查看完整版本: [-- ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە ــــ مېتان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> بىئولوگىيە -> ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە ــــ مېتان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-05-27 12:03

ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە ــــ مېتان

مەكتىپىمىزنىڭ خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەلىجان ئابدۇغېنىنىڭ بىر سائەتلىك دەرس لايىھە دوكىلاتىنى يوللىدىم .
3-باب ئورگانىك بىرىكمىلەر
1§.ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە ــــ مېتان
1.ماتىرىيال تەھلىلى

دەرس تېمىسى تەھلىلى: بۇ مەزمۇن بولسا تولۇق1-يىللىق( زۆرۈردەرسلىك 2 ) نىڭ

«3-باب ئورگانىك بىرىكمىلەر1§.ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە ــــ مېتان» دىگەن دەرسى بۇلۇپ،بۇ سائەتلىك دەرستە ئورگانىك ماددا،كاربونھىدرىد ھەققىدىكى

ئۇقۇملارشۇنداقلا مېتاننىڭ مولىكۇلا تۈزۈلۈشى، خىمىيلىك خۇسۇسىيىتى، ئورگانىك

خىمىيىدىكى موھىم رىئاكسىيىنىڭ بىرى بولغان ئورۇن ئېلىش رىئاكسىيىسى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىپ كىيىنكى سائەتلىك دەرس«ئالكانلار»گە ئاساس سېلىندۇ.

2.ئوقۇتۇش نىشانى تەھلىلى

بىلىم ۋە ئىقتىدار
مېتاننىڭ ئېلىكترونلۇق فورمۇلىسى ۋە تۈزۈلۈش فورمۇلىسىنى ئىگەللىۋىلىش ھەمدە

مېتاننىڭ مولىكۇلا تۈزۈلۈشىنىڭ خىمىيلىك خۇسۇسىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

ئورۇن ئېلىش رىئاكسىيىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەمدە ماھىيىتىنى ئىگەللەش

جەريان ۋە ئوسۇل
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش،مولاھىزە يۈرگۈزۈش مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە فىلىمى

(خلورنىڭ بولغىشىدىن ساقلىنىش ھەمدە بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا

بۇ سائەتلىك دەرستىكى تەجرىبىلەرنىڭ فىلىمى تېلىۋىزوردا قۇيۇپ بىرىلىدۇ)ۋە

مودىللارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئابىستىراكىت بولغان ئوقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا

يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئاخىرىدا خۇلاسىلەش.

ھىسيات پوزىتسىيە
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىت مەسىلىسى چۈشەنچىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ

ئىلمىي كۆز قاراش تىكلەپ ،مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى يوقىرى كۆتۈرۈش.

مۇھىم نوقتا
مېتاننىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى ۋە خىمىيلىك خۇسۇسىيىتى

قىيىن نوقتا
ئورۇن ئېلىش رىئاكسىيىسى

3.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى لايېھىسى

مەن بۇ دەرسنى ئۆتۈشتە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا قويغان

تەلىپىگە ئاساسەن،ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كىلىشكە

ئورۇنلاشتۇرىمەن.ئوقۇتقۇچى يىتەكچى،ئوقۇغۇچى ئاساسىي گەۋدەقىلىنغان ھالدا ھەممە

ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قىلىشغا ئىلھاملاندۇرۇپ،تەجرىبە ھادىسسسى ۋە مودىللارنى

ئېنىق كۆزىتىشكە،ھادىسلەرنى موھاكىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنى

ئەتراپلىق خۇلاسە چىقىرىشقا يىتەكلەيمەن.

بۇ بىربابتامەخسۇس ئورگانىك بىرىكمىلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر سۆزلەنگەن بۇلۇپ،

ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ،ئۇلار

ئادەملەرنىڭ يىمەك-ئىچمىكى،كىيىم-كېچىكى،تۇرالغۇ جاي،داۋالاش-ساقلىقنى

ساقلاش،سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى،ئېنىرگىيە،ماتىرىيال ۋە

پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

شۇڭا مېتاننى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئورگانىك ماددا توغرىسىدىكى چۈشەنچە ئېنىق

بولمىسا بولمايدۇ.

ئورگانىك بىرىكمىلەر

دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەركىبىدە كاربون بولغان بىرىكمىلەر-ئورگانىك بىرىكمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.(قىستۇرما رەسىم بىرىلىدۇ)





تىيانشان ماركىلىق سىر


نىفىت توڭى

ئۇن
 

 

 


②ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى:

كۆپ ساندىكىلەر ئاسان كۆيىدۇ.

كۆپ ساندىكىلەر ئىسىقلىق تەسىرىدە ئاسان پارچىلىنىدۇ.

كۆپ ساندىكى ئورگانىك ماددىلار سۇدا ناچار ئېرىيدۇ،بېنزىن،ئىسپىرىت،بېنزول قاتارلىق ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە ياخشى ئېرىيدۇ.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئورگانىك ماددىلار  نائېلىكتىرولىتدۇر،ئاسانلىقچە توك ئۆتكۈزمەيدۇ، سۇيۇقلىنىش نوقتىسى تۆۋەن.

ئورگانىك ماددىلار قاتناشقان رىئاكسىيلەر بىرقەدەر مۇرەككەپ بۇلۇپ،ئادەتتە ئاستاراق يۈرىدۇ،كۆپىنچە قۇشۇمچە رىئاكسىيە يۈزبىرىدۇ،نۇرغۇنلىغان رىئاكسىيلەر

قىزدۇرۇش ياكى كاتالىزاتورنىڭ تەسىرىدە ئاندىن يۈرىدۇ.

كاربونھىدرىد

تەركىبىدە كاربون بىلەن ھىدروگىندىن ئىبارەت ئىككى خىللا ئېلمىنىت بولغان ئورگانىك ماددىلار        كاربونھىدرىدلار دەپ ئاتىلىدۇ.

كاربونھىدرىد تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئالكانلار،ئالكېنلار،ئالكىنلار

ۋە ئاروماتىك كاربونھىدرىدلار قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

مېتان

① مېتاننىڭ مولىكۇلا فورمۇلىسى ۋە تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى

گۇمانىي نوقتا: مېتاندىكى بارلىق ئاتوملار بىر تەكشىلىكتە ياتامدۇ؟

(بۇ نوقتىدا دوسكىغا يېزىلغان تۈزۈلۈش فورمۇلىسى بىلەن شار-تاياقچە مودىلى

سېلىشتۇرىلىدۇھەمدە بۇ ئارقىلىق دەرسنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ.)

② مېتاننىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى

گۇمانىي نوقتا:مېتان پۇراقسىز گاز،ئەمما نىمە ئۈچۈن ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان

تەبىئىي گاز سېسىق پۇرايدۇ؟(بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان بىخەتەرلىك

ئېڭى تىكلىندۇ)

③ مېتاننىڭ خىمىيلىك خۇسۇسىيىتى(كۆيۈشى،خلور گازى بىلەن بولغان رىئاكسىيىسى)

④ ئورۇن ئېلىش رىئاكسىيىسى

⑤ مېتاننىڭ ئىشلىتىلىشى

گۇمانىي نوقتا: ئورۇن ئېلىش رىئاكسىيىسى بىلەن ئالمىشىش رىئاكسىيىسى ئوخشاش

بىر خىل رىئاكسىيىمۇ؟(بۇ ئارقىلىق دەرسنىڭ قىيىن نوقتىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ.)

دەرسخانا مەشىقى ئىشلەش ئارقىلىق بۇ بىر سائەتلىك دەرستىكى يەتمەكچى بولغان

نىشاننىڭ ئەمەلىيلىششى تەكشۈرۈلىدۇ.

ئوقۇتۇش تەرتىپى (جەريانى) لايېھىسى

يوقلام قىلىنىپ دەرستىن ئاۋۋالقى تەييارلىق ئەھۋالى تەكشۈرىلىدۇ.

ئالدىن سىناق ئېلىپ بىرىش ۋە دەرسكە باشلاپ كىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دەرس ماۋزۇسىنى يېزىش

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئۆگۈنۈپ كىلىش ئەھۋالىنى سىناش (مۇناسىۋەتلىك

سۇئاللىرىنى سوراش ئارقىلىق سىنىلىدۇ)

دەرس مەزمۇنى باسقۇچلار بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

دەرس ئاخىرلىشىپ دەرسخانا مەشىقى ئىشلىندۇ.

تاپشۇرۇق بىرىلىپ،كىيىنكى سائەتلىك مەزمۇننى كۆرۈپ كىلىش ئەسكەرتىلدۇ.

 

 
 
 


tawpek 2011-06-01 20:18
ياخشىغۇ ، بولسا مۇشۇنداق باشقا پەنلەرنىڭمۇ يىغىلسا ياخشى بولاتتى.

تەبىئى پەننىڭ ئۇيغۇرچە تاييارلىقىنى كۆرۆپ كۆزۆمگە ئىشەنمەي قالدىم جۇمۇ.

nihmat 2012-04-22 20:53
شۇنداياخشى بوپتۇ،خىمىيىۋى فۇرمۇلا قۇشۇپ يىزىلسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-05-07 22:21
مېتاننىڭ مودىللىرى كىرگۈزۈلۈپ،ئالدىن سىناق ۋە نىشانننى مۇستەھكەملەش سۇئاللىرى كىرگۈزۈلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-05-07 22:43
1.ئىشقارىي مېتال ئېلېمېنىتلارنىڭ ئېلېمېنت بەلگىسى ئايرىم-ئايرىم ____،_____،_____،_____،_____،____.2. ھىدروگىن گازى تەجرىبىخانىدا ______بىلەن ___________نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.ھىدروگىن گازى ___________________سۇنى سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.ھىدروگىن گازى ھاۋادىن يېنىك بولغانلىقتىن ___________________ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.3. كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد تەجرىبىخانىدا _________بىلەن ________نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد ________________بولغانلىقتىن،ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.
  تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ
1. فىزىكىلىق خۇسۇسىيەت دىگەن نىمە؟مادىلارنىڭ قايسى خىل ىۇسۇسىيەتلىرى فىزىكىلىق خۇسۇىيەتكە كىرىدۇ؟
2. مېتال ئېلېمېنت دىگەن نىمە؟سىز قايسى مېتاللارنى بىلىسىز؟
3. مېتاللوئىد ئېلېمېنىت دىگەن نىمە؟ سىز قايسى مېتاللوئىد ئېلېمېنتلارنى بىلىسىز؟
خلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتى ۋە تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى
        بىلىم نىشانى
1.گالوگىن ئېلېمېنتلىرىنىڭ قايسى ئېلېمېنتلار نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەستە ساقلاش.
2.خىلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتىنى بىلىۋېلىش.
3. تەجرىبىخانىدا خلور گازى ئېلىش پىرىنسىپى،يىغىۋېلىش ئۇسۇلى،قۇرۇتۇش ئۇسۇلى ۋە قالدۇق گازنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋېلىش.
     ئىقتىدار نىشانى
ھازىرغىچە ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئوكسىگىن،ھىدروگىن،كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد ،خلور قاتارلىق گازلارنى ئېلىش،يىغىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلاپ چىقىش.
   ئەخلاقىي تەربىيە نىشانى
خىلورنىڭ زەھەرلىك گاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتىرىش
ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى
خىلورنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى ،يىغىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە قالدۇق گازنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى
ئوقۇتۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسى
ھازىرغىچە ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئوكسىگىن،ھىدروگىن،كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد ،خلور قاتارلىق گازلارنى ئېلىش،يىغىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلاپ چىقىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
   بايان قىلىش ئۇسۇلى،مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلى،خۇلاسىلاش ئۇسۇلى
ئوقۇتۇش جەريانى
     1. ئالدىن سىناق سۇئاللىرىنى خۇلاسىلاش ئارقىلىق،گالوگىنلارنىڭ قايسى ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ نامى ۋە ئېلېمېنت بەلگىسىنى ئېكران ئارقىلىق كۆرسىتىمەن.
[ئېكران خېتى]  گالوگىنلار------فىتور (F)،خلور (Cl)،بروم (Br)،يود (I)،ئاستاتىن (At) دىن ئىبارەت بەش خىل ئېلېمېنىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. خلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتى
ئالدىن سىناق سۇئاللىرىدىكى فزىكىۋى خۇسۇسىيەت توغرىسىدىكى سۇئالنىڭ جاۋابىغا بىرلەشتۈرۈپ،خلورنىڭ فىزىكىۋى خۇسۇىيىتىنى بايان قىلىمەن.
[ئېكران خېتى]  خلور ئادەتتىكى ئەھۋالدا سارغۇچ يېشىل رەڭلىك ،كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى پۇراققا ئىگە،ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز.سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى  -34.6℃ ،قېتىش نۇقتىسى -101℃،ھاۋادىن ئېغىر (نورمال شارائىتتىكى زىچلىقى 3.169g/L،ھاۋانىڭ زىچلىقى 1.293g/L)، سۇدا ئېرىيدۇ.(1ھەجىم سۇدا 2ھەجىم خلور ئېرىيدۇ)
3. خلور گازىنى پۇراشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى ئەسكارتىمەن.
[ئېكران خېتى]   خىلور گازى ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز. شۇڭا تەجرىبىخانىدا ئاز مىقداردىكى خىلور گازىنى پۇراشتا ،گازنى قولىمىز بىلەن يەلپۈپ ناھايىتى ئاز مىقداردىكى گازنى پۇراش كېرەك.ھەرگىز بىۋاستە پۇراشقا بولمايدۇ. تەجرىبىخانىدا خىلور گازى ئالغاندا ،ئارتۇق مىقداردىكى خىلور گازىنىڭ ئاتموسپىرانى بۇلغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئىشقار ئېرىتمىسىگە سۈمۈرتۈش كېرەك.چۈنكى خلورگازى ئاتمۇسفىرا قاتلىمىدىكى ئوزون قەۋىتىنى بۇزۇپ ، ئىنسانلارنىڭ سالاماتلىكىگە ئېغىرزىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ
4. خلورنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىشى
[ئېكران خېتى]   خلور تەجرىبىخانىدا MnO2 بىلەن قويۇق تۇز كىسلاتانى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
     4HCl (浓)+MnO2 =MnCl2 + 2H2O+Cl2 ↑
خلور گازى ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز بولغاچقا ،ئادەتتە دەرسخانىدا كۆرسەتمە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىمكانىيەت يوق.شۇڭا ،خلورنىڭ تەجرىبىخانىدا ئېلىنىش جەريانىنى Flash    ماتىرىيالى ئارقىلىق كۆرسىتىپ چۈشەندۈرىمەن.
[ئېكران خېتى] خلور گازى ھاۋادىن ئېغىر بولغاچقا ،ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.
                 خلور گازىنى قويۇق سۇلفات كىسلاتادىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قۇرۇتۇشقا بولىدۇ.
               تەجرىبىخانىدا ئارتۇق مىقداردىكى خلور گازى ئىشقار ئېرىتمىسىگە (ئادەتتە ناترىي ھىدروكسىدئىشلىتىلىدۇ)سۈمۈرتۈلىدۇ.
5.ھازىرغىچە ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئوكسىگىن،ھىدروگىن،كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد،خلور قاتارلىق گازلارنى ئېلىش ،يىغىۋېلىش ئۇسۇللىرىنى شۇ خىل گازلارنى ئېلىشنىڭ تەجرىبە قۇرۇلما ئىسخىمىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا خۇلاسە قىلغۇزىمەن.
[ئېكران خېتى]  1. ئوكسىگىن----كالىي خىلورات ياكى كالىي پېرمانگىناتنى قىزدۇرۇپ پارچىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.سۇنى سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.
2KMnO4  K2MnO4 + MnO2 + O2 ↑
2. ھىدروگىن ----سىنىك بىلەن سۇيۇق سۇلفات كىسلاتانى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.سۇنى سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلى ياكى ھاۋانى تۆۋەنگە ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.
   Zn +2HCl =ZnCl2+H2 ↑
               3. كاربون(Ⅳ)-ئوكسىد------كالىتسىي كاربونات بىلەن سۇيۇق تۇز كىسلاتانى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.
  CaCO3+2HCl=CaCl2 +H2O +CO2 ↑
مۇستەھكەملەش سۇئاللىرى
بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ
1. خلور ئادەتتىكى ئەھۋالدا _________ رەڭلىك ،___________ پۇراققا ئىگە،_______ گاز.سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى  _________ ،قېتىش نۇقتىسى ________،ھاۋادىن_________.
2. خلور تەجرىبىخانىدا________ بىلەن___________نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.خلور ھاۋادىن ________بولغاچقا ،_______________ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىنىدۇ.ئارتۇق مىقداردىكى خىلورگازىنى ئاتموسفىراغا بىۋاستە قۇيۇۋېتىشكە ________.ئارتۇق مىقداردىكى خىلور گازى ئادەتتە  __________گە سۈمۈرتۈلىدۇ.
     3. گالوگىنلار  _____،_____،____،______،______دىن ئىبارەت بەش خىل ئېلېمېنىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. خىلور گازى ________ گاز. شۇڭا تەجرىبىخانىدا ئاز مىقداردىكى خىلور گازىنى پۇراشتا ،گازنى قولىمىز بىلەن يەلپۈپ _________ گازنى پۇراش كېرەك.ھەرگىز بىۋاستە پۇراشقا ______. تەجرىبىخانىدا خىلور گازى ئالغاندا ،ئارتۇق مىقداردىكى خىلور گازىنىڭ ئاتموسپىرانى بۇلغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئىشقار ئېرىتمىسىگە سۈمۈرتۈش كېرەك.چۈنكى خلورگازى ئاتمۇسفىرا قاتلىمىدىكى__________نى بۇزۇپ ، ئىنسانلارنىڭ سالاماتلىكىگە ئېغىرزىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ
تاللاش سۇئالى
1. تۆۋەندىكى گازلاردىن ھاۋانى يۇقۇرىغا ھەيدەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىشقا بولىدىغىنى  (      )
  A. Cl2       B. H2      C.  CO2      D. CH4
2. تۆۋەندىكى گازلاردىن سۇنى سىقىپ  چىقىرىش ئۇسۇلىدا يىغىۋېلىشقا بولىدىغىنى  (      )
  A. Cl2       B. H2      C.  CO2      D. O2

tawpek 2013-05-07 22:52
ئەنۋەرجان يۇقارقى يوللانمىڭىزنى ئايرىم تېما قىلىپ سۇنسىڭىزچۇ؟

ئەنۋەرچەرچەن 2013-05-07 22:53
ساغلام سىنىپ ئىستىلىغا ئىگە سىنىپ كوللىكتىۋى بەرپا قىلىش توغرىسىدا

ئوقۇتقۇچى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقاتقۇچى،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىگى مۇرەككەپ ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ،ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي،ئەقلىي،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق تەربىيىچىسى ،سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى،رەھبىرى،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە دوستى.سىنىپ مۇدىرى سىنىپ خىزمىتىگە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئومۇميۈزلىك مەسئۇل بولىدۇ.بىر سىنىپ قىياپىتىنىڭ قانداق بولىشى زور دەرىجىدە سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى ،تەلىم-تەربىيە سەنئىتى،تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلى،تەشكىللەش ،باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۆزى نەسىنىپ كوللىكتىۋىنى تەشكىللەش ۋە تەربىيىلەش سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ،ساغلام سىنىپ كوللىكتىۋى سىنىپ مۇدىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە جەريانىدا يېتىدىغان مەقسىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكىتەربىيە ئېلىپ بېرىشتا پايدىلىنىدىغان مۇھىم ۋاستىسى.ساغلام سىنىپ كوللىكتىۋى توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ،ئورتاق كۈرەش نىشانىغا ،كۈچلۈك سىنىپ يادروسىغا ،ئاڭلىق ئىنتىزامغا ،توغرا جامائەت پىكرى ۋە ئىسىل سىنىپ ئىستىلىغا ئىگە بولىشى كېرەك.
   ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ساغلام سىنىپ ئىستىلىغا ئىگە ياخشى سىنىپ كوللىكتىپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟
1.    ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش
ئوقۇغۇچىلارنى ئوبدان تەربىيىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنى چۈشىنىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.مۇشۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ،ئۇلارنى تەربىيىلەشتە نىشانلىق ئوق ئاتقىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزىتىش ،سكھبەتلىشىش ،ئائىلەسۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك.
2.    ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى ئەخلاق پەزىلەت تەربىيىسى بېرىش سىنىپ مۇدىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى سۆيۈش ،ئىنقىلابىي غايە تىكلەش ،كوللىكتىۋىزىملىق كۆزقاراشنى كۈچەيتىش ،ئەمگەكنى سۆيۈش ،ئەمگەك مىۋىلىرىنى قەدىرلەش تەربىيىسىنى ئەمەلىي ئېلىپ بېرىش،ئالىجاناپ ئىنقىلابىي خىسلەتنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش كېرەك.
  3.ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۆگنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا تىرىشىپ ئۆگنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ،ئۇلاردا بىلىمگە بولغان كۈچلۈك تەشنالىقنى يېتىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشىغا ھەرجەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ ،ئۇلاردا ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرقەدەر ياخشى بولغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلاردا كەلگۈسىگە بولغان ئۇلۇغۋار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىملىقىنى تونۇتۇش كېرەك.
4 .سىنىپ ھەيئەتلىرى ،ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پېئونىرلار ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ ،ئۇلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.
سىنىپ ھەيئەتلىرى سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى،سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ يادروسى.ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پېئونىرلار ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار .شۇڭا سىنىپ ھەيئەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ،سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسى،خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىش ،ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا بارلىق ساۋاقداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ،ئورتاق ئالغا بېسىش ھەققىدە تەربىيە بېرىش كېرەك.
   5.ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ياخشى تەشكىللەش كېرەك.
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقنى ئاساس،ئەقلىي ساغلاملىقىنى يېتەكچى قىلىپ،ئۇلارنى دەرستىن سىرتقى كۆڭۈل ئېچىش ،تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ،ئۇلارنى كۆپ تەرەپلىمە چېنىقتۇرۇش كېرەك.يەنە بىرتەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئاكتىپ تەشكىللەپ ،ئۇلارغا ئەمگەك كۆز قارىشى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ ياخشى ئەمگەك كۆز قارىشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ،ئەمگەك مىۋىسىنى ئاسرايدىغان ،ئەمگەك ئىنتىزامىغا رېئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
  6.پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ياخشى ئىگىلەپ ،ئاكتىپ ئامىللارنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.
سىنىپ مۇدىرى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىش نۇقتىئنەزىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىش ،ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرۈپلا قالماستىن،بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا چاقناپ تۇرغان ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش ،ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك.
   7.سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئومۇمىي ئەھۋال ۋە ئايرىم ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىپ تۇرۇش ،ۋاقىتنى مۇۋاپىق تاللاپ،ياخشى تەرەپلەرنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ،يامان،يېتەرسىز تەرەپلەرگە قارىتا ۋاقتىدا تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىش ،ناچار قىلمىشلارنىڭ سۆرىلىپ مېڭىۋىرىشغا يۇچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك.
چەرچەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئەنۋەر تۇرسۇن

tawpek 2013-05-07 23:10
ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسىڭىزچۇ؟

koksangun 2013-05-07 23:24
مەن يوللاپ قوياي بۇ تېمىلارنى ئايرىم قىلىپ ...


查看完整版本: [-- ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە ــــ مېتان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled