9& |